< Klagelieder 5 >

1 Gedenke, Jahwe, was uns widerfahren; schau her und sieh unsere Schmach!
بېشىمىزغا چۈشكەنلەرنى ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ قارا، بىزنىڭ رەسۋاچىلىقتا قالغىنىمىزنى نەزىرىڭگە ئالغايسەن!
2 Unser Erbbesitz ist Fremden zugefallen, unsere Häuser Ausländern.
مىراسىمىز ياتلارغا، ئۆيلىرىمىز ياقا يۇرتلۇقلارغا تاپشۇرۇلدى.
3 Wir sind Waisen geworden, vaterlos, unsere Mütter zu Witwen.
بىز يېتىم-يېسىرلەر، ئاتىسىزلار بولۇپ قالدۇق؛ ئانىلىرىمىزمۇ تۇل قالدى.
4 Unser Wasser trinken wir um Geld, unser Holz bekommen wir nur gegen Zahlung.
ئىچىدىغان سۇنى سېتىۋېلىشىمىز كېرەك؛ ئوتۇننى پەقەت پۇلغا ئالغىلى بولىدۇ.
5 Unsere Verfolger sitzen uns auf dem Nacken; sind wir ermattet, gönnt man uns keine Ruhe.
بىزنى قوغلىغۇچىلار تاپ باستۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ؛ ھالسىراپ، ھېچ ئارام تاپالمايمىز.
6 Ägypten reichten wir die Hand, Assur, um satt zu werden.
جان ساقلىغۇدەك بىر چىشلەم ناننى دەپ، مىسىر ھەم ئاسۇرىيەگە قول بېرىپ بويسۇنغانمىز.
7 unsere Väter fehlten; sie sind nicht mehr, und wir tragen ihre Verschuldungen.
ئاتا-بوۋىلىرىمىز گۇناھ سادىر قىلىپ دۇنيادىن كەتتى؛ بىز بولساق، ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى كۆتۈرۈشكە قالدۇق.
8 Knechte herrschen über uns; niemand entreißt uns ihrer Hand.
ئۈستىمىزدىن ھۆكۈم سۈرگۈچىلەر قۇللاردۇر؛ بىزنى ئۇلارنىڭ قولىدىن ئازاد قىلغۇچى يوقتۇر.
9 Mit Gefahr unseres Lebens holen wir unser Brot voller Angst vor dem Schwert und der Pest.
دالادا قىلىچ تۈپەيلىدىن، نېنىمىزنى تېپىشقا جېنىمىزنى تەۋەككۇل قىلماقتىمىز.
10 Unsere Haut ist geschwärzt wie ein Ofen, von den Gluten des Hungers.
تېرىمىز تونۇردەك قىزىق، ئاچلىق تۈپەيلىدىن قىزىتما بىزنى باسماقتا.
11 Frauen in Zion haben sie geschändet, Jungfrauen in den Städten Judas.
زىئوندا ئاياللار، يەھۇدا شەھەرلىرىدە پاك قىزلار ئاياغ ئاستى قىلىندى.
12 Fürsten wurden durch ihre Hand gehenkt, der Vornehmen Ansehn für nichts geachtet.
ئەمىرلەر قولىدىن دارغا ئېسىپ قويۇلدى؛ ئاقساقاللارنىڭ ھۆرمىتى ھېچ قىلىنمىدى.
13 Jünglinge nahmen sie zum Mahlen, und Knaben strauchelten unter der Last von Holz.
ياش يىگىتلەر يارغۇنچاقتا جاپا تارتماقتا، ئوغۇل بالىلىرىمىز ئوتۇن يۈكلەرنى يۈدۈپ دەلدەڭشىپ ماڭماقتا.
14 Verschwunden sind die Greise am Thor, das Saitenspiel der Jünglinge.
ئاقساقاللار شەھەر دەرۋازىسىدا ئولتۇرماس بولدى؛ يىگىتلەر نەغمە-ناۋادىن قالدى.
15 Geschwunden ist unseres Herzens Freude; in Klage ist unser Reigen verwandelt.
شاد-خۇراملىق كۆڭلىمىزدىن كەتتى، ئۇسسۇل ئوينىشىمىز ماتەمگە ئايلاندى.
16 Die Krone ist uns vom Haupte gefallen: wehe uns, daß wir gesündigt haben!
بېشىمىزدىن تاج يىقىلدى؛ ھالىمىزغا ۋاي! چۈنكى بىز گۇناھ سادىر قىلدۇق!
17 Darüber ist unser Herz siech geworden, darob unsere Augen trübe,
بۇنىڭ تۈپەيلىدىن يۈرەكلىرىمىز مۇجۇلدى؛ بۇلار تۈپەيلىدىن كۆزلىرىمىز قاراڭغۇلاشتى ــ
18 über den Zionsberg, der verwüstet ist, auf dem sich Füchse tummeln.
ــ زىئون تېغىغا قاراپ كۆزلىرىمىز قاراڭغۇلاشتى، چۈنكى ئۇ چۆلدەرەپ كەتتى، چىلبۆرە ئۇنىڭدا پايلاپ يۈرمەكتە.
19 Du, Jahwe, thronst auf ewig, dein Stuhl steht von Geschlecht zu Geschlecht.
سەن، ئى پەرۋەردىگار، مەڭگۈگە ھۆكۈم سۈرىسەن؛ تەختىڭ دەۋردىن-دەۋرگە داۋاملىشىدۇ.
20 Warum willst du uns für immer vergessen, uns lebenslang verlassen?
سەن نېمىشقا بىزنى دائىم ئۇنتۇيسەن؟ نېمىشقا شۇنچە ئۇزۇنغىچە بىزدىن ۋاز كېچىسەن؟
21 Bekehre uns zu dir, Jahwe, so kehren wir um; erneuere unsere Tage, wie vor Alters!
بىزنى يېنىڭغا قايتۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار! شۇنداق بولغاندا بىز قايتالايمىز! كۈنلىرىمىزنى قەدىمكىدەك ئەسلىگە كەلتۈرگەيسەن،
22 Oder hast du uns ganz verworfen, bist überaus auf uns erzürnt?
ــ ئەگەر سەن بىزنى مۇتلەق چەتكە قاقمىغان بولساڭ، ئەگەر بىزدىن چەكسىز غەزەپلەنمىگەن بولساڭ!

< Klagelieder 5 >