ــ ۋە شۇ كۈنى سەن: ــ ــ ئى پەرۋەردىگار، مەن سېنى مەدھىيىلەيمەن؛ سەن ماڭا غەزەپلەنگىنىڭ بىلەن، غەزىپىڭ مەندىن يۆتكىلىپ كەتتى، ۋە سەن ماڭا تەسەللى بەردىڭ. |
مانا، تەڭرى مېنىڭ نىجاتىمدۇر؛ مەن ئۇنىڭغا تايىنىمەن، قورقمايمەن، ياھ پەرۋەردىگار مېنىڭ كۈچۈم ۋە ناخشامدۇر؛ ئۇ يەنە مېنىڭ نىجاتىم بولدى، ــ دەيسەن. |
ــ شادلىق بىلەن سىلەر نىجاتلىق قۇدۇقلىرىدىن سۇ تارتىسىلەر. |
شۇ كۈنىدە سىلەر: ــ «پەرۋەردىگارغا رەھمەت ئېيتىڭلار، ئۇنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلىڭلار؛ ئۇنىڭ ئەمەللىرىنى خەلقلەر ئارىسىدا ئايان قىلىڭلار، ئۇنىڭ نامىنىڭ زور ئابرۇي تاپقانلىقىنى جاكارلاڭلار. |
پەرۋەردىگارغا كۈيلەر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇ ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلغان؛ مانا بۇ پۈتكۈل جاھانغا ئايان قىلىنسۇن! |
زىئوندىكىلەر، تەنتەنە قىلىپ جار سېلىڭلار؛ چۈنكى ئاراڭلاردا تۇرغان ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى بۈيۈكتۇر!» ــ دەيسىلەر. |