ויגד אחאב לאיזבל את כל אשר עשה אליהו ואת כל אשר הרג את כל הנביאים בחרב | 1 |
لېكىن ئاھاب ئىلىياسنىڭ ھەممە قىلغىنىنى، جۈملىدىن ھەممە پەيغەمبەرلەرنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرگىنىنى يىزەبەلگە ئېيتىپ بەردى. |
ותשלח איזבל מלאך אל אליהו לאמר כה יעשון אלהים וכה יוספון כי כעת מחר אשים את נפשך כנפש אחד מהם | 2 |
يىزەبەل بولسا ئىلىياسقا بىر خەۋەرچى ئەۋەتىپ: ــ ئەگەر ئەتە مۇشۇ ۋاقىتقىچە سەن شۇلارنىڭ جانلىرىغا قىلغىنىڭدەك مەن سېنىڭ جېنىڭنى ئوخشاش قىلمىسام، ئىلاھلار ماڭىمۇ شۇنداق قىلسۇن ھەمدە ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە قىلسۇن! ــ دەپ ئېيتقۇزدى. |
וירא ויקם וילך אל נפשו ויבא באר שבע אשר ליהודה וינח את נערו שם | 3 |
ئۇ بۇنى بىلگەندە، ئۆز جېنىنى قۇتقۇزماق ئۈچۈن قېچىپ يەھۇدا تەۋەسىدىكى بەئەر-شېباغا باردى. ئۇ ئۇ يەردە ئۆز خىزمەتكارىنى قالدۇرۇپ قويۇپ، |
והוא הלך במדבר דרך יום ויבא וישב תחת רתם אחת (אחד) וישאל את נפשו למות ויאמר רב עתה יהוה קח נפשי כי לא טוב אנכי מאבתי | 4 |
ئۆزى چۆلنىڭ ئىچىگە قاراپ بىر كۈن يول ماڭدى. ئۇ ئۇ يەردىكى بىر شىۋاقنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭ ئاستىدا ئولتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىگە تىلەك تىلەپ: ــ ئى پەرۋەردىگار ئەمدى بولدى، جېنىمنى ئالغىن؛ نېمىلا دېگەنبىلەن مەن ئاتا-بوۋىلىرىمدىن ئارتۇق ئەمەسمەن، ــ دېدى. |
וישכב ויישן תחת רתם אחד והנה זה מלאך נגע בו ויאמר לו קום אכול | 5 |
ئۇ شۇ شىۋاق ئاستىدا يېتىپ ئۇخلاپ قالدى. مانا بىر پەرىشتە ئۇنى نوقۇپ ئۇنىڭغا: ــ قوپۇپ، نان يېگىن، دېدى. |
ויבט והנה מראשתיו עגת רצפים וצפחת מים ויאכל וישת וישב וישכב | 6 |
ئۇ قارىسا بېشىدا قىزىق چوغلاردا پىشىۋاتقان بىر پوشكال ۋە بىر كوزا سۇ تۇراتتى. ئۇ يەپ-ئىچىپ يەنە ئۇخلىغىلى ياتتى. |
וישב מלאך יהוה שנית ויגע בו ויאמר קום אכל כי רב ממך הדרך | 7 |
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يەنە كېلىپ ئىككىنچى قېتىم ئۇنى نوقۇپ ئۇنىڭغا: ــ قوپۇپ نان يېگىن. بولمىسا يولۇڭنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرەلمەيسەن، دېدى. |
ויקם ויאכל וישתה וילך בכח האכילה ההיא ארבעים יום וארבעים לילה עד הר האלהים חרב | 8 |
ئۇ قوپۇپ يەپ-ئىچتى. شۇ تائامدىن ئالغان قۇۋۋەت بىلەن ئۇ قىرىق كېچە-كۈندۈز مېڭىپ خۇدانىڭ تېغى ھورەبگە يېتىپ باردى. |
ויבא שם אל המערה וילן שם והנה דבר יהוה אליו ויאמר לו מה לך פה אליהו | 9 |
ئۇ ئۇ يەردىكى غارغا كىرىپ قوندى. ۋە مانا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ ئى ئىلىياس، بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسەن؟ |
ויאמר קנא קנאתי ליהוה אלהי צבאות כי עזבו בריתך בני ישראל--את מזבחתיך הרסו ואת נביאיך הרגו בחרב ואותר אני לבדי ויבקשו את נפשי לקחתה | 10 |
ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا پەرۋەردىگار ئۈچۈن زور ئوتلۇق مۇھەببەت بىلەن ھەسەت قىلدىم. چۈنكى ئىسرائىللار سېنىڭ ئەھدەڭنى تاشلاپ قۇربانگاھلىرىڭنى يىقىتىپ، سېنىڭ پەيغەمبەرلىرىڭنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈردى. مەن، يالغۇز مەنلا قالدىم ۋە ئۇلار مېنىڭ جېنىمنى ئالغىلى قەستلەۋاتىدۇ، دېدى. |
ויאמר צא ועמדת בהר לפני יהוה והנה יהוה עבר ורוח גדולה וחזק מפרק הרים ומשבר סלעים לפני יהוה לא ברוח יהוה ואחר הרוח רעש לא ברעש יהוה | 11 |
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تاغدا تۇرغىن، دېدى. مانا، پەرۋەردىگار ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى؛ [ئۇنىڭ ئالدىدا] زور كۈچلۈك بىر شامال چىقىپ، تاغلارنى سۇندۇرۇپ، قورام تاشلارنى پارچىلاپ چېقىۋەتتى. لېكىن پەرۋەردىگار شامالدا ئەمەس ئىدى. شامالدىن كېيىن بىر يەر تەۋرەش بولدى. لېكىن پەرۋەردىگار يەر تەۋرەشتە ئەمەس ئىدى. |
ואחר הרעש אש לא באש יהוה ואחר האש קול דממה דקה | 12 |
يەر تەۋرەشتىن كېيىن بىر لاۋۇلدىغان ئوت كۆتۈرۈلدى. لېكىن پەرۋەردىگار ئوتتا ئەمەس ئىدى. ئوتتىن كېيىن بوشقىنا، مۇلايىم بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. |
ויהי כשמע אליהו וילט פניו באדרתו ויצא ויעמד פתח המערה והנה אליו קול ויאמר מה לך פה אליהו | 13 |
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئىلىياس شۇنى ئاڭلاپ، يۈزىنى يېپىنچىسى بىلەن ئوراپ غارنىڭ ئاغزىغا بېرىپ تۇردى. مانا، بىر ئاۋاز چىقىپ ئۇنىڭغا: ــ ئى ئىلىياس، سەن بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسەن؟ ــ دېدى. |
ויאמר קנא קנאתי ליהוה אלהי צבאות כי עזבו בריתך בני ישראל--את מזבחתיך הרסו ואת נביאיך הרגו בחרב ואותר אני לבדי ויבקשו את נפשי לקחתה | 14 |
ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا پەرۋەردىگار ئۈچۈن زور ئوتلۇق مۇھەببەت بىلەن ھەسەت قىلدىم. چۈنكى ئىسرائىللار سېنىڭ ئەھدەڭنى تاشلاپ قۇربانگاھلىرىڭنى يىقىتىپ، سېنىڭ پەيغەمبەرلىرىڭنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈردى. مەن يالغۇز مەنلا قالدىم ۋە ئۇلار مېنىڭ جېنىمنى ئالغىلى قەستلەۋاتىدۇ، دېدى. |
ויאמר יהוה אליו לך שוב לדרכך מדברה דמשק ובאת ומשחת את חזאל למלך--על ארם | 15 |
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ بارغىن، كەلگەن يولۇڭ بىلەن قايتىپ، ئاندىن دەمەشقنىڭ چۆلىگە بارغىن. ئۇ يەرگە بارغاندا ھازائەلنى سۇرىيە ئۈستىگە پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلغىن. |
ואת יהוא בן נמשי תמשח למלך על ישראל ואת אלישע בן שפט מאבל מחולה תמשח לנביא תחתיך | 16 |
ئاندىن نىمشىنىڭ ئوغلى يەھۇنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلغىن؛ ئۆز ئورنۇڭغا پەيغەمبەر بولۇشقا ئابەل-مەھولاھلىق شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشانىمۇ مەسىھ قىلغىن. |
והיה הנמלט מחרב חזאל--ימית יהוא והנמלט מחרב יהוא ימית אלישע | 17 |
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ھازائەلنىڭ قىلىچىدىن قېچىپ قۇتۇلغان ھەربىرىنى يەھۇ ئۆلتۈرىدۇ؛ يەھۇنىڭ قىلىچىدىن قېچىپ قۇتۇلغان ھەربىرىنى ئېلىشا ئۆلتۈرىدۇ. |
והשארתי בישראל שבעת אלפים כל הברכים אשר לא כרעו לבעל וכל הפה אשר לא נשק לו | 18 |
لېكىن ئىسرائىلدا يەتتە مىڭ كىشىنى، يەنى بائالنىڭ ئالدىدا تىزلىرىنى پۈكمىگەن ۋە ئۇنىڭغا ئاغزىنى سۆيگۈزمىگەن ھەربىرىنى ئۆزۈمگە ساقلاپ قالدۇردۇم، ــ دېدى. |
וילך משם וימצא את אלישע בן שפט והוא חרש שנים עשר צמדים לפניו והוא בשנים העשר ויעבר אליהו אליו וישלך אדרתו אליו | 19 |
ئۇ ئۇ يەردىن چىقىپ، شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشانى تاپتى. ئۇ چاغدا ئۇ يەر ھەيدەۋاتاتتى؛ ئۇنىڭ ئالدىدا ئون ئىككى جۈپ ئۇي بار ئىدى، ئۇ ئون ئىككىنچىسى بىلەن قوش ھەيدەۋاتاتتى. ئىلىياس كېلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆز يېپىنچىسىنى تاشلاپ ئارتىپ قويدى. |
ויעזב את הבקר וירץ אחרי אליהו ויאמר אשקה נא לאבי ולאמי ואלכה אחריך ויאמר לו לך שוב כי מה עשיתי לך | 20 |
ئۇ ئۇيلارنى تاشلاپ ئىلىياسنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ كېلىپ: ــ مېنى بېرىپ ئاتام بىلەن ئانامنى سۆيگىلى قويغىن، ئاندىن مەن كېلىپ ساڭا ئەگىشەي، ــ دېدى. ئۇ ئۇنىڭغا: ــ قايتقىن؛ مەن ساڭا نېمە قىلدىم؟ ــ دېدى. |
וישב מאחריו ויקח את צמד הבקר ויזבחהו ובכלי הבקר בשלם הבשר ויתן לעם ויאכלו ויקם וילך אחרי אליהו--וישרתהו | 21 |
ئۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ، ئۆزى ئىشلەتكەن بىر جۈپ ئۇينى سويۇپ، ئۇلارنىڭ جابدۇقىنى ئوتۇن قىلىپ، گۆشىنى پىشۇرۇپ خەلققە بېرىۋىدى، ئۇلار يېدى. ئاندىن ئۇ ئورنىدىن قوپۇپ ئىلىياسنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولدى. |