< Jérémie 6 >

1 Fuyez, enfants de Benjamin, du milieu de Jérusalem! Sonnez de la trompette à Thékoa, et élevez un signal vers Beth-Kérem; car de l'Aquilon un mal est imminent, une grande ruine!
جېنىڭلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يېرۇسالېم شەھىرىدىن قېچىڭلار، ئى بىنيامىن جەمەتىدىكىلەر! تەكوئا يېزىسىدا كاناي چېلىڭلار! بەيت-ھاككەرەمدە ئىس سىگنالىنى كۆتۈرۈڭلار! چۈنكى بالايىئاپەت، يەنى دەھشەتلىك ھالاكەت شىمال تەرەپتىن پەيدا بولىدۇ.
2 La belle, la délicate, la fille de Sion, je la détruis!
زىئون قىزى، يەنى نازىنىن ساھىبجامالنى، مەن نابۇت قىلىمەن.
3 Vers elle viennent des bergers et leurs troupeaux; ils plantent contre elle des tentes à l'entour; ils dévorent chacun son quartier.
يېرۇسالېمغا قارشى چىقىۋاتقان پادا باققۇچىلارمۇ ئۆز پادىلىرىنى ئېپكېلىدۇ؛ ئۇلار يېرۇسالېمنى قورشاۋغا ئېلىپ چېدىرلىرىنى تىكىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزى ئىگىلىگەن جايدا پادا باقىدۇ.
4 Préparez le combat contre elle! Allons! montons en plein midi. Hélas! le jour décline; les ombres du soir s'étendent.
[ئۇلار]: «ئۇنىڭغا قارشى جەڭگە تەييارلىنىڭلار! تۇرۇڭلار، چۈش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ھۇجۇم قىلايلى!»، «ئاپلا! كۈن پاتاي دەپ قاپتۇ، كەچتىكى سايىلەر ئۇزىراۋاتىدۇ!» ــ [دەيدۇ]، [ئاندىن]:
5 Allons! montons de nuit, et ruinons ses palais!
«شۇڭا، كېچىچە ھۇجۇم قىلىپ چىقايلى، ئۇنىڭ مۇستەھكەم ئوردىلىرىنى يوقىتايلى!» ــ دەيدۇ.
6 Car ainsi a dit l'Éternel des armées: Abattez les arbres, élevez des terrasses contre Jérusalem. C'est ici la ville qui doit être châtiée. Il n'y a qu'oppression au milieu d'elle.
ــ چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: ــ دەرەخلەرنى كېسىپ، ئۇلار بىلەن يېرۇسالېم ئەتراپىدا دۆڭ-پوتەيلەرنى ياساڭلار؛ چۈنكى ئۇ جازالانمىسا بولمايدىغان شەھەردۇر؛ ئۇنىڭدا بارلىق ئىشلار زۇلۇم-زومىگەرلىكتۇر.
7 Comme un puits fait sourdre ses eaux, ainsi fait-elle jaillir sa malice. On n'entend continuellement en elle, devant moi, que violence et ruine; on n'y voit que douleurs et que plaies.
قۇدۇق ئۆز سۇلىرىنى ئۇرغۇتۇپ چىقارغاندەك، ئۇمۇ رەزىللىكلىرىنى ئۇرغۇتۇپ چىقارماقتا؛ ئۇنىڭدىن زۇلمەت-زوراۋانلىق ۋە ھالاكەت سادالىرى ئاڭلانماقتا؛ مېنىڭ كۆز ئالدىمدا ھەمىشە ئاغرىق-كېسەللەر ھەم يارىلانغانلار پەيدا بولماقتا.
8 Jérusalem, reçois l'instruction, de peur que mon âme ne se détache de toi; de peur que je ne fasse de toi un désert, une terre inhabitée!
ئى يېرۇسالېم، تەلىم-تەربىيە قوبۇل قىل؛ بولمىسا جېنىم سەندىن ۋاز كېچىدۇ، ــ بولمىسا، مەن سېنى خارابىلىك، ئادەمزاتسىز بىر زېمىن قىلىۋېتىمەن.
9 Ainsi a dit l'Éternel des armées: On grappillera comme une vigne les restes d'Israël. Remets, comme un vendangeur, ta main aux paniers.
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۇلار ئۈزۈم تېلىنى پاساڭدىغۇچىلاردەك ئىسرائىلنىڭ قالدىسىنى پاساڭدايدۇ؛ شۇڭا سەن ئۈزۈم ئۈزگۈچىدەك ئۈزۈم تېلىدىكى شاخلار ئۈستىدىن يەنە بىر قېتىم قولۇڭنى ئۆتكۈزگىن!
10 A qui parlerai-je, et qui sommerai-je, pour qu'ils écoutent? Voici, leur oreille est incirconcise, et ils ne peuvent entendre; voici la parole de l'Éternel est pour eux un opprobre; ils n'y prennent point de plaisir.
[مەن]: ــ مەن ھازىر كىمگە سۆز قىلىپ ئاگاھلاندۇراي؟ ئۇلاردىن ئاڭلىغۇدەك زادى كىم بار؟ مانا، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى سۈننەت قىلىنمىغان، ئۇلار ھېچ ئاڭلىيالمايدۇ. مانا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇلارغا ئېغىر كېلىدۇ؛ ئۇلارغا ھېچ خۇشياقمايدۇ، ــ [دېدىم].
11 Et je suis rempli de la fureur de l'Éternel, et je suis las de la contenir. Répands-la sur l'enfant dans la rue, et sur l'assemblée des jeunes gens aussi; car tant l'homme que la femme seront pris, le vieillard et celui qui est chargé de jours.
ــ قەلبىم پەرۋەردىگارنىڭ غەزەپ ئوتلىرى بىلەن تولۇپ تاشتى؛ ئۇنى ئىچىمگە سىغدۇرۇشتىن ھالسىراپ كەتتىم؛ ئۇنى كوچىدىكى بالىلار، يىگىتلەرنىڭ مەشرەپ سورۇنلىرىغا تۆككەيسەن. ئەر-ئاياللار، قېرىلار ھەم ياشانغانلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولمىسۇن!
12 Et leurs maisons passeront à d'autres, les champs et les femmes aussi; car j'étendrai ma main sur les habitants du pays, dit l'Éternel.
ــ ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى، ئېتىزلىرى ئاياللىرى بىلەن بىللە ئۆزگىلەرگە تاپشۇرۇلىدۇ؛ چۈنكى مەن قولۇمنى زېمىندىكىلەرگە سوزىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
13 Car, depuis le plus petit d'entre eux jusqu'au plus grand, chacun s'adonne au gain déshonnête; et du prophète au sacrificateur, tous se conduisent faussement.
ــ چۈنكى ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاچكۆزلۈككە بېرىلگەن؛ پەيغەمبەردىن كاھىنغىچە ھەممىسى ئوخشاشلا ئالدامچىلىق قىلىدۇ؛
14 Et ils pansent à la légère la plaie de la fille de mon peuple, disant: Paix, paix! et il n'y a point de paix.
ئۇلار: «ئامان-ئېسەنلىك! ئامان-ئېسەنلىك!» دەپ خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ يارىسىنى سۇسلۇق بىلەن قول ئۇچىدا چالا تېڭىپ قويدى. لېكىن ئامان-ئېسەنلىك يوقتۇر!
15 Sont-ils confus d'avoir commis des abominations? Ils n'en ont même aucune honte, et ils ne savent ce que c'est que de rougir. C'est pourquoi ils tomberont parmi ceux qui tombent; quand je les visiterai, ils seront renversés, dit l'Éternel.
ئۇلار يىرگىنچلىك ئىشلارنى سادىر قىلغىنىدىن خىجىل بولدىمۇ؟ ــ ياق، ئۇلار ھېچ خىجىل بولمىدى، ھەتتا قىزىرىشنىمۇ ئۇلار ھېچ بىلمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار يىقىلىپ ئۆلگەنلەر ئىچىدە يىقىلىپ ئۆلىدۇ؛ ئۇلارنى جازالاشقا كەلگىنىمدە ئۇلار پۇتلىشىپ كېتىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
16 Ainsi a dit l'Éternel: Tenez-vous sur les chemins, et regardez, et enquérez-vous des sentiers d'autrefois, quel est le bon chemin; et marchez-y, et vous trouverez le repos de vos âmes! Et ils répondent: Nous n'y marcherons point.
شۇڭا پەرۋەردىگار [ئۆز خەلقىگە] مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر تۆت ئاچا يولدا تۇرۇۋاتىسىلەر؛ شۇڭا يولۇڭلارنى ئوبدان كۆرۈپ قويۇڭلار، قەدىمكى، ياخشىلىققا ئېلىپ بارغان يوللارنى سوراپ، ئۇلاردا مېڭىڭلار؛ شۇنداق قىلغاندا جېنىڭلار ئوبدان ئارام تاپىدۇ. لېكىن ئۇلار: «بىز شۇلاردا ماڭمايمىز!» ــ دەيدۇ.
17 Et j'ai établi sur vous des sentinelles: Soyez attentifs au son de la trompette! Et ils répondent: Nous n'y serons point attentifs.
مەن: سىلەرگە «كاناينىڭ ئاگاھ ساداسىغا قۇلاق سېلىڭلار!» دەيدىغان ئاگاھ بەرگۈچى كۆزەتچىلەرنى تىكلىدىم؛ لېكىن سىلەر: «قۇلاق سالمايمىز» دېدىڭلار.
18 Vous donc, nations, écoutez! Assemblée des peuples, sachez ce qui leur arrivera!
شۇڭا ئى ئەللەر، ئاڭلاڭلار؛ گۇۋاھچىلار بولۇپ ئۇلار ئارىسىدا بولىدىغان ئىشلارنى بىلىپ قويۇڭلار!
19 Écoute, terre! Voici, je fais venir un mal sur ce peuple, c'est le fruit de leurs pensées; car ils n'ont point été attentifs à mes paroles, et ils ont rejeté ma loi.
ئاڭلا، ئى يەر-زېمىن! قارا، مەن بۇ خەلقنىڭ بېشىغا كۈلپەت، يەنى ئۇلارنىڭ ئوي-خىياللىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى چۈشۈرىمەن؛ چۈنكى ئۇلار سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىغان؛ مېنىڭ تەۋرات-قانۇنۇمنى بولسا، ئۇلار چەتكە قاققان.
20 Qu'ai-je à faire de l'encens qui vient de Shéba, du roseau aromatique d'un pays éloigné? Vos holocaustes ne me plaisent pas, et vos sacrifices ne me sont point agréables.
ــ ئەمدى زادى نېمە مەقسەتتە شېبادىن چىققان خۇشبۇي، يىراق يۇرتتىن ئېلىپ كېلىنگەن ئېگىر ماڭا سۇنۇلىدۇ؟ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭلار قوبۇل قىلارلىق ئەمەس، سىلەرنىڭ «تەشەككۈر قۇرنانلىق»لىرىڭلار مېنى خۇرسەن قىلمايدۇ.
21 C'est pourquoi ainsi a dit l'Éternel: Voici, je vais mettre devant ce peuple des pierres d'achoppement, contre lesquelles tomberont ensemble pères et fils, voisins et amis, et ils périront.
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بۇ خەلق ئالدىغا پۇتلىكاشاڭلارنى سالىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ھەم ئاتىلار ھەم ئوغۇللار بىللە پۇتلىشىدۇ؛ قوشنىلار ۋە دوستلار ئوخشاشلا نابۇت بولىدۇ.
22 Ainsi a dit l'Éternel: Voici, un peuple vient du pays du Nord, une grande nation se lève des extrémités de la terre.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ قارا، شىمالىي زېمىندىن بىر خەلق كېلىدۇ، يەر يۈزىنىڭ ئەڭ قەرىلىرىدىن ئۇلۇغ بىر ئەل قوزغىلىدۇ؛
23 Ils prendront l'arc et le javelot; ils sont cruels et n'ont pas de pitié; leur voix gronde comme la mer, et, montés sur des chevaux, ils sont rangés comme un seul homme en bataille contre toi, fille de Sion!
ئۇلار ئوقيا ۋە قىلىچ بىلەن قوراللىنىدۇ؛ ئۇلار زالىم، ھېچ رەھىم قىلمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئاۋازى دېڭىز دولقۇنىدەك شاۋقۇنلايدۇ؛ ئۇلار ئاتلارغا مىنىدۇ، جەڭگىۋار ئادەملەردەك سەپ-سەپ بولۇپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار ساڭا قارشى جەڭ قىلىشقا كېلىدۇ، ئى زىئون قىزى!
24 Nous en entendons le bruit; nos mains deviennent lâches; l'angoisse nous saisit, une douleur comme de celle qui enfante.
«بىز ئۇلار توغرۇلۇق خەۋەر ئاڭلىدۇق؛ قولىمىز بوشىشىپ كەتتى؛ غەشلىك، تولغاقتا قالغان ئايالدەك ئازاب بىزنى تۇتتى» ــ [دېدىم].
25 Ne sortez pas aux champs, et n'allez point par les chemins! Car l'épée de l'ennemi, la frayeur est partout.
«دالاغا چىقماڭلار، يوللار بىلەن ماڭماڭلار، چۈنكى دۈشمەننىڭ قىلىچى بار، تەرەپ-تەرەپلەرنى ۋەھىمە باسىدۇ.
26 Fille de mon peuple, ceins-toi d'un sac, et roule-toi dans la cendre! Prends le deuil comme pour un fils unique, et fais une lamentation très amère; car le destructeur vient subitement sur nous.
ئى خەلقىمنىڭ قىزى، سەن ئۆزۈڭگە بۆز كىيىم كىيىۋال، كۈللەر ئىچىدە ئېغىناپ يات؛ ئۆزۈڭنىڭ بىر تال ئوغلۇڭدىن جۇدا بولغاندەك قاتتىق يىغلاپ ماتەم تۇت؛ چۈنكى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچى بىزگە قاراپ تۇيۇقسىز كېلىدۇ».
27 Je t'ai établi en observateur au milieu de mon peuple, comme une forteresse, afin que tu connaisses et sondes leur voie.
[پەرۋەردىگار ماڭا]: ــ مەن سېنى رودا سىنىغۇچى قىلىپ تىكلىدىم، خەلقىم بولسا خۇددى تەكشۈرۈلىدىغان رودىدەك بولىدۇ؛ سېنى ئۇلارنىڭ يوللىرىنى كۆزىتىپ سىناشقا تىكلىدىم، ــ [دېدى].
28 Tous sont rebelles et plus que rebelles, des calomniateurs, de l'airain et du fer.
ــ ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئاسىينىڭ ئاسىيسى، ئۇلار تۆھمەت چاپلاپ ئۇيان-بۇيان قاتراپ يۈرمەكتە؛ ئۇلار مىس ۋە تۆمۈرنىڭ ئۆزىدۇر، ھەممىسى چىرىپ كەتكەندۇر؛
29 Ils sont tous dénaturés. Le soufflet est brûlé; le plomb est consumé par le feu; c'est en vain que l'on fond et refond: les méchants ne sont point séparés.
تۆمۈرچىنىڭ كۆرۈكىمۇ كۆيۈپ كەتتى، قوغۇشۇن بولسا ئوتتا يەم بولدى؛ رودىنى ئېرىتىپ تاۋلاش بىكار بولدى؛ خەلقىم يامانلاردىن خالىي بولمىدى.
30 On les appellera un argent réprouvé; car l'Éternel les réprouve.
ئۇلار «داشقال كۈمۈش» دەپ ئاتىلىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى رەت قىلدى.

< Jérémie 6 >