< דברי הימים א 16 >

ויביאו את ארון האלהים ויציגו אתו בתוך האהל אשר נטה לו דויד ויקריבו עלות ושלמים לפני האלהים 1
ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ داۋۇت ئۇنىڭغا ھازىرلاپ قويغان چېدىرنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ، ئاندىن خۇدانىڭ ئالدىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقى سۇندى.
ויכל דויד מהעלות העלה והשלמים ויברך את העם בשם יהוה 2
داۋۇت كۆيدۈرمە قۇربانلىقى بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقى سۇنۇپ بولغاندىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا خەلققە بەخت تىلىدى.
ויחלק לכל איש ישראל מאיש ועד אשה--לאיש ככר לחם ואשפר ואשישה 3
ئۇ يەنە ئەر-ئايال دېمەي ئىسرائىللارنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن نان، بىردىن خورما پوشكىلى، بىردىن ئۈزۈم پوشكىلى ئۈلەشتۈرۈپ بەردى.
ויתן לפני ארון יהוה מן הלוים--משרתים ולהזכיר ולהודות ולהלל ליהוה אלהי ישראל 4
داۋۇت بىر قىسىم لاۋىيلارغا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا خىزمەتتە بولۇش، يەنى دۇئا-تىلاۋەت ئوقۇش، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-رەھمەت ئېيتىش ۋە كۈي-مۇناجات ئوقۇشنى بۇيرۇدى.
אסף הראש ומשנהו זכריה יעיאל ושמירמות ויחיאל ומתתיה ואליאב ובניהו ועבד אדם ויעיאל בכלי נבלים ובכנרות ואסף במצלתים משמיע 5
ئۇلارنىڭ يولباشچىسى بولسا ئاساف، ئاندىن زەكەرىيا ئىدى؛ باشقىلىرى بولسا جەئىيەل، شېمىراموت، يەھىيەل، ماتتىتىياھ، ئېلىئاب، بىنايا، ئوبەد-ئېدوم ۋە جەئىيەللەر ئىدى. ئۇلار تەمبۇر-چىلتار چېلىشقا قويۇلدى؛ ئاساف بولسا چاڭلارنى چالاتتى.
ובניהו ויחזיאל הכהנים--בחצצרות תמיד לפני ארון ברית האלהים 6
بىنايا بىلەن ياھازىيەلدىن ئىبارەت ئىككى كاھىن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا ھەردائىم كاناي چېلىشقا قويۇلدى.
ביום ההוא אז נתן דויד בראש להדות ליהוה--ביד אסף ואחיו 7
شۇ كۈنى داۋۇت ئاساف ۋە قېرىنداشلىرىنى پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-رەھمەت ئېيتىشقا بەلگىلەپ ئۇلارغا بىرىنچىدىن مۇنۇ كۈينى تاپشۇردى: ــ
הודו ליהוה קראו בשמו-- הודיעו בעמים עלילתיו 8
«پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر قىلىڭلار، ئۇنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلىڭلار، ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى ئەللەر ئارىسىدا ئايان قىلىڭلار!
שירו לו זמרו לו-- שיחו בכל נפלאתיו 9
ئۇنىڭغا ناخشىلار ئېيتىپ، ئۇنى كۈيلەڭلار، ئۇنىڭ پۈتكۈل كارامەت مۆجىزىلىرى ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىڭلار.
התהללו בשם קדשו-- ישמח לב מבקשי יהוה 10
مۇقەددەس نامىدىن پەخىرلىنىپ داڭلاڭلار، پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ كۆڭلى شادلانسۇن!
דרשו יהוה ועזו-- בקשו פניו תמיד 11
پەرۋەردىگارنى ۋە ئۇنىڭ قۇدرىتىنى ئىزدەڭلار، ئۇنىڭ يۈز-ھۇزۇرىنى توختىماي ئىزدەڭلار.
זכרו נפלאתיו אשר עשה-- מפתיו ומשפטי פיהו 12
ئۇنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىنى، كارامەت ئالامەتلىرىنى ھەم ئاغزىدىن چىققان ھۆكۈملىرىنى ئەستە تۇتۇڭلار،
זרע ישראל עבדו-- בני יעקב בחיריו 13
ئى ئۇنىڭ قۇلى ئىسرائىلنىڭ نەسلى، ئۆزى تاللىغانلىرى، ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى!
הוא יהוה אלהינו-- בכל הארץ משפטיו 14
ئۇ، پەرۋەردىگار ــ خۇدايىمىز، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى پۈتكۈل يەر يۈزىدىدۇر.
זכרו לעולם בריתו-- דבר צוה לאלף דור 15
ئۇ ئۆزى تۈزگەن ئەھدىنى ئەبەدىي يادىڭلاردا تۇتۇڭلار ــ ــ بۇ ئۇنىڭ مىڭ ئەۋلادقىچە ۋەدىلەشكەن سۆزىدۇر ــ
אשר כרת את אברהם-- ושבועתו ליצחק 16
ئىبراھىم بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى، يەنى ئىسھاققا ئىچكەن قەسىمىدۇر.
ויעמידה ליעקב לחק-- לישראל ברית עולם 17
ئۇ بۇنى ياقۇپقىمۇ نىزام دەپ جەزملەشتۈردى، ئىسرائىلغا ئەبەدىي ئەھدە قىلىپ بېرىپ: ــ
לאמר לך אתן ארץ כנען-- חבל נחלתכם 18
«ساڭا قانائان زېمىنىنى بېرىمەن، ئۇنى مىراسىڭ بولغان نېسىۋەڭ قىلىمەن» ــ دېدى.
בהיותכם מתי מספר-- כמעט וגרים בה 19
ئۇ چاغدا سىلەر ئاجىز ئىدىڭلار، ئادىمىڭلار ئاز ھەم ئۇ يەردە مۇساپىر ئىدىڭلار؛
ויתהלכו מגוי אל גוי-- ומממלכה אל עם אחר 20
بۇ ئەلدىن ئۇ ئەلگە، بىر قەبىلىدىن يەنە بىر قەبىلىگە كۆچۈپ يۈرگەن.
לא הניח לאיש לעשקם-- ויוכח עליהם מלכים 21
پەرۋەردىگار ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۇلارنى بوزەك قىلىشىغا يول قويمىدى، ئۇلارنى دەپ پادىشاھلارغىمۇ تەنبىھ بېرىپ: ــ
אל תגעו במשיחי-- ובנביאי אל תרעו 22
«مەن مەسىھ قىلغانلارغا تەگمە، پەيغەمبەرلىرىمگە يامان ئىش قىلما!» ــ دېدى.
שירו ליהוה כל הארץ-- בשרו מיום אל יום ישועתו 23
پۈتۈن جاھان، پەرۋەردىگارنى كۈيلەڭلار، نىجاتىنى ھەر كۈنى ئېلان قىلىڭلار!
ספרו בגוים את כבודו-- בכל העמים נפלאתיו 24
ئۇنىڭ جۇلاسىنى ئەللەردە بايان قىلىڭلار، ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنى بارلىق خەلقلەر ئارىسىدا جاكارلاڭلار.
כי גדול יהוה ומהלל מאד-- ונורא הוא על כל אלהים 25
چۈنكى پەرۋەردىگارىمىز ئۇلۇغدۇر، زور ھەمدۇساناغا لايىقتۇر؛ ئۇ بارلىق ئىلاھلاردىن ئۈستۈن، ئۇنىڭدىن قورقۇش كېرەكتۇر؛
כי כל אלהי העמים אלילים-- ויהוה שמים עשה 26
چۈنكى بارلىق ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرى ــ بۇتلار خالاس، بىراق پەرۋەردىگار ئاسمان-پەلەكنى ياراتقاندۇر.
הוד והדר לפניו-- עז וחדוה במקמו 27
شانۇشەۋكەت ۋە ھەيۋەت ئۇنىڭ ئالدىدا، قۇدرەت ۋە خۇشلۇق ئۇنىڭ جايىدىدۇر.
הבו ליהוה משפחות עמים-- הבו ליהוה כבוד ועז 28
پەرۋەردىگارغا تەئەللۇقىنى بەرگەيسىلەر، ئى ئەل-قەبىلىلەر، پەرۋەردىگارغا شان-شەرەپ ۋە قۇدرەتنى بەرگەيسىلەر!
הבו ליהוה כבוד שמו שאו מנחה ובאו לפניו-- השתחוו ליהוה בהדרת קדש 29
پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا لايىق بولغان شان-شۆھرەتنى ئۇنىڭغا بەرگەيسىلەر؛ سوۋغا-سالام ئېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا كىرىڭلار، پەرۋەردىگارغا پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ گۈزەللىكىدە سەجدە قىلىڭلار؛
חילו מלפניו כל הארץ-- אף תכון תבל בל תמוט 30
پۈتكۈل يەر-يۈزى، ئۇنىڭ ئالدىدا تىترەڭلار! دۇنيا مەزمۇت قىلىنغان، ئۇ تەۋرەنمەس ئەسلا.
ישמחו השמים ותגל הארץ-- ויאמרו בגוים יהוה מלך 31
ئاسمانلار شادلانسۇن، ۋە يەر-جاھان خۇش بولسۇن، ئەللەر ئارىسىدا ئېلان قىلىنسۇن: ــ «پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ!».
ירעם הים ומלואו-- יעלץ השדה וכל אשר בו 32
دېڭىز-ئوكيان ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە چۇقان سېلىپ جۇش ئۇرسۇن! دالىلار ھەم ئۇلاردىكى ھەممە يايرىسۇن!
אז ירננו עצי היער מלפני יהוה--כי בא לשפוט את הארץ 33
ئۇ چاغدا ئورماندىكى پۈتكۈل دەرەخلەر پەرۋەردىگار ئالدىدا ياڭرىتىپ ناخشا ئېيتىدۇ؛ چۈنكى مانا، ئۇ پۈتۈن جاھاننى سوراق قىلىشقا كېلىدۇ!
הודו ליהוה כי טוב-- כי לעולם חסדו 34
پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار! چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر، ئەبەدىيدۇر ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى.
ואמרו--הושיענו אלהי ישענו וקבצנו והצילנו מן הגוים להדות לשם קדשך להשתבח בתהלתך 35
ۋە: بىزنى قۇتقۇزغىن، ئى نىجاتىمىز بولغان خۇدا! بىزنى [يېنىڭغا] يىغىۋالغايسەن، مۇقەددەس نامىڭغا تەشەككۈر قىلىشقا، يايراپ سېنى مەدھىيىلەشكە، بىزنى ئەللەردىن قۇتقۇزۇپ چىققايسەن! ــ دەڭلار!
ברוך יהוה אלהי ישראל-- מן העולם ועד העלם ויאמרו כל העם אמן-- והלל ליהוה 36
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا، ئەزەلدىن تا ئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن! پۈتكۈل خەلق «ئامىن!» دېدى ھەمدە پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشتى.
ויעזב שם לפני ארון ברית יהוה לאסף ולאחיו לשרת לפני הארון תמיד--לדבר יום ביומו 37
[داۋۇت] شۇ يەردە، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا ھەر كۈندىكى ۋەزىپىگە مۇۋاپىق، ئەھدە ساندۇقى ئالدىدىكى خىزمەتتە داۋاملىق بولۇشقا ئاساف بىلەن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنى قالدۇرۇپ قويدى؛
ועבד אדם ואחיהם ששים ושמונה ועבד אדם בן ידיתון וחסה לשערים 38
ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئوبەد-ئېدوم بىلەن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن ئاتمىش سەككىز كىشى بار ئىدى؛ شۇنىڭدەك يەدۇتۇننىڭ ئوغلى ئوبەد-ئېدوم بىلەن خوساھ دەرۋازىۋەنلىككە قويۇلدى.
ואת צדוק הכהן ואחיו הכהנים לפני משכן יהוה--בבמה אשר בגבעון 39
كاھىن زادوك بىلەن ئۇنىڭ كاھىن قېرىنداشلىرى گىبېئون ئېگىزلىكىدىكى پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرى ئالدىدا،
להעלות עלות ליהוה על מזבח העלה תמיד--לבקר ולערב ולכל הכתוב בתורת יהוה אשר צוה על ישראל 40
پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلغا تاپىلىغان قانۇن-ئەھكاملىرىدا بارلىق يېزىلغىنى بويىچە، ھەركۈنى ئەتىسى-ئاخشىمى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھى ئۈستىدە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇشقا قويۇلدى.
ועמהם הימן וידותון ושאר הברורים אשר נקבו בשמות--להדות ליהוה כי לעולם חסדו 41
ئۇلار بىلەن بىللە بولغانلار، يەنى ھېمان، يەدۇتۇن ۋە قالغان تاللانغانلار، شۇنداقلا بارلىق ئىسمى تىزىلغانلار پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-رەھمەت ئېيتىشقا قويۇلدى (چۈنكى ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئەبەدگىچىدۇر!).
ועמהם הימן וידותון חצצרות ומצלתים למשמיעים וכלי שיר האלהים ובני ידותון לשער 42
ھېمان ۋە يەدۇتۇن بولسا نەغمىچىلىككە، جۈملىدىن كاناي، جاڭ-جاڭ ۋە بارلىق مەدھىيە سازلىرىنى چېلىشقا مەسئۇل قىلىندى. يەدۇتۇننىڭ ئوغۇللىرى دەرۋازىغا قاراشقا قويۇلدى.
וילכו כל העם איש לביתו ויסב דויד לברך את ביתו 43
بۇ ئىشلاردىن كېيىن بارلىق خەلق ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىشتى؛ داۋۇتمۇ ئۆز ئۆيىدىكىلەرگە بەخت تىلەشكە قايتتى.

< דברי הימים א 16 >