< Zabura 150 >

1 Yabi Ubangiji. Yabi Allah a cikin wurinsa mai tsarki; yabe shi a cikin sammai na ikonsa.
ھەمدۇسانا! تەڭرىنى ئۇنىڭ مۇقەددەس جايىدا مەدھىيىلەڭلار؛ قۇدرىتى پارلاپ تۇرىدىغان ئەرشلەردە ئۇنى مەدھىيىلەڭلار؛
2 Yabe shi saboda ayyukansa masu iko; yabe shi saboda mafificin girmansa.
ئۇنى قۇدرەتلىك ئىشلىرى ئۈچۈن مەدھىيىلەڭلار؛ غايەت ئۇلۇغلۇقى ئۈچۈن ئۇنى مەدھىيىلەڭلار؛
3 Yabe shi da ƙarar kakaki, yabe shi da garaya da molo,
ئۇنى بۇرغا ساداسى بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛ ئۇنى راۋاب ھەم چىلتار بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛
4 yabe shi da ganga kuna taka rawa, yabe shi da kayan kiɗi na tsirkiya kuna kuma busa,
ئۇنى داپ ھەم ئۇسسۇل بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛ ئۇنى تارلىق سازلار ھەم نەي بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛
5 yabe shi da kuge mai ƙara, yabe shi da kuge masu ƙara sosai.
ئۇنى جاراڭلىق چاڭلار ھەم ياڭراق چاڭلار بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛
6 Bari kowane abu mai numfashi yă yabi Ubangiji. Yabi Ubangiji.
بارلىق نەپەس ئىگىلىرى ياھنى مەدھىيىلىسۇن! ھەمدۇسانا!

< Zabura 150 >