וישכב יהושפט עם אבתיו ויקבר עם אבתיו בעיר דויד וימלך יהורם בנו תחתיו | 1 |
يەھوشافات ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە «داۋۇت شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى؛ ئوغلى يەھورام ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. |
ולו אחים בני יהושפט עזריה ויחיאל וזכריהו ועזריהו ומיכאל ושפטיהו כל אלה בני יהושפט מלך ישראל | 2 |
[يەھورامنىڭ] بىرنەچچە ئىنىسى، يەنى يەھوشافاتنىڭ ئازارىيا، يەھىيەل، زەكەرىيا، ئازارىياھۇ، مىكائىل ۋە شەفاتىيا دېگەن ئوغۇللىرى بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسرائىل پادىشاھى يەھوشافاتنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. |
ויתן להם אביהם מתנות רבות לכסף ולזהב ולמגדנות עם ערי מצרות ביהודה ואת הממלכה נתן ליהורם כי הוא הבכור | 3 |
ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئۇلارغا نۇرغۇن ئالتۇن، كۈمۈش ۋە قىممەتلىك بۇيۇملارنى، شۇنداقلا يەھۇدا زېمىنىدىكى بىرقانچە قورغانلىق شەھەرنى سوۋغا قىلدى؛ پەقەت پادىشاھلىقنى بولسا، يەھورام چوڭ ئوغلى بولغاچقا، ئۇنىڭغا بەردى. |
ויקם יהורם על ממלכת אביו ויתחזק ויהרג את כל אחיו בחרב וגם משרי ישראל | 4 |
يەھورام ئاتىسىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە چىقىپ ھوقۇقىنى مۇستەھكەملىدى. ئاندىن ئۇ بارلىق ئىنىلىرىنى، شۇنداقلا يەھۇدادىكى بىرقانچە ئەمەلدارلارنى قىلىچلاپ قەتل قىلدى. |
בן שלשים ושתים שנה יהורם במלכו ושמונה שנים מלך בירושלם | 5 |
يەھورام تەختكە ئولتۇرغىنىدا ئوتتۇز ئىككى ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا سەككىز يىل سەلتەنەت قىلدى. |
וילך בדרך מלכי ישראל כאשר עשו בית אחאב--כי בת אחאב היתה לו אשה ויעש הרע בעיני יהוה | 6 |
ئۇ ئاھاب جەمەتىدىكىلەرگە ئوخشاش، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرى ماڭغان يولدا ماڭدى، چۈنكى ئۇ ئاھابنىڭ قىزىنى ئەمرىگە ئالغانىدى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى. |
ולא אבה יהוה להשחית את בית דויד--למען הברית אשר כרת לדויד וכאשר אמר לתת לו ניר ולבניו--כל הימים | 7 |
بىراق پەرۋەردىگار داۋۇت بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى سەۋەبلىك، داۋۇتقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان بىر چىراغ قالدۇراي دەپ، ۋەدە قىلغىنى بويىچە داۋۇتنىڭ جەمەتىنى يوق قىلىپ تاشلاشنى خالىمىدى. |
בימיו פשע אדום מתחת יד יהודה וימליכו עליהם מלך | 8 |
[يەھورامنىڭ] سەلتەنىتىدىكى كۈنلەردە ئېدوملار يەھۇدادىن ئايرىلىپ چىقىپ، ئۆز ئالدىغا ئۆزلىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان بىر پادىشاھ تىكلىدى. |
ויעבר יהורם עם שריו וכל הרכב עמו ויהי קם לילה ויך את אדום הסובב אליו ואת שרי הרכב | 9 |
يەھورام، سەردارلىرى ۋە بارلىق جەڭ ھارۋىلىرى [ئىئوردان دەرياسىدىن] ئۆتۈپ، كېچىدە قوزغىلىپ چىقىپ، ئۆزلىرىنى قورشىۋالغان ئېدومىيلارغا ۋە جەڭ ھارۋىسى سەردارلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ غالىب كەلدى. |
ויפשע אדום מתחת יד יהודה עד היום הזה--אז תפשע לבנה בעת ההיא מתחת ידו כי עזב את יהוה אלהי אבתיו | 10 |
ھالبۇكى، ئېدومىيلار شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن يەھۇداغا قارشى چىقىپ، تاكى بۈگۈنگە قەدەر يەھۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئايرىلىپ تۇردى. يەھورام ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنى تاشلىغىنى ئۈچۈن لىبناھلىقلارمۇ شۇ چاغدا ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ ئۇنىڭ قولىدىن ئايرىلىپ چىقتى. |
גם הוא עשה במות בהרי יהודה ויזן את ישבי ירושלם וידח את יהודה | 11 |
ئۇنىڭ ئۈستىگە، يەھورام يەنە يەھۇدانىڭ تاغلىرىدا «يۇقىرى جايلار»نى ياسىتىپ، يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنى بۇزۇقچىلىققا پۇتلاشتۇردى، يەھۇدالارنىمۇ شۇنداق ئازدۇردى. |
ויבא אליו מכתב מאליהו הנביא לאמר כה אמר יהוה אלהי דויד אביך--תחת אשר לא הלכת בדרכי יהושפט אביך ובדרכי אסא מלך יהודה | 12 |
شۇ ۋاقىتلاردا ئىلىياس پەيغەمبەر تەرىپىدىن يېزىلغان بىر مەكتۇپ يەھورامغا تەگدى، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلدى: «سېنىڭ بوۋاڭ داۋۇتنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئاتاڭ يەھوشافاتنىڭ يوللىرىدا ماڭماي، شۇنىڭدەك يەھۇدا پادىشاھى ئاسانىڭمۇ يوللىرىنى تۇتماي، |
ותלך בדרך מלכי ישראל ותזנה את יהודה ואת ישבי ירושלם כהזנות בית אחאב וגם את אחיך בית אביך הטובים ממך הרגת | 13 |
بەلكى ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ يوللىرىدا مېڭىپ، يەھۇدالارنى ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنى خۇددى ئاھاب جەمەتىدىكىلەر بۇزۇقچىلىقلار قىلغاندەك بۇزۇقچىلىقلارغا پۇتلاشتۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن، شۇنداقلا ئاتاڭنىڭ جەمەتىدىكىلەرنى، يەنى ئۆزۈڭدىن ياخشى بولغان ئىنىلىرىڭنى قەتل قىلغىنىڭ ئۈچۈن، |
הנה יהוה נגף מגפה גדולה--בעמך ובבניך ובנשיך ובכל רכושך | 14 |
پەرۋەردىگار سېنىڭ خەلقىڭنى، خوتۇن بالا-چاقىلىرىڭنى ۋە بارلىق مال-مۈلكۈڭگە ئالامەت زور زەرب بىلەن ئۇرىدۇ. |
ואתה בחליים רבים במחלה מעיך עד יצאו מעיך מן החלי ימים על ימים | 15 |
ئۇ سېنىمۇ ئېغىر ۋابالار بىلەن ئۇرۇپ، ئۈچەي-باغرىڭنى ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا قىلىدۇكى، كېسىلىڭ كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىپ، ئۈچەيلىرىڭ ئېقىپ چىقىدۇ»» دېيىلگەنىدى. |
ויער יהוה על יהורם את רוח הפלשתים והערבים אשר על יד כושים | 16 |
كېيىنكى ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگار فىلىستىيلەرنىڭ ۋە ئېفىئوپىيلەرنىڭ يېنىدىكى ئەرەبلەرنىڭ روھىنى يەھورامغا قارشى قوزغاتتى. |
ויעלו ביהודה ויבקעוה וישבו את כל הרכוש הנמצא לבית המלך וגם בניו ונשיו ולא נשאר לו בן כי אם יהואחז קטן בניו | 17 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەھۇدا زېمىنىغا زەرب قىلىپ بېسىپ ئۆتتى ۋە پادىشاھ ئوردىسىدىكى بارلىق مال-مۈلۈكنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، ئوغۇللىرى بىلەن خوتۇنلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كەتتى؛ ئۇلار كەنجى ئوغلى يەھوئاھازدىن بۆلەك ئوغۇللىرىدىن بىرىنىمۇ قالدۇرمىدى. |
ואחרי כל זאת--נגפו יהוה במעיו לחלי לאין מרפא | 18 |
بۇ ۋەقەدىن كېيىن پەرۋەردىگار يەھورامنى ئۇرۇپ، ئۈچەيلىرىنى ساقايماس ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار قىلدى. |
ויהי לימים מימים וכעת צאת הקץ לימים שנים יצאו מעיו עם חליו וימת בתחלאים רעים ולא עשו לו עמו שרפה כשרפת אבתיו | 19 |
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ كېسىلى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ، ئىككى يىل ۋاقىت ئۆتۈشكە ئاز قالغاندا، كېسەللىك تۈپەيلىدىن ئۈچەيلىرى تېشىلىپ چۈشتى، ئۇ تولىمۇ ئازابلىنىپ ئۆلدى؛ ئۇنىڭ خەلقى ئاتا-بوۋىلىرىنى ئىززەتلەپ ئۇلارغا خۇشبۇي ياققاندەك، ئۇنىڭغا ھېچقانداق خۇشبۇي يېقىپ ئولتۇرمىدى. |
בן שלשים ושתים היה במלכו ושמונה שנים מלך בירושלם וילך בלא חמדה ויקברהו בעיר דויד ולא בקברות המלכים | 20 |
يەھورام تەختكە چىققان چېغىدا ئوتتۇز ئىككى ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا سەككىز يىل سەلتەنەت قىلدى ۋە ئۇ دۇنيادىن كەتكەندە ھېچكىم ئۇنىڭغا قايغۇ-ھەسرەت چەكمىدى. خالايىق ئۇنى «داۋۇت شەھىرى»گە دەپنە قىلدى، لېكىن پادىشاھلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلمىدى. |