ויהי ימים רבים ודבר יהוה היה אל אליהו בשנה השלישית לאמר לך הראה אל אחאב ואתנה מטר על פני האדמה | 1 |
ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى [قۇرغاقچىلىقنىڭ] ئۈچىنچى يىلىدا ئىلىياسقا كېلىپ: ــ سەن بېرىپ ئۆزۈڭنى ئاھابنىڭ ئالدىدا ئايان قىلغىن، ۋە مەن يەر يۈزىگە يامغۇر ياغدۇرىمەن، دېيىلدى. |
וילך אליהו להראות אל אחאב והרעב חזק בשמרון | 2 |
شۇنىڭ بىلەن ئىلىياس ئۆزىنى ئاھابنىڭ ئالدىدا ئايان قىلغىلى چىقىپ كەتتى. ئاچارچىلىق بولسا سامارىيەدە قاتتىق ئىدى. |
ויקרא אחאב אל עבדיהו אשר על הבית ועבדיהו היה ירא את יהוה--מאד | 3 |
ئاھاب ئوردىسىدىكى غوجىدار ئوبادىيانى چاقىردى (ئوبادىيا تولىمۇ تەقۋادار كىشى بولۇپ پەرۋەردىگاردىن ئىنتايىن قورقاتتى. |
ויהי בהכרית איזבל את נביאי יהוה ויקח עבדיהו מאה נביאים ויחביאם חמשים איש במערה וכלכלם לחם ומים | 4 |
يىزەبەل پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ يوقىتىۋاتقاندا ئوبادىيا يۈز پەيغەمبەرنى ئېلىپ ئەللىكتىن-ئەللىكتىن ئايرىم-ئايرىم ئىككى غارغا يوشۇرۇپ، ئۇلارنى نان ۋە سۇ بىلەن باققانىدى). |
ויאמר אחאב אל עבדיהו לך בארץ אל כל מעיני המים ואל כל הנחלים אולי נמצא חציר ונחיה סוס ופרד ולוא נכרית מהבהמה | 5 |
ئاھاب ئوبادىياغا: ــ زېمىننى كېزىپ ھەممە بۇلاق ۋە ھەممە جىلغىلارغا بېرىپ باققىن؛ ئۇ يەرلەردە ئات-قېچىرلارنى تىرىك ساقلىغۇدەك ئوت-چۆپ تېپىلارمىكىن؟ شۇنداق بولسا بىزنىڭ ئۇلاغلىرىمىزنىڭ بىر قىسمىنى سويماي تۇرالارمىز، دېدى. |
ויחלקו להם את הארץ לעבר בה אחאב הלך בדרך אחד לבדו ועבדיהו הלך בדרך אחד לבדו | 6 |
ئۇلار ھەربىرى جايلارغا بۆلۈنۈپ ماڭدى؛ ئاھاب ئۆز ئالدىغا ماڭدى، ئوبادىيامۇ ئۆز ئالدىغا ماڭدى. |
ויהי עבדיהו בדרך והנה אליהו לקראתו ויכרהו ויפל על פניו ויאמר האתה זה אדני אליהו | 7 |
ئوبادىيا ئۆز يولىدا كېتىپ بارغاندا، مانا، ئۇنىڭغا ئىلىياس ئۇچرىدى. ئۇ ئۇنى تونۇپ يەرگە يىقىلىپ دۈم يېتىپ: بۇ راست سەن، غوجام ئىلىياسمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. |
ויאמר לו אני לך אמר לאדניך הנה אליהו | 8 |
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ بۇ مەن. بېرىپ ئۆز غوجاڭغا: ــ ئىلىياس قايتىپ كەلدى! دەپ ئېيتقىن، دېدى. |
ויאמר מה חטאתי כי אתה נתן את עבדך ביד אחאב--להמיתני | 9 |
ئۇ ئىلىياسقا مۇنداق دېدى: ــ «سەن قانداقسىگە كەمىنەڭنى ئۆلتۈرگىلى ئاھابنىڭ قولىغا تاپشۇرماقچى بولىسەن، مەن زادى نېمە گۇناھ قىلدىم؟ |
חי יהוה אלהיך אם יש גוי וממלכה אשר לא שלח אדני שם לבקשך ואמרו אין והשביע את הממלכה ואת הגוי כי לא ימצאכה | 10 |
ئۆز خۇدايىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، غوجام ئادەم ئەۋەتىپ سېنى ئىزدىمىگەن ھېچ ئەل ۋە مەملىكەت قالمىدى. شۇ ئەل، مەملىكەتلەر: «ئۇ بۇ يەردە يوق» دېسە، پادىشاھ ئۇلارغا سېنى تاپالمىغانغا قەسەم ئىچكۈزدى. |
ועתה אתה אמר לך אמר לאדניך הנה אליהו | 11 |
لېكىن سەن ماڭا ھازىر: ــ «بېرىپ غوجاڭغا: ــ ئىلىياس قايتىپ كەلدى! دېگىن» ــ دەيسەن! |
והיה אני אלך מאתך ורוח יהוה ישאך על אשר לא אדע ובאתי להגיד לאחאב ולא ימצאך והרגני ועבדך ירא את יהוה מנערי | 12 |
مەن قېشىڭدىن كەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ روھى سېنى مەن بىلمىگەن يەرگە ئېلىپ بارىدۇ؛ شۇنداقتا مەن ئاھابقا خەۋەر يەتكۈزۈپ، لېكىن ئۇ سېنى تاپالمىسا، مېنى ئۆلتۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، كەمىنەڭ ياشلىقىمدىن تارتىپ پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ كەلگەنمەن. |
הלא הגד לאדני את אשר עשיתי בהרג איזבל את נביאי יהוה ואחבא מנביאי יהוה מאה איש חמשים חמשים איש במערה ואכלכלם לחם ומים | 13 |
يىزەبەل پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈرگەندە مېنىڭ قانداق قىلغىنىم، يەنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن يۈزنى ئەللىكتىن-ئەللىكتىن ئايرىم-ئايرىم ئىككى غارغا يوشۇرۇپ، ئۇلارنى نان ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەپ باققانلىقىم سەن غوجامغا مەلۇم قىلىنغان ئەمەسمۇ؟ |
ועתה אתה אמר לך אמר לאדניך הנה אליהו והרגני | 14 |
ئەمدى سەن ھازىر ماڭا: ــ «بېرىپ غوجاڭغا: ــ مانا ئىلىياس كەلدى دېگىن»، ــ دېدىڭ. شۇنداق قىلسام ئۇ مېنى ئۆلتۈرىدۇ!». |
ויאמר אליהו חי יהוה צבאות אשר עמדתי לפניו כי היום אראה אליו | 15 |
لېكىن ئىلىياس: ــ مەن خىزمىتىدە تۇرۇۋاتقان ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن جەزمەن بۈگۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ئايان بولىمەن، دېدى. |
וילך עבדיהו לקראת אחאב ויגד לו וילך אחאב לקראת אליהו | 16 |
شۇنىڭ بىلەن ئوبادىيا ئاھابنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا خەۋەر بەردى. ئاھاب ئىلىياس بىلەن كۆرۈشكىلى باردى. |
ויהי כראות אחאב את אליהו ויאמר אחאב אליו האתה זה עכר ישראל | 17 |
ئاھاب ئىلىياسنى كۆرگەندە ئۇنىڭغا: ــ بۇ سەنمۇ، ئى ئىسرائىلغا بالا كەلتۈرگۈچى؟! ــ دېدى. |
ויאמר לא עכרתי את ישראל כי אם אתה ובית אביך--בעזבכם את מצות יהוה ותלך אחרי הבעלים | 18 |
ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ئىسرائىلغا بالا كەلتۈرگۈچى مەن ئەمەس، بەلكى سەن بىلەن ئاتاڭنىڭ جەمەتىدىكىلەر! چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىنى تاشلاپ بائال دېگەن بۇتلارغا تايىنىپ ئەگەشكەنسىلەر. |
ועתה שלח קבץ אלי את כל ישראל--אל הר הכרמל ואת נביאי הבעל ארבע מאות וחמשים ונביאי האשרה ארבע מאות אכלי שלחן איזבל | 19 |
ئەمدى ئادەم ئەۋەتىپ كارمەل تېغىدا پۈتكۈل ئىسرائىلنى يېنىمغا جەم قىل، شۇنداقلا يىزەبەلنىڭ داستىخىنىدىن غىزالىنىدىغان بائالنىڭ تۆت يۈز ئەللىك پەيغەمبىرى بىلەن ئاشەراھنىڭ تۆت يۈز پەيغەمبىرىنى يىغدۇر، ــ دېدى. |
וישלח אחאב בכל בני ישראל ויקבץ את הנביאים אל הר הכרמל | 20 |
شۇنىڭ بىلەن ئاھاب ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسىگە ئادەملەرنى ئەۋەتىپ، پەيغەمبەرلەرنى كارمەل تېغىغا يىغدۇردى. |
ויגש אליהו אל כל העם ויאמר עד מתי אתם פסחים על שתי הסעפים--אם יהוה האלהים לכו אחריו ואם הבעל לכו אחריו ולא ענו העם אתו דבר | 21 |
ئىلىياس بارلىق خەلققە يېقىن كېلىپ: ــ قاچانغىچە ئىككى پىكىر ئارىسىدا ئارىسالدى تۇرىسىلەر؟ ئەگەر پەرۋەردىگار خۇدا بولسا، ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار؛ بائال خۇدا بولسا، ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، دېدى. ئەمما خەلق ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەي، ئۈن-تىن چىقارمىدى. |
ויאמר אליהו אל העם אני נותרתי נביא ליהוה לבדי ונביאי הבעל ארבע מאות וחמשים איש | 22 |
ئىلىياس خەلققە: ــ پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن پەقەت مەن يالغۇز قالدىم. ئەمما بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرى تۆت يۈز ئەللىك كىشىدۇر. |
ויתנו לנו שנים פרים ויבחרו להם הפר האחד וינתחהו וישימו על העצים ואש לא ישימו ואני אעשה את הפר האחד ונתתי על העצים ואש לא אשים | 23 |
ئەمدى بىزگە ئىككى بۇقا بېرىلسۇن. ئۇلار ئۆزلىرىگە بىر بۇقىنى تاللاپ، سويۇپ پارچىلاپ ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويسۇن، ئەمما ئوت ياقمىسۇن. مەنمۇ باشقا بىر بۇقىنى تەييار قىلىپ ئوت ياقماي ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قوياي. |
וקראתם בשם אלהיכם ואני אקרא בשם יהוה והיה האלהים אשר יענה באש הוא האלהים ויען כל העם ויאמרו טוב הדבר | 24 |
سىلەر بولساڭلار، ئۆز ئىلاھلىرىڭلارنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلىڭلار. مەن بولسام، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلىمەن. قايسى خۇدا ئوت بىلەن جاۋاب بەرسە، شۇ خۇدا بولسۇن، دېدى. ھەممە خەلق: ــ بۇ ئوبدان گەپ، دەپ جاۋاب بەردى. |
ויאמר אליהו לנביאי הבעל בחרו לכם הפר האחד ועשו ראשנה כי אתם הרבים וקראו בשם אלהיכם ואש לא תשימו | 25 |
ئىلىياس بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە: سىلەر كۆپ بولغاچ ئاۋۋال ئۆزۈڭلار ئۈچۈن بىر بۇقىنى تاللاپ تەييار قىلىڭلار؛ ئاندىن ھېچ ئوت ياقماي ئۆز ئىلاھىڭلارنىڭ نامىنى قىچقىرىپ نىدا قىلىڭلار، دېدى. |
ויקחו את הפר אשר נתן להם ויעשו ויקראו בשם הבעל מהבקר ועד הצהרים לאמר הבעל עננו ואין קול ואין ענה ויפסחו על המזבח אשר עשה | 26 |
ئۇلار ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ئۆزلىرىگە بېرىلگەن بۇقىنى ئېلىپ ئۇنى تەييار قىلدى. ئەتىگەندىن چۈشكىچە ئۇلار بائالنىڭ نامىنى قىچقىرىپ: ــ ئى بائال، بىزگە جاۋاب بەرگىن! دەپ نىدا قىلدى. لېكىن ھېچ ئاۋاز ياكى ھېچ جاۋاب بولمىدى. ئۇلار راسلانغان قۇربانگاھ چۆرىسىدە توختىماي سەكرەيتتى. |
ויהי בצהרים ויהתל בהם אליהו ויאמר קראו בקול גדול כי אלהים הוא--כי שיח וכי שיג לו וכי דרך לו אולי ישן הוא ויקץ | 27 |
چۈش كىرگەندە ئىلىياس ئۇلارنى زاڭلىق قىلىپ: ــ ئۈنلۈكرەك قىچقىرىڭلار؛ چۈنكى ئۇ بىر ئىلاھ ئەمەسمۇ؟ بەلكىم ئۇ چوڭقۇر خىيالغا چۆمۈپ كەتكەندۇ، ياكى ئىش بىلەن چىقىپ كەتكەندۇ، ياكى بىر سەپەرگە چىقىپ كەتكەندۇ؟ ياكى بولمىسا ئۇ ئۇخلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، ئۇنى ئويغىتىشىڭلار كېرەك؟! ــ دېدى. |
ויקראו בקול גדול ויתגדדו כמשפטם בחרבות וברמחים--עד שפך דם עליהם | 28 |
ئۇلار تېخىمۇ ئۈنلۈك چاقىرىپ ئۆز قائىدىسى بويىچە قانغا مىلىنىپ كەتكۈچە ئۆزلىرىنى قىلىچ ۋە نەيزە بىلەن تىلاتتى. |
ויהי כעבר הצהרים ויתנבאו עד לעלות המנחה ואין קול ואין ענה ואין קשב | 29 |
چۈشتىن كېيىن ئۇلار «بېشارەت بېرىۋاتقان» ھالەتكە چۈشۈپ كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتىغىچە شۇ ھالەتتە تۇردى. لېكىن ھېچ ئاۋاز ئاڭلانمىدى، ياكى جاۋاب بەرگۈچى ياكى ئىجابەت قىلغۇچى مەلۇم بولمىدى. |
ויאמר אליהו לכל העם גשו אלי ויגשו כל העם אליו וירפא את מזבח יהוה ההרוס | 30 |
ئىلىياس ھەممە خەلققە: ــ يېنىمغا يېقىن كېلىڭلار، دېدى. ھەممە خەلق ئۇنىڭغا يېقىن كەلگەندىن كېيىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ شۇ يەردىكى يىقىتىلغان قۇربانگاھىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى. |
ויקח אליהו שתים עשרה אבנים כמספר שבטי בני יעקב--אשר היה דבר יהוה אליו לאמר ישראל יהיה שמך | 31 |
ئىلىياس ئون ئىككى تاشنى ئالدى. بۇ تاشلارنىڭ سانى پەرۋەردىگارنىڭ «نامىڭ ئىسرائىل بولسۇن» دېگەن سۆزىنى تاپشۇرۇۋالغان ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرىدىن چىققان قەبىلىلەرنىڭ سانى بىلەن ئوخشاش ئىدى. |
ויבנה את האבנים מזבח בשם יהוה ויעש תעלה כבית סאתים זרע סביב למזבח | 32 |
شۇ تاشلاردىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن بىر قۇربانگاھنى ياسىدى. ئۇ قۇربانگاھنىڭ چۆرىسىدە ئىككى سېئاھ دان پاتقۇدەك ئازگال كولىدى. |
ויערך את העצים וינתח את הפר וישם על העצים | 33 |
ئاندىن ئۇ ئوتۇننى راستلاپ، بۇقىنى پارچىلاپ ئوتۇننىڭ تۆپىسىگە قويدى. |
ויאמר מלאו ארבעה כדים מים ויצקו על העלה ועל העצים ויאמר שנו וישנו ויאמר שלשו וישלשו | 34 |
ئۇ: ــ تۆت ئىدىشنى سۇغا توشقۇزۇپ ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئوتۇننىڭ ئۈستىگە تۆكۈڭلار، ــ دېدى. ئاندىن: يەنە بىر قېتىم قىلىڭلار» ــ دېۋىدى، ئۇلار شۇنداق قىلدى. ئۇ يەنە: ــ ئۈچىنچى مەرتىۋە شۇنداق قىلىڭلار، دېدى. ئۇلار ئۈچىنچى مەرتىۋە شۇنداق قىلغاندا |
וילכו המים סביב למזבח וגם את התעלה מלא מים | 35 |
سۇ قۇربانگاھنىڭ چۆرىسىدىن ئېقىپ چۈشۈپ، كولانغان ئازگالنىمۇ سۇ بىلەن تولدۇردى. |
ויהי בעלות המנחה ויגש אליהו הנביא ויאמר יהוה אלהי אברהם יצחק וישראל היום יודע כי אתה אלהים בישראל ואני עבדך ובדבריך (ובדברך) עשיתי את כל הדברים האלה | 36 |
كەچلىك قۇربانلىقنىڭ ۋاقتى كەلگەندە ئىلىياس پەيغەمبەر قۇربانلىققا يېقىن كېلىپ مۇنداق دۇئا قىلدى: ــ ئەي پەرۋەردىگار، ئىبراھىم بىلەن ئىسھاق ۋە ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، ئۆزۈڭنىڭ ئىسرائىلدا خۇدا بولغىنىڭنى ئاشكارا قىلغايسەن، شۇنداقلا مېنىڭ سېنىڭ قۇلۇڭ بولۇپ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بۇيرۇقۇڭ بىلەن قىلغانلىقىمنى بۈگۈن بىلدۈرگەيسەن. |
ענני יהוה ענני וידעו העם הזה כי אתה יהוה האלהים ואתה הסבת את לבם אחרנית | 37 |
ماڭا ئىجابەت قىلغايسەن، ئەي پەرۋەردىگار، ئىجابەت قىلغايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن بۇ خەلققە سەن پەرۋەردىگارنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىڭنى ھەمدە ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى توغرا يولغا ياندۇرغۇچى ئۆزۈڭ ئىكەنلىكىڭنى بىلدۈرگەيسەن، دېدى. |
ותפל אש יהוה ותאכל את העלה ואת העצים ואת האבנים ואת העפר ואת המים אשר בתעלה לחכה | 38 |
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئوتى چۈشۈپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى، ئوتۇننى، تاشلارنى ۋە توپىنى كۆيدۈرۈپ ئازگالدىكى سۇنىمۇ يوقىتىۋەتتى. |
וירא כל העם ויפלו על פניהם ויאמרו--יהוה הוא האלהים יהוה הוא האלהים | 39 |
خەلقلەرنىڭ ھەممىسى بۇنى كۆرۈپلا، ئۇلار دۈم يىقىلىپ: ــ پەرۋەردىگار، ئۇ خۇدادۇر، پەرۋەردىگار، ئۇ خۇدادۇر، دېيىشتى. |
ויאמר אליהו להם תפשו את נביאי הבעל איש אל ימלט מהם--ויתפשום ויורדם אליהו אל נחל קישון וישחטם שם | 40 |
ئىلىياس خەلققە بۇيرۇپ: ــ بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى تۇتۇڭلار، ھېچقايسىنى قويۇپ بەرمەڭلار، ــ دېدى. ئۇلار ئۇلارنى تۇتقاندا ئىلىياس ئۇلارنى كىشۇن جىلغىسىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردە قەتل قىلدۇردى. |
ויאמר אליהו לאחאב עלה אכל ושתה כי קול המון הגשם | 41 |
ئىلىياس ئاھابقا بولسا: ــ چىقىپ يەپ-ئىچكىن. چۈنكى قاتتىق يامغۇرنىڭ شالدىرلىغان ئاۋازى ئاڭلانماقتا، ــ دېدى. |
ויעלה אחאב לאכל ולשתות ואליהו עלה אל ראש הכרמל ויגהר ארצה וישם פניו בין ברכו | 42 |
ئاھاب قوپۇپ يەپ-ئىچىش ئۈچۈن چىقتى. ئەمما ئىلىياس كارمەلنىڭ چوققىسىغا چىقىپ يەرگە ئېڭىشىپ، بېشىنى تىزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ تىزلىنىپ |
ויאמר אל נערו עלה נא הבט דרך ים ויעל ויבט ויאמר אין מאומה ויאמר שב שבע פעמים | 43 |
خىزمەتكارىغا: ــ چىقىپ دېڭىز تەرەپكە قارىغىن، دېدى. ئۇ چىقىپ سەپسېلىپ قاراپ: ــ ھېچنەرسە كۆرۈنمەيدۇ، دېدى. ئۇ جەمئىي يەتتە قېتىم: ــ بېرىپ قاراپ باققىن، دەپ بۇيرۇدى. |
ויהי בשבעית ויאמר הנה עב קטנה ככף איש עלה מים ויאמר עלה אמר אל אחאב אסר ורד ולא יעצרכה הגשם | 44 |
يەتتىنچى قېتىم كەلگەندە ئۇ: ــ مانا، دېڭىزدىن چىقىۋاتقان، ئادەم ئالىقىنىدەك كىچىك بىر بۇلۇتنى كۆردۇم ــ دېدى. ئىلىياس ئۇنىڭغا: ــ چىقىپ ئاھابقا: ــ «ھارۋىنى قېتىپ تۆۋەنگە چۈشكىن، بولمىسا يامغۇر سېنى توسۇۋالىدۇ»، دەپ ئېيتقىن، ــ دېدى. |
ויהי עד כה ועד כה והשמים התקדרו עבים ורוח ויהי גשם גדול וירכב אחאב וילך יזרעאלה | 45 |
ئاڭغۇچە ئاسمان بۇلۇت بىلەن تۇتۇلۇپ، بوران چىقىپ قاتتىق بىر يامغۇر ياغدى. ئاھاب ھارۋىغا چىقىپ يىزرەئەلگە كەتتى. |
ויד יהוה היתה אל אליהו וישנס מתניו וירץ לפני אחאב עד באכה יזרעאלה | 46 |
پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئىلىياسنىڭ ۋۇجۇدىدا تۇرغاچ، ئۇ بېلىنى باغلاپ ئاھابنىڭ ئالدىدا يىزرەئەلنىڭ كىرىش ئېغىزىغىچە يۈگۈرۈپ ماڭدى. |