< 1 Timothée 4 >

1 Or l’Esprit dit manifestement que, dans les derniers temps, quelques-uns abandonneront la foi, s’attachant à des esprits d’erreur, et à des doctrines de démons,
ئەمدى روھ شۇنى ئالاھىدە ئېيتىدۇكى، ئاخىر زامانلاردا بەزىلەر ئېتىقادتىن يېنىپ، ئالدامچى روھلارغا ۋە جىنلارنىڭ تەلىملىرىگە بېرىلىپ ئەگىشىدۇ.
2 Parlant le mensonge avec hypocrisie, et ayant la conscience cautérisée;
بۇنداق [تەلىم بەرگۈچىلەر] ساختىلىقتا يالغانچىلىق قىلىپ، خۇددى داغماللاپ كۆيدۈرۈۋەتكەندەك ئۆز ۋىجدانىنى يوقىتىپ قويغان؛
3 Défendant le mariage, et ordonnant de s’abstenir des aliments que Dieu a créés pour être reçus avec actions de grâces par les fidèles et par ceux qui ont connu la vérité;
ئۇلار نىكاھلىنىشنى ۋە بەزى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى مەنئى قىلىدۇ. ئەمما [ئۇلار مەنئى قىلىدىغان] يېمەكلىكلەرنى خۇدا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغان ھەم ھەقىقەتنى بىلگەنلەرنىڭ تەشەككۈر ئېيتىپ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن ياراتقانىدى.
4 Car toute créature de Dieu est bonne, et on ne doit rien rejeter de ce qui se prend avec actions de grâces,
چۈنكى خۇدا ياراتقان ھەممە نەرسە ياخشىدۇر، ئۇلار تەشەككۈر بىلەن قوبۇل قىلىنسا، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى چەكلەپ رەت قىلىشقا بولمايدۇ.
5 Parce qu’il est sanctifié par la parole de Dieu et par la prière.
چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ سۆز-كالامى ۋە ئىنسانلارنىڭ دۇئاسى بىلەن ھالال قىلىنىدۇ.
6 Enseignant ces choses à nos frères, tu seras un bon ministre du Christ Jésus, nourri des paroles de la foi et de la bonne doctrine que tu as reçue.
بۇ نەسىھەتلەرنى قېرىنداشلارنىڭ سەمىگە سالساڭ، مەسىھ ئەيسانىڭ ياخشى خىزمەتكارى بولغان بولىسەن. شۇنداقلا، ئۆزۈڭنىڭ ئەستايىدىل ئەگەشكەن ئېتىقادتىكى ۋە ساغلام تەلىملەردىكى سۆزلەر بىلەن قۇۋۋەتلەندۈرۈلگەنلىكىڭ ئايان بولىدۇ.
7 Mais les contes insensés des vieilles femmes, rejette-les, et exerce-toi à la piété.
ئەمما ئىخلاسسىزلارنىڭ ۋە مومايلارنىڭ ئەپسانىلىرىنى چەتكە قېقىپ، ئۆزۈڭنى ئىخلاسمەنلىك يولىدا چېنىقتۇرۇپ يېتىشتۈرگىن.
8 Car les exercices corporels servent peu; mais la piété est utile à tout, ayant les promesses de la vie présente et de celle à venir.
چۈنكى «بەدەننى چېنىقتۇرۇشنىڭ ئازراق پايدىسى بار، لېكىن ئىخلاسمەنلىكتە ئىنتىلىشنىڭ ھەرتەرەپلىك پايدىسى بار؛ ئۇ ھازىرقى ۋە كەلگۈسى ھايات ئۈچۈن بەخت ئېلىپ كېلىدۇ»
9 C’est une vérité certaine et digne d’être entièrement reçue.
ــ بۇ سۆز ھەقتۇر ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىشقا پۈتۈنلەي ئەرزىيدۇ.
10 Car, si nous prenons tant de peine, si nous sommes maudits, c’est que nous espérons dans le Dieu vivant, qui est le Sauveur de tous les hommes, et principalement des fidèles.
ئەمەلىيەتتە بىز بۇنىڭ ئۈچۈن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتىمىز ۋە خار قىلىنىۋاتىمىز. چۈنكى ئۈمىدىمىزنى پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ، بولۇپمۇ ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى ــ مەڭگۈ ھايات خۇداغا باغلىدۇق.
11 Commande et annonce ces choses.
بۇ ئىشلارنى [جامائەتكە] توختىماي تاپىلىغىن ۋە ئۆگەتكىن.
12 Que personne ne méprise ta jeunesse; mais sois l’exemple des fidèles, dans les discours, dans la manière d’agir, dans la charité, dans la foi, dans la chasteté.
ھېچكىمنىڭ سېنىڭ ياشلىقىڭغا سەل قارىشىغا يول قويما؛ بەلكى سۆزلىرىڭدە، ئەمەللىرىڭدە، مېھىر-مۇھەببەت، ئېتىقاد ۋە پاكلىقتا ئېتىقادچىلارغا نەمۇنە بول.
13 Jusqu’à ce que je vienne, applique-toi à la lecture, à l’exhortation et à l’enseignement.
مەن يېنىڭغا بارغۇچە، ئۆزۈڭنى جامائەتكە [مۇقەددەس يازمىلارنى] ئوقۇپ بېرىش، جېكىلەش ۋە تەلىم بېرىشكە بېغىشلىغىن.
14 Ne néglige pas la grâce qui est en toi, qui t’a été donnée en vertu d’une prophétie avec l’imposition des mains des prêtres.
[جامائىتىڭنىڭ] ئاقساقاللىرى قوللىرىنى ئۇچاڭغا قويغاندا، [خۇدانىڭ] ۋەھىيىسى ئارقىلىق ساڭا ئاتا قىلىنىشى بىلەن سەندە بولغان ئىلتىپاتقا بىپەرۋالىق قىلما.
15 Médite ces choses, sois-y tout entier, afin que ton avancement soit connu de tous.
بۇ ئىشلارغا بېرىلىپ، ئۆزۈڭنى ئۇلارغا تولۇق ئاتىغىن. شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئالغا باسقانلىقىڭ ھەممەيلەنگە ئايان بولىدۇ.
16 Veille sur toi-même et sur la doctrine; veilles-y sans relâche. Car agissant ainsi, tu te sauveras toi-même et ceux qui t’écoutent.
ئۆزۈڭگە ۋە بەرگەن تەلىمىڭگە ئىزچىل كۆڭۈل قويغىن. چۈنكى شۇنداق قىلغاندا ئۆزۈڭنىمۇ ۋە ساڭا قۇلاق سالغانلارنىمۇ قۇتقۇزىسەن.

< 1 Timothée 4 >