ויהי היום ויאמר יונתן בן שאול אל הנער נשא כליו לכה ונעברה אל מצב פלשתים אשר מעבר הלז ולאביו לא הגיד | 1 |
بىر كۈنى سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: ــ كەلگىن، ئۇدۇلىمىزدىكى فىلىستىيلەرنىڭ قاراۋۇللار ئەترىتىنىڭ يېنىغا چىقايلى، دېدى. ئەمما ئۇ ئاتىسىغا ھېچنېمە دېمىدى. |
ושאול יושב בקצה הגבעה תחת הרמון אשר במגרון והעם אשר עמו כשש מאות איש | 2 |
سائۇل بولسا گىبېئاھنىڭ چېتىدىكى مىگروندىكى ئانار دەرىخىنىڭ تېگىدە قالدى. ئۇنىڭ قېشىدىكى خەلق ئالتە يۈزچە ئىدى |
ואחיה בן אחטוב אחי איכבוד בן פינחס בן עלי כהן יהוה בשלו--נשא אפוד והעם לא ידע כי הלך יונתן | 3 |
(ئۇ ۋاقىتتا ئەفودنى ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى، ئىخابودنىڭ ئاكىسى ئاخىياھ كىيەتتى؛ ئۇ شىلوھدا تۇرۇۋاتقان، پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنى ئىدى. ئاخىتۇب فىنىھاسنىڭ ئوغلى، فىنىھاس ئەلىنىڭ ئوغلى ئىدى). خەلق بولسا يوناتاننىڭ كەتكىنلىكىنى بىلمىگەنىدى. |
ובין המעברות אשר בקש יונתן לעבר על מצב פלשתים--שן הסלע מהעבר מזה ושן הסלע מהעבר מזה ושם האחד בוצץ ושם האחד סנה | 4 |
يوناتان فىلىستىيلەرنىڭ قاراۋۇللار ئەترىتى تەرەپكە ئۆتمەكچى بولغان داۋاننىڭ ئىككى تەرىپىدە تۈۋرۈكتەك تىك قىيا تاشلار بار ئىدى. بىرىنىڭ نامى بوزەز، يەنە بىرىنىڭ نامى سەنەھ ئىدى. |
השן האחד מצוק מצפון מול מכמש והאחד מנגב מול גבע | 5 |
بىر قىيا تاش شىمالىي تەرىپىدە بولۇپ، مىخماش بىلەن قارىشىپ تۇراتتى، يەنە بىرى جەبۇب تەرىپىدە گېبانىڭ ئۇدۇلىدا ئىدى. |
ויאמר יהונתן אל הנער נשא כליו לכה ונעברה אל מצב הערלים האלה--אולי יעשה יהוה לנו כי אין ליהוה מעצור להושיע ברב או במעט | 6 |
يوناتان ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: ــ كەل، بۇ خەتنىسىزلەرنىڭ قاراۋۇللار ئەترىتىگە چىقايلى؛ پەرۋەردىگار بىز ئۈچۈن بىر ئىش قىلسا ئەجەب ئەمەس، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن ئادەملەرنىڭ كۆپ ياكى ئاز بولۇشى ھېچ توسالغۇ بولمايدۇ، دېدى. |
ויאמר לו נשא כליו עשה כל אשר בלבבך נטה לך הנני עמך כלבבך | 7 |
ئۇنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ئۇنىڭغا: ــ كۆڭلۈڭدە ھەر نېمە بولسا شۇنى قىلغىن؛ بارغىن، مانا، كۆڭلۈڭ نېمىنى خالىسا مەن سەن بىلەن بىللىمەن، دېدى. |
ויאמר יהונתן הנה אנחנו עברים אל האנשים ונגלינו אליהם | 8 |
يوناتان: ــ مانا، بىز ئۇ ئادەملەر تەرەپكە چىقىپ ئۆزىمىزنى ئۇلارغا كۆرسىتەيلى؛ |
אם כה יאמרו אלינו דמו עד הגיענו אליכם--ועמדנו תחתינו ולא נעלה אליהם | 9 |
ئەگەر ئۇلار بىزگە: ــ بىز سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا بارغۇچە تۇرۇپ تۇرۇڭلار، دېسە ئۇلارنىڭ قېشىغا چىقماي ئۆز جايىمىزدا تۇرۇپ تۇرايلى؛ |
ואם כה יאמרו עלו עלינו ועלינו--כי נתנם יהוה בידנו וזה לנו האות | 10 |
لېكىن ئۇلار: ــ بىزنىڭ قېشىمىزغا چىقىڭلار، دېسە، چىقايلى. چۈنكى شۇنداق بولسا پەرۋەردىگار ئۇلارنى قولىمىزغا بېرىپتۇ، دەپ بىلىمىز؛ مۇشۇنداق ئىش بىزگە بىر بېشارەت بولىدۇ، دېدى. |
ויגלו שניהם אל מצב פלשתים ויאמרו פלשתים--הנה עברים יצאים מן החרים אשר התחבאו שם | 11 |
ئىككىيلەن ئۆزىنى فىلىستىيلەرنىڭ قاراۋۇللار ئەترىتىگە كۆرسەتتى. فىلىستىيلەر: ــ مانا، ئىبرانىيلار ئۆزىنى يوشۇرغان ئازگاللاردىن چىقىۋاتىدۇ، دېدى. |
ויענו אנשי המצבה את יונתן ואת נשא כליו ויאמרו עלו אלינו ונודיעה אתכם דבר ויאמר יונתן אל נשא כליו עלה אחרי--כי נתנם יהוה ביד ישראל | 12 |
ئەترەتتىكىلەر يوناتان بىلەن ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: ــ بىزگە چىقىڭلار، بىز سىلەرگە بىر نەرسىنى كۆرسىتىپ قويىمىز، دېدى. يوناتان ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: ــ ماڭا ئەگىشىپ چىققىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئىسرائىلنىڭ قولىغا بەردى، دېدى. |
ויעל יונתן על ידיו ועל רגליו ונשא כליו אחריו ויפלו לפני יונתן ונשא כליו ממותת אחריו | 13 |
يوناتان قول-پۇتلىرى بىلەن ئۆمۈلەپ چىقتى، ياراغ كۆتۈرگۈچىسى كەينىدىن ئۇنىڭغا ئەگەشتى. فىلىستىيلەر يوناتاننىڭ ئالدىدا يىقىلىشتى؛ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى كەينىدىن كېلىپ ئۇلارنى قەتل قىلدى. |
ותהי המכה הראשנה אשר הכה יונתן ונשא כליו--כעשרים איש כבחצי מענה צמד שדה | 14 |
شۇ تۇنجى ھۇجۇمدا يوناتان بىلەن ياراغ كۆتۈرگۈچىسى تەخمىنەن يېرىم قوشلۇق يەردە ئۆلتۈرگەنلەر يىگىرمىدەك ئادەم ئىدى. |
ותהי חרדה במחנה בשדה ובכל העם--המצב והמשחית חרדו גם המה ותרגז הארץ ותהי לחרדת אלהים | 15 |
ئاندىن لەشكەرگاھدىكىكەرنى، دالادا تۇرۇۋاتقانلارنى، بارلىق ئەترەتلەردىكىلەرنى ۋە بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچىلارنى تىترەك باستى. ئۇلار ھەم تىترەپ قورقتى، يەرمۇ تەۋرىنىپ كەتتى؛ چۈنكى بۇ چوڭ قورقۇنچ خۇدا تەرىپىدىن كەلگەنىدى. |
ויראו הצפים לשאול בגבעת בנימן והנה ההמון נמוג וילך והלם | 16 |
ئەمدى بىنيامىن زېمىنىدىكى گىبېئاھدا تۇرۇۋاتقان پايلاقچىلار كۆردىكى، مانا، لەشكەر توپلىرى تارمار بولۇپ ئۇيان-بۇيان يۈگۈرۈشۈپ كەتتى. |
ויאמר שאול לעם אשר אתו פקדו נא וראו מי הלך מעמנו ויפקדו והנה אין יונתן ונשא כליו | 17 |
سائۇل قېشىدىكى خەلققە: ئادەملىرىمىزنى ساناپ كىمنىڭ بۇ يەردىن كەتكەنلىكىنى ئېنىقلاڭلار، دېدى. ئۇلار سانىۋىدى، مانا، يوناتان بىلەن ياراغ كۆتۈرگۈچىسى يوق چىقتى. |
ויאמר שאול לאחיה הגישה ארון האלהים כי היה ארון האלהים ביום ההוא--ובני ישראל | 18 |
سائۇل ئاخىياھقا: ــ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كەلگىن، دېدى. چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدا ئىدى. |
ויהי עד דבר שאול אל הכהן וההמון אשר במחנה פלשתים וילך הלוך ורב ויאמר שאול אל הכהן אסף ידך | 19 |
سائۇل كاھىنغا سۆز قىلىۋاتقاندا فىلىستىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىدا بولغان غەلۋە بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتتى. سائۇل كاھىنغا: ــ قولۇڭنى يىغقىن، دېدى. |
ויזעק שאול וכל העם אשר אתו ויבאו עד המלחמה והנה היתה חרב איש ברעהו--מהומה גדולה מאד | 20 |
ئاندىن سائۇل ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان ھەممە خەلق يىغىلىپ جەڭگە چىقتى؛ ۋە مانا، فىلىستىيلەرنىڭ ھەربىرى ئۆز سەپدىشىغا قارشى قىلىچ كۆتۈرۈپ زور پاراكەندىلىك بولدى. |
והעברים היו לפלשתים כאתמול שלשום אשר עלו עמם במחנה סביב וגם המה להיות עם ישראל אשר עם שאול ויונתן | 21 |
ئۇ ۋاقىتتىن ئىلگىرى فىلىستىيلەرنىڭ ئارىسىدا بولغان، ئۇلار بىلەن بىللە لەشكەرگاھنىڭ ئەتراپىغا چىققان ئىبرانىيلار بار ئىدى؛ ئۇلارمۇ سائۇل ۋە يوناتان بىلەن بىللە بولغان ئىسرائىللارغا قوشۇلدى. |
וכל איש ישראל המתחבאים בהר אפרים שמעו כי נסו פלשתים וידבקו גם המה אחריהם במלחמה | 22 |
شۇنىڭدەك ئەفرائىم تاغلىرىدا ئۆزىنى يوشۇرغان ئىسرائىللار فىلىستىيلەرنىڭ قاچقىنىنى ئاڭلىغاندا سوقۇشقا چىقىپ ئۇلارنى قوغلىدى. |
ויושע יהוה ביום ההוא את ישראל והמלחמה--עברה את בית און | 23 |
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇ كۈنى ئىسرائىلغا نۇسرەت بەردى. سوقۇش بەيت-ئاۋەننىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتتى. |
ואיש ישראל נגש ביום ההוא ויאל שאול את העם לאמר ארור האיש אשר יאכל לחם עד הערב ונקמתי מאיבי ולא טעם כל העם לחם | 24 |
لېكىن ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى ئۇ كۈنى زور بېسىم ئاستىدا قالدى. چۈنكى سائۇل ئۇلارغا قەسەم ئىچكۈزۈپ: ــ مەن دۈشمەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئالمىغۇچە كەچ بولۇشتىن ئىلگىرى تائام يېگەن كىشىگە لەنەت بولسۇن، دەپ ئېيتقانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقتىن ھېچكىم تائام يېمىدى. |
וכל הארץ באו ביער ויהי דבש על פני השדה | 25 |
ئەمما بارلىق زېمىندىكى قوشۇن بىر ئورمانلىققا كىرگەندە يەر يۈزىدە ھەسەل بار ئىدى. |
ויבא העם אל היער והנה הלך דבש ואין משיג ידו אל פיו כי ירא העם את השבעה | 26 |
خەلق ئورمانلىققا كىرگەندە، مانا بۇ ھەسەل ئېقىپ تۇراتتى؛ لېكىن ھېچكىم قولىنى ئاغزىغا كۆتۈرمىدى، چۈنكى خەلق قەسەمدىن قورقاتتى. |
ויונתן לא שמע בהשביע אביו את העם וישלח את קצה המטה אשר בידו ויטבל אותה ביערת הדבש וישב ידו אל פיו ותראנה (ותארנה) עיניו | 27 |
لېكىن يوناتان ئاتىسىنىڭ خەلققە قەسەم ئىچكۈزگەنلىكىنى ئاڭلىمىغانىدى. شۇڭا ئۇ قولىدىكى ھاسىنى سۇنۇپ ئۇچىنى ھەسەل كۆنىكىگە تىقىپ قولى بىلەن ئاغزىغا سالدى. شۇنداق قىلىپ كۆزلىرى نۇرلاندى. |
ויען איש מהעם ויאמר השבע השביע אביך את העם לאמר ארור האיש אשר יאכל לחם היום ויעף העם | 28 |
ئەمما خەلقتىن بىرى: سېنىڭ ئاتاڭ خەلققە چىڭ قەسەم ئىچكۈزۈپ: ــ بۈگۈن تائام يېگەن كىشىگە لەنەت بولسۇن! دەپ ئېيتقانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلق ھالسىزلىنىپ كەتتى، دېدى. |
ויאמר יונתן עכר אבי את הארץ ראו נא כי ארו עיני--כי טעמתי מעט דבש הזה | 29 |
يوناتان: ــ مېنىڭ ئاتام زېمىنغا ئازار بەردى؛ قاراڭلار، بۇ ھەسەلدىن كىچىككىنە تېتىشىم بىلەنلا كۆزلىرىمنىڭ شۇنچە نۇرلانغىنىنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟ |
אף כי לוא אכל אכל היום העם משלל איביו אשר מצא כי עתה לא רבתה מכה בפלשתים | 30 |
خەلق بۈگۈن دۈشمەنلەردىن تارتىۋالغان ئولجىدىن خالىغىنىنى يېگەن بولسا فىلىستىيلەرنىڭ ئارىسىدىكى قىرغىنچىلىق تېخىمۇ زور بولماسمىدى؟ ــ دېدى. |
ויכו ביום ההוא בפלשתים ממכמש אילנה ויעף העם מאד | 31 |
ئاشۇ كۈنى ئۇلار مىكماشتىن تارتىپ فىلىستىيلەرنى قوغلاپ ئايجالونغىچە ئۇرۇپ قىرىشتى؛ خەلق تولا ھېرىپ كەتكەنىدى. |
ויעש (ויעט) העם אל שלל (השלל) ויקחו צאן ובקר ובני בקר וישחטו ארצה ויאכל העם על הדם | 32 |
شۇنىڭ بىلەن خەلق ئولجا ئۈستىگە ئېتىلىپ بېرىپ، قوي، كالا ۋە موزايلارنى تۇتۇپ شۇ يەردىلا سويدى. ئاندىن خەلق گۆشنى قاننى ئادالىۋەتمەيلا يېدى. |
ויגידו לשאול לאמר הנה העם חטאים ליהוה לאכל על הדם ויאמר בגדתם גלו אלי היום אבן גדולה | 33 |
سائۇلغا خەۋەر كېلىپ: مانا، خەلق قاننى ئادالىۋەتمەيلا گۆشنى يەپ پەرۋەردىگارغا گۇناھ قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئېيتىلدى. ئۇ: سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلدىڭلار! ئەمدى بۇ يەرگە يېنىمغا چوڭ بىر تاشنى دومىلىتىپ كېلىڭلار، دېدى. |
ויאמר שאול פצו בעם ואמרתם להם הגישו אלי איש שורו ואיש שיהו ושחטתם בזה ואכלתם ולא תחטאו ליהוה לאכל אל הדם ויגשו כל העם איש שורו בידו הלילה--וישחטו שם | 34 |
سائۇل يەنە: سىلەر خەلقنىڭ ئارىسىغا چىقىپ ئۇلارغا: ھەربىرى ئۆز كالىسىنى، ئۆز قويىنى قېشىمغا ئېلىپ كېلىپ بۇ يەردە سويۇپ يېسۇن؛ لېكىن گۆشنى قاننى ئادالىۋەتمەي يەپ، پەرۋەردىگارغا گۇناھ قىلماڭلار، دەڭلار، دېدى. بۇ كېچە خەلقنىڭ ھەممىسى ھەربىرى ئۆز كالىسىنى ئېلىپ كېلىپ ئۇ يەردە سويدى. |
ויבן שאול מזבח ליהוה אתו החל לבנות מזבח ליהוה | 35 |
سائۇل بولسا پەرۋەردىگارغا بىر قۇربانگاھ ياسىدى. بۇ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارغا ياسىغان تۇنجى قۇربانگاھى ئىدى. |
ויאמר שאול נרדה אחרי פלשתים לילה ונבזה בהם עד אור הבקר ולא נשאר בהם איש ויאמרו כל הטוב בעיניך עשה ויאמר הכהן נקרבה הלם אל האלהים | 36 |
سائۇل: ــ بۇ كېچىدە فىلىستىيلەرنىڭ پېيىگە چۈشۈپ، ئەتە تاڭ ئاتقۇچە ئۇلارنى تالاپ ھېچ بىرىنى تىرىك قويمايلى، دېدى. خەلق: ــ نېمە ساڭا ياخشى كۆرۈنسە شۇنى قىلغىن، دەپ جاۋاب بەردى. لېكىن كاھىن سۆز قىلىپ: ــ پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا كىرىپ [يوليورۇق سوراپ] چىقايلى، دېدى. |
וישאל שאול באלהים הארד אחרי פלשתים התתנם ביד ישראל ולא ענהו ביום ההוא | 37 |
سائۇل خۇدادىن: ــ يا فىلىستىيلەرنىڭ كەينىدىن چۈشۈيمۇ؟ سەن ئۇلارنى ئىسرائىلنىڭ قولىغا تاپشۇرامسەن؟ ــ دەپ سورىدى. لېكىن ئۇ كۈنى ئۇ ئۇنىڭغا ھېچ جاۋاب بەرمىدى. |
ויאמר שאול--גשו הלם כל פנות העם ודעו וראו--במה היתה החטאת הזאת היום | 38 |
سائۇل: ــ ئى خەلقنىڭ ھەممە چوڭلىرى، بۇ يەرگە چىقىڭلار. بۈگۈن كىم گۇناھ قىلغانلىقىنى ئېنىقلاپ بېقىڭلار. |
כי חי יהוה המושיע את ישראל--כי אם ישנו ביונתן בני כי מות ימות ואין ענהו מכל העם | 39 |
چۈنكى ئىسرائىلغا نۇسرەت بەرگەن پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ گۇناھ ھەتتا ئوغلۇم يوناتاندا تېپىلسىمۇ ئۇ جەزمەن ئۆلتۈرۈلسۇن، دېدى. لېكىن پۈتكۈل خەلقتىن ھېچكىم ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمىدى. |
ויאמר אל כל ישראל אתם תהיו לעבר אחד ואני ויונתן בני נהיה לעבר אחד ויאמרו העם אל שאול הטוב בעיניך עשה | 40 |
ئاندىن ئۇ پۈتكۈل ئىسرائىلغا: ــ سىلەر بىر تەرەپتە تۇرۇڭلار، مەن ئوغلۇم يوناتان يەنە بىر تەرەپتە تۇرايلى، دېدى. خەلق ئۇنىڭغا: ــ نېمە ساڭا ياخشى كۆرۈنسە، شۇنى قىلغىن، دېدى. |
ויאמר שאול אל יהוה אלהי ישראל--הבה תמים וילכד יונתן ושאול והעם יצאו | 41 |
سائۇل ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا: ــ بۇ چەك بىلەن ئەينى ئەھۋالنى ئاشكارا قىلغايسەن، دېدى. چەك بولسا سائۇل بىلەن يوناتاننى كۆرسەتتى، خەلق قۇتۇلدى. |
ויאמר שאול--הפילו ביני ובין יונתן בני וילכד יונתן | 42 |
سائۇل: ــ مېنىڭ بىلەن ئوغلۇم يوناتاننىڭ ئوتتۇرىسىغا چەك تاشلاڭلار، دېدى. شۇنداق قىلىۋىدى، چەك يوناتانغا چىقتى. |
ויאמר שאול אל יונתן הגידה לי מה עשיתה ויגד לו יונתן ויאמר טעם טעמתי בקצה המטה אשר בידי מעט דבש--הנני אמות | 43 |
سائۇل يوناتانغا: ــ قىلغىنىڭنى ماڭا ئېيتقىن، دېدى. يوناتان ئۇنىڭغا: ــ قولۇمدىكى ھاسا بىلەن كىچىككىنە ھەسەل ئېلىپ تېتىپ باقتىم ۋە مانا، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆلۈمگە مەھكۇم بولدۇم! ــ دەپ جاۋاب بەردى. |
ויאמר שאול כה יעשה אלהים וכה יוסף כי מות תמות יונתן | 44 |
سائۇل: ــ سەن چوقۇم ئۆلۈشۈڭ كېرەك، ئى يوناتان؛ ئۇنداق قىلمىسام، خۇدا ماڭا سېنىڭ بېشىڭغا چۈشكەندىنمۇ ئارتۇق چۈشۈرسۇن! ــ دېدى. |
ויאמר העם אל שאול היונתן ימות אשר עשה הישועה הגדולה הזאת בישראל--חלילה חי יהוה אם יפל משערת ראשו ארצה כי עם אלהים עשה היום הזה ויפדו העם את יונתן ולא מת | 45 |
لېكىن خەلق سائۇلغا: ــ ئىسرائىلدا بۇ ئۇلۇغ نۇسرەتنى قازانغان يوناتان ئۆلتۈرۈلەمدۇ؟ بۇنداق ئىش بىزدىن نېرى بولغاي! پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، ئۇنىڭ بېشىدىن بىر تال چاچ يەرگە چۈشمەيدۇ؛ چۈنكى بۈگۈنكى ئىشنى ئۇ خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردى، دېدى. شۇنداق قىلىپ خەلق يوناتاننى ئۆلۈمدىن خالاس قىلدى. |
ויעל שאול מאחרי פלשתים ופלשתים הלכו למקומם | 46 |
ئاندىن سائۇل فىلىستىيلەرنى قوغلاشتىن توختىدى؛ فىلىستىيلەرمۇ ئۆز جايىغا قايتىپ كەتتى. |
ושאול לכד המלוכה על ישראל וילחם סביב בכל איביו במואב ובבני עמון ובאדום ובמלכי צובה ובפלשתים ובכל אשר יפנה ירשיע | 47 |
شۇنداق قىلىپ سائۇل ئىسرائىلنىڭ سەلتەنىتىنى ئۆزىنىڭ قىلدى؛ ئاندىن ئۇ چۆرىسىدىكى دۈشمەنلىرىگە، يەنى موئابلار، ئاممونىيلار، ئېدومىيلار، زوباھدىكى پادىشاھلار ۋە فىلىستىيلەرگە ھۇجۇم قىلدى. ئۇ قايسى تەرەپكە يۈزلەنسە غالىپ كېلەتتى. |
ויעש חיל ויך את עמלק ויצל את ישראל מיד שסהו | 48 |
ئۇ زور جاسارەت كۆرسىتىپ ئامالەكلەرنى ئۇرۇپ ئىسرائىلنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچىلاردىن قۇتقۇزدى. |
ויהיו בני שאול יונתן וישוי ומלכישוע ושם שתי בנתיו--שם הבכירה מרב ושם הקטנה מיכל | 49 |
سائۇلنىڭ ئوغۇللىرى يوناتان، يىشۋى ۋە مالقى-شۇئا ئىدى؛ ئۇنىڭ ئىككى قىزىنىڭ ئىسمى بولسا ــ چوڭىنىڭ مېراب، كىچىكىنىڭ مىقال ئىدى. |
ושם אשת שאול אחינעם בת אחימעץ ושם שר צבאו אבינר בן נר דוד שאול | 50 |
سائۇلنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى ئاھىنوئام بولۇپ، ئۇ ئاخىمائازنىڭ قىزى ئىدى. سائۇلنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى ئابنەر ئىدى؛ ئۇ سائۇلنىڭ تاغىسى نەرنىڭ ئوغلى ئىدى. |
וקיש אבי שאול ונר אבי אבנר בן אביאל | 51 |
سائۇلنىڭ ئاتىسى كىش ۋە ئابنەرنىڭ ئاتىسى نەر بولسا، ئىككىسى ئابىئەلنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. |
ותהי המלחמה חזקה על פלשתים כל ימי שאול וראה שאול כל איש גבור וכל בן חיל ויאספהו אליו | 52 |
سائۇل پۈتكۈل ئۆمرىدە فىلىستىيلەر بىلەن قاتتىق جەڭدە بولۇپ تۇردى. سائۇل ئۆزى ھەرقاچان باتۇر يا پالۋانلارنى كۆرسە، ئۇنى ئۆز خىزمىتىگە سالاتتى. |