וישלח חירם (חורם) מלך צר מלאכים אל דויד ועצי ארזים וחרשי קיר וחרשי עצים--לבנות לו בית | 1 |
تۇر پادىشاھى ھىرام داۋۇت بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەلچىلەرنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوردا سېلىشقا كېدىر ياغىچى، تاشچى ۋە ياغاچچىلارنى ئەۋەتتى. |
וידע דויד כי הכינו יהוה למלך על ישראל כי נשאת למעלה מלכותו בעבור עמו ישראל | 2 |
بۇ چاغدا داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنى ئىسرائىل ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پادىشاھ بولۇشقا جەزمەن تىكلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقى ئىسرائىل ئۈچۈن ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى گۈللەندۈرگەنىدى. |
ויקח דויד עוד נשים בירושלם ויולד דויד עוד בנים ובנות | 3 |
داۋۇت يېرۇسالېمدا يەنە بىرمۇنچە خوتۇن ئالدى ھەمدە يەنە ئوغۇل-قىزلارنى كۆردى. |
ואלה שמות הילודים אשר היו לו בירושלם שמוע ושובב נתן ושלמה | 4 |
تۆۋەندىكىلەر ئۇنىڭ يېرۇسالېمدا كۆرگەن پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسىملىرى: شاممۇيا، شوباب، ناتان، سۇلايمان، |
ויבחר ואלישוע ואלפלט | 5 |
ئىبھار، ئەلىشۇيا، ئەلپەلەت، |
ונגה ונפג ויפיע | 6 |
نوگاھ، نەفەگ، يافىيا، |
ואלישמע ובעלידע ואליפלט | 7 |
ئەلىشاما، بەئەلىيادا ۋە ئەلىفەلەت. |
וישמעו פלשתים כי נמשח דויד למלך על כל ישראל ויעלו כל פלשתים לבקש את דויד וישמע דויד ויצא לפניהם | 8 |
داۋۇتنىڭ مەسىھ قىلىنىپ پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغان فىلىستىيلەرنىڭ ھەممىسى داۋۇت بىلەن قارشىلىشىش پۇرسىتىنى ئىزلەپ كەلدى؛ داۋۇت بۇنى ئاڭلاپ ئۇلارغا قارشى جەڭگە ئاتلاندى. |
ופלשתים באו ויפשטו בעמק רפאים | 9 |
فىلىستىيلەر «رەفايىم جىلغىسى»غا بۇلاڭ-تالاڭ قىلغىلى كىردى. |
וישאל דויד באלהים לאמר--האעלה על פלשתיים (פלשתים) ונתתם בידי ויאמר לו יהוה עלה ונתתים בידך | 10 |
داۋۇت خۇدادىن: «مەن فىلىستىيلەرگە قارشى جەڭگە چىقسام بولامدۇ؟ ئۇلارنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرامسەن؟» دەپ سورىۋىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «جەڭگە چىق، مەن ئۇلارنى سۆزسىز قولۇڭغا تاپشۇرىمەن» دېدى. |
ויעלו בבעל פרצים ויכם שם דויד ויאמר דויד פרץ האלהים את אויבי בידי כפרץ מים על כן קראו שם המקום ההוא--בעל פרצים | 11 |
فىلىستىيلەر بائال-پەرازىمغا ھۇجۇم قىلغىلى كەلگەندە، داۋۇت ئۇلارنى شۇ يەردە مەغلۇپ قىلدى ۋە: «خۇدا مېنىڭ قولۇم ئارقىلىق دۈشمەنلىرىم ئۈستىگە خۇددى كەلكۈن يارنى ئېلىپ كەتكەندەك بۆسۈپ كىردى» دېدى. شۇڭا ئۇ يەر «بائال-پەرازىم» دەپ ئاتالغان. |
ויעזבו שם את אלהיהם ויאמר דויד וישרפו באש | 12 |
فىلىستىيلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىنى شۇ يەرگە تاشلاپ قاچقانلىقتىن، داۋۇت ئادەملىرىگە ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋېتىشنى تاپىلىدى. |
ויסיפו עוד פלשתים ויפשטו בעמק | 13 |
فىلىستىيلەر يەنە ھېلىقى جىلغىغا بۇلاڭ-تالاڭ قىلغىلى كىرىۋىدى، |
וישאל עוד דויד באלהים ויאמר לו האלהים לא תעלה אחריהם הסב מעליהם ובאת להם ממול הבכאים | 14 |
داۋۇت يەنە خۇدادىن يول سورىدى. خۇدا ئۇنىڭغا: «ئۇلارنى ئارقىسىدىن قوغلىماي، ئەگىپ ئۆتۈپ، ئۇلارغا ئۈجمىلىكنىڭ ئۇدۇلىدىن ھۇجۇم قىلغىن. |
ויהי כשמעך את קול הצעדה בראשי הבכאים--אז תצא במלחמה כי יצא האלהים לפניך להכות את מחנה פלשתים | 15 |
سەن ئۈجمە دەرەخلىرىنىڭ ئۈستىدىن ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلىشىڭ بىلەنلا جەڭگە ئاتلان؛ چۈنكى ئۇ چاغدا خۇدا سېنىڭ ئالدىڭدا فىلىستىيلەرنىڭ قوشۇنىغا ھۇجۇمغا چىققان بولىدۇ» دېدى. |
ויעש דויד כאשר צוהו האלהים ויכו את מחנה פלשתים מגבעון ועד גזרה | 16 |
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت خۇدانىڭ دېگىنى بويىچە ئىش تۇتۇپ، فىلىستىيلەرنىڭ قوشۇنىغا گىبېئوندىن گەزەرگىچە قوغلاپ زەربە بەردى. |
ויצא שם דויד בכל הארצות ויהוה נתן את פחדו על כל הגוים | 17 |
شۇ سەۋەبتىن داۋۇتنىڭ شۆھرىتى بارلىق يۇرت-زېمىنلارغا پۇر كەتتى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قورقۇنچىنى بارلىق ئەللەرنىڭ ئۈستىگە سالدى. |