< Matthaeus 24 >
1 Und Jesus ging hinweg von dem Tempel, und seine Jünger traten zu ihm, daß sie ihm zeigeten des Tempels Gebäu.
ئەيسا ئىبادەتخانىدىن چىقىپ، ئالدىغا كېتىۋاتقاندا، مۇخلىسلىرى يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ دىققىتىنى ئىبادەتخانا بىنالىرىغا تارتماقچى بولدى. «مات.» | |
2 Jesus aber sprach zu ihnen: Sehet ihr nicht das alles? Wahrlich, ich sage euch, es wird hier nicht ein Stein auf dem andern bleiben, der nicht zerbrochen werde.
ئۇ ئۇلارغا: ــ مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈۋاتامسىلەر؟ مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ يەردە بىر تال تاشمۇ تاش ئۈستىدە قالمايدۇ، ھەممىسى قالدۇرۇلماي گۇمران قىلىنىدۇ، ــ دېدى. | |
3 Und als er auf dem Ölberge saß, traten zu ihm seine Jünger besonders und sprachen: Sage uns, wann wird das geschehen, und welches wird das Zeichen sein deiner Zukunft und der Welt Ende? (aiōn )
ئۇ زەيتۇن تېغىدا ئولتۇرغاندا، مۇخلىسلىرى ئاستىغىنا ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ بىزگە ئېيتقىنچۇ، بۇ دېگەنلىرىڭ قاچان يۈز بېرىدۇ؟ سېنىڭ [قايتىپ] كېلىشىڭ ۋە زاماننىڭ ئاخىرىنى كۆرسىتىدىغان قانداق ئالامەت بولىدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. (aiōn ) | |
4 Jesus aber antwortete und sprach zu ihnen: Sehet zu, daß euch nicht jemand verführe!
ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ ھېزى بولۇڭلاركى، ھېچكىم سىلەرنى ئازدۇرۇپ كەتمىسۇن. | |
5 Denn es werden viele kommen unter meinem Namen und sagen: Ich bin Christus! und werden viele verführen.
چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمدا كېلىپ: «مەسىھ مەن بولىمەن» دەپ، كۆپ ئادەملەرنى ئازدۇرىدۇ. | |
6 Ihr werdet hören Kriege und Geschrei von Kriegen; sehet zu und erschrecket nicht! Das muß zum ersten alles geschehen; aber es ist noch nicht das Ende da.
سىلەر ئۇرۇش خەۋەرلىرى ۋە ئۇرۇش شەپىلىرىنى ئاڭلايسىلەر، بۇلاردىن ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن بۇلار ئاخىرەت ئەمەس. | |
7 Denn es wird sich empören ein Volk über das andere und ein Königreich über das andere, und werden sein Pestilenz und teure Zeit und Erdbeben hin und wieder.
چۈنكى بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ، بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ. جاي-جايلاردا ئاچارچىلىق، ۋابالار ۋە يەر تەۋرەشلەر يۈز بېرىدۇ. | |
8 Da wird sich allererst die Not anheben.
لېكىن بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى «تۇغۇتنىڭ تولغىقىنىڭ باشلىنىشى» بولىدۇ، خالاس. | |
9 Alsdann werden sie euch überantworten in Trübsal und werden euch töten. Und ihr müsset gehasset werden um meines Namens willen von allen Völkern.
ئاندىن كىشىلەر سىلەرنى تۇتۇپ، ئازاب-ئوقۇبەتكە سېلىپ ئۆلتۈرىدۇ، مېنىڭ نامىم ۋەجىدىن پۈتكۈل ئەللەر سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ. | |
10 Dann werden sich viele ärgern und werden sich untereinander verraten und werden sich untereinander hassen.
شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلار ئېتىقادىدىن تانىدۇ، بىر-بىرىنى تۇتۇپ بېرىدۇ ۋە بىر-بىرىگە ئۆچمەنلىك قىلىدۇ. | |
11 Und es werden sich viel falsche Propheten erheben und werden viele verführen.
نۇرغۇن ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا چىقىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ. | |
12 Und dieweil die Ungerechtigkeit wird überhandnehmen, wird die Liebe in vielen erkalten.
ئىتائەتسىزلىك-رەزىللىكلەرنىڭ كۆپىيىشى تۈپەيلىدىن، نۇرغۇن كىشىلەردىكى مېھىر-مۇھەببەت سوۋۇپ كېتىدۇ. | |
13 Wer aber beharret bis ans Ende, der wird selig.
لېكىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر قۇتقۇزۇلىدۇ. | |
14 Und es wird geprediget werden das Evangelium vom Reich in der ganzen Welt zu einem Zeugnis über alle Völker; und dann wird das Ende kommen.
بارلىق ئەللەرگە ئاگاھ-گۇۋاھلىق بولسۇن ئۈچۈن، [خۇدانىڭ] پادىشاھلىقى ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەر پۈتكۈل دۇنياغا جاكارلىنىدۇ؛ ئاندىن زامان ئاخىرى بولىدۇ. | |
15 Wenn ihr nun sehen werdet den Greuel der Verwüstung, davon gesagt ist durch den Propheten Daniel, daß er stehet an der heiligen Stätte (wer das lieset, der merke darauf!),
دانىيال پەيغەمبەر قەيت قىلغان «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق»نىڭ مۇقەددەس جايدا تۇرغىنىنى كۆرگىنىڭلاردا (كىتابخان بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەي)، | |
16 alsdann fliehe auf die Berge, wer im jüdischen Lande ist;
يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە تۇرۇۋاتقانلار تاغلارغا قاچسۇن؛ | |
17 und wer auf dem Dach ist, der steige nicht hernieder, etwas aus seinem Hause zu holen;
ئۆگزىدە تۇرغان كىشى ئۆيىدىكى نەرسە-كېرەكلىرىنى ئالغىلى چۈشمەيلا [قاچسۇن]. | |
18 und wer auf dem Felde ist, der kehre nicht um, seine Kleider zu holen.
ئېتىزلىقتا تۇرغان كىشىمۇ چاپىنىنى ئالغىلى ئۆيىگە يانمىسۇن. | |
19 Wehe aber den Schwangern und Säugerinnen zu der Zeit!
ئۇ كۈنلەردە ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! | |
20 Bittet aber, daß eure Flucht nicht geschehe im Winter oder am Sabbat,
قاچىدىغان ۋاقتىڭلارنىڭ قىش ياكى شابات كۈنىگە توغرا كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. | |
21 Denn es wird alsdann eine große Trübsal sein, als nicht gewesen ist von Anfang der Welt bisher und als auch nicht werden wird.
چۈنكى ئۇ چاغدا دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن مۇشۇ چاغقىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان ھەم كەلگۈسىدىمۇ كۆرۈلمەيدىغان دەھشەتلىك ئازاب-ئوقۇبەت بولىدۇ. | |
22 Und wo diese Tage nicht würden verkürzt, so würde kein Mensch selig; aber um der Auserwählten willen werden die Tage verkürzt.
ئۇ كۈنلەر ئازايتىلمىسا، ھېچقانداق ئەت ئىگىسى قۇتۇلالمايتتى؛ لېكىن [خۇدانىڭ] ئۆز تاللىغانلىرى ئۈچۈن ئۇ كۈنلەر ئازايتىلىدۇ. | |
23 So alsdann jemand zu euch wird sagen: Siehe, hier ist Christus oder da! so sollt ihr's nicht glauben.
ئەگەر ئۇ چاغدا بىرسى سىلەرگە: «قاراڭلار، بۇ يەردە مەسىھ بار!» ياكى «[مەسىھ] ئەنە ئۇ يەردە!» دېسە، ئىشەنمەڭلار. | |
24 Denn es werden falsche Christi und falsche Propheten aufstehen und große Zeichen und Wunder tun, daß verführet werden in den Irrtum (wo es möglich wäre) auch die Auserwählten.
چۈنكى ساختا مەسىھلەر ۋە ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا چىقىدۇ، قالتىس مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئەگەر مۇمكىن بولىدىغان بولسا، ئۇلار ھەتتا [خۇدا] تاللىغانلارنىمۇ ئازدۇراتتى. | |
25 Siehe, ich hab's euch zuvor gesagt!
مانا، مەن بۇ ئىشلار يۈز بېرىشتىن بۇرۇن سىلەرگە ئۇقتۇرۇپ قويدۇم. | |
26 Darum wenn sie zu euch sagen werden: Siehe, er ist in der Wüste! so gehet nicht hinaus; siehe, er ist in der Kammer! so glaubt nicht.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بىرسى سىلەرگە: «قاراڭلار، ئۇ چۆل-باياۋاندا!» دېسە، ئۇ يەرگە بارماڭلار. «قاراڭلار، ئۇ ئىچكىرىدىكى ئۆيلەردە!» دېسە، ئىشەنمەڭلار. | |
27 Denn gleichwie der Blitz ausgehet vom Aufgang und scheinet bis zum Niedergang, also wird auch sein die Zukunft des Menschensohnes.
چۈنكى چاقماق شەرقتىن غەربكە يالت-يۇلت قىلىپ قانداق چاققان بولسا، ئىنسانئوغلىنىڭ كېلىشى شۇنداق بولىدۇ. | |
28 Wo aber ein Aas ist, da sammeln sich die Adler.
چۈنكى جەسەت قايسى يەردە بولسا، ئۇ يەردىمۇ قۇزغۇنلار توپلىشىدۇ! | |
29 Bald aber nach der Trübsal derselbigen Zeit werden Sonne und Mond den Schein verlieren, und die Sterne werden vom Himmel fallen, und die Kräfte der Himmel werden sich bewegen.
ئۇ كۈنلەردىكى ئازاب-ئوقۇبەتلەر ئۆتۈپ كەتكەن ھامان، قۇياش قارىيىدۇ، ئاي يورۇقلۇقىنى بەرمەيدۇ، يۇلتۇزلار ئاسماندىن تۆكۈلۈپ چۈشىدۇ، ئاسماندىكى كۈچلەر لەرزىگە كېلىدۇ. | |
30 Und alsdann wird erscheinen das Zeichen des Menschensohnes am Himmel. Und alsdann werden heulen alle Geschlechter auf Erden und werden sehen kommen des Menschen Sohn in den Wolken des Himmels mit großer Kraft und HERRLIchkeit.
ئاندىن ئىنسانئوغلىنىڭ ئالامىتى ئاسماندىن كۆرۈنىدۇ؛ يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل قەبىلىلەر يىغا-زار كۆتۈرۈشىدۇ. ئۇلار ئىنسانئوغلىنىڭ كۈچ-قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ ئىچىدە ئاسماندىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. | |
31 Und er wird senden seine Engel mit hellen Posaunen, und sie werden sammeln seine Auserwählten von den vier Winden, von einem Ende des Himmels zu dem andern.
ئۇ پەرىشتىلىرىنى زور جاراڭلىق بىر كاناي ساداسى بىلەن ئەۋەتىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ تاللىغانلىرىنى دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن، ئاسماننىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە ھەريەردىن يىغىپ بىر يەرگە جەم قىلىدۇ. | |
32 An dem Feigenbaum lernet ein Gleichnis. Wenn sein Zweig jetzt saftig wird und Blätter gewinnet, so wisset ihr, daß der Sommer nahe ist.
ئەنجۈر دەرىخىدىن مۇنداق تەمسىلنى بىلىۋېلىڭلار: ــ ئۇنىڭ شاخلىرى كۆكىرىپ يوپۇرماق چىقارغاندا، يازنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى بىلىسىلەر. | |
33 Also auch, wenn ihr das alles sehet, so wisset, daß es nahe vor der Tür ist.
خۇددى شۇنىڭدەك، [مەن بايا دېگەنلىرىمنىڭ] ھەممىسىنى كۆرگىنىڭلاردا، ئۇنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى، ھەتتا ئىشىك ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىۋېلىڭلار. | |
34 Wahrlich, ich sage euch, dies Geschlecht wird nicht vergehen, bis daß dieses alles geschehe.
مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ دەۋر ئۆتمەيدۇ. | |
35 Himmel und Erde werden vergehen, aber meine Worte werden nicht vergehen.
ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز يوقالمايدۇ. | |
36 Von dem Tage aber und von der Stunde weiß niemand, auch die Engel nicht im Himmel, sondern allein mein Vater.
لېكىن شۇ كۈنى ۋە ۋاقىت-سائىتىنىڭ خەۋىرىنى بولسا، ھېچكىم بىلمەيدۇ ــ ھەتتا ئەرشتىكى پەرىشتىلەرمۇ بىلمەيدۇ، ئۇنى پەقەت ئاتاملا بىلىدۇ. | |
37 Gleich aber wie es zu der Zeit Noahs war, also wird auch sein die Zukunft des Menschensohnes.
ئەمدى نۇھ پەيغەمبەرنىڭ كۈنلىرىدە قانداق بولغان بولسا، ئىنسانئوغلى [قايتىپ] كەلگەندىمۇ شۇنداق بولىدۇ. | |
38 Denn gleichwie sie waren in den Tagen vor der Sintflut: sie aßen, sie tranken, sie freieten und ließen sich freien bis an den Tag, da Noah zu der Arche einging,
چۈنكى توپان كېلىشىدىن ئىلگىرىكى كۈنلەردە، نۇھ كېمىگە كىرىپ ئولتۇرغان كۈنگىچە، [شۇ زاماندىكى] كىشىلەر يەپ-ئىچىپ، ئۆيلىنىپ ۋە ياتلىق بولۇپ كەلگەنىدى. | |
39 und sie achteten's nicht, bis die Sintflut kam und nahm sie alle dahin: also wird auch sein die Zukunft des Menschensohnes.
توپان تۇيۇقسىز كېلىپ ھەممىسىنى غەرق قىلغۇچە، كىشىلەر ئۇنىڭدىن خەۋەرسىز بولۇپ تۇرغانغا ئوخشاش، ئىنسانئوغلىنىڭ قايتىپ كېلىشىمۇ شۇنداق بولىدۇ. | |
40 Dann werden zwei auf dem Felde sein; einer wird angenommen und der andere wird verlassen werden.
ئۇ كۈنى، ئېتىزدا ئىككى كىشى تۇرغان بولىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ؛ | |
41 Zwo werden mahlen auf der Mühle; eine wird angenommen und die andere wird verlassen werden.
ئىككى ئايال تۈگمەن بېشىدا تۇرۇپ ئۇن تارتىۋاتقان بولىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ. | |
42 Darum wachet! Denn ihr wisset nicht, welche Stunde euer HERR kommen wird.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ھوشيار بولۇڭلار، چۈنكى رەببىڭلارنىڭ قايتىپ كېلىدىغان ۋاقتى-سائىتىنى بىلمەيسىلەر. | |
43 Das sollt ihr aber wissen: Wenn ein Hausvater wüßte, welche Stunde der Dieb kommen wollte, so würde er ja wachen und nicht in sein Haus brechen lassen.
لېكىن شۇنى بىلىڭلاركى، ئەگەر ئۆي ئىگىسى ئوغرىنىڭ كېچىسى قايسى جېسەكتە كېلىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسا، سەگەك تۇرۇپ ئوغرىنىڭ ئۆينى تېشىپ كىرىشىگە ھەرگىز يول قويمايتتى. | |
44 Darum seid ihr auch bereit; denn des Menschen Sohn wird kommen zu einer Stunde, da ihr nicht meinet.
شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ تەييار تۇرۇڭلار. چۈنكى ئىنسانئوغلى سىلەر ئويلىمىغان ۋاقىت-سائەتتە قايتىپ كېلىدۇ! | |
45 Welcher ist aber nun ein treuer und kluger Knecht, den sein HERR gesetzt hat über sein Gesinde, daß er ihnen zu rechter Zeit Speise gebe?
خوجايىنى ئۆز ئۆيىدىكىلەرگە مەسئۇل قىلىپ، ئۇلارغا ئوزۇق-تۈلۈكىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تەقسىم قىلىپ بېرىشكە تەيىنلىگەن ئىشەنچلىك ۋە پەملىك چاكار كىم بولىدۇ؟ | |
46 Selig ist der Knecht, wenn sein HERR kommt und findet ihn also tun!
خوجايىن [ئۆيىگە] قايتقاندا، چاكىرىنىڭ شۇنداق قىلىۋاتقىنىنىڭ ئۈستىگە كەلسە، بۇ چاكارنىڭ بەختىدۇر! | |
47 Wahrlich, ich sage euch, er wird ihn über alle seine Güter setzen.
مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خوجايىن ئۇنى پۈتۈن ئىگىلىكىنى باشقۇرۇشقا قويىدۇ. | |
48 So aber jener, der böse Knecht, wird in seinem Herzen sagen: Mein HERR kommt noch lange nicht,
لېكىن مۇبادا شۇ چاكار رەزىل بولۇپ كۆڭلىدە: «خوجايىنىم ھايال بولۇپ قالىدۇ» دەپ ئويلاپ، | |
49 und fähet an zu schlagen seine Mitknechte, isset und trinket mit den Trunkenen:
باشقا چاكار بۇرادەرلىرىنى بوزەك قىلىشقا ۋە ھاراقكەشلەرگە ھەمراھ بولۇپ يەپ-ئىچىشكە باشلىسا، | |
50 so wird der HERR desselbigen Knechts kommen an dem Tage, des er sich nicht versiehet, und zu der Stunde, die er nicht meinet,
شۇ چاكارنىڭ خوجايىنى كۈتۈلمىگەن بىر كۈنى، ئويلىمىغان بىر ۋاقىتتا قايتىپ كېلىدۇ | |
51 und wird ihn zerscheitern und wird ihm seinen Lohn geben mit den Heuchlern. Da wird sein Heulen und Zähneklappen.
ۋە ئۇنى كېسىپ ئىككى پارچە قىلىپ، ئۇنىڭ نېسىۋىسىنى ساختىپەزلەر بىلەن ئوخشاش تەقدىردە بېكىتىدۇ. شۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ. | |

The World is Destroyed by Water