ועזריהו בן עודד היתה עליו רוח אלהים | 1 |
خۇدانىڭ روھى ئودەدنىڭ ئوغلى ئازارىيانىڭ ئۈستىگە چۈشتى. |
ויצא לפני אסא ויאמר לו שמעוני אסא וכל יהודה ובנימן יהוה עמכם בהיותכם עמו ואם תדרשהו ימצא לכם ואם תעזבהו יעזב אתכם | 2 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاسا بىلەن كۆرۈشۈشكە چىقىپ ئۇنىڭغا: ــ ئى ئاسا، پۈتكۈل يەھۇدالار ۋە بىنيامىنلار، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار! سىلەر پەرۋەردىگار بىلەن بىللە بولغىنىڭلاردا، ئۇمۇ سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ. سىلەر ئۇنى ئىزلىسەڭلار ئۇ سىلەرگە تاپقۇزۇلىدۇ؛ لېكىن سىلەر ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسەڭلار ئۇ سىلەردىن ۋاز كېچىدۇ. |
וימים רבים לישראל ללא אלהי אמת וללא כהן מורה--וללא תורה | 3 |
ئىسرائىللار ئۇزۇن كۈنلەرگىچە ھەقىقىي خۇدا، تەلىم بېرىدىغان كاھىن ۋە قانۇن-ئەھكاملاردىن جۇدا بولۇپ يۈردى؛ |
וישב בצר לו על יהוה אלהי ישראל ויבקשהו וימצא להם | 4 |
لېكىن ئۇلار قىيىنچىلىقتا قالغان ۋاقىتلاردا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا قايتىپ، ئۇنى ئىزدىدى ۋە ئۇ ئۇلارغا ئۆزىنى تاپقۇزدى. |
ובעתים ההם אין שלום ליוצא ולבא כי מהומת רבות על כל ישבי הארצות | 5 |
ئۇ ۋاقىتلاردا چىقىپ-كىرىپ تۇرغانلارغا ھېچ ئاراملىق بولمىغان، چۈنكى ھەرقايسى ئەل-يۇرتلار مالىمانچىلىق ئىچىدە تۇراتتى. |
וכתתו גוי בגוי ועיר בעיר כי אלהים הממם בכל צרה | 6 |
خۇدا ئۇلارنى ھەرخىل قىيىنچىلىق-مالىمانچىلىق ئىچىدە قالدۇرغاچقا، مەملىكەت بىلەن مەملىكەت، شەھەر بىلەن شەھەر ئۆزئارا سوقۇشۇپ ۋەيران بولدى. |
ואתם חזקו ואל ירפו ידיכם כי יש שכר לפעלתכם | 7 |
لېكىن سىلەر بولساڭلار، قەيسەر بولۇڭلار، مەزمۇت تۇرۇپ قوللىرىڭلارنى بوشاتماڭلار، چۈنكى ئەمەللىرىڭلارنىڭ ئەجىر-ئىنئامى باردۇر، دېدى. |
וכשמע אסא הדברים האלה והנבואה עדד הנביא התחזק ויעבר השקוצים מכל ארץ יהודה ובנימן ומן הערים אשר לכד מהר אפרים ויחדש את מזבח יהוה אשר לפני אולם יהוה | 8 |
ئاسا بۇ گەپلەرنى ۋە ئودەد پەيغەمبەر بەرگەن بېشارەتنى ئاڭلىغاندا ئۇ دادىللىشىپ، پۈتۈن يەھۇدا ۋە بىنيامىن زېمىنلىرىدا، شۇنداقلا ئەفرائىمنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا قولغا چۈشۈرگەن ھەرقايسى شەھەرلەردىكى يىرگىنچلىك بۇتلارنى يوقاتتى ۋە يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ئايۋان ئالدىدا تۇرغان پەرۋەردىگار قۇربانگاھىنى يېڭىباشتىن ياساتتى. |
ויקבץ את כל יהודה ובנימן והגרים עמהם מאפרים ומנשה ומשמעון כי נפלו עליו מישראל לרב בראתם כי יהוה אלהיו עמו | 9 |
ئۇ بارلىق يەھۇدالار ۋە بىنيامىنلارنى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇراقلاشقان بارلىق ئەفرائىمىي، ماناسسەھىي، شىمېئونىي مۇساپىرلىرىنى يىغدى (چۈنكى نۇرغۇن ئىسرائىللار ئاسانىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى كۆرگەن بولۇپ، ئىسرائىلدىن چىقىپ ئاسا تەرەپكە ئۆتكەنىدى). |
ויקבצו ירושלם בחדש השלשי לשנת חמש עשרה למלכות אסא | 10 |
ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون بەشىنچى يىلى ئۈچىنچى ئايدا ئۇلار يېرۇسالېمغا يىغىلدى. |
ויזבחו ליהוה ביום ההוא מן השלל הביאו בקר שבע מאות וצאן שבעת אלפים | 11 |
شۇ كۈنى ئۇلار ئېلىپ كەلگەن جەڭ غەنىمەتلىرىدىن يەتتە يۈز بۇقا ۋە يەتتە مىڭ قوينى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى. |
ויבאו בברית--לדרוש את יהוה אלהי אבותיהם בכל לבבם ובכל נפשם | 12 |
ئۇلار يەنە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى پۈتۈن قەلبى ۋە بۈتۈن جېنى بىلەن ئىزدەشكە بىر ئەھدە تۈزۈشتى؛ |
וכל אשר לא ידרש ליהוה אלהי ישראל יומת--למן קטן ועד גדול למאיש ועד אשה | 13 |
ئەھدىدە، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى ئىزدىمىگەن قېرى-ياش، ئەر-ئايال دېمەي ھەممىسى ئۆلتۈرۈلسۇن، دېيىلدى. |
וישבעו ליהוה בקול גדול ובתרועה--ובחצצרות ובשופרות | 14 |
ئۇلار يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ۋارقىراش ۋە كاناي ھەم بۇرغا چېلىش بىلەن پەرۋەردىگارغا قەسەم بېرىشتى. |
וישמחו כל יהודה על השבועה כי בכל לבבם נשבעו ובכל רצונם בקשהו וימצא להם וינח יהוה להם מסביב | 15 |
پۈتكۈل يەھۇدا جامائىتى ئىچكەن قەسىمىدىن شادلاندى؛ چۈنكى ئۇلار پۈتۈن قەلبى بىلەن قەسەم ئىچكەن بولۇپ، پەرۋەردىگارنى تولىمۇ تەلمۈرۈپ ئىزدىدى؛ ۋە ئۇ ئۇلارغا ئۆزىنى تاپقۇزدى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا تۆت ئەتراپىدا ئاراملىق ئاتا قىلدى. |
וגם מעכה אם אסא המלך הסירה מגבירה אשר עשתה לאשרה מפלצת ויכרת אסא את מפלצתה וידק וישרף בנחל קדרון | 16 |
ئاسا پادىشاھ يەنە چوڭ ئانىسى مائاقاھنى يىرگىنچلىك بىر «ئاشېراھ» تۈۋرۈكنى ياسىغىنى ئۈچۈن خانىشلىق مەرتىۋىسىدىن چۈشۈرۈۋەتتى. ئاسا بۇ يىرگىنچلىك بۇتنى كېسىپ، ئاياغ ئاستىدا چەيلىدى ۋە كىدرون جىلغىسىدا كۆيدۈرۈۋەتتى. |
והבמות--לא סרו מישראל רק לבב אסא היה שלם כל ימיו | 17 |
«يۇقىرى جايلار» يوقىتىلمىسىمۇ، ئاسانىڭ قەلبى [پەرۋەردىگارغا] پۈتۈنلەي بېغىشلانغانىدى. |
ויבא את קדשי אביו וקדשיו--בית האלהים כסף וזהב וכלים | 18 |
ھەم ئاتىسى ھەم ئۇ ئۆزى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ياسىغان نەرسىلەرنى، جۈملىدىن كۈمۈش بىلەن ئالتۇننى ۋە تۈرلۈك قاچا-قۇچىلارنى خۇدانىڭ ئۆيىگە كەلتۈردى. |
ומלחמה לא היתה עד שנת שלשים וחמש למלכות אסא | 19 |