ויהורם בן אחאב מלך על ישראל בשמרון בשנת שמנה עשרה ליהושפט מלך יהודה וימלך שתים עשרה שנה | 1 |
يەھۇدا پادىشاھى يەھوشافاتنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلى، ئاھابنىڭ ئوغلى يەھورام سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، ئون ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى. |
ויעשה הרע בעיני יהוה--רק לא כאביו וכאמו ויסר את מצבת הבעל אשר עשה אביו | 2 |
ئۇ ئۆزى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلاتتى، لېكىن ئاتىسى بىلەن ئانىسى قىلغان دەرىجىدە ئەمەس ئىدى. ئۇ ئاتىسى ياساتقان «بائال تۈۋرۈكى»نى ئېلىپ تاشلىدى. |
רק בחטאות ירבעם בן נבט אשר החטיא את ישראל--דבק לא סר ממנה | 3 |
لېكىن ئۇ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇلاردىن ھېچ يانمىدى. |
ומישע מלך מואב היה נקד והשיב למלך ישראל מאה אלף כרים ומאה אלף אילים צמר | 4 |
موئابنىڭ پادىشاھى مېشا ناھايىتى چوڭ قويچى ئىدى؛ ئۇ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا يۈز مىڭ قوزا ھەم يۈز مىڭ قوچقارنىڭ يۇڭىنى ئولپان قىلاتتى. |
ויהי כמות אחאב ויפשע מלך מואב במלך ישראל | 5 |
ئەمدى شۇنداق بولدىكى، ئاھاب ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن موئابنىڭ پادىشاھى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا يۈز ئۆرۈدى. |
ויצא המלך יהורם ביום ההוא--משמרון ויפקד את כל ישראל | 6 |
ئۇ ۋاقىتتا يەھورام پادىشاھ سامارىيەدىن چىقىپ ھەممە ئىسرائىلنى [جەڭ ئۈچۈن] ئېدىتلىدى. |
וילך וישלח אל יהושפט מלך יהודה לאמר מלך מואב פשע בי--התלך אתי אל מואב למלחמה ויאמר אעלה כמוני כמוך כעמי כעמך כסוסי כסוסיך | 7 |
ئۇ يەنە ئادەم ئەۋىتىپ يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافاتقا خەۋەر بېرىپ: موئابنىڭ پادىشاھى مەندىن يۈز ئۆرىدى؛ موئاب بىلەن سوقۇشقىلى چىقامسەن؟ ــ دېدى. ئۇ: چىقىمەن؛ بىزدە مېنىڭ-سېنىڭ دەيدىغان گەپ يوقتۇر، مېنىڭ خەلقىم سېنىڭ خەلقىڭدۇر، مېنىڭ ئاتلىرىم سېنىڭ ئاتلىرىڭدۇر، دېدى. |
ויאמר אי זה הדרך נעלה ויאמר דרך מדבר אדום | 8 |
ئۇ يەنە: قايسى يول بىلەن چىقايلى، دەپ سورىدى. يەھورام: بىز ئېدوم چۆلىنىڭ يولى بىلەن چىقايلى، دەپ جاۋاب بەردى. |
וילך מלך ישראל ומלך יהודה ומלך אדום ויסבו דרך שבעת ימים ולא היה מים למחנה ולבהמה אשר ברגליהם | 9 |
ئاندىن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئېدومنىڭ پادىشاھىغا قوشۇلۇپ ماڭدى. ئۇلار يەتتە كۈن ئايلىنىپ يۈرۈش قىلغاندىن كېيىن، قوشۇن ۋە ئۇلار ئېلىپ كەلگەن ئات-ئۇلاغلارغا سۇ قالمىدى. |
ויאמר מלך ישראל אהה--כי קרא יהוה לשלשת המלכים האלה לתת אותם ביד מואב | 10 |
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى: ئاپلا! پەرۋەردىگار بىز ئۈچ پادىشاھنى موئابنىڭ قولىغا چۈشسۇن دەپ، بىر يەرگە جەم قىلغان ئوخشايدۇ، دېدى. |
ויאמר יהושפט האין פה נביא ליהוה ונדרשה את יהוה מאותו ויען אחד מעבדי מלך ישראל ויאמר פה אלישע בן שפט אשר יצק מים על ידי אליהו | 11 |
لېكىن يەھوشافات: پەرۋەردىگاردىن يول سورىشىمىز ئۈچۈن بۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەيغەمبىرى يوقمۇ؟ ــ دېدى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ چاكارلىرىدىن بىرى: ئىلىياسنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بەرگەن شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشا بۇ يەردە بار، دېدى. |
ויאמר יהושפט יש אותו דבר יהוה וירדו אליו מלך ישראל ויהושפט--ומלך אדום | 12 |
يەھوشافات: پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى ئۇنىڭدا بار، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن يەھوشافات ۋە ئېدومنىڭ پادىشاھى ئۇنىڭ قېشىغا چۈشۈپ باردى. |
ויאמר אלישע אל מלך ישראל מה לי ולך--לך אל נביאי אביך ואל נביאי אמך ויאמר לו מלך ישראל אל כי קרא יהוה לשלשת המלכים האלה לתת אותם ביד מואב | 13 |
ئېلىشا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا: ــ مېنىڭ سېنىڭ بىلەن نېمە كارىم! ئۆز ئاتاڭنىڭ پەيغەمبەرلىرى بىلەن ئاناڭنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ قېشىغا بارغىن، دېدى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى: ئۇنداق دېمىگىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار بۇ ئۈچ پادىشاھنى موئابنىڭ قولىغا تاپشۇرۇش ئۈچۈن جەم قىلغان ئوخشايدۇ، ــ دېدى. |
ויאמר אלישע חי יהוה צבאות אשר עמדתי לפניו כי לולי פני יהושפט מלך יהודה אני נשא--אם אביט אליך ואם אראך | 14 |
ئېلىشا: مەن خىزمىتىدە تۇرۇۋاتقان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافاتنىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىغان بولسام، سېنى كۆزگە ئىلمىغان ياكى ساڭا قارىمىغان بولاتتىم. |
ועתה קחו לי מנגן והיה כנגן המנגן ותהי עליו יד יהוה | 15 |
لېكىن ئەمدى بېرىپ بىر سازچىنى ماڭا ئېلىپ كېلىڭلار، ــ دېدى. سازچى ساز چالغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. |
ויאמר כה אמר יהוה עשה הנחל הזה גבים גבים | 16 |
ئۇ: پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ: «بۇ ۋادىنىڭ ھەممە يېرىگە ئورا كولاڭلار» دېدى، ــ دېدى ئاندىن يەنە: |
כי כה אמר יהוה לא תראו רוח ולא תראו גשם והנחל ההוא ימלא מים ושתיתם אתם ומקניכם ובהמתכם | 17 |
ــ چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر يا شامال يا يامغۇر كۆرمىسەڭلارمۇ، بۇ ۋادى سۇغا تولۇپ، ئۆزۈڭلار بىلەن ئات-ئۇلاغلىرىڭلار ھەممىسى سۇ ئىچىسىلەر». |
ונקל זאת בעיני יהוה ונתן את מואב בידכם | 18 |
لېكىن بۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە كىچىك ئىش بولۇپ، ئۇ موئابنىمۇ سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارغا تاپشۇرىدۇ. |
והכיתם כל עיר מבצר וכל עיר מבחור וכל עץ טוב תפילו וכל מעיני מים תסתמו וכל החלקה הטובה תכאבו באבנים | 19 |
سىلەر بارلىق مۇستەھكەم شەھەرلەرنى ۋە بارلىق ئېسىل شەھەرلەرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، بارلىق ياخشى دەرەخلەرنى كېسىپ تاشلاپ، ھەممە بۇلاقلارنى تىندۇرۇپ، ھەممە مۇنبەت ئېكىنزارلىقنى تاشلار بىلەن قاپلاپ خاراب قىلىسىلەر» ــ دېدى. |
ויהי בבקר כעלות המנחה והנה מים באים מדרך אדום ותמלא הארץ את המים | 20 |
ۋە ئەتىسى ئەتىگەنلىك قۇربانلىق سۇنۇلغان ۋاقتىدا، مانا، سۇ ئېدوم زېمىنى تەرەپتىن ئېقىپ كېلىپ، ھەممە يەرنى سۇغا توشقۇزدى. |
וכל מואב שמעו כי עלו המלכים להלחם בם ויצעקו מכל חגר חגרה ומעלה ויעמדו על הגבול | 21 |
ئەمما موئابلارنىڭ ھەممىسى: پادىشاھلار بىز بىلەن جەڭ قىلغىلى چىقىپتۇ، دەپ ئاڭلىغان بولۇپ، ساۋۇت-قالقان كۆتۈرەلىگۈدەك چوڭ-كىچىك ھەممىسى چېگرادا تىزىلىپ سەپتە تۇردى. |
וישכימו בבקר והשמש זרחה על המים ויראו מואב מנגד את המים אדמים כדם | 22 |
ئۇلار ئەتىسى سەھەردە قوپۇپ قارىسا، كۈن نۇرى ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدىكى سۇ ئۈستىگە چۈشكەنىدى؛ كۈننىڭ شولىسىدا سۇ ئۇلارغا قاندەك كۆرۈندى. ئۇلار: ــ |
ויאמרו דם זה החרב נחרבו המלכים ויכו איש את רעהו ועתה לשלל מואב | 23 |
بۇ قان ئىكەن! پادىشاھلار ئۇرۇشۇپ بىر-بىرىنى قىرغان ئوخشايدۇ. ئى موئابلار! دەرھال ئولجىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ بۆلىشىۋالايلى! دېدى. |
ויבאו אל מחנה ישראל ויקמו ישראל ויכו את מואב וינסו מפניהם ויבו (ויכו) בה והכות את מואב | 24 |
لېكىن ئۇلار ئىسرائىلنىڭ لەشكەرگاھىغا يەتكەندە، ئىسرائىللار ئورنىدىن قوپۇپ موئابلارغا ھۇجۇم قىلىشى بىلەن ئۇلار بەدەر قاچتى. ئىسرائىللار ئۇلارنى سۈرۈپ-توقاي قىلىۋەتتى. |
והערים יהרסו וכל חלקה טובה ישליכו איש אבנו ומלאוה וכל מעין מים יסתמו וכל עץ טוב יפילו עד השאיר אבניה בקיר חרשת ויסבו הקלעים ויכוה | 25 |
ئۇلار شەھەرلەرنى ۋەيران قىلىپ، ھەربىر ئادەم تاش ئېلىپ، ھەممە مۇنبەت ئېكىنزارلىقنى تولدۇرۇۋەتكۈچە تاش تاشلىدى. ئۇلار ھەممە بۇلاق-قۇدۇقلارنى تىندۇرۇپ، ھەممە ياخشى دەرەخلەرنى كېسىۋەتتى. ئۇلار كىر-ھارەسەت شەھىرىدىكى تاشلاردىن باشقا ھېچ نېمىنى قالدۇرمىدى. شۇ شەھەرگە بولسا، سالغا ئاتقۇچىلار ئۇنىڭغا چۆرگىلەپ ھۇجۇم قىلدى. |
וירא מלך מואב כי חזק ממנו המלחמה ויקח אותו שבע מאות איש שלף חרב להבקיע אל מלך אדום--ולא יכלו | 26 |
موئابنىڭ پادىشاھى جەڭنىڭ ئۆزىگە زىيادە قاتتىق كەلگىنىنى كۆرۈپ ئۆزى بىلەن يەتتە يۈز قىلىچۋازنى ئېلىپ ئېدومنىڭ پادىشاھىغا ھۇجۇم قىلىپ بۆسۈپ ئۆتۈشكە ئاتلاندى؛ لېكىن ئۇلار بۆسۈپ ئۆتەلمىدى. |
ויקח את בנו הבכור אשר ימלך תחתיו ויעלהו עלה על החמה ויהי קצף גדול על ישראל ויסעו מעליו וישבו לארץ | 27 |
شۇنىڭ بىلەن تەختىگە ۋارىسلىق قىلغۇچى تۇنجى ئوغلىنى ئېلىپ، سېپىلنىڭ تۆپىسىدە ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىل پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق قەھرىگە ئۇچرىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۈچ پادىشاھ موئاب پادىشاھتىن ئايرىلىپ، ھەرقايسىسى ئۆز يۇرتىغا كېتىشتى. |