< שמואל א 28 >

ויהי בימים ההם ויקבצו פלשתים את מחניהם לצבא להלחם בישראל ויאמר אכיש אל דוד ידע תדע כי אתי תצא במחנה אתה ואנשיך 1
ئۇ كۈنلەردە فىلىستىيلەر ئىسرائىلغا قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئۆز قوشۇنلىرىنى يىغدى. ئاقىش داۋۇتقا: ــ بىلىشىڭ كېرەككى، ئادەملىرىڭنى ئېلىپ مېنىڭ بىلەن جەزمەن جەڭگە چىقىشىڭ لازىم، دېدى.
ויאמר דוד אל אכיש לכן אתה תדע את אשר יעשה עבדך ויאמר אכיש אל דוד לכן שמר לראשי אשימך כל הימים 2
داۋۇت ئاقىشقا: ــ ئۇنداقتا سىلى قۇللىرىنىڭ نېمە قىلالايدىغانلىقىنى بىلىپ قالىلا ــ دېدى. ئاقىش داۋۇتقا: ــ مانا، سېنى ئۆزۈمگە مەڭگۈلۈك پاسىبان قىلاي، دېدى.
ושמואל מת--ויספדו לו כל ישראל ויקברהו ברמה ובעירו ושאול הסיר האבות ואת הידענים--מהארץ 3
(سامۇئىل ئۆلگەنىدى ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ ئۇنى ئۆز شەھىرى بولغان راماھدا دەپنە قىلغانىدى. سائۇل بولسا جىنكەشلەر بىلەن پالچىلارنى زېمىندىن قوغلاپ چىقاردى).
ויקבצו פלשתים ויבאו ויחנו בשונם ויקבץ שאול את כל ישראל ויחנו בגלבע 4
فىلىستىيلەر توپلىشىپ چىقىپ شۇنەمدە چېدىر تىكتى. سائۇلمۇ ھەم پۈتكۈل ئىسرائىلنى يىغىپ، گىلبوئاھدا چېدىر تىكتى.
וירא שאול את מחנה פלשתים וירא ויחרד לבו מאד 5
سائۇل ئەمدى فىلىستىيلەرنىڭ قوشۇن بارگاھىنى كۆرگەندە قورقۇپ، يۈرىكى سۇ بولۇپ كەتتى.
וישאל שאול ביהוה ולא ענהו יהוה--גם בחלמות גם באורים גם בנביאם 6
سائۇل پەرۋەردىگاردىن يول سورىدى؛ لېكىن پەرۋەردىگار يا چۈش بىلەن يا «ئۇرىم» بىلەن يا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمىدى.
ויאמר שאול לעבדיו בקשו לי אשת בעלת אוב ואלכה אליה ואדרשה בה ויאמרו עבדיו אליו הנה אשת בעלת אוב בעין דור 7
شۇنىڭ بىلەن سائۇل خىزمەتكارلىرىغا: ــ ماڭا پالچى جىنكەش بىر خوتۇننى تېپىپ بېرىڭلار، مەن بېرىپ ئۇنىڭدىن يول سوراي، دېدى. خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا: ــ ئەن-دوردا جىنكەش بىر خوتۇن بار ئىكەن، دېدى.
ויתחפש שאול וילבש בגדים אחרים וילך הוא ושני אנשים עמו ויבאו אל האשה לילה ויאמר קסומי (קסמי) נא לי באוב והעלי לי את אשר אמר אליך 8
سائۇل نىقابلىنىپ، باشقا كىيىملەرنى كىيىپ ئىككى ئادەمنى ھەمراھ قىلىپ باردى. ئۇلار كېچىسى بېرىپ خوتۇننىڭ قېشىغا كەلدى. ئۇ خوتۇنغا: ــ ماڭا جىن چاقىرىپ پال ئېچىپ، مەن دېگەن بىرسىنى قېشىمغا كەلتۈرگىن، دېدى.
ותאמר האשה אליו הנה אתה ידעת את אשר עשה שאול אשר הכרית את האבות ואת הידעני מן הארץ ולמה אתה מתנקש בנפשי להמיתני 9
خوتۇن ئۇنىڭغا: ــ مانا، سائۇلنىڭ قىلغانلىرىنى، يەنى زېمىندىن جىنكەشلەرنى ۋە پالچىلارنى يوقاتقانلىقىنى ئۆزۈڭ بىلىسەن؛ نېمىشقا مېنى ئۆلتۈرۈشكە جېنىمغا تۇزاق قويىسەن، دېدى.
וישבע לה שאול ביהוה לאמר חי יהוה אם יקרך עון בדבר הזה 10
سائۇل ئۇنىڭغا پەرۋەردىگار بىلەن قەسەم قىلىپ: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ ئىش ئۈچۈن ساڭا جازا بولمايدۇ، دېدى.
ותאמר האשה את מי אעלה לך ויאמר את שמואל העלי לי 11
خوتۇن: ــ ساڭا كىمنى چىقىرىمەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ ماڭا سامۇئىلنى چىقارغىن، دېدى.
ותרא האשה את שמואל ותזעק בקול גדול ותאמר האשה אל שאול לאמר למה רמיתני ואתה שאול 12
خوتۇن سامۇئىلنى كۆرگەندە قاتتىق ئاۋاز بىلەن چىرقىرىدى، ئاندىن سائۇلغا: ــ نېمىشقا مېنى گوللايسەن؟ سەن ئۆزۈڭ سائۇلغۇ! ــ دېدى.
ויאמר לה המלך אל תיראי כי מה ראית ותאמר האשה אל שאול אלהים ראיתי עלים מן הארץ 13
پادىشاھ ئۇنىڭغا: ــ قورقمىغىن! نېمىنى كۆردۈڭ؟ ــ دېدى. ئۇ سائۇلغا: ــ مەن بىر ئىلاھنىڭ يەردىن چىققىنىنى كۆردۈم، دېدى.
ויאמר לה מה תארו ותאמר איש זקן עלה והוא עטה מעיל וידע שאול כי שמואל הוא ויקד אפים ארצה וישתחו 14
ئۇ: ــ ئۇنىڭ قىياپىتى قانداق ئىكەن؟ دېدى. خوتۇن: ــ قېرى بىر بوۋاي چىقىۋاتىدۇ؛ ئۇ يېپىنچا كىيگەنىكەن، دېدى. سائۇل: ــ ئۇ سامۇئىل ئىكەن، دەپ بىلىپ، يۈزىنى يەرگە يېقىپ تەزىم قىلدى.
ויאמר שמואל אל שאול למה הרגזתני להעלות אתי ויאמר שאול צר לי מאד ופלשתים נלחמים בי ואלהים סר מעלי ולא ענני עוד גם ביד הנביאים גם בחלמות ואקראה לך להודיעני מה אעשה 15
سامۇئىل سائۇلغا: ــ نېمىشقا مېنى ئاۋارە قىلىپ چىقاردىڭ؟ ــ دېدى. سائۇل: ــ مەن تولىمۇ پەرىشان بولدۇم؛ چۈنكى فىلىستىيلەر ماڭا قارشى جەڭ قىلىۋاتىدۇ، ۋە خۇدا مەندىن يىراقلاپ، ماڭا ياكى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ياكى چۈشلەر ئارقىلىق ھېچ جاۋاب بەرمەيۋاتىدۇ. شۇڭا مېنىڭ نېمە قىلىشىم كېرەكلىكىنى ماڭا بىلدۈرگەيسەن دەپ، سېنى چاقىردىم، دېدى.
ויאמר שמואל ולמה תשאלני ויהוה סר מעליך ויהי ערך 16
سامۇئىل: ــ پەرۋەردىگار سەندىن يىراقلاپ، دۈشمىنىڭ بولغاندىن كېيىن نېمىشقا مەندىن مەسلىھەت سورايسەن؟ ــ دېدى.
ויעש יהוה לו כאשר דבר בידי ויקרע יהוה את הממלכה מידך ויתנה לרעך לדוד 17
ــ پەرۋەردىگار ئۆزى ئۈچۈن مەن ئارقىلىق ئېيتقىنىنى قىلدى؛ پەرۋەردىگار پادىشاھلىقنى قولۇڭدىن يىرتىپ ئېلىپ، قوشناڭغا، يەنى داۋۇتقا بەردى.
כאשר לא שמעת בקול יהוה ולא עשית חרון אפו בעמלק על כן הדבר הזה עשה לך יהוה היום הזה 18
سەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي، ئۇنىڭ ئامالەكلەرگە قاراتقان قاتتىق غەزىپىنى يۈرگۈزمىگىنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار بۈگۈن ساڭا شۇ ئىشنى قىلدى.
ויתן יהוה גם את ישראל עמך ביד פלשתים ומחר אתה ובניך עמי גם את מחנה ישראל יתן יהוה ביד פלשתים 19
پەرۋەردىگار ئۆزۈڭ بىلەن ئىسرائىلنىمۇ فىلىستىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ؛ ئەتە سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ مېنىڭ بىلەن بىللە بولىسىلەر؛ ۋە پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ قوشۇنىنىمۇ فىلىستىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ، دېدى.
וימהר שאול ויפל מלא קומתו ארצה וירא מאד מדברי שמואל גם כח לא היה בו--כי לא אכל לחם כל היום וכל הלילה 20
سائۇل شۇئان يەرگە دۈم يىقىلدى، سامۇئىلنىڭ سۆزلىرىدىن قاتتىق قورقۇپ كەتتى؛ بىر كېچە-كۈندۈز تاماقمۇ يېمىگەچكە، ماغدۇرىمۇ قالمىدى.
ותבוא האשה אל שאול ותרא כי נבהל מאד ותאמר אליו הנה שמעה שפחתך בקולך ואשים נפשי בכפי ואשמע את דבריך אשר דברת אלי 21
ئايال ئەمدى سائۇلنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭ تولىمۇ پەرىشان بولغىنىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: ــ مانا، دېدەكلىرى جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ تاپىلىغانلىرىغا بىنائەن قىلدىم.
ועתה שמע נא גם אתה בקול שפחתך ואשמה לפניך פת לחם ואכול ויהי בך כח כי תלך בדרך 22
ئەمدى سىلىدىن ئۆتۈنىمەن، دېدىكلىرىنىڭ سۆزىگە كىرگەيلا؛ مېنى سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا بىر چىشلەم نان كەلتۈرۈشكە ئۇنىغايلا؛ شۇنىڭ بىلەن سىلى يەپ قۇۋۋەت تېپىپ ئاندىن ئۆز يوللىرىغا كېتەلەيلا، دېدى.
וימאן ויאמר לא אכל ויפרצו בו עבדיו וגם האשה וישמע לקלם ויקם מהארץ וישב אל המטה 23
لېكىن ئۇ رەت قىلىپ: ــ يېمەيمەن، دەپ ئۇنىمىدى. ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ھەم ئايالمۇ يېيىشنى ئۇنىڭغا دەۋەت قىلىشتى؛ ئۇ يەردىن قوپۇپ كارىۋاتتا ئولتۇردى.
ולאשה עגל מרבק בבית ותמהר ותזבחהו ותקח קמח ותלש ותפהו מצות 24
ئايالنىڭ ئۆيىدە بىر بورداق موزاي بار ئىدى. ئۇ دەرھال ئۇنى سويدى؛ ھەم خېمىر يۇغۇرۇپ پېتىر نان پىشۈرۈپ بەردى.
ותגש לפני שאול ולפני עבדיו ויאכלו ויקמו וילכו בלילה ההוא 25
ئۇ ئۇنى سائۇل بىلەن خىزمەتكارلىرىنىڭ ئالدىغا قويدى. ئۇلار يەپ بولۇپ، شۇ كېچىسى كەتتى.

< שמואל א 28 >