ואת ביתו בנה שלמה שלש עשרה שנה ויכל את כל ביתו | 1 |
سۇلايمان ئۆز ئوردىسىنى بولسا، ئون ئۈچ يىلدا ياساپ پۈتتۈردى. |
ויבן את בית יער הלבנון מאה אמה ארכו וחמשים אמה רחבו ושלשים אמה קומתו על ארבעה טורי עמודי ארזים וכרתות ארזים על העמודים | 2 |
ئۇ ياسىغان بۇ «لىۋان ئورمىنى سارىيى»نىڭ ئۇزۇنلۇقىنى يۈز گەز، كەڭلىكىنى ئەللىك گەز ۋە ئېگىزلىكىنى ئوتتۇز گەز قىلدى. كېدىر ياغىچى تۈۋرۈكىدىن تۆت قاتار ۋە تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىگە كېدىر لىملىرى قويۇلغانىدى. |
וספן בארז ממעל על הצלעות אשר על העמודים ארבעים וחמשה--חמשה עשר הטור | 3 |
تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىدىكى لىم كۆتۈرۈپ تۇرغان ئۆگزىسىمۇ كېدىر ياغىچىدىن ئىدى. لىملار جەمئىي قىرىق بەش بولۇپ ھەر قاتاردا ئون بەشتىن ئىدى. |
ושקפים שלשה טורים ומחזה אל מחזה שלש פעמים | 4 |
ئۇنىڭ ئۈچ قەۋەت دېرىزىسى بار ئىدى، ئۈچ قەۋەتتىكى دېرىزىلەر بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئىدى. |
וכל הפתחים והמזוזות רבעים שקף ומול מחזה אל מחזה שלש פעמים | 5 |
بارلىق ئىشىكلەر ۋە كېشەكلەر تۆت چاسىلىق قىلىنغاندى؛ ئىشىكلەر ئۈچ كۆزنەكلىك بولۇپ، ئىشىكلەر بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئىدى. |
ואת אולם העמודים עשה חמשים אמה ארכו ושלשים אמה רחבו ואולם על פניהם ועמדים ועב על פניהם | 6 |
ئۇ ئۇزۇنلۇقىنى ئەللىك گەز، توغرىسىنى ئوتتۇز گەز قىلىپ، تۈۋرۈكلۈك بىر دەھلىز ياسىدى؛ ئۇنىڭ ئالدىدا يەنە بىر دەھلىز بار ئىدى، ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا يەنە تۈۋرۈكلۈك ئايۋان بار ئىدى. |
ואולם הכסא אשר ישפט שם אלם המשפט עשה וספון בארז מהקרקע עד הקרקע | 7 |
ئاندىن كېيىن ئۇ سوراق سورايدىغان تەختى ئۈچۈن «سوراق دەھلىزى» دەپ ئاتالغان يەنە بىر دەھلىزنى ياسىدى. ئۇ دەھلىزنىڭ تېگىدىن تارتىپ تورۇسنىڭ لىملىرىغىچە كېدىر ياغىچى بىلەن قاپلانغانىدى. |
וביתו אשר ישב שם חצר האחרת מבית לאולם כמעשה הזה היה ובית יעשה לבת פרעה אשר לקח שלמה כאולם הזה | 8 |
[سۇلايمان] ئۆزى ئولتۇرىدىغان ساراي، يەنى دەھلىزنىڭ ئارقا ھويلىسىغا جايلاشاقان ساراينىڭ لايىھىسى «[سوراق] ئۆيى»نىڭكىگە ئوخشاش ئىدى. سۇلايمان ئۆز ئەمرىگە ئالغان پىرەۋننىڭ قىزى ئۈچۈن شۇ دەھلىزگە ئوخشاش بىر ساراينى ياساتتى. |
כל אלה אבנים יקרת כמדות גזית מגררות במגרה מבית ומחוץ וממסד עד הטפחות ומחוץ עד החצר הגדולה | 9 |
بۇ ئىمارەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىچكىرىكى تاملىرىدىن تارتىپ چوڭ ھويلىنىڭ تاملىرىغىچە، ئۇلىدىن تارتىپ ئۆگزىنىڭ پەۋازىغىچە قىممەت تاشلاردىن، يەنى ئۆلچەم بويىچە ئويۇلۇپ ئاندىن ئىچ-تېشى ھەرە بىلەن كېسىلگەن تاشلاردىن ياسالغانىدى. |
ומיסד אבנים יקרות אבנים גדלות--אבני עשר אמות ואבני שמנה אמות | 10 |
ئۇللىرى بولسا چوڭ ۋە قىممەت تاشلاردىن، ئۇزۇنلۇقى ئون گەز ۋە سەككىز گەز بولغان تاشلاردىن قىلىنغانىدى. |
ומלמעלה אבנים יקרות כמדות גזית--וארז | 11 |
ئۇللارنىڭ ئۈستىگە يەنە بېكىتىلگەن ئۆلچەم بويىچە ئويۇلغان قىممەت ئېسىل تاشلار ۋە كېدىر لىملىرى قويۇلغانىدى. |
וחצר הגדולה סביב שלשה טורים גזית וטור כרתת ארזים ולחצר בית יהוה הפנימית ולאלם הבית | 12 |
چوڭ ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى تام ئۈچ قەۋەت ئويۇلغان تاش ۋە بىر قەۋەت يونۇلغان كېدىر لىملىرىدىن ياسالغانىدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىنىڭ تېمى ۋە يەنە ئوردىدىكى دەھلىزىنىڭ تېمىمۇ شۇنداق ياسالغانىدى. |
וישלח המלך שלמה ויקח את חירם מצר | 13 |
سۇلايمان پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ ھىرامنى تۇردىن كەلتۈردى. |
בן אשה אלמנה הוא ממטה נפתלי ואביו איש צרי חרש נחשת וימלא את החכמה ואת התבונה ואת הדעת לעשות כל מלאכה בנחשת ויבוא אל המלך שלמה ויעש את כל מלאכתו | 14 |
ئۇ كىشى نافتالى قەبىلىسىدىن بولغان بىر تۇل خوتۇننىڭ ئوغلى بولۇپ، ئاتىسى تۇرلۇق بىر مىسكەر ئىدى. ھىرام مىسكەرچىلىكتە تۈرلۈك ئىشلارنى قىلىشقا تولىمۇ ئۇستا، پەم-پاراسەتلىك ۋە بىلىملىك ئىدى. ئۇ سۇلايمان پادىشاھنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىشىنى قىلدى. |
ויצר את שני העמודים נחשת שמנה עשרה אמה קומת העמוד האחד וחוט שתים עשרה אמה יסב את העמוד השני | 15 |
ئۇ ئۆزى ئىككى تۈۋرۈكنى مىستىن ياسىدى. ھەربىر تۈۋرۈكنىڭ ئېگىزلىكى ئون سەككىز گەز بولۇپ، ئايلانمىسى ئون ئىككى گەز ئىدى. |
ושתי כתרת עשה לתת על ראשי העמודים--מצק נחשת חמש אמות קומת הכתרת האחת וחמש אמות קומת הכתרת השנית | 16 |
بۇ تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىگە قويۇش ئۈچۈن مىستىن ئىككى تاجنى قۇيۇپ ياساپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قويدى. بىر تاجنىڭ ئېگىزلىكى بەش گەز، ئىككىنچى تاجنىڭ ئېگىزلىكىمۇ بەش گەز ئىدى. |
שבכים מעשה שבכה גדלים מעשה שרשרות לכתרת אשר על ראש העמודים--שבעה לכתרת האחת ושבעה לכתרת השנית | 17 |
تۈۋرۈكلەرنىڭ تۆپىسىدىكى تاجلار تورلارغا ئوخشاش زىننەتلىنىپ، زەنجىرلەر ۋە تورلانغان ھالقىلار بىلەن توقۇقلۇق ئىدى. بىر تاجنىڭ شۇنداق يەتتە قاتار تور ھالقىلىرى بار ئىدى، ئىككىنچى تاجنىڭمۇ ھەم شۇنداق يەتتە قۇر تور ھالقىلىرى بار ئىدى. |
ויעש את העמודים ושני טורים סביב על השבכה האחת לכסות את הכתרת אשר על ראש הרמנים וכן עשה לכתרת השנית | 18 |
ئۇ يەنە ئانارلارنى، يەنى تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىدىكى ھەربىر تاجنى يېپىپ تۇرىدىغان تور ھالقىلارنىڭ ئۈستىگە ئىككى قاتار ئانارنى ياسىدى. ئۇ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى تاجغىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق قىلدى. |
וכתרת אשר על ראש העמודים--מעשה שושן באולם ארבע אמות | 19 |
ئايۋاندىكى تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىدىكى تاجلىرى نىلۇپەر شەكىللىك بولۇپ، ئېگىزلىكى تۆت گەزدىن ئىدى. |
וכתרת על שני העמודים גם ממעל מלעמת הבטן אשר לעבר שבכה (השבכה) והרמונים מאתים טרים סביב על הכתרת השנית | 20 |
ئىككى تۈۋرۈكنىڭ تاجلىرىدىكى تور ھالقىلىرىغا يېقىن تومپىيىپ چىققان جاينىڭ ئۈستىدە قەۋەتمۇ-قەۋەت چۆرىدىگەن ئىككى يۈز ئانار نۇسخىسى بار ئىدى. ئىككىنچى تاجنىڭ چۆرىسىمۇ ئوخشاش ئىدى. |
ויקם את העמדים לאלם ההיכל ויקם את העמוד הימני ויקרא את שמו יכין ויקם את העמוד השמאלי ויקרא את שמו בעז | 21 |
ئۇ تۈۋرۈكلەرنى ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدىكى ئايۋانغا تىكلىدى. ئوڭ تەرىپىگە بىرنى تىكلەپ نامىنى «ياقىن»، سول تەرىپىگە بىرنى تىكلەپ، نامىنى «بوئاز» ئاتىدى. |
ועל ראש העמודים מעשה שושן ותתם מלאכת העמודים | 22 |
تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستى نىلۇپەر شەكلىدە ياسالغانىدى. بۇنىڭ بىلەن تۈۋرۈكلەرنىڭ ئىشلىرى پۈتكەنىدى. |
ויעש את הים מוצק עשר באמה משפתו עד שפתו עגל סביב וחמש באמה קומתו וקוה (וקו) שלשים באמה יסב אתו סביב | 23 |
ئۇ مىستىن «دېڭىز» دەپ ئاتالغان يوغان داس ياسىدى. ئۇنىڭ بىر گىرۋىكىدىن يەنە بىر گىرۋىكىگىچە ئون گەز كېلەتتى. ئۇنىڭ ئايلامىسى ئوتتۇز گەز ئىدى. |
ופקעים מתחת לשפתו סביב סבבים אתו--עשר באמה מקפים את הים סביב שני טורים הפקעים יצקים ביצקתו | 24 |
داسنىڭ گىرۋىكى ئاستى چۆرىدەپ قاپاق نۇسخىلىرى بىلەن زىننەتلەنگەنىدى. بۇلار داسنىڭ چۆرىسىنىڭ ھەربىر گېزىگە ئۇندىن، ئىككى قاتار قويۇلغان ئىدى. ئۇلار داس بىلەن بىر ۋاقىتتا قۇيۇپ چىقىرىلغانىدى. |
עמד על שני עשר בקר שלשה פנים צפונה ושלשה פנים ימה ושלשה פנים נגבה ושלשה פנים מזרחה והים עליהם מלמעלה וכל אחריהם ביתה | 25 |
داس ئون ئىككى بۇقا شەكلى ئۈستىدە تۇرغۇزۇلغانىدى. بۇلارنىڭ ئۈچى شىمال تەرەپكە، ئۈچى غەرب تەرەپكە، ئۈچى جەنۇب تەرەپكە، ئۈچى شەرق تەرەپكە يۈزلەنگەنىدى. «دېڭىز» بۇلارنىڭ ئۈستىدە ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئارقىسى ئىچ تەرىپىدە ئىدى. |
ועביו טפח ושפתו כמעשה שפת כוס פרח שושן אלפים בת יכיל | 26 |
داسنىڭ قېلىنلىقى ئالىقاننىڭ كەڭلىكىدەك بولۇپ، ئۇنىڭ گىرۋىكى پىيالىنىڭ گىرۋىكىدەك، شەكلى ئېچىلغان نىلۇپەردەك ئىدى. ئۇنىڭغا ئىككى مىڭ بات سۇ سىغاتتى. |
ויעש את המכנות עשר נחשת ארבע באמה ארך המכונה האחת וארבע באמה רחבה ושלש באמה קומתה | 27 |
ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ مىستىن ئون تەگلىكنى ياسىدى. ھەربىر تەگلىكنىڭ ئۇزۇنلۇقى تۆت گەز، كەڭلىكى تۆت گەز بولۇپ، ئېگىزلىكى ئۈچ گەز ئىدى. |
וזה מעשה המכונה מסגרת להם ומסגרת בין השלבים | 28 |
بۇ تەگلىكلەر شۇنداق ياسالغانىدىكى، ئۇلارنىڭ [رەسىملىك] تاختىلىرى بار ئىدى؛ تاختىلىرى رامكىلار ئىچىگە ئورنىتىلغانىدى. |
ועל המסגרות אשר בין השלבים אריות בקר וכרובים ועל השלבים כן ממעל ומתחת לאריות ולבקר ליות מעשה מורד | 29 |
رامكىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رەسىم تاختايلىرىدا ۋە رامكىلارنىڭ ئۆزىدىمۇ شىرلار، بۇقىلار ۋە كېرۇبلارنىڭ سۈرەتلىك زىننەتلىرى بار ئىدى؛ شىرلار ۋە بۇقىلارنىڭ ئاستى ۋە ئۈستى زەنجىرسىمان گۈل چەمبىرەك شەكلىدە زىننەتلەنگەنىدى. |
וארבעה אופני נחשת למכונה האחת וסרני נחשת וארבעה פעמתיו כתפת להם מתחת לכיר הכתפות יצקות מעבר איש ליות | 30 |
ھەربىر تەگلىكنىڭ مىس ئوقلىرى بىلەن تۆت چاقى بار ئىدى؛ تەگلىكنىڭ داسنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان تۆت بۇرجىكىدە جازىسى بار ئىدى؛ داس ئاستىدىكى پۇتلىرىنىڭ ھەر تەرىپىدە تورلانغان قۇيما گۈل شاخلىرى ئورنىتىلغانىدى. |
ופיהו מבית לכתרת ומעלה באמה ופיה עגל מעשה כן אמה וחצי האמה וגם על פיה מקלעות ומסגרתיהם מרבעות לא עגלות | 31 |
ھەر تەگلىكنىڭ ئىچىدە چوڭقۇرلۇقى بىر گەز كېلىدىغان «كىچىك تەگلىك» بولۇپ، ئاغزى دۈگىلەك ئىدى؛ كىچىك تەگلىكنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر يېرىم گەز ئىدى؛ ئاغزىنىڭ ئەتراپىدا نەقىشلەر بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ رامكىلىرى دۈگىلەك ئەمەس، بەلكى تۆت چاسىلىق ئىدى. |
וארבעת האופנים למתחת למסגרות וידות האופנים במכונה וקומת האופן האחד אמה וחצי האמה | 32 |
تۆت چاقى رەسىملىك تاختايلىرى ئاستىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوقلىرى تەگلىككە بېكىتىلگەنىدى. ھەربىر چاقنىڭ ئېگىزلىكى بىر يېرىم گەز ئىدى. |
ומעשה האופנים כמעשה אופן המרכבה ידותם וגביהם וחשקיהם וחשריהם--הכל מוצק | 33 |
چاقلارنىڭ قۇرۇلمىسى جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ چاقلىرىدەك ئىدى. ئۇلارنىڭ قازانلىرى، قاسقانلىرى، چېتىقلىرى ۋە ئوقلىرىنىڭ ھەممىسى مىستىن قۇيۇلغانىدى. |
וארבע כתפות--אל ארבע פנות המכנה האחת מן המכנה כתפיה | 34 |
ھەربىر تەگلىكنىڭ تۆت بۇرجىكىدە بىردىن تۆت تۇتقۇچى بار ئىدى؛ ئۇلار تەگلىكتىن چىقىپ تۇراتتى ۋە ئۇلار تەگلىك بىلەن تەڭ قۇيۇلغان. |
ובראש המכונה חצי האמה קומה--עגל סביב ועל ראש המכנה ידתיה ומסגרתיה ממנה | 35 |
ھەربىر تەگلىكنىڭ تۆپىسىدە ئېگىزلىكى يېرىم گەز كېلىدىغان بىر يۇمىلاق جازا بار ئىدى. ھەربىر تەگلىكنىڭ تۆپىسىدە تىرەك ۋە رەسىملىك تاختايلار بار ئىدى. ئۇلار تەگلىك بىلەن تەڭ قۇيۇلغان. |
ויפתח על הלחת ידתיה ועל ומסגרתיה (מסגרתיה) כרובים אריות ותמרת--כמער איש וליות סביב | 36 |
ئۇ مۇشۇ تىرەك ۋە رەسىم تاختايلىرىدىكى بوش ئورۇنلارغا كېرۇب، شىر ۋە خورما دەرەخلىرىنىڭ نۇسخىلىرىنى ۋە چۆرىسىگە تورلانغان گۈل شاخلىرىنى نەقىش قىلدى. |
כזאת עשה את עשר המכנות מוצק אחד מדה אחת קצב אחד--לכלהנה | 37 |
شۇ تەرىقىدە ئۇ مۇشۇ ئون تەگلىكنى ياساپ بولدى. ھەممىسى بىر نۇسخىدا قۇيۇلۇپ، ئوخشاش چوڭلۇقتا ۋە شەكىلدە ئىدى. |
ויעש עשרה כירות נחשת ארבעים בת יכיל הכיור האחד ארבע באמה הכיור האחד--כיור אחד על המכונה האחת לעשר המכנות | 38 |
ئۇ مىستىن ئون داس ياسىغان بولۇپ، ھەربىر داسقا قىرىق بات سۇ سىغاتتى؛ ھەربىر داسنىڭ توغرىسى تۆت گەز ئىدى. ئون تەگلىكنىڭ ھەربىرىنىڭ تۆپىسىدە بىردىن داس بار ئىدى. |
ויתן את המכנות חמש על כתף הבית מימין וחמש על כתף הבית משמאלו ואת הים נתן מכתף הבית הימנית קדמה--ממול נגב | 39 |
ئۇ بەش داسنى ئىبادەتخانىنىڭ ئوڭ يېنىدا ۋە بەشنى ئىبادەتخانىنىڭ سول يېنىدا قويدى؛ مىس دېڭىزنى ئىبادەتخانىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە، يەنى شەرقىي جەنۇب تەرىپىگە قويدى. |
ויעש חירום--את הכירות ואת היעים ואת המזרקות ויכל חירם לעשות את כל המלאכה אשר עשה למלך שלמה בית יהוה | 40 |
ھىرام شۇلارغا تەئەللۇق داس، كۈرەك ۋە قاچا-قۇچىلارنىمۇ ياساپ تەييار قىلدى. شۇنداق قىلىپ ھىرام سۇلايمان پادىشاھ ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ بارلىق قۇرۇلۇش خىزمىتىنى پۈتكۈزدى: ــ |
עמדים שנים וגלת הכתרת אשר על ראש העמודים שתים והשבכות שתים--לכסות את שתי גלות הכתרת אשר על ראש העמודים | 41 |
ئىككى تۈۋرۈك، ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىدىكى ئاپقۇرسىمان ئىككى باش ۋە بۇ ئىككى باشنى يېپىپ تۇرىدىغان ئىككى تورنى ياسىتىپ پۈتتۈردى، |
ואת הרמנים ארבע מאות לשתי השבכות--שני טורים רמנים לשבכה האחת לכסות את שתי גלות הכתרת אשר על פני העמודים | 42 |
شۇ ئىككى تور ئۈستىگە قايچىلاشتۇرۇلغان تۆت يۈز ئانارنى ياساتتى. بىر توردا ئىككى قاتار ئانار بولۇپ، تۈۋرۈك ئۈستىدىكى؛ ئاپقۇرسىمان ئىككى باشنى يېپىپ تۇراتتى. |
ואת המכנות עשר ואת הכירת עשרה על המכנות | 43 |
ئۇ ئون داس تەگلىكى ۋە داس تەگلىكىگە قويۇلىدىغان ئون «يۇيۇش دېسى»نى، |
ואת הים האחד ואת הבקר שנים עשר תחת הים | 44 |
«مىس دېڭىز» ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى ئون ئىككى مىس بۇقىنى ياساتقۇزدى، |
ואת הסירות ואת היעים ואת המזרקות ואת כל הכלים האהל (האלה) אשר עשה חירם למלך שלמה בית יהוה--נחשת ממרט | 45 |
قازانلارنى، كۈرەكلەرنى ۋە قاچا-قۇچىلارنىمۇ تەييار قىلدى. ھىرام پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئەمرى بىلەن ياسىغان بۇ ھەممە نەرسىلەر پارقىرايدىغان مىستىن ئىدى. |
בככר הירדן יצקם המלך במעבה האדמה בין סכות ובין צרתן | 46 |
پادىشاھ ئۇلارنى ئىئوردان تۈزلەڭلىكىدە، سۇككوت بىلەن زارەتاننىڭ ئوتتۇرىسىدا، [شۇ يەردىكى] سېغىزلايدا قېلىپ ياساپ، قۇيدۇرۇپ چىقتى. |
וינח שלמה את כל הכלים מרב מאד מאד--לא נחקר משקל הנחשת | 47 |
بۇ نەرسىلەر شۇنچە كۆپ بولغاچقا، سۇلايمان ئۇلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچىمىدى. شۇنىڭ بىلەن مىسنىڭ ئېغىرلىقى مەلۇم بولمىدى. |
ויעש שלמה--את כל הכלים אשר בית יהוה את מזבח הזהב ואת השלחן אשר עליו לחם הפנים זהב | 48 |
سۇلايمان يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئىچىدىكى بارلىق ئەسۋابلارنى ياساتتى: ــ يەنى ئالتۇن خۇشبۇيگاھنى، «تەقدىم نان» قويۇلىدىغان ئالتۇن شىرەنى، |
ואת המנרות חמש מימין וחמש משמאול לפני הדביר--זהב סגור והפרח והנרת והמלקחים זהב | 49 |
كالامخانا ئالدىدا تۇرىدىغان ساپ ئالتۇن چىراغدانلارنى (بەشنى ئوڭ يېنىدا، بەشنى سول يېنىدا) ياساتتى؛ ۋە شۇلارنىڭ گۈلسىمان زىننەتلىرىنى، چىراغلىرىنى، چىراغ قىسقۇچلىرىنى ئالتۇندىن ياساتتى؛ |
והספות והמזמרות והמזרקות והכפות והמחתות--זהב סגור והפתות לדלתות הבית הפנימי לקדש הקדשים לדלתי הבית להיכל--זהב | 50 |
داس-پىيالىلىرىنى، پىچاقلىرىنى، قاچىلىرىنى، تەخسىلىرىنى ۋە كۈلدانلارنىڭ ھەممىسىنى ساپ ئالتۇندىن ياساتتى؛ ئۇ ئىچكىرىكى خانىنىڭ، يەنى ئەڭ مۇقەددەس جاينىڭ قاتلىنىدىغان، قوش قاناتلىق ئىشىكلەرنىڭ گىرەلىرىنى ۋە ئۆيدىكى مۇقەددەس جاينىڭ [ئىشىكلىرىنىڭ] گىرەلىرىنى ئالتۇندىن ياساتتى. |
ותשלם כל המלאכה אשר עשה המלך שלמה בית יהוה ויבא שלמה את קדשי דוד אביו את הכסף ואת הזהב ואת הכלים--נתן באצרות בית יהוה | 51 |
سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن قىلدۇرىدىغان ھەممە قۇرۇلۇشلار تامام بولغاندا، ئۇ ئاتىسى داۋۇت [خۇداغا] ئاتىغان نەرسىلەرنى (يەنى كۈمۈش، ئالتۇن ۋە تۈرلۈك باشقا بۇيۇملارنى) ئەكەلتۈرۈپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ خەزىنىلىرىگە قويدۇردى. |