ויגד ליואב הנה המלך בכה ויתאבל על אבשלום | 1 |
بىرسى يوئابقا: پادىشاھ ئابشالوم ئۈچۈن يىغلاپ ماتەم تۇتماقتا، دەپ خەۋەر بەردى. |
ותהי התשעה ביום ההוא לאבל--לכל העם כי שמע העם ביום ההוא לאמר נעצב המלך על בנו | 2 |
شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈندىكى نۇسرەت خەلق ئۈچۈن مۇسىبەتكە ئايلاندى؛ چۈنكى خەلق شۇ كۈنىدە: پادىشاھ ئۆز ئوغلى ئۈچۈن قايغۇ-ھەسرەت تارتىۋاتىدۇ، دەپ ئاڭلىدى. |
ויתגנב העם ביום ההוא לבוא העיר כאשר יתגנב העם הנכלמים--בנוסם במלחמה | 3 |
ئۇ كۈنى خەلق سوقۇشتىن قېچىپ خىجالەتتە قالغان ئادەملەردەك، ئوغرىلىقچە شەھەرگە كىردى. |
והמלך לאט את פניו ויזעק המלך קול גדול בני אבשלום אבשלום בני בני | 4 |
پادىشاھ يۈزىنى يېپىپ: ئى، ئوغلۇم ئابشالوم، ئى ئابشالوم، مېنىڭ ئوغلۇم، مېنىڭ ئوغلۇم! ــ دەپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن پەرياد كۆتۈردى. |
ויבא יואב אל המלך הבית ויאמר הבשת היום את פני כל עבדיך הממלטים את נפשך היום ואת נפש בניך ובנתיך ונפש נשיך ונפש פלגשיך | 5 |
لېكىن يوئاب پادىشاھنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ: ئۆز جېنىڭنى، ئوغۇللىرىڭ بىلەن قىزلىرىڭنىڭ جېنىنى، ئاياللىرىڭنىڭ جېنى بىلەن كېنىزەكلىرىڭنىڭ جېنىنى قۇتقۇزغان ھەممە خىزمەتكارلارنىڭ يۈزىنى سەن بۈگۈن خىجالەتتە قالدۇردۇڭ! |
לאהבה את שנאיך ולשנא את אהביך כי הגדת היום כי אין לך שרים ועבדים--כי ידעתי היום כי לא (לוא) אבשלום חי וכלנו היום מתים כי אז ישר בעיניך | 6 |
سەن ئۆزۈڭگە نەپرەتلىنىدىغانلارنى سۆيىسەن، سېنى سۆيىدىغانلارغا نەپرەتلىنىدىغاندەك قىلىسەن! چۈنكى سەن بۈگۈن سەردارلىرىڭنى ياكى خىزمەتكارلىرىڭنى نەزىرىڭدە ھېچنەرسە ئەمەس دېگەندەك قىلدىڭ! چۈنكى بۈگۈن ئابشالوم تىرىك قېلىپ، بىز ھەممىمىز ئۆلگەن بولساق، نەزىرىڭدە ياخشى بولاتتىكەن، دەپ بىلىپ يەتتىم. |
ועתה קום צא ודבר על לב עבדיך כי ביהוה נשבעתי כי אינך יוצא אם ילין איש אתך הלילה ורעה לך זאת מכל הרעה אשר באה עליך מנעריך עד עתה | 7 |
ئەمدى چىقىپ خىزمەتكارلىرىڭنىڭ كۆڭلىگە تەسەللىي بەرگىن؛ چۈنكى مەن پەرۋەردىگار بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر چىقمىساڭ، بۈگۈن كېچە ھېچ ئادەم سېنىڭ بىلەن قالمايدۇ. بۇ بالا ياشلىقىڭدىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۈستۈڭگە چۈشكەن ھەرقانداق بالادىن ئېغىر بولىدۇ، ــ دېدى. |
ויקם המלך וישב בשער ולכל העם הגידו לאמר הנה המלך יושב בשער ויבא כל העם לפני המלך וישראל נס איש לאהליו | 8 |
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ چىقىپ دەرۋازىدا ئولتۇردى، ھەممە خەلققە: مانا، پادىشاھ دەرۋازىدا ئولتۇرىدۇ، دېگەن خەۋەر يەتكۈزۈلگەندە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ قېشىغا كەلدى. ئەمما ئىسرائىللار بولسا ھەممىسى قېچىپ، ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. |
ויהי כל העם נדון בכל שבטי ישראל לאמר המלך הצילנו מכף איבינו והוא מלטנו מכף פלשתים ועתה ברח מן הארץ מעל אבשלום | 9 |
ئەمدى ئىسرائىل قەبىلىسىدىكى ھەممە خەلق غۇلغۇلا قىلىشىپ: پادىشاھ بىزنى دۈشمەنلىرىمىزنىڭ قولىدىن ئازاد قىلغان، بىزنى فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانىدى. ئەمما، ئۇ ھازىر ئابشالوم تۈپەيلىدىن زېمىندىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتىدۇ. |
ואבשלום אשר משחנו עלינו מת במלחמה ועתה למה אתם מחרשים--להשיב את המלך | 10 |
لېكىن بىز ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلغان ئابشالوم بولسا جەڭدە ئۆلدى. ئەمدى نېمىشقا پادىشاھنى ياندۇرۇپ ئېلىپ كېلىشكە گەپ قىلمايسىلەر؟ دېيىشتى. |
והמלך דוד שלח אל צדוק ואל אביתר הכהנים לאמר דברו אל זקני יהודה לאמר למה תהיו אחרנים להשיב את המלך אל ביתו ודבר כל ישראל בא אל המלך אל ביתו | 11 |
داۋۇت پادىشاھ زادوك بىلەن ئابىياتار كاھىنلارغا ئادەم ئەۋەتىپ: سىلەر يەھۇدانىڭ ئاقساقاللىرىغا: [پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ]: ــ ھەممە ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھنى ئوردىسىغا قايتۇرۇپ كېلەيلى، دېيىشكەن تەلىپلىرىنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا يەتكەن يەردە، نېمىشقا سىلەر بۇ ئىشتا ئۇلاردىن كېيىن قالىسىلەر؟ |
אחי אתם עצמי ובשרי אתם ולמה תהיו אחרנים להשיב את המלך | 12 |
سىلەر مېنىڭ قېرىنداشلىرىم، مېنىڭ ئەت-ئۇستىخانلىرىم تۇرۇپ، نېمىشقا پادىشاھنى ئېلىپ كېلىشتە ھەممىسىدىن كېيىن قالىسىلەر؟! ــ دەڭلار. |
ולעמשא תמרו הלוא עצמי ובשרי אתה כה יעשה לי אלהים וכה יוסיף אם לא שר צבא תהיה לפני כל הימים תחת יואב | 13 |
ۋە شۇنداقلا يەنە ئاماساغىمۇ: پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن مېنىڭ ئەت-ئۇستىخانلىرىم ئەمەسمۇسەن؟ ئەگەر سېنى يوئابنىڭ ئورنىدا مېنىڭ قېشىمدا دائىم تۇرىدىغان قوشۇننىڭ سەردارى قىلمىسام، خۇدا مېنى ئۇرسۇن ھەم ئۇنىڭدىن ئارتۇق جازالىسۇن ــ دەڭلار، ــ دېدى. |
ויט את לבב כל איש יהודה כאיש אחד וישלחו אל המלך שוב אתה וכל עבדיך | 14 |
بۇنىڭ بىلەن ئۇ يەھۇدادىكى ئادەملەرنىڭ كۆڭۈللىرىنى بىر ئادەمنىڭ كۆڭلىدەك ئۆزىگە مايىل قىلدى. ئۇلار پادىشاھقا ئادەم ماڭدۇرۇپ: سەن ئۆزۈڭ بىلەن ھەممە خىزمەتكارلىرىڭ بىرگە يېنىپ كېلىڭلار، دەپ خەۋەر يەتكۈزدى. |
וישב המלך ויבא עד הירדן ויהודה בא הגלגלה ללכת לקראת המלך להעביר את המלך את הירדן | 15 |
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ يېنىپ ئىئوردان دەرياسىغىچە كەلدى. يەھۇدادىكى ئادەملەر پادىشاھنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزىمىز دەپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا گىلگالغا بارغانىدى. |
וימהר שמעי בן גרא בן הימיני אשר מבחורים וירד עם איש יהודה לקראת המלך דוד | 16 |
باھۇرىمدىن چىققان بىنيامىنلىق گېرانىڭ ئوغلى شىمەي ئالدىراپ كېلىپ، يەھۇدادىكى ئادەملەر بىلەن چۈشۈپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا چىقتى. |
ואלף איש עמו מבנימן וציבא נער בית שאול וחמשת עשר בניו ועשרים עבדיו אתו וצלחו הירדן לפני המלך | 17 |
شىمەيگە بىنيامىن قەبىلىسىدىن مىڭ ئادەم ئەگەشتى؛ ئۇلار بىلەن سائۇلنىڭ جەمەتىدە خىزمەتكار بولغان زىبا، ئۇنىڭ ئون بەش ئوغلى ۋە يىگىرمە خىزمەتكارىمۇ ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ كەلدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا چىقتى. |
ועברה העברה לעביר את בית המלך ולעשות הטוב בעינו ושמעי בן גרא נפל לפני המלך בעברו בירדן | 18 |
بىر كېمە پادىشاھنىڭ ئىختىيارىغا قويۇلۇپ، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇيان-بۇيان ئۆتۈپ يۈرەتتى. پادىشاھ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكەندە، گېرانىڭ ئوغلى شىمەي كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىدا يىقىلىپ تۇرۇپ |
ויאמר אל המלך אל יחשב לי אדני עון ואל תזכר את אשר העוה עבדך ביום אשר יצא אדני המלך מירושלם--לשום המלך אל לבו | 19 |
پادىشاھقا: غوجام قۇللىرىغا قەبىھلىك سانىمىغايلا؛ غوجام پادىشاھ يېرۇسالېمدىن چىققان كۈندە قۇللىرىنىڭ قىلغان قەبىھلىكىنى ئەسلىرىگە كەلتۈرمىگەيلا؛ ئۇ پادىشاھنىڭ كۆڭلىگە كەلمىسۇن. |
כי ידע עבדך כי אני חטאתי והנה באתי היום ראשון לכל בית יוסף לרדת לקראת אדני המלך | 20 |
چۈنكى قۇللىرى ئۆزىنىڭ گۇناھ قىلغىنىمنى ئوبدان بىلىدۇ؛ شۇڭا مانا، مەن يۈسۈپنىڭ جەمەتىدىن ھەممىدىن ئاۋۋال بۈگۈن غوجام پادىشاھنى قارشى ئېلىشقا چىقتىممەن، ــ دېدى. |
ויען אבישי בן צרויה ויאמר התחת זאת לא יומת שמעי כי קלל את משיח יהוה | 21 |
زەرۇئىيانىڭ ئوغلى ئابىشاي بۇنى ئاڭلاپ: شىمەي پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنىنى قارغىغان تۇرسا، ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىش لازىم بولمامدۇ؟ ــ دېدى. |
ויאמר דוד מה לי ולכם בני צרויה--כי תהיו לי היום לשטן היום יומת איש בישראל--כי הלוא ידעתי כי היום אני מלך על ישראל | 22 |
لېكىن داۋۇت: ئى زەرۇئىيانىڭ ئوغۇللىرى، سىلەرنىڭ مېنىڭ بىلەن نېمە كارىڭلار؟ بۈگۈن سىلەر ماڭا قارشى چىقماقچمۇسىلەر؟ بۈگۈنكى كۈندە ئىسرائىلدا ئادەملەر ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىشى كېرەكمۇ؟ بۈگۈن ئىسرائىلغا پادىشاھ ئىكەنلىكىمنى بىلمەيمەنمۇ؟ ــ دېدى. |
ויאמר המלך אל שמעי לא תמות וישבע לו המלך | 23 |
ئاندىن پادىشاھ شىمەيگە: سەن ئۆلمەيسەن، ــ دېدى. پادىشاھ ئۇنىڭغا قەسەم قىلدى. |
ומפבשת בן שאול ירד לקראת המלך ולא עשה רגליו ולא עשה שפמו ואת בגדיו לא כבס למן היום לכת המלך עד היום אשר בא בשלום | 24 |
ئەمدى سائۇلنىڭ نەۋرىسى مەفىبوشەت پادىشاھنى قارشى ئالغىلى كەلدى. پادىشاھ كەتكەن كۈندىن تارتىپ ساق-سالامەت قايتىپ كەلگەن كۈنگىچە، ئۇ يا پۇتلىرىنىڭ تىرنىقىنى ئالمىغان يا ساقىلىنى ياسىمىغان ۋە ياكى كىيىملىرىنى يۇمىغانىدى. |
ויהי כי בא ירושלם לקראת המלך ויאמר לו המלך למה לא הלכת עמי מפיבשת | 25 |
ئۇ پادىشاھنى قارشى ئالغىلى يېرۇسالېمدىن كەلگەندە، پادىشاھ ئۇنىڭدىن: ئى مەفىبوشەت، نېمىشقا مېنىڭ بىلەن بارمىدىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. |
ויאמר אדני המלך עבדי רמני כי אמר עבדך אחבשה לי החמור וארכב עליה ואלך את המלך--כי פסח עבדך | 26 |
ئۇ: ئى، غوجام پادىشاھ، قۇللىرى ئاقساق بولغاچقا، ئېشىكىمنى توقۇپ، مىنىپ پادىشاھ بىلەن بىللە باراي، دېدىم. ئەمما خىزمەتكارىم مېنى ئالداپ قويۇپتۇ؛ |
וירגל בעבדך אל אדני המלך ואדני המלך כמלאך האלהים ועשה הטוב בעיניך | 27 |
ئۇ يەنە غوجام پادىشاھىڭ ئالدىدا قۇللىرىنىڭ غەيۋىتىنى قىلدى. لېكىن غوجام پادىشاھ خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسىدەكتۇر؛ شۇنىڭ ئۈچۈن سىلىگە نېمە لايىق كۆرۈنسە، شۇنى قىلغايلا. |
כי לא היה כל בית אבי כי אם אנשי מות לאדני המלך ותשת את עבדך באכלי שלחנך ומה יש לי עוד צדקה ולזעק עוד אל המלך | 28 |
چۈنكى ئاتامنىڭ جەمەتىنىڭ ھەممىسى غوجام پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئۆلگەن ئادەملەردەك ئىدى؛ لېكىن سىلى ئۆز قۇللىرىنى ئۆزلىرى بىلەن ھەمداستىخان بولغانلار ئارىسىدا قويدىلا؛ مېنىڭ پادىشاھنىڭ ئالدىدا پەرياد قىلغىلى نېمە ھەققىم بار؟ ــ دېدى. |
ויאמר לו המלך למה תדבר עוד דבריך אמרתי--אתה וציבא תחלקו את השדה | 29 |
پادىشاھ ئۇنىڭغا: نېمىشقا ئىشلىرىڭ توغرىسىدا سۆزلىۋېرىسەن؟ مېنىڭ ھۆكۈمۈم، سەن بىلەن زىبا يەرلەرنى بۆلۈشىۋېلىڭلار، ــ دېدى. |
ויאמר מפיבשת אל המלך גם את הכל יקח אחרי אשר בא אדני המלך בשלום--אל ביתו | 30 |
مەفىبوشەت پادىشاھقا: غوجام پادىشاھ ئامان-ېسەن ئۆز ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن، زىبا ھەممىسىنى ئالسىمۇ رازىمەن! ــ دېدى. |
וברזלי הגלעדי ירד מרגלים ויעבר את המלך הירדן לשלחו את בירדן (הירדן) | 31 |
گىلېئادلىق بارزىللايمۇ روگېلىمدىن چۈشۈپ پادىشاھنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ قويۇشقا كېلىپ، پادىشاھ بىلەن بىللە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتتى. |
וברזלי זקן מאד בן שמנים שנה והוא כלכל את המלך בשיבתו במחנים כי איש גדול הוא מאד | 32 |
ئەمدى بارزىللاي خېلى ياشانغان بىر ئادەم بولۇپ، سەكسەن ياشقا كىرگەنىدى. پادىشاھ ماھانائىمدا تۇرغان ۋاقىتتا، ئۇنى قامدىغان دەل مۇشۇ ئادەم ئىدى؛ چۈنكى ئۇ خېلى كاتتا بىر كىشى ئىدى. |
ויאמר המלך אל ברזלי אתה עבר אתי וכלכלתי אתך עמדי בירושלם | 33 |
پادىشاھ بارزىللايغا: مېنىڭ بىلەن بارغىن، مەن سەندىن يېرۇسالېمدا ئۆزۈمنىڭكىدە خەۋەر ئالىمەن، دېدى. |
ויאמר ברזלי אל המלך כמה ימי שני חיי כי אעלה את המלך ירושלם | 34 |
لېكىن بارزىللاي پادىشاھقا: مېنىڭ بىرنەچچە كۈنلۈك ئۆمرۈم قالغاندۇ، پادىشاھ بىلەن بىرگە يېرۇسالېمغا بارامدىم؟ |
בן שמנים שנה אנכי היום האדע בין טוב לרע אם יטעם עבדך את אשר אכל ואת אשר אשתה אם אשמע עוד בקול שרים ושרות ולמה יהיה עבדך עוד למשא אל אדני המלך | 35 |
قۇللىرى سەكسەن ياشقا كىردىم. ياخشى-ياماننى يەنە پەرق ئېتەلەيمەنمۇ؟ يەپ-ئىچكىنىمنىڭ تەمىنى تېتالامدىم؟ يىگىت نەغمىچىلەر بىلەن قىز نەغمىچىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالامدىم؟ نېمىشقا قۇللىرى غوجام پادىشاغا يەنە يۈك بولىمەن؟ |
כמעט יעבר עבדך את הירדן--את המלך ולמה יגמלני המלך הגמולה הזאת | 36 |
قۇللىرى پەقەت پادىشاھنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن ئازراق ئۇزىتىپ قوياي دېگەن؛ پادىشاھ بۇنىڭ ئۈچۈن نېمىشقا ماڭا شۇنچە شاپائەت كۆرسىتىدىلا؟ |
ישב נא עבדך ואמת בעירי עם קבר אבי ואמי והנה עבדך כמהם יעבר עם אדני המלך ועשה לו את אשר טוב בעיניך | 37 |
قۇللىرىنىڭ ئۆلگەندە ئۆز شەھىرىمدە، ئاتام بىلەن ئانامنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدا يېتىشىم ئۈچۈن قايتىپ كېتىشىگە ئىجازەت بەرگەيلا. ئەمدى مانا، بۇ يەردە ئۆز قۇللىرى كىمھام بار ئەمەسمۇ؟ ئۇ غوجام پادىشاھ بىلەن ئۆتۈپ بارسۇن، ئۇنىڭغا ئۆزلىرىگە نېمە لايىق كۆرۈنسە شۇنى قىلغايلا، ــ دېدى. |
ויאמר המלך אתי יעבר כמהם ואני אעשה לו את הטוב בעיניך וכל אשר תבחר עלי אעשה לך | 38 |
پادىشاھ: كىمھام مېنىڭ بىلەن ئۆتۈپ بارسۇن؛ ساڭا نېمە لايىق كۆرۈنسە ئۇنىڭغا شۇنى قىلاي، شۇنداقلا سەن مەندىن ھەر نېمە سورىساڭ، ساڭا قىلىمەن، ــ دېدى. |
ויעבר כל העם את הירדן והמלך עבר וישק המלך לברזלי ויברכהו וישב למקמו | 39 |
ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتتى، پادىشاھمۇ ئۆتتى. ئاندىن پادىشاھ بارزىللاينى سۆيۈپ ئۇنىڭغا بەخت تىلىدى؛ بارزىللاي ئۆز يۇرتىغا يېنىپ كەتتى. |
ויעבר המלך הגלגלה וכמהן עבר עמו וכל עם יהודה ויעברו (העברו) את המלך וגם חצי עם ישראל | 40 |
پادىشاھ گىلگالغا چىقتى، كىمھام ئۇنىڭ بىلەن باردى. يەھۇدادىكى بارلىق ئادەملەر بىلەن ئىسرائىلنىڭ خەلقىنىڭ يېرىمى پادىشاھنى دەريادىن ئۆتكۈزۈپ ئۇزىتىپ قويغانىدى. |
והנה כל איש ישראל באים אל המלך ויאמרו אל המלך מדוע גנבוך אחינו איש יהודה ויעברו את המלך ואת ביתו את הירדן וכל אנשי דוד עמו | 41 |
ئاندىن مانا، ئىسرائىلنىڭ بارلىق ئادەملىرى پادىشاھنىڭ قېشىغا كېلىپ: نېمىشقا قېرىنداشلىرىمىز يەھۇدانىڭ ئادەملىرى ئوغرىلىقچە پادىشاھنى ۋە پادىشاھنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى، شۇنداقلا داۋۇتقا ئەگەشكەن ھەممە ئادەملەرنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈشكە مۇيەسسەر بولىدۇ؟ ــ دېدى. |
ויען כל איש יהודה על איש ישראל כי קרוב המלך אלי ולמה זה חרה לך על הדבר הזה האכול אכלנו מן המלך אם נשאת נשא לנו | 42 |
يەھۇدانىڭ ھەممە ئادەملىرى ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرىگە جاۋاپ بېرىپ: چۈنكى پادىشاھ بىلەن بىزنىڭ تۇغقانچىلىقىمىز بار، نېمىشقا بۇ ئىش ئۈچۈن بىزدىن خاپا بولىسىلەر؟ بىز پادىشاھنىڭكىدىن بىر نېمىنى يىدۇقمۇ، ياكى ئۇ بىزگە بىر ئىنئام بەردىمۇ؟ ــ دېدى. |
ויען איש ישראל את איש יהודה ויאמר עשר ידות לי במלך וגם בדוד אני ממך ומדוע הקלתני ולא היה דברי ראשון לי להשיב את מלכי ויקש דבר איש יהודה מדבר איש ישראל | 43 |
ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى يەھۇدانىڭ ئادەملىرىگە جاۋاب بېرىپ: قەبىلە بويىچە ئالغاندا، پادىشاھنىڭ [ئون ئىككى] ئۈلۈشتىن ئونى بىزگە تەۋەدۇر، سىلەرگە نىسبەتەن بىزنىڭ داۋۇت بىلەن تېخىمۇ چوڭراق بۇرادەرچىلىكىمىز بار. نېمىشقا بىزنى كۆزگە ئىلمايسىلەر؟ پادىشاھىمىزنى ياندۇرۇپ ئېلىپ كېلىشكە ئاۋۋال تەشەببۇس قىلغانلار بىز ئەمەسمىدۇق؟ ــ دېدى. ئەمما يەھۇدانىڭ ئادەملىرىنىڭ سۆزلىرى ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرىنىڭ سۆزلىرىدىن تېخىمۇ قاتتىق ئىدى. |