ויהי כהכין מלכות רחבעם וכחזקתו עזב את תורת יהוה וכל ישראל עמו | 1 |
رەھوبوئامنىڭ پادىشاھلىقى مۇستەھكەم بولغاندا، شۇنداقلا كۈچەيگەندە، شۇنداق بولدىكى، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇن-ئەھكاملىرىنى تەرك قىلدى ۋە پۈتكۈل ئىسرائىللارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەتتى. |
ויהי בשנה החמישית למלך רחבעם עלה שישק מלך מצרים על ירושלם כי מעלו ביהוה | 2 |
ۋە ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارغا ۋاپاسىزلىق قىلغىنى تۈپەيلىدىن، رەھوبوئام سەلتەنىتىنىڭ بەشىنچى يىلىدا شۇنداق بولدىكى، مىسىرنىڭ پادىشاھى شىشاك يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قوزغىدى. |
באלף ומאתים רכב ובששים אלף פרשים ואין מספר לעם אשר באו עמו ממצרים--לובים סכיים וכושים | 3 |
شىشاك بىر مىڭ ئىككى يۈز جەڭ ھارۋىسى، ئاتمىش مىڭ ئاتلىق ئەسكەرنى باشلاپ كەلدى؛ ئۇ ئۆزى بىلەن بىللە مىسىردىن ئېلىپ چىققان لەشكەرلەر، جۈملىدىن لىۋىيەلىكلەر، سۇككىيلەر ۋە ئېفىئوپىيلەر سان-ساناقسىز ئىدى. |
וילכד את ערי המצרות אשר ליהודה ויבא עד ירושלם | 4 |
ئۇ يەھۇداغا تەۋە بولغان قورغانلىق شەھەرلەرنى ئىشغال قىلدى، ئاندىن يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىشقا كەلدى. |
ושמעיה הנביא בא אל רחבעם ושרי יהודה אשר נאספו אל ירושלם מפני שישק ויאמר להם כה אמר יהוה אתם עזבתם אתי ואף אני עזבתי אתכם ביד שישק | 5 |
بۇ چاغدا شىشاك سەۋەبىدىن يەھۇدا ئەمەلدارلىرى يېرۇسالېمغا يىغىلىشقانىدى؛ شىمايا پەيغەمبەر رەھوبوئام ۋە ئەمەلدارلارنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەر مېنىڭدىن ۋاز كەچكىنىڭلار ئۈچۈن، مەنمۇ سىلەردىن ۋاز كېچىپ شىشاكنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم» دەيدۇ، دېدى. |
ויכנעו שרי ישראל והמלך ויאמרו צדיק יהוה | 6 |
شۇنى ئاڭلاپ، ئىسرائىل ئەمەلدارلىرى بىلەن پادىشاھ ئۆزلىرىنى تۆۋەن قىلىپ: ــ پەرۋەردىگار ئادىلدۇر، دېيىشتى. |
ובראות יהוה כי נכנעו היה דבר יהוה אל שמעיה לאמר נכנעו לא אשחיתם ונתתי להם כמעט לפליטה ולא תתך חמתי בירושלם ביד שישק | 7 |
پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى تۆۋەن قىلغانلىقىنى كۆرۈپ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى شىماياغا يېتىپ كېلىپ: ــ«ئۇلار ئۆزلىرىنى تۆۋەن قىلغانىكەن، مەن ئۇلارنى ھالاك قىلماي، بەلكى ئۇلارغا ئازغىنە نىجات كۆرسىتىمەن ۋە مېنىڭ قايناپ تۇرغان غەزىپىم شىشاكنىڭ قولى بىلەن يېرۇسالېمغا تۆكۈلمەيدۇ. |
כי יהיו לו לעבדים וידעו עבודתי ועבודת ממלכות הארצות | 8 |
ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ماڭا بېقىنىش بىلەن دۇنيادىكى پادىشاھلىقلارغا بېقىنىشنىڭ قانداق پەرقى بارلىقىنى بىلىپ يېتىشى ئۈچۈن، ئۇلار شىشاكقا بېقىندى بولىدۇ» ــ دېيىلدى. |
ויעל שישק מלך מצרים על ירושלם ויקח את אצרות בית יהוה ואת אצרות בית המלך את הכל לקח ויקח את מגני הזהב אשר עשה שלמה | 9 |
شۇنىڭ بىلەن مىسىر پادىشاھى شىشاك يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خەزىنە-بايلىقلار بىلەن پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنە-بايلىقلارنى ئېلىپ كەتتى. ئۇ ھەممىسىنى، جۈملىدىن سۇلايمان ياساتقان ئالتۇن سىپار-قالقانلارنى قويماي ئېلىپ كەتتى. |
ויעש המלך רחבעם תחתיהם מגני נחשת והפקיד על יד שרי הרצים השמרים פתח בית המלך | 10 |
ئۇلارنىڭ ئورنىدا رەھوبوئام پادىشاھ مىستىن بىرمۇنچە سىپار-قالقانلار ياسىتىپ، ئۇلارنى پادىشاھ ئوردىسىنىڭ كىرىش يولىنى ساقلايدىغان پاسىبان بەگلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردى. |
ויהי מדי בוא המלך בית יהוה באו הרצים ונשאום והשבום אל תא הרצים | 11 |
پادىشاھ ھەر قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىدىغان چاغدا، پاسىبانلار ئۇ قالقانلارنى ئېلىپ تۇتۇپ تۇراتتى، ئاندىن ئۇلارنى يەنە پاسىبانخانىغا ئەكېلىپ قويۇشاتتى. |
ובהכנעו שב ממנו אף יהוה ולא להשחית לכלה וגם ביהודה היה דברים טובים | 12 |
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۆزىنى تۆۋەن قىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئۇنىڭدىن يېنىپ، ئۇنى تامامەن يوقىتىۋەتمىدى؛ يەھۇدادىكىلەر ئىچىدىمۇ ئاز-تولا ياخشى ئىشلار تېپىلدى. |
ויתחזק המלך רחבעם בירושלם--וימלך כי בן ארבעים ואחת שנה רחבעם במלכו ושבע עשרה שנה מלך בירושלם העיר אשר בחר יהוה לשום את שמו שם מכל שבטי ישראל ושם אמו נעמה העמנית | 13 |
پادىشاھ رەھوبوئام يېرۇسالېمدا ئاستا-ئاستا قۇدرەت تېپىپ، ئۆز سەلتەنىتىنى سۈرەتتى. رەھوبوئام تەختكە چىققان چېغىدا قىرىق بىر ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا، يەنى پەرۋەردىگار ئۆز نامىنى تىكلەش ئۈچۈن پۈتكۈل ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئىچىدىن تاللىغان شەھەردە ئون يەتتە يىل سەلتەنەت قىلدى. رەھوبوئامنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى نائاماھ بولۇپ، ئۇ ئاممونىي ئىدى. |
ויעש הרע כי לא הכין לבו לדרוש את יהוה | 14 |
رەھوبوئام كۆڭلىدە پەرۋەردىگارنى ئىزدەشنى نىيەت قىلمىغانلىقى تۈپەيلىدىن رەزىللىك قىلدى. |
ודברי רחבעם הראשנים והאחרונים--הלא הם כתובים בדברי שמעיה הנביא ועדו החזה להתיחש ומלחמות רחבעם וירבעם כל הימים | 15 |
رەھوبوئامنىڭ بارلىق قىلغان ئىشلىرى باشتىن-ئاخىرىغىچە نەسەب خاتىرىلىرىدىكى «شىمايا پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرى» ۋە «ئالدىن كۆرگۈچى ئىددونىڭ سۆزلىرى»دە پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ رەھوبوئام بىلەن يەروبوئام ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇشلار توختىماي بولۇپ تۇراتتى. |
וישכב רחבעם עם אבתיו ויקבר בעיר דויד וימלך אביה בנו תחתיו | 16 |
رەھوبوئام ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى، «داۋۇتنىڭ شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئابىيا ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. |