ויהי דבר יהוה אל יהוא בן חנני על בעשא לאמר | 1 |
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھانانىنىڭ ئوغلى يەھۇغا كېلىپ بائاشانى ئەيىبلەپ مۇنداق دېيىلدى: ــ |
יען אשר הרימתיך מן העפר ואתנך נגיד על עמי ישראל ותלך בדרך ירבעם ותחטא את עמי ישראל להכעיסני בחטאתם | 2 |
«مانا، مەن سېنى توپا-چاڭ ئىچىدىن چىقىرىپ، خەلقىم ئىسرائىلغا ھۆكۈمران قىلىپ قويدۇم. لېكىن سەن يەروبوئامنىڭ يولىدا يۈرۈپ خەلقىم ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇردۇڭ، ئۇلار گۇناھلىرى بىلەن غەزىپىمنى قوزغىدى. |
הנני מבעיר אחרי בעשא ואחרי ביתו ונתתי את ביתך כבית ירבעם בן נבט | 3 |
مانا، مەن بائاشانى ئۆز جەمەتى بىلەن سۈپۈرۈپ يوقىتىپ، جەمەتىڭنى نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ جەمەتىگە ئوخشاش قىلىمەن. |
המת לבעשא בעיר יאכלו הכלבים והמת לו בשדה יאכלו עוף השמים | 4 |
بائاشادىن بولغانلاردىن شەھەردە ئۆلگىنىنى ئىتلار يەيدۇ؛ سەھرادا ئۆلگىنىنى ئاسماندىكى قۇشلار يەيدۇ». |
ויתר דברי בעשא ואשר עשה וגבורתו הלא הם כתובים על ספר דברי הימים--למלכי ישראל | 5 |
بائاشانىڭ باشقا ئىشلىرى ۋە ئۇنىڭ قىلغانلىرى بىلەن قۇدرىتى توغرىسىدا «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ |
וישכב בעשא עם אבתיו ויקבר בתרצה וימלך אלה בנו תחתיו | 6 |
بائاشا ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە تىرزاھتا دەپنە قىلىندى؛ ئاندىن ئۇنىڭ ئوغلى ئېلاھ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. |
וגם ביד יהוא בן חנני הנביא דבר יהוה היה אל בעשא ואל ביתו ועל כל הרעה אשר עשה בעיני יהוה להכעיסו במעשה ידיו להיות כבית ירבעם ועל אשר הכה אתו | 7 |
بائاشانىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە قىلغان بارلىق رەزىللىكى تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگارنىڭ بائاشانىڭ بېشىغا ۋە ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ بېشىغا چۈشۈرگىنى توغرۇلۇق سۆزى ھانانىنىڭ ئوغلى يەھۇ پەيغەمبەر ئارقىلىق بېرىلگەنىدى. چۈنكى ئۇ يەروبوئامنىڭ جەمەتى قىلغىنىغا ئوخشاش قىلىپ ئۆز قوللىرىنىڭ ئىشلىرى (جۈملىدىن يەروبوئامنىڭ جەمەتىنى چېپىپ ئۆلتۈرگەنلىكى) بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. |
בשנת עשרים ושש שנה לאסא מלך יהודה מלך אלה בן בעשא על ישראל בתרצה--שנתים | 8 |
يەھۇدا پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمە ئالتىنچى يىلىدا، بائاشانىڭ ئوغلى ئېلاھ تىرزاھتا ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى. |
ויקשר עליו עבדו זמרי שר מחצית הרכב והוא בתרצה שתה שכור בית ארצא אשר על הבית בתרצה | 9 |
لېكىن ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ يېرىمىغا سەردار بولغان خىزمەتكارى زىمرى ئۇنىڭغا قەست قىلدى؛ [ئېلاھ] تىرزاھتا تىرزاھتىكى ئوردىسىدىكى غوجىدار ئارزانىڭ ئۆيىدە شاراب ئىچىپ مەست بولغاندا |
ויבא זמרי ויכהו וימיתהו בשנת עשרים ושבע לאסא מלך יהודה וימלך תחתיו | 10 |
زىمرى كىرىپ ئۇنى چېپىپ ئۆلتۈردى. بۇ ۋاقىت يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمە يەتتىنچى يىلى ئىدى. زىمرى ئېلاھنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. |
ויהי במלכו כשבתו על כסאו הכה את כל בית בעשא--לא השאיר לו משתין בקיר וגאליו ורעהו | 11 |
ئۇ پادىشاھ بولۇپ ئۆز تەختىدە ئولتۇرۇشى بىلەنلا ئۇ بائاشانىڭ بارلىق جەمەتىنى چېپىپ ئۆلتۈردى؛ ئۇ ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرىدىن بىر ئەركەكنىمۇ تىرىك قالدۇرمىدى. |
וישמד זמרי את כל בית בעשא כדבר יהוה אשר דבר אל בעשא ביד יהוא הנביא | 12 |
شۇنداق قىلىپ زىمرى پەرۋەردىگارنىڭ يەھۇ پەيغەمبەر ئارقىلىق بائاشانى ئەيىبلىگەن سۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بائاشانىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى يوقاتتى. |
אל כל חטאות בעשא וחטאות אלה בנו--אשר חטאו ואשר החטיאו את ישראל להכעיס את יהוה אלהי ישראל בהבליהם | 13 |
بۇ ئىش بائاشانىڭ بارلىق گۇناھلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى ئېلاھنىڭ گۇناھلىرى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان گۇناھلىرى، ئەرزىمەس بۇتلىرى بىلەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، شۇنداق بولدى. |
ויתר דברי אלה וכל אשר עשה הלוא הם כתובים על ספר דברי הימים--למלכי ישראל | 14 |
ئېلاھنىڭ باشقا ئىشلىرى ۋە قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ |
בשנת עשרים ושבע שנה לאסא מלך יהודה מלך זמרי שבעת ימים בתרצה והעם חנים על גבתון אשר לפלשתים | 15 |
يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمە يەتتىنچى يىلىدا زىمرى تىرزاھتا يەتتە كۈن سەلتەنەت قىلدى. خەلق فىلىستىيلەرگە تەۋە بولغان گىببېتوننى قورشىۋېلىپ بارگاھ تىككەنىدى. |
וישמע העם החנים לאמר קשר זמרי וגם הכה את המלך וימלכו כל ישראל את עמרי שר צבא על ישראל ביום ההוא--במחנה | 16 |
بارگاھدا تۇرغان خالايىق: ــ «زىمرى قەست قىلىپ پادىشاھنى ئۆلتۈردى» دەپ ئاڭلىدى. شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل شۇ كۈنى بارگاھدا قوشۇننىڭ سەردارى ئومرىنى ئىسرائىلغا پادىشاھ قىلدى. |
ויעלה עמרי וכל ישראל עמו מגבתון ויצרו על תרצה | 17 |
ئاندىن ئومرى ئىسرائىلنىڭ ھەممىسىنى يېتەكلەپ، گىببېتوندىن چىقىپ، تىرزاھنى قورشىدى. |
ויהי כראות זמרי כי נלכדה העיר ויבא אל ארמון בית המלך וישרף עליו את בית מלך באש וימת | 18 |
ۋە شۇنداق بولدىكى، زىمرى شەھەرنىڭ ئېلىنغانلىقىنى كۆرۈپ، پادىشاھ ئوردىسىدىكى قورغانغا كىرىپ، ئوردىغا ئوت قويۇۋەتتى، ئۆزى كۆيۈپ ئۆلدى. |
על חטאתיו אשר חטא לעשות הרע בעיני יהוה--ללכת בדרך ירבעם ובחטאתו אשר עשה להחטיא את ישראל | 19 |
بۇ ئىش ئۆزىنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىللىك قىلىپ، يەروبوئامنىڭ يولىدا يۈرۈپ، ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان گۇناھتا ماڭغىنى ئۈچۈن شۇنداق بولدى. |
ויתר דברי זמרי וקשרו אשר קשר הלא הם כתובים על ספר דברי הימים--למלכי ישראל | 20 |
زىمرىنىڭ باشقا ئىشلىرى ۋە قەست قىلغىنى توغرىسىدا «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ |
אז יחלק העם ישראל לחצי חצי העם היה אחרי תבני בן גינת להמליכו והחצי אחרי עמרי | 21 |
ئەمما ئىسرائىل خەلقى ئىككىگە بۆلۈنۈپ، ئۇلارنىڭ يېرىمى گىناتنىڭ ئوغلى تىبنىنى پادىشاھ قىلىشقا ئۇنىڭغا ئەگەشتى؛ باشقا يېرىمى بولسا ئومرىگە ئەگەشتى. |
ויחזק העם אשר אחרי עמרי את העם אשר אחרי תבני בן גינת וימת תבני וימלך עמרי | 22 |
ئەمدى ئومرىگە ئەگەشكەن خەلق گىناتنىڭ ئوغلى تىبنىگە ئەگەشكەن خەلقتىن كۈچلۈك چىقتى. تىبنى ئۆلدى؛ ئومرى پادىشاھ بولدى. |
בשנת שלשים ואחת שנה לאסא מלך יהודה מלך עמרי על ישראל שתים עשרה שנה בתרצה מלך שש שנים | 23 |
يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسانىڭ ئوتتۇز بىرىنچى يىلىدا ئومرى ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ ئون ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇ تىرزاھتا ئالتە يىل سەلتەنەت قىلدى. |
ויקן את ההר שמרון מאת שמר--בככרים כסף ויבן את ההר ויקרא את שם העיר אשר בנה על שם שמר אדני ההר שמרון | 24 |
ئۇ شەمەردىن سامارىيە ئېگىزلىكىنى ئىككى تالانت كۈمۈشكە سېتىۋېلىپ، شۇ ئېگىزلىك ئۈستىگە قۇرۇلۇشلارنى سېلىپ بىر شەھەر بىنا قىلىپ، ئۇنى ئېگىزلىكنىڭ ئەسلىي ئىگىسى شەمەرنىڭ نامى بىلەن «سامارىيە» دەپ ئاتىدى. |
ויעשה עמרי הרע בעיני יהוה וירע מכל אשר לפניו | 25 |
ئومرى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى پادىشاھلارنىڭ ھەممىسىدىن بەتتەر بولۇپ يامانلىق قىلدى. |
וילך בכל דרך ירבעם בן נבט ובחטאתיו (ובחטאתו) אשר החטיא את ישראל להכעיס את יהוה אלהי ישראל--בהבליהם | 26 |
ئۇ نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ ھەممە يوللىرىدا، شۇنداقلا جۈملىدىن ئۇنىڭ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان گۇناھى ئىچىدە ماڭدى؛ ئۇلار ئەرزىمەس بۇتلىرى بىلەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. |
ויתר דברי עמרי אשר עשה וגבורתו אשר עשה הלא הם כתובים על ספר דברי הימים--למלכי ישראל | 27 |
ئومرىنىڭ باشقا ئىشلىرى، ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، كۆرسەتكەن قۇدرىتى توغرىسىدا «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ |
וישכב עמרי עם אבתיו ויקבר בשמרון וימלך אחאב בנו תחתיו | 28 |
ئومرى ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە سامارىيەدە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئۇنىڭ ئوغلى ئاھاب ئورنىدا پادىشاھ بولدى. |
ואחאב בן עמרי מלך על ישראל בשנת שלשים ושמנה שנה לאסא מלך יהודה וימלך אחאב בן עמרי על ישראל בשמרון עשרים ושתים שנה | 29 |
يەھۇدا پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز سەككىزىنچى يىلىدا ئومرىنىڭ ئوغلى ئاھاب ئىسرائىلغا پادىشاھ بولدى. ئومرىنىڭ ئوغلى ئاھاب سامارىيەدە يىگىرمە ئىككى يىل ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە سەلتەنەت قىلدى. |
ויעש אחאב בן עמרי הרע בעיני יהוה--מכל אשר לפניו | 30 |
ئەمما ئومرىنىڭ ئوغلى ئاھاب پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئۆزىدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئاشۇرۇپ يامانلىق قىلدى. |
ויהי הנקל לכתו בחטאות ירבעם בן נבט ויקח אשה את איזבל בת אתבעל מלך צידנים וילך ויעבד את הבעל וישתחו לו | 31 |
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىدا يۈرۈش ئانچە ئېغىر گۇناھ ئەمەستەك، ئۇ زىدونىيلارنىڭ پادىشاھى ئەتبائالنىڭ قىزى يىزەبەلنى خوتۇنلۇققا ئالدى ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇ بائال دېگەن بۇتنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلدى. |
ויקם מזבח לבעל בית הבעל אשר בנה בשמרון | 32 |
ئۇ سامارىيەدە ياسىغان بائالنىڭ بۇتخانىسى ئىچىگە بائالغا بىر قۇربانگاھ ياسىدى. |
ויעש אחאב את האשרה ויוסף אחאב לעשות להכעיס את יהוה אלהי ישראל מכל מלכי ישראל אשר היו לפניו | 33 |
ئاھاب ھەم بىر «ئاشەراھ بۇت»نىمۇ ياساتتى؛ ئاھاب شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆتكەن ئىسرائىلنىڭ ھەممە پادىشاھلىرىنىڭ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان ئىشلىرىدىن ئاشۇرۇپ يامانلىق قىلدى. |
בימיו בנה חיאל בית האלי--את יריחה באבירם בכרו יסדה ובשגיב (ובשגוב) צעירו הציב דלתיה כדבר יהוה אשר דבר ביד יהושע בן נון | 34 |
ئۇنىڭ كۈنلىرىدە بەيت-ئەللىك خىئەل يېرىخو شەھىرىنى ياسىدى؛ لېكىن ئۇ ئۇنىڭ ئۇلىنى سالغاندا تۇنجى ئوغلى ئابىرام ئۆلدى؛ ۋە دەرۋازىلىرىنى سالغاندا ئۇنىڭ كەنجى ئوغلى سەگۇب ئۆلدى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ئارقىلىق [يېرىخو توغرۇلۇق] ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. |