< Isaïe 8 >

1 Et le Seigneur me dit: Prends un grand livre et écris-y en style d’homme: Enlève promptement les dépouilles, prends vite le butin.
پەرۋەردىگار ماڭا: ــ «چوڭ بىر تاختاينى قولۇڭغا ئېلىپ، ئېنىق ھەرپلەر بىلەن: ــ «ماخار-شالال-خاش-باز» دەپ يازغىن» ــ دېدى.
2 Et je pris des témoins fidèles, Urie le prêtre et Zacharie fils de Barachie;
مەن شۇنداق قىلىپ ئۆزۈمگە «ئىشەنچلىك گۇۋاھچىلار» سۈپىتىدە مۇشۇنى خاتىرىلەشكە كاھىن بولغان ئۇرىيا ۋە يەرەبەقىيانىڭ ئوغلى زەكەرىيانى چاقىرىۋالدىم.
3 Et je m’approchai de la prophétesse, et elle conçut et enfanta un fils. Et le Seigneur me dit: Appelle son nom: Hâte-toi d’enlever les dépouilles: Empresse-toi de prendre le butin.
ئاندىن مەن ئايال پەيغەمبەر بىلەن بىللە ياتتىم. شۇنداق قىلىپ ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ماڭا: ــ «ئۇنىڭ ئىسمىنى «ماخار-شالال-خاش-باز» دەپ ئاتىغىن؛
4 Parce qu’avant que l’enfant sache nommer son père et sa mère, la puissance de Damas sera enlevée, ainsi que les dépouilles de Samarie devant le roi des Assyriens.
چۈنكى بالا «دادا، ئاپا» دەپ چاقىرىشنى بىلگۈچە، دەمەشق بايلىقلىرى ۋە سامارىيەدىكى ئولجا ئاسۇرىيە پادىشاھى تەرىپىدىن بۇلاپ ئېلىپ كېتىلىدۇ» ــ دېدى.
5 Et le Seigneur me parla encore, disant:
پەرۋەردىگار يەنە ماڭا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
6 Parce que ce peuple a rejeté les eaux de Siloë, qui coulent en silence, et qu’il a pris plutôt Rasin, et le fils de Romélie;
«مۇشۇ خەلق شىلوئاھ ئۆستىڭىدىكى لەرزان ئېقىۋاتقان سۇلارنى رەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىدا رەزىن ۋە رەمالىيانىڭ ئوغلىدىن خۇرسەن بولغاچقا،
7 À cause de cela, voici que le Seigneur fera venir sur eux les eaux violentes et abondantes du fleuve, le roi des Assyriens et toute sa gloire; et il s’élèvera au-dessus de toutes ses rives, et il coulera par dessus tous ses bords;
شۇڭا مانا، رەب ئۇلارنىڭ ئۈستىگە دولقۇنلاپ ئاقىدىغان، ئەلۋەك ئەفرات دەرياسىنىڭ سۇلىرىنى، ــ يەنى ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىنى تولۇق ھەيۋە-شۆھرىتى بىلەن ئېلىپ كېلىدۇ؛ ئۇ دەريادەك بارلىق ئېرىق-ئۆستەڭلىرىدىن تېشىپ كېتىدۇ، ھەممە قىرغاقلىرىنى بۆسۈپ تاشلايدۇ؛
8 Et il ira à travers Juda, l’inondant et le traversant jusqu’au cou. Et il étendra ses ailes, remplissant l’étendue de ta terre, ô Emmanuel.
ئۇ تاكى يەھۇداغىچە شىددەت بىلەن تېشىپ، ھەتتا بوينىغىچە كېلىدۇ؛ ئۇ قاناتلىرىنى يايغاندا پۈتكۈل زېمىنىڭغا سايە بولۇپ چۈشىدۇ، ئى ئىممانۇئېل!
9 Rassemblez-vous, peuples, et soyez vaincus; et écoutez, vous toutes, terres lointaines, fortifiez-vous et soyez vaincues, ceignez-vous pour le combat, soyez vaincues;
ــ غەزەپلىنىۋېرىڭلار، ئى ئەللەر، بىراق سۇندۇرۇلىسىلەر! جاھاننىڭ بارلىق چەت جايلىرى قۇلاق سېلىڭلار! [جەڭ ئۈچۈن] بېلىڭلارنى باغلاۋېرىڭلار، سۇندۇرۇلىسىلەر! [جەڭ ئۈچۈن] بېلىڭلارنى باغلاۋېرىڭلار، سۇندۇرۇلىسىلەر!
10 Formez des desseins, et ils seront dissipés; dites une parole, et elle ne sera pas exécutée, parce qu’avec nous est Dieu.
پىلانىڭلارنى تۈزىۋېرىڭلار، ئۇ بىكارغا كېتىدۇ؛ مەسلىھەتىڭلارنى قىلىۋېرىڭلار، ئۇمۇ ئاقمايدۇ؛ سەۋەبى ــ ئىممانۇئېل!».
11 Car voici ce que m’a dit le Seigneur, quand, me tenant par une main puissante, il m’a instruit, afin que je n’allasse point dans la voie de ce peuple disant:
چۈنكى پەرۋەردىگار كۈچلۈك قولىنى ماڭا تەگكۈزۈپ، مېنىڭ بۇ خەلقنىڭ يولىدا ماڭماسلىقىمغا يوليورۇق بېرىپ، مۇنداق سۆز قىلدى: ــ
12 Ne dites pas: Conjuration; car tout ce que dit ce peuple est conjuration; ne craignez pas ce qu’il craint et ne vous effrayez point.
«مۇشۇ كىشىلەر كۆپ ئىشلاردا «سۇيىقەست بار» دېسە، سىلەر بولساڭلار «سۇيىقەست بار» دەپ يۈرمەڭلار؛ ئۇلارنىڭ قورققىنىدىن سىلەر قورقماڭلار، ياكى ھېچ ۋەھىمىگە چۈشمەڭلار؛
13 Sanctifiez le Seigneur des armées; qu’il soit lui-même votre frayeur, et lui-même votre terreur.
پەقەت ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىلا ھەممىدىن ئۈستۈن دەپ بىلىڭلار؛ ئۇ سىلەرنىڭ قورقىدىغىنىڭلار بولسۇن، سىلەرنىڭ ۋەھىمەڭلار بولسۇن!
14 Et il vous sera en sanctification. Mais il sera en pierre d’achoppement et en pierre de scandale aux deux maisons d’Israël; en lacs et en ruine aux habitants de Jérusalem.
ئۇ بىر مۇقەددەس پاناھگاھ بولىدۇ، ھەمدە ئىسرائىلدىكى ئىككى جەمەت ئۈچۈن پۇتلىكاشاڭ تاش، ئادەمنى يىقىتىدىغان قورام تاش، يېرۇسالېمدىكىلەر ئۈچۈنمۇ قىلتاق ۋە تاپانتۇزاق بولىدۇ؛
15 Et le plus grand nombre d’entre eux se heurteront, et tomberont, et seront brisés, et ils s’embarrasseront dans des filets et ils seront pris.
ئۇلاردىن كۆپلەر [ئۇنىڭغا] پۇتلىشىپ، يىقىلىپ، يانجىلىپ، قىلتاققا چۈشۈپ، ئەسىرگە ئېلىنىدۇ».
16 Lie le témoignage, scelle la loi pour mes disciples,
ــ «بۇ گۇۋاھنامىنى يۆگەپ، تەۋرات قانۇنىنى مېنىڭ مۇخلىسلىرىم ئارىسىدا پېچەتلەپ قويغىن.
17 Et j’attendrai le Seigneur qui cache sa face à la maison de Jacob, et je l’attendrai.
مەن بولسام، يۈزىنى ياقۇپ جەمەتىدىن يوشۇرۇۋاتقان پەرۋەردىگارنى كۈتىمەن؛ ۋە مەن ئۇنى تەلمۈرۈپ ساقلايمەن.
18 Me voici, moi et les enfants que le Seigneur m’a donnés pour être un signe et un présage dans Israël, par l’ordre du Seigneur des armées qui habite sur la montagne de Sion.
قاراڭلار، ماڭا ۋە پەرۋەردىگار ماڭا بەرگەن بالىلارغا، بىز زىئون تېغىنى ئۆز ماكانى قىلغان ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئىسرائىلدا نامايان قىلغان بېشارەت ۋە كارامەتلەرنىڭ سۈپىتىدۇرمىز».
19 Et lorsqu’on vous dira: Consultez les pythoniens et les devins qui bruissent dans leurs enchantements, répondez: Est-ce qu’un peuple ne consultera pas son Dieu? Consulte-t-on les morts pour les vivants?
ــ باشقىلار سىلەرگە: ــ «بىز ۋىچىر-ۋىچىر، گۇدۇڭ-گۇدۇڭ قىلىدىغان «ئەرۋاھلارنى چاقىرغۇچى»لار ۋە داخانلاردىن يول سورايلى» ــ دېسە، سىلەر جاۋاب بېرىپ: ــ «بىر خەلقنىڭ ئۆز خۇداسىنى ئىزدەپ يول سورىشى كېرەك ئەمەسمۇ؟ تىرىكلەرنىڭ ئۆلۈكلەردىن يول سورىشى توغرىمۇ؟!» ــ دەڭلار.
20 Recourez plutôt à la loi, et au témoignage. Que s’ils ne parlent pas conformément à cette parole, la lumière du matin ne sera pas pour eux.
ــ تەۋرات قانۇنى ۋە گۇۋاھنامە ئاساس قىلىنسۇن! مۇشۇلارنى ئاساس قىلىپ سۆز قىلمىسا، ئۇلارغا تاڭ نۇرى چۈشمەيدۇ!
21 Et ils passeront au milieu d’elle, et ils tomberont, et ils souffriront la faim; et lorsqu’ils souffriront la faim, ils se mettront en colère, et ils maudiront leur roi et leur Dieu, et ils regarderont en haut.
ئەكسىچە، ئۇلار قىسىلغان، ئاچ ھالدا زېمىننى كېزىپ يۈرىشىدۇ؛ ئاچ قالغان چاغدا، ئۇلار غەزەپلىنىپ ئاسمانغا قاراپ، پادىشاھىنى ھەم خۇداسىنى قارغاپ تىللايدۇ؛
22 Et ils porteront leurs regards vers la terre, et voilà la tribulation et les ténèbres, l’abattement et l’angoisse, une nuit sombre qui les poursuivra, et ils ne pourront échapper à leur angoisse.
ئۇلار يەرگە قارىسا، مانا، جاپا-مۇشەققەت، قاراڭغۇ-زۇلمەت، ھەسرەت-نادامەت ۋە پاراكەندىچىلىك تۇرىدۇ؛ ئۇلار قاپ-قاراڭغۇلۇققا ھەيدىۋېتىلىدۇ.

< Isaïe 8 >