ئۇ مۇساغا يەنە: ــ «سەن بېرىپ، ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ھارۇن، ناداب، ئابىھۇنى ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرى ئارىسىدىن يەتمىش ئادەمنى ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىپ، يىراقتا تۇرۇپ سەجدە قىلىڭلار. |
پەقەت مۇسالا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا يېقىن كەلسۇن؛ باشقىلار يېقىن كەلمىسۇن، خەلق ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۈستىگە چىقمىسۇن، ــ دېدى. |
مۇسا كېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق سۆزلىرى بىلەن ھۆكۈملىرىنى خالايىققا دەپ بەردى؛ پۈتكۈل خالايىق بىر ئاۋازدا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىمىز! ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى. |
ئاندىن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە سۆزىنى خاتىرىلىۋېلىپ، ئەتىسى سەھەر قوپۇپ تاغنىڭ تۈۋىدە بىر قۇربانگاھنى ياساپ، شۇ يەردە ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ سانى بويىچە ئون ئىككى تاش تۈۋرۈكنى تىكلىدى. |
يەنە ئىسرائىللارنىڭ بىرنەچچە يىگىتلىرىنى ئەۋەتتى، ئۇلار بېرىپ پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار سۇندى، ئىناقلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىرنەچچە تورپاقنىمۇ سويۇپ سۇندى. |
ئاندىن مۇسا قاننىڭ يېرىمىنى قاچىلارغا قاچىلىدى، يەنە يېرىمىنى قۇربانگاھ ئۈستىگە چاچتى. |
ئاندىن ئۇ ئەھدىنامىنى قولىغا ئېلىپ، خەلققە ئوقۇپ بەردى. ئۇلار جاۋابەن: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىنىڭ ھەممىسىگە قۇلاق سېلىپ، ئىتائەت قىلىمىز! ــ دېيىشتى. |
شۇنىڭ بىلەن مۇسا قاچىلاردىكى قاننى ئېلىپ، خەلققە سېپىپ: ــ مانا، بۇ پەرۋەردىگار مۇشۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىگە ئاساسەن سىلەر بىلەن باغلىغان ئەھدىنىڭ قېنىدۇر، دېدى. |
ئاندىن كېيىن مۇسا ۋە ھارۇن، ناداب ۋە ئابىھۇ ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىدىن يەتمىش ئادەم بىلەن بىللە تاغ ئۈستىگە چىقىشتى. |
ئۇلار شۇ يەردە ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنى كۆردى؛ ئۇنىڭ ئايىغىنىڭ ئاستىدا خۇددى كۆك ياقۇتتىن ياسالغان نەپىس پاياندازدەك، ئاسمان گۈمبىزىدەك سۈپسۈزۈك بىر جىسىم بار ئىدى. |
لېكىن ئۇ ئىسرائىللارنىڭ مۆتىۋەرلىرىگە قول تەگكۈزمىدى؛ ئۇلار خۇدانى كۆرۈپ تۇردى ھەمدە يەپ-ئىچىشتى. |
پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ تاغ ئۈستىگە، قېشىمغا چىقىپ شۇ يەردە تۇرغىن. ساڭا ئۇلارغا ئۆگىتىشكە تاش تاختايلارنى، يەنى مەن يېزىپ قويغان قانۇن-ئەمرنى بېرىمەن، دېدى. |
شۇنىڭ بىلەن مۇسا قوپۇپ، ياردەمچىسى يەشۇئانى ئېلىپ ماڭدى. مۇسا خۇدانىڭ تېغىغا چىقتى. |
ئۇ ئاۋۋال ئاقساقاللارغا: بىز يېنىپ كەلگۈچە مۇشۇ يەردە بىزنى ساقلاپ تۇرۇڭلار. مانا، ھارۇن بىلەن خۇر سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا قالىدۇ؛ ئەگەر بىرسىنىڭ ئىش-دەۋاسى چىقسا، ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارسۇن، ــ دېدى. |
شۇنىڭ بىلەن مۇسا تاغنىڭ ئۈستىگە چىقتى ۋە تاغنى بۇلۇت قاپلىدى. |
پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى سىناي تېغىنىڭ ئۈستىدە توختىدى؛ بۇلۇت ئۇنى ئالتە كۈنگىچە قاپلاپ تۇردى؛ يەتتىنچى كۈنى، پەرۋەردىگار بۇلۇت ئىچىدىن مۇسانى چاقىردى؛ |
پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسىنىڭ قىياپىتى ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا تاغنىڭ چوققىسىدا ھەممىنى يۇتقۇچى ئوتتەك كۆرۈندى. |
مۇسا بۇلۇتنىڭ ئىچىگە كىرىپ، تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىپ كەتتى. مۇسا قىرىق كېچە-كۈندۈز تاغدا تۇردى. |