וימלך יהושפט בנו תחתיו ויתחזק על ישראל | 1 |
ئوغلى يەھوشافات ئاسانىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى؛ ئۇ ئىسرائىل پادىشاھلىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى كۈچەيتتى. |
ויתן חיל--בכל ערי יהודה הבצרות ויתן נציבים בארץ יהודה ובערי אפרים אשר לכד אסא אביו | 2 |
ئۇ ھەربىي كۈچلىرىنى يەھۇدانىڭ ھەممە قورغانلىق شەھەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە يەھۇدا زېمىنىغا ۋە ئاتىسى ئاسا ئىشغال قىلغان ئەفرائىمدىكى ھەرقايسى شەھەرلەرگە مۇداپىئە كۈچلىرىنى تۇرغۇزدى. |
ויהי יהוה עם יהושפט כי הלך בדרכי דויד אביו הראשנים ולא דרש לבעלים | 3 |
پەرۋەردىگار يەھوشافات بىلەن بىللە بولدى، چۈنكى ئۇ ئاتىسى داۋۇتنىڭ باشتا يۈرگۈزگەن يوللىرىدا مېڭىپ بائال بۇتلىرىنى ئىزدىمىدى، |
כי לאלהי אביו דרש ובמצותיו הלך ולא כמעשה ישראל | 4 |
بەلكى ئاتىسىنىڭ خۇداسىنىلا ئىزدەپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىدە مېڭىپ، ئىسرائىللارنىڭ قىلمىشلىرىنى دورىمىدى. |
ויכן יהוה את הממלכה בידו ויתנו כל יהודה מנחה ליהושפט ויהי לו עשר וכבוד לרב | 5 |
شۇڭا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ پادىشاھلىقتىكى ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىدى؛ پۈتكۈل يەھۇدادىكىلەر ئۇنىڭغا سالام-سوۋغىلارنى سۇنۇپ تۇردى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مال-مۈلكى ناھايىتى كۆپ، شان-شۆھرىتى ناھايىتى يۇقىرى بولدى. |
ויגבה לבו בדרכי יהוה ועוד הסיר את הבמות ואת האשרים--מיהודה | 6 |
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرىدا ماڭغاچقا، غەيرەتلىك بولدى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەھۇدا زېمىنىدىن «يۇقىرى جايلار»نى ۋە ئاشەراھ بۇتلىرىنى يوقاتتى. |
ובשנת שלוש למלכו שלח לשריו לבן חיל ולעבדיה ולזכריה ולנתנאל ולמיכיהו--ללמד בערי יהודה | 7 |
ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئۈچىنچى يىلى ئۆزىنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن بەن-ھايىل، ئوبادىيا، زەكەرىيا، نەتانەل، مىكايالارنى يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىدە خەلققە تەلىم بېرىشكە ئەۋەتتى. |
ועמהם הלוים שמעיהו ונתניהו וזבדיהו ועשהאל ושמרימות (ושמירמות) ויהונתן ואדניהו וטוביהו וטוב אדוניה--הלוים ועמהם אלישמע ויהורם הכהנים | 8 |
ئۇلار بىلەن بىللە بارغانلاردىن يەنە شېمايا، نەتانىيا، زەبادىيا، ئاساھەل، شەمىراموت، يوناتان، ئادونىيا، توبىيا، توب-ئادونىيا قاتارلىق بىرقانچە لاۋىيلار، شۇنداقلا يەنە ئەلىشاما بىلەن يەھورام دېگەن ئىككى كاھىنمۇ بار ئىدى. |
וילמדו ביהודה ועמהם ספר תורת יהוה ויסבו בכל ערי יהודה וילמדו בעם | 9 |
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنى كىتابىنى ئالغاچ بېرىپ، يەھۇدا زېمىنىدىكى بارلىق شەھەرلەرنى ئارىلاپ يۈرۈپ خەلق ئارىسىدا تەلىم بېرەتتى. |
ויהי פחד יהוה על כל ממלכות הארצות אשר סביבות יהודה ולא נלחמו עם יהושפט | 10 |
يەھۇدانىڭ ئەتراپىدىكى مەملىكەتلەرنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ قورقۇنچى باستى ۋە ئۇلار يەھوشافات بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا پېتىنالمايتتى. |
ומן פלשתים מביאים ליהושפט מנחה--וכסף משא גם הערביאים מביאים לו צאן אילים שבעת אלפים ושבע מאות ותישים שבעת אלפים ושבע מאות | 11 |
فىلىستىيلەردىن بەزىلىرى يەھوشافاتقا سوۋغا-سالاملار ۋە كۈمۈش ئولپانلىرىنى تاپشۇردى؛ ئەرەبلەرمۇ پادىلىرىدىن ئۇنىڭغا يەتتە مىڭ يەتتە يۈز قوچقار، يەتتە مىڭ يەتتە يۈز تېكە سوۋغا قىلدى. |
ויהי יהושפט הלך וגדל עד למעלה ויבן ביהודה בירניות וערי מסכנות | 12 |
يەھوشافات بارغانسېرى كارامەت قۇدرەت تېپىپ، يەھۇدادا بىرنەچچە قورغان ۋە ئامبار شەھىرى بىنا قىلدى. |
ומלאכה רבה היה לו בערי יהודה ואנשי מלחמה גבורי חיל בירושלם | 13 |
ئۇ يەھۇدانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە نۇرغۇن ماددىي ئەشيا زاپىسى تەييارلىدى؛ يېرۇسالېمدىمۇ ئۇنىڭ زەبەردەس باتۇر جەڭچىلىرى بار ئىدى. |
ואלה פקדתם לבית אבותיהם ליהודה שרי אלפים-- עדנה השר ועמו גבורי חיל שלש מאות אלף | 14 |
جەمەتلىرى بويىچە ئۇلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ يەھۇدا قەبىلىسىدىكى مىڭباشلىرى ئىچىدە ئادناھ سەردار بولۇپ، باتۇر جەڭچىلەردىن ئۈچ يۈز مىڭغا باشلامچىلىق قىلاتتى؛ |
ועל ידו יהוחנן השר ועמו מאתים ושמונים אלף | 15 |
ئادناھنىڭ قول ئاستىدا يەھوھانان سەردار بولۇپ، ئىككى يۈز سەكسەن مىڭ ئادەمگە باشلامچىلىق قىلاتتى؛ |
ועל ידו עמסיה בן זכרי המתנדב ליהוה ועמו מאתים אלף גבור חיל | 16 |
يەھوھاناننىڭ قول ئاستىدا زىكرىنىڭ ئوغلى ئاماسىيا بار ئىدى؛ ئۇ پەرۋەردىگارغا ئۆزىنى ئاتىۋەتكەن ئادەم بولۇپ، ئىككى يۈز مىڭ باتۇر جەڭچىگە باشلامچىلىق قىلاتتى. |
ומן בנימן--גבור חיל אלידע ועמו נשקי קשת ומגן מאתים אלף | 17 |
بىنيامىن قەبىلىسى ئىچىدە ئېلىيادا دېگەن باتۇر بىر جەڭچى بولۇپ، ئوقيا ۋە قالقان بىلەن قوراللانغان ئىككى يۈز مىڭ باتۇر جەڭچىگە باشلامچىلىق قىلاتتى؛ |
ועל ידו יהוזבד ועמו מאה ושמונים אלף חלוצי צבא | 18 |
ئېلىيادانىڭ قول ئاستىدا يەھوزاباد بولۇپ، جەڭگە تەييار قوشۇندىن بىر يۈز سەكسەن مىڭ ئادەمگە باشلامچىلىق قىلاتتى. |
אלה המשרתים את המלך מלבד אשר נתן המלך בערי המבצר--בכל יהודה | 19 |
بۇلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە ھازىر تۇراتتى؛ پادىشاھنىڭ يەنە پۈتۈن يەھۇدا زېمىنىدىكى قورغانلىق شەھەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئادەملىرى بولسا، ئۇلارنىڭ سىرتىدا ئىدى. |