בן עשרים שנה אחז במלכו ושש עשרה שנה מלך בירושלם ולא עשה הישר בעיני יהוה כדויד אביו | 1 |
ئاھاز تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا ئون ئالتە يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇ ئاتىسى داۋۇتقا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلماي، |
וילך בדרכי מלכי ישראל וגם מסכות עשה לבעלים | 2 |
بەلكى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ يولىغا كىرىپ ماڭدى؛ ئۇ ھەتتا بائاللارغا ئاتاپ مەبۇدلارنى قۇيدۇردى؛ |
והוא הקטיר בגיא בן הנם ויבער את בניו באש כתעבות הגוים אשר הריש יהוה מפני בני ישראל | 3 |
پەرۋەردىگار ئىسرائىللار زېمىنىدىن ھەيدەپ چىقارغان ئەللەرنىڭ يىرگىنچلىك گۇناھلىرىنى دوراپ، ھىننوم جىلغىسىدا كۈجە كۆيدۈردى، ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوتتىن ئۆتكۈزۈپ كۆيدۈردى؛ |
ויזבח ויקטר בבמות ועל הגבעות ותחת כל עץ רענן | 4 |
يەنە «يۇقىرى جايلار»دا، دۆڭلەردە ۋە ھەرقايسى كۆكەرگەن دەرەخ ئاستىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى ۋە كۈجە كۆيدۈردى. |
ויתנהו יהוה אלהיו ביד מלך ארם ויכו בו וישבו ממנו שביה גדולה ויביאו דרמשק וגם ביד מלך ישראל נתן ויך בו מכה גדולה | 5 |
شۇڭا، ئۇنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇنى سۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇردى؛ سۇرىيلەر ئۇنى تارمار كەلتۈرۈپ، يەھۇدادىن نۇرغۇن خەلقنى تۇتقۇن قىلىپ دەمەشققە ئېلىپ كەتتى. خۇدا يەنە ئۇنى ئىسرائىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇردى، ئىسرائىل پادىشاھى [يەھۇدادا] چوڭ قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى. |
ויהרג פקח בן רמליהו ביהודה מאה ועשרים אלף ביום אחד--הכל בני חיל בעזבם את יהוה אלהי אבותם | 6 |
رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھ يەھۇدادا بىر كۈن ئىچىدە بىر يۈز يىگىرمە مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەزىمەتلەر ئىدى؛ بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچكەنىدى. |
ויהרג זכרי גבור אפרים את מעשיהו בן המלך ואת עזריקם נגיד הבית ואת אלקנה משנה המלך | 7 |
زىكرى ئىسىملىك بىر ئەفرائىمىي ئەزىمەت بار ئىدى؛ ئۇ پادىشاھنىڭ ئوغلى مائاسىياھانى، ئوردىنىڭ باش غوجىدارى ئازرىكام ۋە پادىشاھنىڭ باش ۋەزىرى ئەلكاناھنى قەتل قىلدى. |
וישבו בני ישראל מאחיהם מאתים אלף נשים בנים ובנות וגם שלל רב בזזו מהם ויביאו את השלל לשמרון | 8 |
ئىسرائىللار ئۆز قېرىنداشلىرىدىن ئىككى يۈز مىڭ ئايال، ئوغۇل-قىز بالىلارنى تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كەتتى؛ ئۇلار يەنە يەھۇدادىن نۇرغۇن ئۇرۇش غەنىيمەتلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ سامارىيەگە ئەكەتتى. |
ושם היה נביא ליהוה עדד שמו ויצא לפני הצבא הבא לשמרון ויאמר להם הנה בחמת יהוה אלהי אבותיכם על יהודה נתנם בידכם ותהרגו בם בזעף עד לשמים הגיע | 9 |
لېكىن ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ئودەد ئىسىملىك بىر پەيغەمبىرى بار ئىدى؛ ئۇ سامارىيەگە قايتىپ كەلگەن قوشۇننىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇلارغا: ــ قاراڭلار، ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار يەھۇدالارنى ئاچچىقىدا سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تاپشۇردى ۋە سىلەر پەلەككە يەتكەن قەھرى-غەزەپ بىلەن ئۇلارنى ئۆلتۈردۈڭلار. |
ועתה בני יהודה וירושלם אתם אמרים לכבש לעבדים ולשפחות לכם הלא רק אתם עמכם אשמות ליהוה אלהיכם | 10 |
ئەمدى سىلەر يەنە يەھۇدالار بىلەن يېرۇسالېملىقلارنى مەجبۇرىي ئۆزۈڭلارغا قۇل-دىدەك قىلماقچى بولۇۋاتىسىلەر. لېكىن سىلەر ئۆزۈڭلارمۇ خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ-ئىتائەتسىزلىكلەر ئۆتكۈزدۇڭلارغۇ؟ |
ועתה שמעוני--והשיבו השביה אשר שביתם מאחיכם כי חרון אף יהוה עליכם | 11 |
ئەمدى گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! قېرىنداشلىرىڭلاردىن تۇتقۇن قىلىپ كەلگەنلەرنى قايتۇرۇۋېتىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى بېشىڭلارغا چۈشەي دەپ قالدى، دېدى. |
ויקמו אנשים מראשי בני אפרים עזריהו בן יהוחנן ברכיהו בן משלמות ויחזקיהו בן שלם ועמשא בן חדלי--על הבאים מן הצבא | 12 |
شۇنىڭ بىلەن ئەفرائىملارنىڭ بىرقانچە يولباشچىلىرى، يەنى يوھاناننىڭ ئوغلى ئازارىيا، مەشىللىموتنىڭ ئوغلى بەرەكىيا، شاللۇمنىڭ ئوغلى ھەزەكىيا ۋە ھادلاينىڭ ئوغلى ئاماسا قوزغىلىپ چىقىپ جەڭدىن قايتىپ كەلگەن قوشۇننى توسۇۋېلىپ |
ויאמרו להם לא תביאו את השביה הנה--כי לאשמת יהוה עלינו אתם אמרים להסיף על חטאתנו ועל אשמתנו כי רבה אשמה לנו וחרון אף על ישראל | 13 |
ئۇلارغا: ــ بۇ تۇتقۇنلارنى بۇ يەرگە ئېلىپ كىرسەڭلار بولمايدۇ؛ بىزنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھىمىز تۇرۇپ، يەنە تېخىمۇ كۆپ گۇناھلار ۋە ئىتائەتسىزلىكلەرنى ئاينىتماقچىمۇسىلەر؟ چۈنكى بىزنىڭ ئىتائەتسىزلىكىمىز ھېلىمۇ ئىنتايىن ئېغىردۇر، ئىسرائىلنىڭ بېشىغا ئوتلۇق قەھر-غەزەپ چۈشەي دەپ قالدى، دېدى. |
ויעזב החלוץ את השביה ואת הבזה לפני השרים וכל הקהל | 14 |
شۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەر تۇتقۇنلار بىلەن ئۇرۇش غەنىيمەتلىرىنى يولباشچىلار ۋە پۈتكۈل جامائەت ئالدىدا قالدۇرۇپ قويدى. |
ויקמו האנשים אשר נקבו בשמות ויחזיקו בשביה וכל מערמיהם הלבישו מן השלל וילבשם וינעלום ויאכלום וישקום ויסכום וינהלום בחמרים לכל כושל ויביאום ירחו עיר התמרים אצל אחיהם וישובו שמרון | 15 |
يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان كىشىلەر قوزغىلىپ، تۇتقۇنلارنى باشلاپ چىقتى، ئۇرۇش غەنىيمەتلىرى ئىچىدىن كىيىم-كېچەك ۋە ئاياغلارنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق يالىڭاچ، يالاڭ ئاياغ تۇرغانلارغا كىيگۈزۈپ، ھەممىسىنى يېمەك-ئىچمەك بىلەن غىزالاندۇردى، ئۈستىباشلىرىنى مايلىدى، بارلىق ئاجىزلارنى ئېشەكلەرگە مىندۈرۈپ، ھەممىسىنى «خورما دەرەخلىرى شەھىرى» دەپ ئاتىلىدىغان يېرىخوغا، ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ قېشىغا ئاپىرىپ قويدى، ئاندىن سامارىيەگە قايتتى. |
בעת ההיא שלח המלך אחז על מלכי אשור--לעזר לו | 16 |
بۇ چاغدا ئاھاز پادىشاھ ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھلىرىغا ياردەم تىلەپ ئادەم ئەۋەتتى، |
ועוד אדומים באו ויכו ביהודה וישבו שבי | 17 |
چۈنكى ئېدومىيلار يەنە يەھۇداغا ھۇجۇم قىلىپ نۇرغۇن ئادەمنى تۇتقۇن قىلىپ كەتكەنىدى. |
ופלשתים פשטו בערי השפלה והנגב ליהודה וילכדו את בית שמש ואת אילון ואת הגדרות ואת שוכו ובנותיה ואת תמנה ובנותיה ואת גמזו ואת בנתיה וישבו שם | 18 |
فىلىستىيلەرمۇ شەفەلاھ تۈزلەڭلىكىدىكى ۋە يەھۇدانىڭ جەنۇبىدىكى شەھەرلەرگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، بەيت-شەمەش، ئايجالون، گەدەروت، سوكوھ ۋە سوكوھقا تەۋە يېزا-قىشلاقلارنى، تىمناھ ۋە تىمناھقا تەۋە يېزا-قىشلاقلارنى، گىمزو ۋە گىمزوغا تەۋە يېزا-قىشلاقلارنى ئىشغال قىلىپ، شۇ يەرلەرگە جايلاشقانىدى. |
כי הכניע יהוה את יהודה בעבור אחז מלך ישראל כי הפריע ביהודה ומעול מעל ביהוה | 19 |
پەرۋەردىگار يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاھاز تۈپەيلىدىن يەھۇدانى خورلۇققا قالدۇردى؛ چۈنكى ئاھاز يەھۇدانى ئىتائەتسىلىككە ئېزىقتۇردى ۋە ئۆزى پەرۋەردىگارغا ئېغىر ئاسىيلىق قىلدى. |
ויבא עליו תלגת פלנאסר מלך אשור ויצר לו ולא חזקו | 20 |
ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى تىگلات-پىلنەسەر دەرۋەقە ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى، لېكىن ياردەم بېرىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭغا كۆپ ئاۋارىچىلىكلەرنى كەلتۈردى. |
כי חלק אחז את בית יהוה ואת בית המלך והשרים ויתן למלך אשור ולא לעזרה לו | 21 |
چۈنكى ئاھاز پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن، پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىن، شۇنداقلا ئەمەلدارلارنىڭ ئۆيلىرىدىن كۆپ مال-دۇنيانى چىقىرىپ، ئاسۇرىيە پادىشاھىغا بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا ھېچ پايدىسى بولمىدى. |
ובעת הצר לו ויוסף למעול ביהוה הוא המלך אחז | 22 |
مۇشۇنداق ئىنتايىن مۈشكۈل پەيتتە بۇ پادىشاھ ئاھاز پەرۋەردىگار ئالدىدا تېخىمۇ ئېغىر قەبىھلىككە چۆكۈپ كەتتى. |
ויזבח לאלהי דרמשק המכים בו ויאמר כי אלהי מלכי ארם הם מעזרים אתם להם אזבח ויעזרוני והם היו לו להכשילו ולכל ישראל | 23 |
ئۇ ئۆزىنى مەغلۇپ قىلغان دەمەشقنىڭ ئىلاھلىرىغا قۇربانلىق سۇندى، چۈنكى ئۇ: «سۇرىيەنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ئىلاھلىرى ئۇلارغا ياردەم قىلدى، شۇڭا مەنمۇ ئۇلارغا قۇربانلىق سۇنۇپ، ئۇلارنى ماڭىمۇ ياردەم بېرىدىغان قىلىمەن» دېدى. لېكىن ئەكسىچە بۇ بۇتلار ئۇنىڭ ئۆزىنى، شۇنداقلا بارلىق ئىسرائىللارنى ھالاكەتكە ئېلىپ باردى. |
ויאסף אחז את כלי בית האלהים ויקצץ את כלי בית האלהים ויסגר את דלתות בית יהוה ויעש לו מזבחות בכל פנה בירושלם | 24 |
ئاھاز پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ئەسۋاب-بۇيۇملارنى يىغىپ ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارنى كېسىپ-ئېزىپ پارە-پارە قىلىۋەتتى؛ ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ دەرۋازىلىرىنى پېچەتلىۋەتتى. ھەم ئۆزى ئۈچۈن يېرۇسالېمنىڭ ھەربىر دوقمۇشىدا قۇربانگاھلارنى سالغۇزدى. |
ובכל עיר ועיר ליהודה עשה במות לקטר לאלהים אחרים ויכעס את יהוה אלהי אבתיו | 25 |
ئۇ يەنە يەھۇدانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە باشقا ئىلاھلارغا خۇشبۇي يېقىش ئۈچۈن «يۇقىرى جايلار»نى سالغۇزدى، شۇنداق قىلىپ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى قوزغالدى. |
ויתר דבריו וכל דרכיו הראשנים והאחרונים--הנם כתובים על ספר מלכי יהודה וישראל | 26 |
مانا، ئۇنىڭ قالغان ئىشلىرى، جۈملىدىن بارلىق تۇتقان يوللىرى باشتىن-ئاخىرىغىچە «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخنامىسى»دا پۈتۈلگەندۇر. |
וישכב אחז עם אבתיו ויקברהו בעיר בירושלם--כי לא הביאהו לקברי מלכי ישראל וימלך יחזקיהו בנו תחתיו | 27 |
ئاھاز ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ كىشىلەر ئۇنى يېرۇسالېم شەھىرىگە دەپنە قىلدى، لېكىن ئۇنى ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلمىدى. ئوغلى ھەزەكىيا ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. |