< Josué 18 >

1 Or toute l'assemblée des enfants d'Israël s'assembla à Silo, et ils posèrent là le Tabernacle d'assignation, après que le pays leur eut été assujetti.
پۈتكۈل ئىسرائىللار جامائىتى شىلوھقا يىغىلىپ، ئۇ يەردە ئىبادەت چېدىرى تىكتى. گەرچە زېمىن ئۇلارنىڭ ئالدىدا بويسۇندۇرۇلغان بولسىمۇ،
2 Mais il était resté entre les enfants d'Israël sept Tribus, auxquelles on n'avait point distribué leur héritage.
لېكىن ئىسرائىللار ئارىسىدا ئۆز مىراس ئۈلۈشى تېخى تەقسىم قىلىنمىغان يەتتە قەبىلە قالغانىدى.
3 Et Josué dit aux enfants d'Israël: Jusques à quand vous porterez-vous lâchement à passer plus loin pour posséder le pays que l'Eternel le Dieu de vos pères vous a donné?
شۇڭا يەشۇئا ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: ــ «ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرگە بەرگەن بۇ زېمىننى قولۇڭلارغا ئېلىشقا سۇسلۇق قىلىپ قاچانغىچە كەينىگە سۈرىسىلەر؟
4 Prenez d'entre vous trois hommes de chaque Tribu lesquels j'enverrai; ils se mettront en chemin, ils traverseront le pays, et ils en traceront une figure selon leur héritage, puis ils s'en reviendront auprès de moi.
سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ھەر قەبىلىدىن ئۈچ ئادەمنى تاللاڭلار؛ مەن ئۇلارنى قوزغىلىپ بۇ پۈتكۈل زېمىننى ئايلىنىپ چىقىپ، ئۇنى ھەربىر قەبىلە ئۆز مىراس ئۈلۈشىگە مۇۋاپىق سىزىپ-خاتىرىلەشكە، ئاندىن قېشىمغا يېنىپ كېلىشكە ئەۋەتىمەن.
5 Ils se la diviseront en sept portions, Juda demeurera dans ses limites du côté du Midi; et la maison de Joseph demeurera dans ses limites du côté du Septentrion.
ئۇلار زېمىننى يەتتە ئۈلۈشكە بۆلسۇن؛ لېكىن يەھۇدا قەبىلىسى بولسا جەنۇبتىكى ئۆز ئۈلۈش زېمىنىدا تۇرىۋەرسۇن، يۈسۈپنىڭ جەمەتىمۇ شىمال تەرەپتىكى ئۆز ئۈلۈش زېمىنىدا تۇرىۋەرسۇن.
6 Vous donc faites une figure du pays en sept parts, et apportez-la-moi ici; puis je jetterai ici le sort pour vous devant l'Eternel notre Dieu.
سىلەر زېمىننى يەتتە ئۈلۈشكە بۆلۈپ، پاسىلىنى خاتىرىلەپ سىزىپ يېنىمغا كېلىڭلار؛ ئاندىن مەن پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا بۇ يەردە سىلەر ئۈچۈن چەك تاشلايمەن.
7 Car il n'y a point de portion pour les Lévites parmi vous; parce que la Sacrificature de l'Eternel est leur héritage. Quant à Gad et à Ruben, et à la moitié de la Tribu de Manassé, ils ont pris leur héritage au delà du Jourdain, vers l'Orient, que Moïse, serviteur de l'Eternel, leur a donné.
ئەمما لاۋىيلارنىڭ بولسا، ئاراڭلاردا ئۈلۈشى بولمايدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىقى ئۇلارنىڭ مىراسىدۇر. گاد بىلەن رۇبەن ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى بولسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتى، شەرق تەرىپىدە پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى بولغان مۇسا ئۇلارغا مىراس قىلىپ بەرگەن يەرلەرنى ئاللىقاچان ئالغاندۇر».
8 Ces hommes-là donc se levèrent, et s'en allèrent; et Josué commanda à ceux qui s'en allaient de faire une figure du pays, en leur disant: Allez et traversez le pays, et faites-en une figure, puis revenez auprès de moi, et je jetterai ici le sort pour vous devant l'Eternel à Silo.
[زېمىننى خاتىرىلەشكە بېكىتكەن] كىشىلەر قوزغىلىپ يولغا چىققاندا، يەشۇئا ئۇلارغا قاتتىق جېكىلەپ: ــ سىلەر بېرىپ زېمىننى ئايلىنىپ، ئۇنى سىزىپ-خاتىرىلەپ مېنىڭ قېشىمغا يېنىپ كېلىڭلار؛ ئاندىن مەن مۇشۇ يەردە، شىلوھنىڭ ئۆزىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سىلەر ئۈچۈن چەك تاشلايمەن، دېدى.
9 Ces hommes-là donc s'en allèrent, et passèrent par le pays, et en firent une figure dans un livre selon les villes en sept parties; puis ils revinrent à Josué au camp à Silo.
شۇنداق دېۋىدى، بۇ ئادەملەر بېرىپ زېمىننى ئايلىنىپ، ئۇنى سىزىپ-خاتىرىلەپ، شەھەرلەر بويىچە يەتتە ئۈلۈشكە بۆلۈپ، خاتىرىگە سىزىپ، شىلوھدىكى چېدىرگاھقا، يەشۇئانىڭ قېشىغا يېنىپ كەلدى.
10 Et Josué jeta le sort pour eux à Silo devant l'Eternel; et Josué partagea là le pays aux enfants d'Israël selon leurs parts.
ئاندىن يەشۇئا شىلوھدا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلار ئۈچۈن چەك تاشلىدى ۋە شۇ يەردە قەبىلە-جەمەتى بويىچە زېمىننى ئىسرائىللارغا تەقسىم قىلىپ بەردى.
11 Et le sort de la Tribu des enfants de Benjamin selon leurs familles, sortit, et la contrée de leur sort leur échut entre les enfants de Juda et les enfants de Joseph.
بىنيامىنلار قەبىلىسىگە جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە چەك تارتىلدى؛ ئۇلار چەك ئارقىلىق ئېرىشكەن زېمىن يەھۇدالار بىلەن يۈسۈپلەرنىڭ زېمىنى ئوتتۇرىسىدىكى يۇرت بولدى.
12 Et leur frontière du côté du Septentrion fut depuis le Jourdain; et cette frontière devait monter à côté de Jérico vers le Septentrion, puis monter en la montagne tirant vers l'Occident; de sorte que ses extrémités se devaient rendre au désert de Beth-aven.
ئۇلارنىڭ شىمالىي چېگرىسى ئىئوردان دەرياسىدىن باشلاپ، يېرىخونىڭ شىمال تەرىپىدىكى داۋاننى يانداپ، غەرب تەرىپىگە قاراپ تاغلىق يۇرتقا چىقىپ ۋە بەيت-ئاۋەننىڭ چۆلىگە تۇتىشاتتى؛
13 Puis cette frontière devait passer de là vers Luz, à côté de Luz, qui est Béthel tirant vers le Midi; et cette frontière devait descendre à Hatroth-addar, près de la montagne qui est du côté du Midi de Beth-horon la basse.
ئاندىن لۇزغا چىقىپ، لۇز، يەنى بەيت-ئەلنىڭ جەنۇب تەرىپىنى يانداپ ئۆتۈپ، ئاستىن بەيت-ھوروننىڭ جەنۇبىدىكى تاغقا يېقىن ئاتاروت-ئاددارغا چۈشتى؛
14 Et cette frontière devait s'aligner et tourner au coin Occidental [qui regarde] vers le Midi, depuis la montagne qui est vis-à-vis de Beth-horon, vers le Midi; tellement que ses extrémités devaient se rendre à Kirjath-bahal, qui est Kirjath-jéharim, ville des enfants de Juda. C'est là le côté d'Occident.
چېگرا شۇ يەردىن ئۆتۈپ غەربتىن جەنۇبقا قايرىلىپ، بەيت-ھوروننىڭ جەنۇبىنىڭ ئۇدۇلىدىكى تاغدىن يەھۇدالارنىڭ شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان كىرىئات-بائال (يەنى كىرىئات-يېئارىم)غا تۇتاشتى. بۇ غەرب تەرەپنىڭ چېگرىسى ئىدى.
15 Mais le côté Méridional est depuis le bout de Kirjath-jéharim; et cette frontière devait sortir vers l'Occident, puis elle devait sortir à la fontaine des eaux de Nephtoah.
جەنۇب تەرەپنىڭ چېگرىسى كىرىئات-يېئارىمنىڭ چېتىدىن باشلاپ غەرب تەرىپىگە مېڭىپ، نەفتوئاھتىكى سۇ مەنبەسىگە تۇتاشتى؛
16 Et cette frontière devait descendre au bout de la montagne qui est vis-à-vis de la vallée du fils de Hinnom, [et] laquelle est dans la vallée des Réphaïms, vers le Septentrion; et descendre par la vallée de Hinnom jusqu'au côté de Jébusi vers le Midi, puis descendre à Henroguel.
چېگرا ئاندىن رەفايىيلارنىڭ جىلغىسىنىڭ شىمال تەرىپىگە جايلاشقان بەن-ھىننومنىڭ جىلغىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى تاغنىڭ بېشىغا چۈشۈپ، ئاندىن ھىننومنىڭ جىلغىسى بىلەن يەنە چۈشۈپ، يەبۇسىيلارنىڭ ئېگىزلىكىنىڭ جەنۇب تەرىپى بىلەن مېڭىپ، ئاندىن ئەن-روگەل بۇلىقىغا يەتتى؛
17 Et elle se devait aligner du côté du Septentrion, et sortir à Hen-sémes, et de là vers Gueliloth, qui est vis-à-vis de la montée d'Adummim, et descendre à la pierre de Bohan, fils de Ruben;
ئاندىن شىمال تەرىپىگە قايرىلىپ ئەن-شەمەش بۇلىقىدىن ئۆتۈپ، ئادۇللام داۋىنىنىڭ ئۇدۇلىدىكى گەلىلوتقا بېرىپ، رۇبەننىڭ ئوغلى بوھاننىڭ تېشىغا چۈشۈپ،
18 Et passer à côté de ce qui est vis-à-vis de Haraba vers le Septentrion, et descendre à Haraba.
ۋە ئاراباھ تۈزلەڭلىكىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ئېگىزلىكتىن ئۆتۈپ، ئاراباھ تۈزلەڭلىكىگە چۈشتى.
19 Puis cette frontière devait passer à côté de Beth-hogla vers le Septentrion; de sorte que les extrémités de cette frontière se devaient rendre au bras de la mer salée, vers le Septentrion, au bout du Jourdain vers le Midi. Ce fut là la frontière du Midi.
ئاندىن چېگرا شىمال تەرىپىگە چىقىپ بەيت-ھوگلاھنىڭ داۋىنىغا تۇتىشىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ جەنۇبىي ئېغىزىدا، يەنى شور دېڭىزىنىڭ شىمالىي قولتۇقىدا ئاخىرلاشتى. بۇ جەنۇب تەرەپنىڭ چېگرىسى ئىدى.
20 Et le Jourdain le devait borner du côté de l'Orient. Ce fut là l'héritage des enfants de Benjamin selon ses frontières tout autour, selon leurs familles.
شەرق چېگرىسى بولسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۆزى ئىدى. بۇ بىنيامىنلارنىڭ ئۈلۈشى بولۇپ، ئۇلارغا جەمەت-ئائىلىرى بويىچە توختىتىلغان مىراس زېمىنىنىڭ چېگرىسى شۇ ئىدى.
21 Or les villes de la Tribu des enfants de Benjamin, selon leurs familles, devaient être, Jérico, Beth-hogla, Hemekketsis,
بىنيامىنلار قەبىلىسىگە جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە تەگكەن شەھەرلەر بولسا تۆۋەندىكىلەردۇر: ــ يېرىخو، بەيت-ھوگلاھ، ئېمەك-كەزىز،
22 Beth-haraba, Tsémarajim, Béthel,
بەيت-ئاراباھ، زەمارايىم، بەيت-ئەل،
23 Hauvin, Para, Hophra,
ئاۋۋىم، پاراھ، ئوفراھ،
24 Képhar-hammonaï, Hophni, et Guébah; douze villes, et leurs villages.
كەفار-ھائاموناي، ئوفنى ۋە گېبا بولۇپ، جەمئىي ئون ئىككى شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى؛
25 Gabaon, Rama, Beeroth,
بۇنىڭدىن باشقا گىبېئون، راماھ، بەئەروت،
26 Mitspé, Képhira, Motsa,
مىزپاھ، كەفىراھ، موزاھ،
27 Rekem, Jirpeël, Taréala,
رەكەم، ئىرپەئەل، تارالاھ،
28 Tsélah, Eleph, Jébusi, qui est Jérusalem, Guibhath, [et] Kirjath; quatorze villes, et leurs villages. Tel fut l'héritage des enfants de Benjamin selon leurs familles.
زەلاھ، ھا-ئەلەف، يەبۇسى (يەنى يېرۇسالېم)، گىبېئاھ ۋە كىرىئات بولۇپ، جەمئىي ئون تۆت شەھەر ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلارمۇ بار ئىدى. بۇ بولسا بىنيامىنلارنىڭ مىراس ئۈلۈشى بولۇپ، جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا بېرىلگەنىدى.

< Josué 18 >