< Ἠσαΐας 61 >

1 πνεῦμα κυρίου ἐπ’ ἐμέ οὗ εἵνεκεν ἔχρισέν με εὐαγγελίσασθαι πτωχοῖς ἀπέσταλκέν με ἰάσασθαι τοὺς συντετριμμένους τῇ καρδίᾳ κηρύξαι αἰχμαλώτοις ἄφεσιν καὶ τυφλοῖς ἀνάβλεψιν
«رەب پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا، چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى ئاجىز ئېزىلگەنلەرگە خۇش خەۋەرلەر يەتكۈزۈشكە مەسىھلىگەن. ئۇ مېنى سۇنۇق كۆڭۈللەرنى ياساپ ساقايتىشقا، تۇتقۇنلارغا ئازادلىقنى، چۈشەپ قويۇلغانلارغا زىنداننىڭ ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى جاكارلاشقا ئەۋەتتى؛
2 καλέσαι ἐνιαυτὸν κυρίου δεκτὸν καὶ ἡμέραν ἀνταποδόσεως παρακαλέσαι πάντας τοὺς πενθοῦντας
پەرۋەردىگارنىڭ شاپائەت كۆرسىتىدىغان يىلىنى، ھەم خۇدايىمىزنىڭ قىساسلىق كۈنىنى جاكارلاشقا، بارلىق قايغۇ-ھەسرەت چەككەنلەرگە تەسەللى بېرىشكە مېنى ئەۋەتتى.
3 δοθῆναι τοῖς πενθοῦσιν Σιων δόξαν ἀντὶ σποδοῦ ἄλειμμα εὐφροσύνης τοῖς πενθοῦσιν καταστολὴν δόξης ἀντὶ πνεύματος ἀκηδίας καὶ κληθήσονται γενεαὶ δικαιοσύνης φύτευμα κυρίου εἰς δόξαν
زىئوندىكى ھەسرەت-قايغۇ چەككەنلەرگە، كۈللەرنىڭ ئورنىغا گۈزەللىكنى، ھەسرەت-قايغۇنىڭ ئورنىغا سۈركىلىدىغان شاد-خۇراملىق مېيىنى، غەشلىك-مەيۈسلۈك روھىنىڭ ئورنىغا، مەدھىيە تونىنى كىيدۈرۈشكە مېنى ئەۋەتتى؛ شۇنداق قىلىپ ئۇلار «ھەققانىيلىقنىڭ چوڭ دەرەخلىرى»، «پەرۋەردىگارنىڭ تىككەن مايسىلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇلار ئارقىلىق ئۇنىڭ گۈزەللىك-جۇلالىقى ئايان قىلىنىدۇ.
4 καὶ οἰκοδομήσουσιν ἐρήμους αἰωνίας ἐξηρημωμένας πρότερον ἐξαναστήσουσιν καὶ καινιοῦσιν πόλεις ἐρήμους ἐξηρημωμένας εἰς γενεάς
ئۇلار قەدىمكى خارابزارلىقلارنى قايتىدىن قۇرىدۇ، ئەسلىدە ۋەيران قىلىنغان جايلارنى قايتىدىن تىكلەيدۇ، خارابە شەھەرلەرنى، دەۋردىن-دەۋرگە ۋەيرانلىقتا ياتقان جايلارنى يېڭىباشتىن قۇرىدۇ؛
5 καὶ ἥξουσιν ἀλλογενεῖς ποιμαίνοντες τὰ πρόβατά σου καὶ ἀλλόφυλοι ἀροτῆρες καὶ ἀμπελουργοί
ياقا يۇرتلۇقلار تۇرغۇزۇلۇپ، پادىلىرىڭنى باقىدۇ؛ ياتلارنىڭ بالىلىرى قوشچىلىرىڭلار، ئۈزۈمچىلىرىڭلار بولىدۇ.
6 ὑμεῖς δὲ ἱερεῖς κυρίου κληθήσεσθε λειτουργοὶ θεοῦ ἰσχὺν ἐθνῶν κατέδεσθε καὶ ἐν τῷ πλούτῳ αὐτῶν θαυμασθήσεσθε
بىراق سىلەر بولساڭلار، «پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىرى» دەپ ئاتىلىسىلەر؛ سىلەر توغراڭلاردا: «ئۇلار خۇدايىمىزنىڭ خىزمەتكارلىرى» دېيىلىدۇ؛ ئوزۇقلىرىڭلار ئەللەرنىڭ بايلىقلىرى بولىدۇ، سىلەر ئۇلارنىڭ شان-شەرەپلىرىگە ئورتاق بولىسىلەر.
7 οὕτως ἐκ δευτέρας κληρονομήσουσιν τὴν γῆν καὶ εὐφροσύνη αἰώνιος ὑπὲρ κεφαλῆς αὐτῶν
خورلىنىپ، شەرمەندىلىكتە قالغىنىڭلارنىڭ ئورنىغا ئىككى ھەسسە نېسىۋەڭلەر بېرىلىدۇ؛ رەسۋا قىلىنغانلىقنىڭ ئورنىغا ئۇلار تەقسىماتىدا شادلىنىپ تەنتەنە قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار زېمىنغا ئىككى ھەسسىلەپ ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ؛ مەڭگۈلۈك شاد-خۇراملىق ئۇلارنىڭكى بولىدۇ.
8 ἐγὼ γάρ εἰμι κύριος ὁ ἀγαπῶν δικαιοσύνην καὶ μισῶν ἁρπάγματα ἐξ ἀδικίας καὶ δώσω τὸν μόχθον αὐτῶν δικαίοις καὶ διαθήκην αἰώνιον διαθήσομαι αὐτοῖς
چۈنكى مەن پەرۋەردىگار توغرا ھۆكۈم، ھەقىقەتنى ئەزىزلەيمەن؛ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشتا ھەرقانداق بۇلاڭچىلىق ۋە ئالدامچىلىققا نەپرەتلىنىمەن؛ مەن ئۇلارغا ھەقىقەت بىلەن تېگىشلىكىنى قايتۇرۇپ بېرىمەن؛ مەن ئۇلار بىلەن مەڭگۈلۈك بىر ئەھدىنى تۈزىمەن.
9 καὶ γνωσθήσεται ἐν τοῖς ἔθνεσιν τὸ σπέρμα αὐτῶν καὶ τὰ ἔκγονα αὐτῶν πᾶς ὁ ὁρῶν αὐτοὺς ἐπιγνώσεται αὐτούς ὅτι οὗτοί εἰσιν σπέρμα ηὐλογημένον ὑπὸ θεοῦ
شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ نەسلىنىڭ داڭقى ئەللەر ئارىسىدا، پەرزەنتلىرىنىڭ داڭقى خەلقى-ئالەم ئارىسىدا چىقىدۇ؛ ئۇلارنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى تونۇپ ئېتىراپ قىلىدۇكى، «ئۇلار بولسا پەرۋەردىگار بەخت ئاتا قىلغان نەسىلدۇر»».
10 καὶ εὐφροσύνῃ εὐφρανθήσονται ἐπὶ κύριον ἀγαλλιάσθω ἡ ψυχή μου ἐπὶ τῷ κυρίῳ ἐνέδυσεν γάρ με ἱμάτιον σωτηρίου καὶ χιτῶνα εὐφροσύνης ὡς νυμφίῳ περιέθηκέν μοι μίτραν καὶ ὡς νύμφην κατεκόσμησέν με κόσμῳ
ــ «مەن پەرۋەردىگارنى زور شاد-خۇراملىق دەپ بىلىپ شادلىنىمەن، جېنىم خۇدايىم تۈپەيلىدىن خۇشاللىنىدۇ؛ چۈنكى توي قىلىدىغان يىگىت ئۆزىگە «كاھىنلىق سەللە» كىيىۋالغاندەك، توي قىلىدىغان قىز لەئەل-ياقۇتلار بىلەن ئۆزىنى پەردازلىغاندەك، ئۇ نىجاتلىقنىڭ كىيىم-كېچىكىنى ماڭا كىيدۈردى، ھەققانىيلىق تونى بىلەن مېنى پۈركەندۈردى.
11 καὶ ὡς γῆν αὔξουσαν τὸ ἄνθος αὐτῆς καὶ ὡς κῆπος τὰ σπέρματα αὐτοῦ οὕτως ἀνατελεῖ κύριος δικαιοσύνην καὶ ἀγαλλίαμα ἐναντίον πάντων τῶν ἐθνῶν
چۈنكى زېمىن ئۆزىنىڭ بىخىنى چىقارغىنىدەك، باغ ئۆزىدە تېرىلغانلارنى ئۈندۈرگىنىدەك، رەب پەرۋەردىگار ئوخشاشلا بارلىق ئەللەرنىڭ ئالدىدا ھەققانىيلىقنى ھەم مەدھىيىنى ئۈندۈرىدۇ».

< Ἠσαΐας 61 >