< שמואל א 19 >

וידבר שאול אל יונתן בנו ואל כל עבדיו להמית את דוד ויהונתן בן שאול חפץ בדוד מאד 1
سائۇل ئۆز ئوغلى يوناتان ۋە ھەممە خىزمەتكارلىرىگە داۋۇتنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق قىلدى. لېكىن سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان داۋۇتقا بەك ئامراق ئىدى.
ויגד יהונתן לדוד לאמר מבקש שאול אבי להמיתך ועתה השמר נא בבקר וישבת בסתר ונחבאת 2
يوناتان داۋۇتقا: ــ ئاتام سائۇل سېنى ئۆلتۈرمەكچى؛ ئەمدى ئەتە ئەتىگەن قاتتىق ئېھتىيات قىلغىن، بىر مەخپىي جاينى تېپىپ ئۆزۈڭنى يوشۇرغىن؛
ואני אצא ועמדתי ליד אבי בשדה אשר אתה שם ואני אדבר בך אל אבי וראיתי מה והגדתי לך 3
مەن ئۆزۈم چىقىپ سەن يوشۇرۇنغان ئېتىزلىققا بېرىپ ئاتامنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئاتام بىلەن سېنىڭ توغراڭدا سۆزلىشىپ باقاي؛ ئەھۋالنى ئېنىق بىلگەندىن كېيىن ساڭا خەۋەر قىلاي، دېدى.
וידבר יהונתן בדוד טוב אל שאול אביו ויאמר אליו אל יחטא המלך בעבדו בדוד כי לוא חטא לך וכי מעשיו טוב לך מאד 4
يوناتان ئاتىسى سائۇلغا داۋۇتنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىپ: ــ پادىشاھ ئۆز خىزمەتكارىغا، يەنى داۋۇتقا يامانلىق قىلمىغاي! چۈنكى ئۇ ساڭا گۇناھ قىلمىغان؛ بەلكى ئۇنىڭ ئەمەللىرى ئۆزۈڭگە كۆپ ياخشىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن: ــ
וישם את נפשו בכפו ויך את הפלשתי ויעש יהוה תשועה גדולה לכל ישראל--ראית ותשמח ולמה תחטא בדם נקי להמית את דוד חנם 5
ئۇ ئۆز جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قوپۇپ ھېلىقى فىلىستىينى ئۆلتۈردى ۋە شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار پۈتكۈل ئىسرائىل ئۈچۈن چوڭ نۇسرەت بەردى. شۇ چاغدا سەن ئۆزۈڭ كۆرۈپ خۇش بولغان ئەمەسمۇ؟ ئەمدىلىكتە نېمىشقا داۋۇتنى سەۋەبسىز ئۆلتۈرۈپ ناھەق قان تۆكۈپ گۇناھكار بولماقچى بولىسەن؟ ــ دېدى.
וישמע שאול בקול יהונתן וישבע שאול חי יהוה אם יומת 6
سائۇل يوناتاننىڭ سۆزىگە كىردى. ئۇ: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنمايدۇ، دېدى.
ויקרא יהונתן לדוד ויגד לו יהונתן את כל הדברים האלה ויבא יהונתן את דוד אל שאול ויהי לפניו כאתמול שלשום 7
ئاندىن يوناتان داۋۇتنى چاقىرىپ، داۋۇتقا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى دەپ بەردى. ئاندىن كېيىن يوناتان داۋۇتنى سائۇلنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى ۋە ئۇ ئىلگىرىكىدەك ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولدى.
ותוסף המלחמה להיות ויצא דוד וילחם בפלשתים ויך בהם מכה גדולה וינסו מפניו 8
ئەمما يەنە جەڭ بولدى؛ داۋۇت چىقىپ فىلىستىيلەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق قىرىپ مەغلۇپ قىلدى؛ ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىدىن بەدەر قېچىستى.
ותהי רוח יהוה רעה אל שאול והוא בביתו ישב וחניתו בידו ודוד מנגן ביד 9
ئەمدى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن قاباھەتلىك بىر روھ يەنە سائۇلنى باستى. ئۇ ئۆز ئۆيىدە قولىدا نەيزىسىنى تۇتۇپ ئولتۇراتتى؛ داۋۇت بولسا قولى بىلەن ساز چېلىپ تۇراتتى.
ויבקש שאול להכות בחנית בדוד ובקיר ויפטר מפני שאול ויך את החנית בקיר ודוד נס וימלט בלילה הוא 10
سائۇل نەيزە بىلەن داۋۇتنى سانجىپ تامغا قاداپ قويماقچى بولىۋىدى، لېكىن داۋۇت ئۆزىنى قاچۇرۇۋالدى، نەيزە تامغا قادىلىپ قالدى. داۋۇت شۇ كېچىسى قېچىپ قۇتۇلدى.
וישלח שאול מלאכים אל בית דוד לשמרו ולהמיתו בבקר ותגד לדוד מיכל אשתו לאמר אם אינך ממלט את נפשך הלילה מחר אתה מומת 11
سائۇل بىرنەچچە چاپارمەنلەرنى داۋۇتنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىپ ئۇنى پايلاپ تۇرۇپ ئەتىسى تاڭ يورۇغاندا ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە ماڭدۇردى. ئەمما داۋۇتنىڭ ئايالى مىقال ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر بۇ كېچە جېنىڭنى ئېلىپ قاچمىساڭ، ئەتە ئۆلتۈرۈلىسەن، دېدى.
ותרד מיכל את דוד בעד החלון וילך ויברח וימלט 12
شۇڭا مىقال داۋۇتنى پەنجىردىن چۈشۈرۈپ قويدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ قېچىپ قۇتۇلدى.
ותקח מיכל את התרפים ותשם אל המטה ואת כביר העזים שמה מראשתיו ותכס בבגד 13
ئاندىن مىقال بىر «تەرافىم» بۇتنى ئېلىپ كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ، بېشىغا ئۆچكە يۇڭىدىن قىلىنغان بىر ياستۇقنى قويۇپ، ئەدىيال بىلەن يېپىپ قويدى.
וישלח שאול מלאכים לקחת את דוד ותאמר חלה הוא 14
سائۇل داۋۇتنى تۇتۇش ئۈچۈن چاپارمەنلەرنى ئەۋەتكەندە مىقال: ــ ئۇ ئاغرىپ قالدى، دېدى.
וישלח שאול את המלאכים לראות את דוד לאמר העלו אתו במטה אלי להמתו 15
سائۇل چاپارمەنلەرنى [قايتىدىن] ئەۋەتىپ: ــ ئۇنى كارىۋات بىلەن قوشۇپ ئېلىپ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرىمەن، دەپ بۇيرۇدى.
ויבאו המלאכים והנה התרפים אל המטה וכביר העזים מראשתיו 16
چاپارمەنلەر كىرگەندە، مانا كارىۋاتتا بۇ بۇت ياتاتتى، بېشىغا ئۆچكە يۇڭىدىن قىلىنغان ياستۇق قويۇلغانىدى.
ויאמר שאול אל מיכל למה ככה רמיתני ותשלחי את איבי וימלט ותאמר מיכל אל שאול הוא אמר אלי שלחני למה אמיתך 17
سائۇل مىقالغا: ــ نېمىشقا مېنى بۇنداق ئالداپ، دۈشمىنىمنى قاچۇرۇۋېتىسەن؟ ــ دېدى. مىقال سائۇلغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇ: «مېنى قويۇۋەتكىن؛ بولمىسا سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دېدى، دېدى.
ודוד ברח וימלט ויבא אל שמואל הרמתה ויגד לו את כל אשר עשה לו שאול וילך הוא ושמואל וישבו בנוית (בניות) 18
داۋۇت قېچىپ قۇتۇلۇپ، راماھقا سامۇئىلنىڭ قېشىغا بېرىپ، سائۇلنىڭ ئۇنىڭغا قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى دەپ بەردى. ئاندىن ئۇ سامۇئىل بىلەن نايوتقا بېرىپ ئولتۇراقلاشتى.
ויגד לשאול לאמר הנה דוד בנוית (בניות) ברמה 19
بىرسى سائۇلغا: ــ داۋۇت راماھدىكى نايوتتا بار ئىكەن، دەپ خەۋەر بەردى.
וישלח שאול מלאכים לקחת את דוד וירא את להקת הנביאים נבאים ושמואל עמד נצב עליהם ותהי על מלאכי שאול רוח אלהים ויתנבאו גם המה 20
سائۇل داۋۇتنى تۇتۇپ كېلىشكە چاپارمەنلەرنى ماڭدۇردى. ئەمما ئۇلار يېتىپ بارغاندا پەيغەمبەرلەرنىڭ بىر جامائىتى بېشارەت بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە سامۇئىلنىڭمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ ئۇلارغا نازارەتچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى؛ شۇنداق بولدىكى، خۇدانىڭ روھى سائۇلنىڭ چاپارمەنلىرىنىڭ ۋۇجۇدىغىمۇ چۈشۈپ، ئۇلارمۇ ھەم بېشارەت بېرىشكە باشلىدى.
ויגדו לשאול וישלח מלאכים אחרים ויתנבאו גם המה ויסף שאול וישלח מלאכים שלשים ויתנבאו גם המה 21
بۇ خەۋەر سائۇلغا ئېيتىلدى؛ ئۇ يەنە باشقا چاپارمەنلەرنى ئەۋەتتى، لېكىن ئۇلارمۇ بېشارەت بېرىشكە چۈشتى. ئاندىن سائۇل ئۈچىنچى قېتىم يەنە چاپارمەنلەرنى ماڭدۇردى. ئۇلارمۇ ھەم بېشارەت بېرىشكە چۈشتى.
וילך גם הוא הרמתה ויבא עד בור הגדול אשר בשכו וישאל ויאמר איפה שמואל ודוד ויאמר הנה בנוית (בניות) ברמה 22
ئاندىن سائۇل ئۆزى راماھقا بېرىپ، سەقۇدىكى چوڭ قۇدۇققا يېتىپ كەلگەندە، «سامۇئىل بىلەن داۋۇت نەدە؟» ــ دەپ سورىدى. بىرسى: ــ ئۇلار راماھدىكى نايوتتا بار ئىكەن، دەپ جاۋاب بەردى.
וילך שם אל נוית (ניות) ברמה ותהי עליו גם הוא רוח אלהים וילך הלוך ויתנבא עד באו בנוית (בניות) ברמה 23
شۇڭا ئۇ راماھدىكى نايوتقا يېتىپ كەلدى؛ خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغىمۇ چۈشتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ پىيادە مېڭىپ راماھدىكى نايوتقا بارغۇچە بېشارەت بېرىپ ماڭدى.
ויפשט גם הוא בגדיו ויתנבא גם הוא לפני שמואל ויפל ערם כל היום ההוא וכל הלילה על כן יאמרו--הגם שאול בנביאם 24
ئۇ ھەتتا كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ سامۇئىلنىڭ ئالدىدا بېشارەت بەردى؛ پۈتۈن بىر كېچە ۋە پۈتۈن بىر كۈندۈز ئۇ يەردە يالىڭاچ ياتتى. بۇنىڭ بىلەن: ــ «سائۇلمۇ پەيغەمبەرلەردىنمۇ؟» دەيدىغان گەپ پەيدا بولدى.

< שמואל א 19 >