ئەمدى ئىممەرنىڭ ئوغلى، كاھىن پاشخۇر ــ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە «ئامانلىق ساقلاش بېگى»مۇ ئىدى، يەرەمىيانىڭ بۇ بېشارەتلەرنى بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدى. |
پاشخۇر يەرەمىيا پەيغەمبەرنى ئۇرغۇزدى ۋە ئۇنىڭ پۇتىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى «بىنيامىننىڭ يۇقىرى دەرۋازىسى»نىڭ يېنىدىكى تاقاققا سالدى. |
ئىككىنچى كۈنى، پاشخۇر يەرەمىيانى تاقاقتىن بوشاتتى؛ يەرەمىيا ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار ئىسمىڭنى پاشخۇر ئەمەس، بەلكى «ماگور-مىسسابىب» دەپ ئاتىدى، دېدى. |
ــ چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن سېنى ئۆزۈڭگە ۋە بارلىق ئاغىنىلىرىڭگە ۋەھىمە سالغۇچى ئوبيېكت قىلىمەن؛ ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ قىلىچى بىلەن يىقىلىدۇ؛ سەن ئۆز كۆزۈڭ بىلەن بۇنى كۆرىسەن؛ مەن بارلىق يەھۇدانى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ ئۇ ئۇلارنى بابىلغا سۈرگۈن قىلىپ ئېلىپ كېتىدۇ ھەمدە ئۇلارنى قىلىچ بىلەن ئۇرىدۇ. |
مەن بۇ شەھەرنىڭ ھەممە بايلىقلىرى ــ بارلىق مەھسۇلاتلىرى، بارلىق قىممەت نەرسىلىرى ۋە يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ بارلىق خەزىنىلىرىنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ ئۇلار ئۇلارنى ئولجا قىلىپ بۇلىۋېلىپ بابىلغا ئېلىپ كېتىدۇ. |
سەن بولساڭ، ئى پاشخۇر، ھەممە ئۆيدىكىلىرىڭ بىرگە سۈرگۈن بولۇپ كېتىسىلەر؛ سەن بابىلغا كېلىسەن؛ سەن شۇ يەردە دۇنيادىن كېتىسەن، شۇ يەرگە كۆمۈلىسەن؛ سەن ھەم سېنىڭ يالغان بېشارەتلىرىڭگە قۇلاق سالغان ئاغىنىلىرىڭمۇ شۇنداق بولىدۇ. |
ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنى قايىل قىلىپ [پەيغەمبەرلىككە] كۆندۈردۈڭ، مەن شۇنداقلا كۆندۈرۈلدۈم؛ سەن مەندىن زور كەلدىڭ، شۇنداقلا غەلىبە قىلدىڭ؛ مەن پۈتۈن كۈن تاپا-تەنىنىڭ ئوبيېكتى بولىمەن؛ ھەممە كىشى مېنى مازاق قىلىدۇ. |
مەن قاچانلا سۆز قىلسام، «زوراۋانلىق ھەم بۇلاڭچىلىق كېلىدۇ» دەپ جاكارلىشىم كېرەك؛ شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى مېنى پۈتۈن كۈن ئاھانەت ۋە مەسخىرىنىڭ ئوبيېكتى قىلىدۇ. |
لېكىن مەن: «مەن ئۇنى تىلغا ئالمايمەن، ۋە ياكى ئۇنىڭ نامى بىلەن ئىككىنچى سۆز قىلمايمەن» دېسەم، ئۇنىڭ سۆزى قەلبىمدە لاۋۇلداپ ئوت بولۇپ، سۆڭەكلىرىمگە قاپسالغان بىر يالقۇن بولىدۇ؛ ئىچىمگە سىغدۇرۇشقا ھالىم قالماي، ئېيتماي چىداپ تۇرالمايمەن. |
شۇنداق، قىلىۋېرىمەن، گەرچە مەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پىچىرلاشقان قەستلىرىنى ئاڭلىساممۇ؛ تەرەپ-تەرەپلەرنى ۋەھىمە باسىدۇ! «ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىڭلار! ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلايلى!» دەپ، بارلىق ئۈلپەت-ھەمراھلىرىم پۇتلىشىپ كېتىشىمنى پايلاپ يۈرمەكتە؛ ئۇلار «ئۇ بەلكىم ئالدىنار، شۇنداق بولغاندا بىز ئۇنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىمىز، ئۇنىڭدىن ئىنتىقام ئالالايمىز» دېيىشىۋاتىدۇ. |
لېكىن پەرۋەردىگار بولسا قۇدرەتلىك ۋە دەھشەتلىك بىر پالۋاندەك مەن بىلەن بىللىدۇر؛ شۇڭا ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلار پۇتلىشىپ غەلىبە قىلالمايدۇ؛ ئۇلار مۇۋەپپەقىيەت قازانمىغاچقا، قاتتىق خىجىل بولۇپ يەرگە قاراپ قالىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بۇ رەسۋاچىلىقى مەڭگۈلۈك بولۇپ، ھەرگىز ئۇنتۇلمايدۇ. |
ئەمدى سەن، ئى ھەققانىيلارنى سىنايدىغان، ئىنساننىڭ ۋىجدانى ۋە قەلبىنى كۆرىدىغان ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بولغان قىساسىڭنى ماڭا كۆرگۈزگەيسەن؛ چۈنكى مەن دەۋايىمنى ئالدىڭغا قويغانمەن. |
پەرۋەردىگارنى كۈي ئېيتىپ ماختاڭلار، ئۇنى مەدھىيىلەڭلەر؛ چۈنكى ئۇ نامرات كىشىنى رەزىللىك قىلغۇچىلاردىن قۇتقۇزغان. |
مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمگە لەنەت بولسۇن؛ ئاپام مېنى تۇغقان كۈنى مۇبارەك بولمىسۇن! |
ئاتامغا خەۋەر ئېلىپ: «ساڭا ئوغۇل بالا تۇغۇلدى!» دەپ ئۇنى ئالامەت شادلاندۇرغان ئادەمگە لەنەت بولسۇن! |
بۇ ئادەم پەرۋەردىگار رەھىم قىلماي غۇلاتقان شەھەرلەردەك بولسۇن؛ ئۇ ئەتىگەندە نالە، چۈشتە ئالاقزادىلىك چۇقانلىرىنى ئاڭلىسۇن ــ |
چۈنكى ئۇ مېنى بالىياتقۇدىن چۈشكىنىمدىلا ئۆلتۈرۈۋەتمىگەن؛ ئاپام مېنىڭ گۆرۈم بولسىئىدى، ئۇنىڭ قورسىقى مەن بىلەن تەڭ ھەمىشە چوڭ بولسىئىدى! |
نېمىشقا مەن جاپا-مۇشەققەت، ئازاب-ئوقۇبەتنى كۆرۈشكە، كۈنلىرىمنى خىجالەت-ئاھانەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈشكە بالىياتقۇدىن چىققاندىمەن؟ |