בשנת עשרים ושלש שנה ליואש בן אחזיהו מלך יהודה--מלך יהואחז בן יהוא על ישראל בשמרון שבע עשרה שנה | 1 |
ئاھازىيانىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ پادىشاھى يوئاشنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمە ئۈچىنچى يىلى، يەھۇنىڭ ئوغلى يەھوئاھاز سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، سامارىيەدە ئون يەتتە يىل سەلتەنەت قىلدى. |
ויעש הרע בעיני יהוה וילך אחר חטאת ירבעם בן נבט אשר החטיא את ישראל--לא סר ממנה | 2 |
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىغا ئەگىشىپ ماڭدى؛ ئۇ ئۇلاردىن ھېچ چىقمىدى. |
ויחר אף יהוה בישראל ויתנם ביד חזאל מלך ארם וביד בן הדד בן חזאל--כל הימים | 3 |
بۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا قوزغالدى؛ ئۇ ئۇلارنى سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھازائەلنىڭ ۋە ھازائەلنىڭ ئوغلى بەن-ھادادنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى. |
ויחל יהואחז את פני יהוה וישמע אליו יהוה כי ראה את לחץ ישראל כי לחץ אתם מלך ארם | 4 |
يەھوئاھاز پەرۋەردىگاردىن رەھىم تىلىدى؛ ۋە پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ قىسىلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ دۇئاسىغا قۇلاق سالدى. چۈنكى سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئۇلارغا زۇلۇم قىلىۋاتاتتى. |
ויתן יהוה לישראל מושיע ויצאו מתחת יד ארם וישבו בני ישראל באהליהם כתמול שלשום | 5 |
پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا بىر قۇتقۇزغۇچى تەيىنلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سۇرىيلەرنىڭ قولىدىن ئازاد بولۇپ قۇتۇلدى. كېيىن ئىسرائىل يەنە بۇرۇنقىدەك ئۆز ئۆي-چېدىرلىرىدە ماكانلاشتى. |
אך לא סרו מחטאת בית ירבעם אשר החטי את ישראל--בה הלך וגם האשרה עמדה בשמרון | 6 |
لېكىن ئۇلار ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان يەروبوئام جەمەتىنىڭ گۇناھلىرىدىن چىقمىدى؛ ئۇلار يەنىلا شۇ يولدا ماڭاتتى. ھەتتا سامارىيەدە بىر «ئاشەراھ» بۇتمۇ قالغانىدى. |
כי לא השאיר ליהואחז עם כי אם חמשים פרשים ועשרה רכב ועשרת אלפים רגלי כי אבדם מלך ארם וישמם כעפר לדש | 7 |
[سۇرىيەنىڭ پادىشاھى] يەھوئاھازغا پەقەت ئەللىك ئاتلىق لەشكەرنى، ئون جەڭ ھارۋىسى بىلەن ئون مىڭ پىيادە ئەسكىرىنىلا قالدۇرغانىدى. چۈنكى ئۇ يەھوئاھازنىڭ [قوشۇنىنى] يوقىتىپ خاماندىكى توپا-چاڭدەك قىلىۋەتكەنىدى. |
ויתר דברי יהואחז וכל אשר עשה וגבורתו הלוא הם כתובים על ספר דברי הימים--למלכי ישראל | 8 |
ئەمدى يەھوئاھازنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن سەلتەنىتىنىڭ ھەممە قۇدرىتى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ |
וישכב יהואחז עם אבתיו ויקברהו בשמרון וימלך יואש בנו תחתיו | 9 |
يەھوئاھاز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە سامارىيەدە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئوغلى يوئاش ئورنىدا پادىشاھ بولدى. |
בשנת שלשים ושבע שנה ליואש מלך יהודה--מלך יהואש בן יהואחז על ישראל בשמרון שש עשרה שנה | 10 |
يەھۇدانىڭ پادىشاھى يوئاشنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز يەتتىنچى يىلىدا يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يەھوئاش سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، ئون ئالتە يىل سەلتەنەت قىلدى. |
ויעשה הרע בעיני יהוה לא סר מכל חטאות ירבעם בן נבט אשר החטיא את ישראל--בה הלך | 11 |
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ ئۇ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان، نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ھېچقايسىسىنى تاشلىمىدى؛ ئۇ شۇ يولدا ماڭاتتى. |
ויתר דברי יואש וכל אשר עשה וגבורתו אשר נלחם עם אמציה מלך יהודה הלא הם כתובים על ספר דברי הימים--למלכי ישראל | 12 |
ئەمدى يوئاشنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن ئۇنىڭ يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىيا بىلەن جەڭ قىلىپ كۆرسەتكەن قۇدرىتى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ |
וישכב יואש עם אבתיו וירבעם ישב על כסאו ויקבר יואש בשמרון עם מלכי ישראל | 13 |
يوئاش ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە يەروبوئام ئۇنىڭ تەختىگە ئولتۇردى. يوئاش سامارىيەدە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرى ئارىسىدا دەپنە قىلىندى. |
ואלישע חלה את חליו אשר ימות בו וירד אליו יואש מלך ישראל ויבך על פניו ויאמר אבי אבי רכב ישראל ופרשיו | 14 |
ئېلىشا ئۆز ئەجىلىنى يەتكۈزىدىغان كېسەل بىلەن ياتتى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يوئاش ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭ يۈزىگە ئېڭىشىپ يىغلاپ: ئى ئاتام، ئى ئاتام، ئىسرائىلنىڭ جەڭ ھارۋىسى ھەم ئاتلىق ئەسكەرلىرى!» دەپ پەرياد كۆتۈردى. |
ויאמר לו אלישע קח קשת וחצים ויקח אליו קשת וחצים | 15 |
ئېلىشا ئۇنىڭغا: بىر يا بىلەن يا ئوقلىرىنى كەلتۈرگىن، دېدى. ئۇ يا بىلەن يا ئوقلىرىنى كەلتۈرگەندە |
ויאמר למלך ישראל הרכב ידך על הקשת וירכב ידו וישם אלישע ידיו על ידי המלך | 16 |
ئېلىشا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا: قولۇڭنى ياغا سېلىپ تۇتقىن، دېدى. ئۇ قولىنى قويغاندا ئېلىشامۇ قوللىرىنى پادىشاھنىڭ قوللىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، ئۇنىڭغا: |
ויאמר פתח החלון קדמה--ויפתח ויאמר אלישע ירה ויור ויאמר חץ תשועה ליהוה וחץ תשועה בארם והכית את ארם באפק עד כלה | 17 |
ــ مەشرىق تەرەپتىكى دېرىزىنى ئاچقىن، دېدى. ئۇ ئۇنى ئاچقاندا ئېلىشا: ئاتقىن، دېدى. ئۇ ئېتىۋىدى، ئېلىشا ئۇنىڭغا: مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ نۇسرەت يا ئوقى، يەنى سۇرىيەنىڭ ئۈستىدىن نۇسرەت قازىنىدىغان يا ئوقىدۇر. سەن سۇرىيلەرنى يوقاتقۇچە ئافەقتە ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىسەن، دېدى. |
ויאמר קח החצים ויקח ויאמר למלך ישראל הך ארצה ויך שלש פעמים ויעמד | 18 |
ئاندىن ئۇ: ــ يا ئوقلىرىنى قولۇڭغا ئالغىن، دېدى. ئۇلارنى ئالغاندا، ئېلىشا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا: ئۇلار بىلەن يەرگە ئۇرغىن، دېدى. ئۇ ئۈچ قېتىم ئۇرۇپ توختىدى. |
ויקצף עליו איש האלהים ויאמר להכות חמש או שש פעמים אז הכית את ארם עד כלה ועתה שלש פעמים תכה את ארם | 19 |
خۇدانىڭ ئادىمى ئۇنىڭغا ئاچچىقلىنىپ: سەن بەش-ئالتە قېتىم ئۇرۇشۇڭغا توغرا كېلەتتى. شۇنداق قىلغان بولساڭ، سەن سۇرىيلەرنى ئۇرۇپ يوقىتىپ ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ قىلاتتىڭ؛ لېكىن ئەمدى سۇرىيلەرنى ئۇرۇپ، پەقەت ئۈچ قېتىملا مەغلۇپ قىلالايسەن، دېدى. |
וימת אלישע ויקברהו וגדודי מואב יבאו בארץ בא שנה | 20 |
ئېلىشا ئۆلۈپ دەپنە قىلىندى. ئەمدى ھەر يىلى، يىل بېشىدا موئابلاردىن توپ-توپ بۇلاڭچىلار يۇرتقا پاراكەندىچىلىك سالاتتى. |
ויהי הם קברים איש והנה ראו את הגדוד וישליכו את האיש בקבר אלישע וילך ויגע האיש בעצמות אלישע ויחי ויקם על רגליו | 21 |
بىر كۈنى شۇنداق بولدىكى، خەلق بىر ئۆلگەن ئادەمنى يەرلىكىگە قويۇۋاتقاندا، مانا، ئۇلار بىر توپ بۇلاڭچىلارنى كۆرۈپ قالدى، ئۇلار جەسەتنى ئېلىشانىڭ گۆرىگە تاشلىدى. جەسەت ئېلىشانىڭ ئۇستىخىنىغا تەگكەندە، ئۇ تىرىلىپ، قوپۇپ تىك تۇردى. |
וחזאל מלך ארם לחץ את ישראל כל ימי יהואחז | 22 |
ئەمما سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھازائەل بولسا يەھوئاھازنىڭ ھەممە كۈنلىرىدە ئىسرائىلغا زالىملىق قىلاتتى. |
ויחן יהוה אתם וירחמם ויפן אליהם למען בריתו את אברהם יצחק ויעקב ולא אבה השחיתם ולא השליכם מעל פניו עד עתה | 23 |
لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارغا مېھرىبان بولۇپ ئىچ ئاغرىتاتتى؛ ئىبراھىم بىلەن ئىسھاق ۋە ياقۇپقا باغلىغان ئەھدىسى تۈپەيلىدىن ئۇ ئۇلارغا ئىلتىپات قىلىپ، ئۇلارنى بۈگۈنگە قەدەر ھالاك قىلماي، ئۆز ھۇزۇرىدىن چىقىرىۋېتىشنى خالىمىغانىدى. |
וימת חזאל מלך ארם וימלך בן הדד בנו תחתיו | 24 |
سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھازائەل ئۆلدى ۋە ئوغلى بەن-ھاداد ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. |
וישב יהואש בן יהואחז ויקח את הערים מיד בן הדד בן חזאל אשר לקח מיד יהואחז אביו במלחמה שלש פעמים הכהו יואש וישב את ערי ישראל | 25 |
ئاندىن كېيىن يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يەھوئاش ھازائەلنىڭ ئوغلى بەن-ھادادنىڭ قولىدىن ھازائەل ئۆز ئاتىسى يەھوئاھازدىن جەڭدە تارتىۋالغان شەھەرلەرنى ياندۇرۇۋالدى. يەھوئاش ئۇنى ئۇرۇپ، ئۈچ قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ شەھەرلىرىنى ياندۇرۋالدى. |