< דברי הימים א 18 >

ויהי אחרי כן ויך דויד את פלשתים ויכניעם ויקח את גת ובנתיה מיד פלשתים 1
شۇ ئىشتىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، داۋۇت فىلىستىيلەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قولىدىن گاتنى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەرنى تارتىۋالدى.
ויך את מואב ויהיו מואב עבדים לדויד נשאי מנחה 2
ئۇ يەنە موئابىيلارغا ھۇجۇم قىلدى؛ موئابىيلار ئۇنىڭغا بېقىنىپ، ئولپان تۆلەيدىغان بولدى.
ויך דויד את הדדעזר מלך צובה חמתה בלכתו להציב ידו בנהר פרת 3
زوباھنىڭ پادىشاھى ھادادئېزەر ئۆز تەۋەسىنى ئەفرات دەرياسىغىچە كېڭەيتىشكە ئاتلىنىپ چىققاندا، داۋۇت تاكى خاماتقا قەدەر ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى.
וילכד דויד ממנו אלף רכב ושבעת אלפים פרשים ועשרים אלף איש רגלי ויעקר דויד את כל הרכב ויותר ממנו מאה רכב 4
داۋۇت ئۇنىڭ مىڭ جەڭ ھارۋىسىنى ئولجا ئالدى، يەتتە مىڭ ئاتلىق لەشكىرىنى، يىگىرمە مىڭ پىيادە لەشكىرىنى ئەسىر ئالدى. داۋۇت بارلىق جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ئاتلىرىنىڭ پېيىنى قىرقىتىۋېتىپ، پەقەت يۈز ھارۋىغا قوشقىدەك ئاتنىلا ئېلىپ قالدى.
ויבא ארם דרמשק לעזור להדדעזר מלך צובה ויך דויד בארם עשרים ושנים אלף איש 5
دەمەشقتىكى سۇرىيلەر زوباھنىڭ پادىشاھى ھادادئېزەرگە ياردەم بېرىشكە كەلدى؛ داۋۇت سۇرىيلەردىن يىگىرمە ئىككى مىڭ ئەسكەرنى ئۆلتۈردى.
וישם דויד בארם דרמשק ויהי ארם לדויד עבדים נשאי מנחה ויושע יהוה לדויד בכל אשר הלך 6
داۋۇت سۇرىيەدىكى دەمەشق رايونىغا قاراۋۇل ئەترەتلىرىنى تۇرغۇزۇۋىدى، سۇرىيلەر داۋۇتقا بېقىنىپ، ئۇنىڭغا ئولپان تۆلەيدىغان بولدى. داۋۇت قەيەرگە [جەڭگە] چىقمىسۇن، پەرۋەردىگار ئۇنى قوغداپ تۇردى.
ויקח דויד את שלטי הזהב אשר היו על עבדי הדדעזר ויביאם ירושלם 7
داۋۇت ھادادئېزەرنىڭ خىزمەتكارلىرى ئىشلىتىدىغان ئالتۇن قالقانلارنىڭ ھەممىسىنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ قايتتى.
ומטבחת ומכון ערי הדדעזר לקח דויד נחשת רבה מאד בה עשה שלמה את ים הנחשת ואת העמודים ואת כלי הנחשת 8
ئۇ يەنە ھادادئېزەرگە تەۋە تىبھات بىلەن كۇندىن ئىبارەت ئىككى شەھەردىن نۇرغۇن مىس ئولجا ئالدى؛ كېيىنكى زامانلاردا سۇلايمان مۇشۇ مىسلارنى ئىشلىتىپ مىس كۆل، مىس تۈۋرۈكلەر ۋە باشقا بارلىق مىس ئەسۋابلارنى ياساتقان.
וישמע תעו מלך חמת כי הכה דויד את כל חיל הדדעזר מלך צובה 9
خامات پادىشاھى توۋ داۋۇتنىڭ زوباھ پادىشاھى ھادادئېزەرنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى مەغلۇپ قىغانلىقىنى ئاڭلاپ،
וישלח את הדורם בנו אל המלך דויד לשאול (לשאל) לו לשלום ולברכו על אשר נלחם בהדדעזר ויכהו--כי איש מלחמות תעו היה הדדעזר וכל כלי זהב וכסף--ונחשת 10
ئۆز ئوغلى ھادورامنى داۋۇتقا سالام بېرىپ، ئۇنىڭ ھادادئېزەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇنى مەغلۇپ قىلغان غەلىبىسىنى تەبرىكلەشكە ئەۋەتتى. چۈنكى توۋ ئەسلىدە ھادادئېزەر بىلەن دائىم ئۇرۇشۇپ تۇراتتى. ھادورام ھەرخىل ئالتۇن، كۈمۈش، مىس ئەسۋاب-جابدۇقلارنى سوۋغا قىلىپ ئەكەلدى.
גם אתם הקדיש המלך דויד ליהוה עם הכסף והזהב אשר נשא מכל הגוים--מאדום וממואב ומבני עמון ומפלשתים ומעמלק 11
داۋۇت پادىشاھ بۇ ئەسۋاب-جابدۇقلارنى ھەرقايسى ئەللەردىن، جۈملىدىن ئېدوم، موئاب، ئاممونلاردىن، فىلىستىيلەردىن ۋە ئامالەكلەردىن ئولجا ئالغان ئالتۇن-كۈمۈشلەر بىلەن قوشۇپ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىدى.
ואבשי בן צרויה הכה את אדום בגיא המלח שמונה עשר אלף 12
زەرۇئىيانىڭ ئوغلى ئابىشاي «شور ۋادىسى»دا ئېدومىيلاردىن ئون سەككىز مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى.
וישם באדום נציבים ויהיו כל אדום עבדים לדויד ויושע יהוה את דויד בכל אשר הלך 13
داۋۇت ئېدومدا قاراۋۇل ئەترەتلىرىنى تۇرغۇزدى؛ ئېدوملارنىڭ ھەممىسى داۋۇتقا بېقىندى. داۋۇت قەيەرگە جەڭگە چىقمىسۇن، پەرۋەردىگار ئۇنى قوغداپ تۇردى.
וימלך דויד על כל ישראל ויהי עשה משפט וצדקה--לכל עמו 14
داۋۇت پادىشاھ بولۇپ پۈتۈن ئىسرائىل ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، بارلىق خەلقىگە ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن مۇئامىلە قىلدى.
ויואב בן צרויה על הצבא ויהושפט בן אחילוד מזכיר 15
زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب قوشۇنغا سەردار، ئاھىلۇدنىڭ ئوغلى يەھوشافات مىرزا،
וצדוק בן אחיטוב ואבימלך בן אביתר כהנים ושושא סופר 16
ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى زادوك بىلەن ئابىياتارنىڭ ئوغلى ئابىمەلەك [باش] كاھىن، شاۋشا كاتىپ،
ובניהו בן יהוידע על הכרתי והפלתי ובני דויד הראשנים ליד המלך 17
يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا كەرەتىيلەر بىلەن پەلەتىيلەرنىڭ يولباشچىسى ئىدى؛ داۋۇتنىڭ ئوغۇللىرى ئۇنىڭ يېنىدىكى ئەمەلدارلار بولدى.

< דברי הימים א 18 >