نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ سەن ئۆز زېمىنىڭغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ، ياقۇپنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرغانىدىڭ، ئى پەرۋەردىگار. |
خەلقىڭنىڭ قەبىھلىكىنى كەچۈرۈم قىلىپ، بارلىق گۇناھلىرىنى ياپقانىدىڭ. سېلاھ. |
سەن پۈتۈن قەھرىڭنى ئىچىڭگە قايتۇرۇۋېلىپ، غەزىپىڭنىڭ ئەشەددىيلىكىدىن يانغانىدىڭسەن. |
ئەمدى بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن، ئى نىجاتلىقىمىز بولغان خۇدا! بىزگە بولغان ئاچچىقىڭغا ھاي بەرگەيسەن! |
سەن بىزگە ئەبەدىي غەزەپلىنەمسەن؟ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە غەزىپىڭنى سوزامسەن؟ |
خەلقىڭ ئۆزۈڭدىن شادلىنىشى ئۈچۈن، بىزنى قايتىدىن يېڭىلىمامسەن؟ |
بىزگە ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆرسەتكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار، بىزگە نىجاتلىقىڭنى ئاتا قىلغايسەن! |
تەڭرى پەرۋەردىگارنىڭ نېمىلەرنى دەيدىغانلىقىغا قۇلاق سالاي؛ چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىگە، ئۆز مۆمىن بەندىلىرىگە ئامان-خاتىرجەملىكنى سۆزلەيدۇ؛ ئۇلار يەنە ھاماقەتلىككە قايتمىسۇن! |
زېمىنىمىزدا شان-شۆھرەتنىڭ تۇرۇشى ئۈچۈن، دەرھەقىقەت، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارغا ئۇنىڭ نىجاتلىقى يېقىندۇر؛ |
ئۆزگەرمەس مۇھەببەت ۋە ھەقىقەت ئۆزئارا كۆرۈشتى؛ ھەققانىيەت ۋە ئامان-خاتىرجەملىك بىر-بىرىنى سۆيۈشتى؛ |
ھەقىقەت يەردىن ئۈنۈپ چىقماقتا، ھەققانىيەت ئەرشلەردىن قارايدۇ. |
پەرۋەردىگار بەرىكەت بېرىدۇ، زېمىنىمىز ھوسۇلىنى بېرىدۇ؛ |
ھەققانىيەت ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، ئۇنىڭ قەدەملىرىگە يول ھازىرلايدۇ! |