ויהי אחרי כן וימת נחש מלך בני עמון וימלך בנו תחתיו | 1 |
كېيىنكى ۋاقىتلاردا شۇنداق بولدىكى، ئاممونلارنىڭ پادىشاھى ناھاش ئۆلدى؛ ئوغلى ھانۇن ئورنىغا پادىشاھ بولدى. |
ויאמר דויד אעשה חסד עם חנון בן נחש כי עשה אביו עמי חסד וישלח דויד מלאכים לנחמו על אביו ויבאו עבדי דויד אל ארץ בני עמון אל חנון--לנחמו | 2 |
داۋۇت: «ناھاش ماڭا ئىلتىپات كۆرسەتكىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئوغلى ھانۇنغا ئىلتىپات كۆرسىتىمەن» دەپ، ئاتىسىنىڭ پەتىسىگە ئۇنىڭ كۆڭلىنى سوراشقا ھانۇننىڭ يېنىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى. داۋۇتنىڭ ئەلچىلىرى ئاممونلارنىڭ زېمىنغا يېتىپ كېلىپ، كۆڭلىنى سورىغىلى ھانۇن بىلەن كۆرۈشمەكچى بولدى. |
ויאמרו שרי בני עמון לחנון המכבד דויד את אביך בעיניך כי שלח לך מנחמים הלא בעבור לחקר ולהפך ולרגל הארץ באו עבדיו אליך | 3 |
لېكىن ئاممونلارنىڭ ئەمەلدارلىرى ھانۇنغا: «داۋۇتنى راستلا ئاتىلىرىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىپ سىلىگە كۆڭۈل سورىغىلى ئادەم ئەۋەتىپتۇ، دەپ قاراملا؟ ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىغا كېلىشى بۇ يەرنى كۈزىتىش، ئاغدۇرمىچىلىق قىلىش، چارلاش ئۈچۈن ئەمەسمىدۇ؟» ــ دېدى. |
ויקח חנון את עבדי דויד ויגלחם ויכרת את מדויהם בחצי עד המפשעה וישלחם | 4 |
شۇنىڭ بىلەن ھانۇن داۋۇتنىڭ خىزمەتكارلىرىنى تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ساقال-بۇرۇتلىرىنى چۈشۈرگۈزىۋېتىپ ھەم كىيىملىرىنىڭ بەلدىن تۆۋىنىنى كەستۈرۈۋېتىپ ئاندىن ئۇلارنى قويۇۋەتتى. |
וילכו ויגידו לדויד על האנשים וישלח לקראתם כי היו האנשים נכלמים מאד ויאמר המלך שבו בירחו עד אשר יצמח זקנכם ושבתם | 5 |
بەزىلەر كېلىپ داۋۇتقا ئەلچىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى؛ ئۇ ئۇلارنى كۈتۈۋېلىشقا ئالدىغا ئادەم ئەۋەتتى، چۈنكى ئۇلار تولىمۇ ئىزا-ئاھانەتتە قالغانىدى. شۇڭا پادىشاھ ئۇلارغا: «ساقال-بۇرۇتىڭلار ئۆسكىچىلىك يېرىخو شەھىرىدە تۇرۇپ ئاندىن يېنىپ كېلىڭلار» دېدى. |
ויראו בני עמון כי התבאשו עם דויד וישלח חנון ובני עמון אלף ככר כסף לשכר להם מן ארם נהרים ומן ארם מעכה ומצובה רכב ופרשים | 6 |
ئاممونلار ئۆزلىرىنىڭ داۋۇتنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدى، ھانۇن ۋە ئاممونلار ئارام-ناھارائىم، ئارام-مائاكاھ ۋە زوباھدىن جەڭ ھارۋىسى ۋە ئاتلىق لەشكەر ياللاشقا ئادەم ئەۋەتىپ مىڭ تالانت كۈمۈش بەردى. |
וישכרו להם שנים ושלשים אלף רכב ואת מלך מעכה ואת עמו ויבאו ויחנו לפני מידבא ובני עמון נאספו מעריהם ויבאו למלחמה | 7 |
ئۇلار ئوتتۇز ئىككى مىڭ جەڭ ھارۋىسى، شۇنداقلا مائاكاھ پادىشاھى بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنىنى ياللىۋالدى؛ ئۇلار مەدەبانىڭ ئالدىغا كېلىپ بارگاھ قۇردى. ئاممونلارمۇ جەڭ قىلىش ئۈچۈن ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن كېلىپ جەم بولۇشتى. |
וישמע דויד וישלח את יואב ואת כל צבא הגבורים | 8 |
داۋۇت بۇنى ئاڭلاپ يوئاب بىلەن بارلىق ئەسكەر قوشۇنىنى [ئۇلارنىڭ ئالدىغا] چىقاردى. |
ויצאו בני עמון ויערכו מלחמה פתח העיר והמלכים אשר באו לבדם בשדה | 9 |
ئاممونلار چىقىپ شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا سەپ تۈزۈپ تۇردى؛ جەڭگە ئاتلىنىپ چىققان پادىشاھلارمۇ دالادا ئايرىم سەپ تۈزۈپ تۇرۇشتى. |
וירא יואב כי היתה פני המלחמה אליו--פנים ואחור ויבחר מכל בחור בישראל ויערך לקראת ארם | 10 |
يوئاب ئۆزىنىڭ ئالدى-كەينىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، پۈتۈن ئىسرائىلدىن بىر قىسىم سەرخىل ئادەملەرنى تاللاپ، سۇرىيلەر بىلەن جەڭ قىلىشقا ئۇلارنى سەپتە تۇرغۇزدى؛ |
ואת יתר העם נתן ביד אבשי אחיו ויערכו לקראת בני עמון | 11 |
ئۇ قالغان ئادەملىرىنى ئىنىسى ئابىشايغا تاپشۇردى، شۇنىڭدەك ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاممونلار بىلەن جەڭ قىلىشقا سەپ قىلىپ تەييارلىدى. |
ויאמר אם תחזק ממני ארם--והיית לי לתשועה ואם בני עמון יחזקו ממך והושעתיך | 12 |
يوئاب ئابىشايغا: «ئەگەر سۇرىيلەر ماڭا كۈچلۈك كەلسە، سەن ماڭا ياردەم بەرگەيسەن؛ ئەمما ئاممونلار ساڭا كۈچلۈك كەلسە، مەن بېرىپ ساڭا ياردەم بېرەي. |
חזק ונתחזקה בעד עמנו ובעד ערי אלהינו ויהוה הטוב בעיניו יעשה | 13 |
جۈرئەتلىك بولغىن! ئۆز خەلقىمىز ئۈچۈن ۋە خۇدايىمىزنىڭ شەھەرلىرى ئۈچۈن باتۇرلۇق قىلايلى. پەرۋەردىگار ئۆزىگە لايىق كۆرۈنگىنىنى قىلغاي! ــ دېدى. |
ויגש יואב והעם אשר עמו לפני ארם--למלחמה וינוסו מפניו | 14 |
ئەمدى يوئاب ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئادەملەر سۇرىيلەرگە ھۇجۇم قىلغىلى چىقتى؛ سۇرىيلەر ئۇنىڭ ئالدىدىن قاچتى. |
ובני עמון ראו כי נס ארם וינוסו גם הם מפני אבשי אחיו ויבאו העירה ויבא יואב ירושלם | 15 |
سۇرىيلەرنىڭ قاچقانلىقىنى كۆرگەن ئاممونلارمۇ يوئابنىڭ ئىنىسى ئابىشاينىڭ ئالدىدىن قېچىپ، شەھەرگە كىرىۋالدى. ئاندىن يوئاب يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. |
וירא ארם כי נגפו לפני ישראל וישלחו מלאכים ויוציאו את ארם אשר מעבר הנהר ושופך שר צבא הדדעזר לפניהם | 16 |
سۇرىيلەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ بولغىنىنى كۆرگەندە، ئەلچى ئەۋەتىپ، [ئەفرات] دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى سۇرىيلەرنى چاقىرتىپ كەلدى. ھادادئېزەرنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى بولغان شوفاق ئۇلارغا يېتەكچى ئىدى. |
ויגד לדויד ויאסף את כל ישראל ויעבר הירדן ויבא אלהם ויערך אלהם ויערך דויד לקראת ארם מלחמה וילחמו עמו | 17 |
بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان داۋۇت پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقىنى يىغىپ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، سۇرىيلەرنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇلارغا قارشى سەپ تۈزۈپ تۇردى. داۋۇتنىڭ سەپ تۈزگەنلىكىنى كۆرگەن سۇرىيلەر جەڭگە ئاتلاندى. |
וינס ארם מלפני ישראל ויהרג דויד מארם שבעת אלפים רכב וארבעים אלף איש רגלי ואת שופך שר הצבא המית | 18 |
سۇرىيلەر ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن قاچتى؛ داۋۇت سۇرىيلەردىن يەتتە مىڭ جەڭ ھارۋىلىقنى ۋە قىرىق مىڭ پىيادە لەشكەرنى ئۆلتۈردى ۋە يەنە سۇرىيلەرنىڭ سەردارى شوفاقنى ئۆلتۈردى. |
ויראו עבדי הדדעזר כי נגפו לפני ישראל וישלימו עם דויד ויעבדהו ולא אבה ארם להושיע את בני עמון עוד | 19 |
ھادادئېزەرنىڭ ئەمەلدارلىرى ئىسرائىل ئالدىدا يېڭىلگىنىنى كۆرگەندە، داۋۇت بىلەن سۈلھ قىلىپ ئۇنىڭغا بېقىندى؛ شۇنىڭدىن كېيىن سۇرىيلەر ئىككىنچى ئاممونىيلارغا ياردەم بېرىشنى خالىمايدىغان بولدى. |