< Jesaja 60 >

1 Auf! Werde Licht! Dein Licht will kommen; die Herrlichkeit des Herrn strahlt über dir.
ــ ئورنۇڭدىن تۇر، نۇر چاچ! چۈنكى نۇرۇڭ يېتىپ كەلدى، پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئۈستۈڭدە كۆتۈرۈلدى!
2 Denn Finsternis bedeckt die Erde und Wolkendunkel die Nationen. Doch über dir erstrahlt der Herr, und über dir strahlt seine Herrlichkeit.
چۈنكى قاراڭغۇلۇق يەر-زېمىننى، قاپقارا زۇلمەت ئەل-يۇرتلارنى باسىدۇ؛ بىراق پەرۋەردىگار ئۈستۈڭدە كۆتۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭ شان-شەرىپى سېنىڭدە كۆرۈنىدۇ؛
3 Bei deinem Lichte wandeln Heidenvölker und Könige im Glanze deines Strahlens.
ھەم ئەللەر نۇرۇڭ بىلەن، پادىشاھلار سېنىڭ كۆتۈرۈلگەن يورۇقلۇقۇڭ بىلەن ماڭىدۇ.
4 Auf, erhebe deine Augen! Schau ringsumher! Sie alle sammeln sich und kommen zu dir her. Aus weiter Ferne kommen deine Söhne, und deine Töchter werden auf der Hüfte hergetragen.
بېشىڭنى كۆتۈر، ئەتراپىڭغا قاراپ باق؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى جەم بولۇپ يىغىلىدۇ؛ ئۇلار يېنىڭغا كېلىدۇ، ــ ئوغۇللىرىڭ يىراقتىن كېلىدۇ، قىزلىرىڭ يانپاشلارغا ئارتىلىپ كۆتۈرۈپ كېلىنىدۇ.
5 Du siehst es und erstrahlst; dein Herz erbebt und regt sich freudig; denn plötzlich strömt zu dir des Meeres Reichtum und kommen zu dir her der Heidenvölker Schätze.
شۇ چاغدا كۆرىسەن، كۆزلىرىڭ چاقناپ كېتىدۇ، يۈرەكلىرىڭ تىپچەكلەپ، ئىچ-ئىچىڭگە پاتماي قالىسەن؛ چۈنكى دېڭىزدىكى بايلىقلار سەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ كېلىدۇ، ئەللەرنىڭ مال-دۇنيالىرى يېنىڭغا كېلىدۇ.
6 Dann deckt dich der Kamele Schwall, von Midian und Epha junge Tiere. Von Saba kommen sie zuhauf und tragen Gold und Weihrauch her und künden froh des Herren Ruhmestaten.
توپ-توپ بولۇپ كەتكەن تۆگىلەر، ھەم مىدىيان ھەم ئەفاھدىكى تايلاقلار سېنى قاپلايدۇ؛ شېبادىكىلەرنىڭ ھەممىسى كېلىدۇ؛ ئۇلار ئالتۇن ھەم خۇشبۇي ئېلىپ كېلىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ مەدھىيىلىرىنى جاكارلايدۇ.
7 Dir werden alle Schafe Kedars zugetrieben, und Nabatäas Widder stehen dir zu Diensten. Auf meinen Altar kommen sie zum Wohlgefallen, und also schmücke ich mein herrlich Haus. -
كېدارنىڭ بارلىق قوي پادىلىرى يېنىڭغا يىغىلىدۇ؛ نېبايوتنىڭ قوچقارلىرى خىزمىتىڭدە بولىدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ قوبۇل قىلىشىمغا ئېرىشىپ قۇربانگاھىمغا چىقىرىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن گۈزەللىك-جۇلالىقىمنى ئايان قىلىدىغان ئۆيۈمنى گۈزەللەشتۈرىمەن.
8 Wer sind doch jene, die herbei wie Wolken fliegen, wie Tauben schnell zu ihren Schlägen?
كەپتەرخانىلىرىغا قايتىپ كەلگەن كەپتەرلەردەك، ئۇچۇپ كېلىۋاتقان بۇلۇتتەك كېلىۋاتقان كىمدۇ؟
9 Die Küstenländer mühen sich für mich, voran die Tarsisschiffe, und bringen aus der Ferne deine Söhne heim, - mit ihnen auch ihr Silber und ihr Gold, zu Ehren deines Herrn und Gottes, des Heiligen Israels, der dich verherrlicht.
چۈنكى ئاراللار مېنى كۈتىدۇ؛ شۇلار ئارىسىدىن ئوغۇللىرىڭنى يىراقتىن ئېلىپ كېلىشكە، ئۆز ئالتۇن-كۈمۈشلىرىنى بىللە ئېلىپ كېلىشكە، تارشىشتىكى كېمىلەر بىرىنچى بولىدۇ. ئۇلار خۇدايىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ يېنىغا كېلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ ساڭا گۈزەللىك-جۇلالىق كەلتۈردى.
10 Und deine Mauern bauen Ausländer, und ihre Könige bedienen dich. Ich habe dich in meinem Groll geschlagen; nun tue ich dir wieder wohl in meiner Liebe.
يات ئادەملەرنىڭ بالىلىرى سېپىللىرىڭنى قۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى خىزمىتىڭدە بولىدۇ؛ چۈنكى غەزىپىمدە مەن سېنى ئۇردۇم؛ بىراق شاپائىتىم بىلەن ساڭا رەھىم-مېھرىبانلىق كۆرسەتتىم.
11 Beständig stehen deine Tore offen, unverschlossen Tag und Nacht, daß man der Heiden Reichtum bei dir einführe mit ihren Königen, umgeben von Geleiten.
دەرۋازىلىرىڭ ھەردائىم ئوچۇق تۇرىدۇ؛ (ئۇلار كېچە-كۈندۈز ئېتىلمەيدۇ) شۇنداق قىلغاندا ئەللەرنىڭ بايلىقلىرىنى ساڭا ئېلىپ كەلگىلى، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى ئالدىڭغا يېتەكلەپ كەلگىلى بولىدۇ.
12 Denn Volk und Reich, das dir nicht dienen will, wird untergehn, und Heidenvölker werden völlig ausgerottet.
چۈنكى ساڭا خىزمەتتە بولۇشنى رەت قىلىدىغان ئەل ياكى پادىشاھلىق بولسا يوقىلىدۇ؛ مۇشۇنداق ئەللەر پۈتۈنلەي بەربات بولىدۇ.
13 Die Pracht des Libanon kommt zu dir her, Zypressen, Fichten, Ulmen allzumal, um meine heilige Stätte auszuschmücken und meiner Füße Schemel zu verherrlichen.
مېنىڭ مۇقەددەس جايىمنى گۈزەللەشتۈرۈشكە، لىۋاننىڭ شەرىپى، ــ ئارچا، قارىغاي ۋە بوكسۇس دەرەخلىرىنىڭ ھەممىسى ساڭا كېلىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ ئايىغىم تۇرغان يەرنى شەرەپلىك قىلىمەن.
14 Dir nahen sich, gebückt, die Söhne deiner Unterdrücker und werfen sich zu deinen Füßen nieder, sie alle, die dich einst verhöhnt. Sie heißen dich "Die heilige Stadt des Herrn", "Sion des Heiligen Israels".
سېنى خارلىغانلارنىڭ بالىلىرى بولسا ئالدىڭغا ئېگىلگىنىچە كېلىدۇ؛ سېنى كەمسىتكەنلەرنىڭ ھەممىسى ئايىغىڭغا باش ئۇرىدۇ؛ ئۇلار سېنى «پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرى»، «ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ زىئونى» دەپ ئاتايدۇ.
15 Wie du verlassen warst, gehaßt und unbesucht, so mache ich dich jetzt zum ewigen Stolz, zur Wonne kommender Geschlechter.
سەن تاشلىۋېتىلگەن ھەم نەپرەتكە ئۇچرىغانلىقىڭ ئۈچۈن، ھېچكىم زېمىنىڭدىن ئۆتمىگەن؛ ئەمدىلىكتە مەن سېنى مەڭگۈلۈك بىر شان-شۆھرەت، ئەۋلاد-ئەۋلادلارنىڭ بىر خۇرسەنلىكى قىلىمەن.
16 Du trinkst der Heidenvölker Milch und nährst dich gar an königlicher Brust. Du sollst erfahren, daß ich, der Herr, dein Helfer bin und dein Befreier Jakobs Held.
ئەللەرنىڭ سۈتىنى ئېمىسەن، پادىشاھلارنىڭ ئەمچىكىدىن ئەمگەندەك [مېھىر-شەپقىتىگە] ئېرىشسەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن مەن پەرۋەردىگارنى ئۆزۈڭنىڭ نىجاتكارىڭ ھەم ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىڭ، «ياقۇپتىكى قۇدرەت ئىگىسى» دەپ بىلىسەن.
17 An Erzes Statt will ich dir Gold bescheren und statt des Eisens Silber, Erz statt der Hölzer, statt der Steine Eisen. Ich setze als Regierung dir den Frieden ein, als deinen Obern die Gerechtigkeit.
مىسنىڭ ئورنىغا ئالتۇننى، تۆمۈرنىڭ ئورنىغا كۈمۈشنى ئەپكېلىپ ئالماشتۇرىمەن؛ ياغاچنىڭ ئورنىغا مىسنى، تاشلارنىڭ ئورنىغا تۆمۈرنى ئەپكېلىپ ئالماشتۇرىمەن؛ سېنىڭ ھاكىملىرىڭنى بولسا تىنچ-ئاراملىق، بەگلىرىڭنى ھەققانىيلىق قىلىمەن.
18 Nicht weiter hört man von Gewalt in deinem Land, in deinen Grenzen nichts von Druck und Drangsal; du heißest deine Mauern "Sieg" und deine Tore "Ruhm".
زېمىنىڭدا زوراۋانلىقنىڭ ھېچ ساداسى بولمايدۇ، چېگرالىرىڭ ئىچىدە ۋەيرانچىلىق ۋە ھالاكەتمۇ يوق بولىدۇ؛ سەن سېپىللىرىڭنى «نىجات»، دەرۋازىلىرىڭنى «مەدھىيە» دەپ ئاتايسەن.
19 Zum Tageslichte dient dir nicht die Sonne; noch braucht des Mondes Schimmer dir zu leuchten. Ein ewig Licht ist dir der Herr, dein Gott dein Strahlenkranz.
نە قۇياش كۈندۈزدە ساڭا نۇر بولمايدۇ، نە ئاينىڭ جۇلاسى ساڭا يورۇقلۇق بەرمەيدۇ؛ بەلكى پەرۋەردىگار سېنىڭ مەڭگۈلۈك نۇرۇڭ بولىدۇ، سېنىڭ خۇدايىڭ گۈزەل جۇلالىقىڭ بولىدۇ.
20 Nie mehr geht deine Sonne unter; dein Mond verschwindet nicht. Ein ewig Licht ist dir der Herr; denn deine Trauertage sind vorbei.
سېنىڭ قۇياشىڭ ئىككىنچى پاتمايدۇ، ئېيىڭ تولۇنلۇقىدىن يانمايدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ مەڭگۈلۈك نۇرۇڭ بولىدۇ، ھەسرەت-قايغۇلۇق كۈنلىرىڭگە خاتىمە بېرىلىدۇ.
21 Dein Volk - nur Fromme! Auf ewig werden sie das Land besitzen, als Sprößlinge von mir gepflanzt, als meiner Hände ehrenvolles Werk.
سېنىڭ خەلقىڭنىڭ ھەممىسى ھەققانىي بولىدۇ؛ يەر-زېمىنغا مەڭگۈگە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ مېنىڭ گۈزەل جۇلالىقىمنى ئايان قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلار ئۆز قولۇم بىلەن تىككەن مايسا، ئۆز قولۇم بىلەن ئىشلىگىنىم بولىدۇ.
22 Der Kleinste wird zu einer Tausendschaft, zum starken Volke der Geringste. Ich bin der Herr, und ich beschleunige es plötzlich.
سەبىي بالا بولسا مىڭغا، ئەڭ كىچىكى بولسا ئۇلۇغ ئەلگە ئايلىنىدۇ، مەنكى پەرۋەردىگار بۇلارنى ئۆز ۋاقتىدا تېزدىن ئەمەلگە ئاشۇرىمەن.

< Jesaja 60 >