< Jérémie 8 >

1 En ce temps-là, dit l'Eternel, on jettera les os des Rois de Juda, et les os de ses Princes, les os des Sacrificateurs, et les os des Prophètes, et les os des habitants de Jérusalem, hors de leurs sépulcres.
شۇ چاغدا، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۇلار يەھۇدانىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ئۇستىخانلىرىنى، ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ئۇستىخانلىرىنى، كاھىنلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۇستىخانلىرىنى ۋە يېرۇسالېمدا تۇرغانلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى گۆرلىرىدىن ئېلىپ چىقىرىدۇ؛
2 Et on les étendra devant le soleil, et devant la lune, et devant toute l'armée des cieux, qui sont des choses qu'ils ont aimées, qu'ils ont servies et après lesquelles ils ont marché; des choses qu'ils ont recherchées, et devant lesquelles ils se sont prosternés; ils ne seront point recueillis ni ensevelis, ils seront comme du fumier sur le dessus de la terre.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار بۇلارنى قۇياش، ئاي ۋە ئاسمانلاردىكى بارلىق جىسىملار ئاستىدا يايىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار بۇلارنى سۆيگەن، بۇلارنىڭ قۇللۇقىدا بولغان، بۇلارغا ئەگەشكەن، بۇلارنى ئىزدىگەن، بۇلارغا چوقۇنغان؛ ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى بىر يەرگە ھېچ يىغىلمايدۇ، ھېچ كۆمۈلمەيدۇ؛ ئۇلار زېمىن يۈزىدە ئوغۇت بولۇپ ياتىدۇ.
3 Et la mort sera plus désirable que la vie à tous ceux qui seront restés de cette méchante race, ceux, [dis-je], qui seront restés dans tous les lieux où je les aurai chassés, dit l'Eternel des armées.
مەن بۇلاردىن قالغانلىرىنى ھەيدىگەن جايلاردا، بۇ رەزىل جەمەتتىن بارلىق تىرىك قالغانلار ھاياتنىڭ ئورنىغا ماماتنى تاللايدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.
4 Tu leur diras donc: ainsi a dit l'Eternel: si on tombe, ne se relèvera-t-on pas? et si on se détourne, ne retournera-t-on pas [au chemin]?
ئەمدى سەن ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئادەملەر يىقىلسا قايتىدىن تۇرمامدۇ؟ بىرسى يولدىن چىقىپ كەتسە قايتىپ كەلمەمدۇ؟
5 Pourquoi [donc] s'est égaré ce peuple, [les habitants de] Jérusalem, d'un égarement continuel? ils se sont adonnés opiniâtrement à la tromperie, et ont refusé de se convertir.
نېمىشقا يېرۇسالېمدىكى بۇ خەلق ھەمىشە يولدىن چىقىش بىلەنلا يېنىمدىن يىراقلاپ كېتىدۇ؟ ئۇلار ئالدامچىلىقنى چىڭ تۇتىدۇ، يېنىمغا قايتىپ كېلىشنى رەت قىلىدۇ.
6 Je me suis rendu attentif, et j'ai écouté, mais nul ne parle selon la justice, il n'y a personne qui se repente de son péché, disant: qu'ai-je fait? Ils sont tous retournés vers les objets qui les entraînent, comme le cheval qui se jette avec impétuosité parmi la bataille.
مەن كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدىم؛ لېكىن ئۇلار دۇرۇسلۇقنى سۆزلىمەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىدىن: «مەن زادى نېمىلەرنى قىلىپ قويدۇم؟!» دەپ توۋا قىلىدىغان ھېچكىم يوق؛ ئات جەڭگە بۇرۇلۇپ ئېتىلغاندەك ھەربىرسى ئۆز يولىغا بۇرۇلۇپ ئېتىلىدۇ.
7 Même la cigogne a connu dans les cieux ses saisons, la tourterelle et l'hirondelle, et la grue, ont pris garde au temps qu'elles doivent venir; mais mon peuple n'a point connu le droit de l'Eternel.
ھەتتا ئاسماندىكى لەيلەكمۇ ئۆزىگە بېكىتىلگەن ۋاقتىلىرىنى بىلىدۇ؛ پاختەك، قارلىغاچ ۋە تۇرنىلارمۇ كۆچۈپ كېلىدىغان ۋاقتىلىرىنى ئېسىدە تۇتىدۇ؛ لېكىم مېنىڭ خەلقىم مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارغا بېكىتكەنلىرىمنى ھېچ بىلمەيدۇ.
8 Comment dites-vous: nous sommes les sages, et la Loi de l'Eternel est avec nous? voilà, certes on a agi faussement, et la plume des Scribes [est une plume] de fausseté.
سىلەر قانداقمۇ: «بىز دانادۇرمىز، پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنى بىزدە باردۇر!» دەيسىلەر؟ مانا، بەرھەق، ئۆلىما-كۆچۈرگۈچىلەرنىڭ يالغانچى قەلىمى ئۇنى بۇرمىلىغان.
9 Les sages ont été confus, ils ont été épouvantés et pris, car ils ont rejeté la parole de l'Eternel? et en quoi seraient-ils sages?
دانىشمەنلەر خىجىل بولىدۇ، ئۇلار يەرگە قاراپ قالدى؛ مانا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى چەتكە قاققاندىن كېيىن، ئۇلاردا زادى نېمە دانالىق قالىدۇ؟
10 C'est pourquoi je donnerai leurs femmes à d'autres, et leurs champs à des gens qui les posséderont en héritage; car depuis le plus petit jusqu’au plus grand, chacun s'adonne au gain déshonnête, tant le Prophète que le Sacrificateur, tous agissent faussement.
شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنى باشقىلارغا، ئۇلارنىڭ ئېتىزلىرىنى يېڭى ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىمەن؛ چۈنكى ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاچكۆزلۈككە بېرىلگەن؛ پەيغەمبەردىن كاھىنغىچە ھەممىسى ساختا ئىش كۆرىدۇ.
11 Et ils ont pansé la plaie de la fille de mon peuple à la légère, en disant: paix, paix; et il n'y avait point de paix.
ئۇلار: «ئامان-ئېسەنلىك! ئامان-ئېسەنلىك!» دەپ خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ يارىسىنى سۇسلۇق بىلەن قول ئۇچىدا چالا تېڭىپ قويدى. لېكىن ئامان-ئېسەنلىك يوقتۇر!
12 Ont-ils été confus de ce qu'ils ont commis abomination? Ils n'en ont eu même aucune honte, et ils ne savent ce que c'est que de rougir; c'est pourquoi ils tomberont sur ceux qui seront tombés; ils tomberont au temps que je les visiterai, a dit l'Eternel.
ئۇلار يىرگىنچلىك ئىشلارنى سادىر قىلغىنىدىن خىجىل بولدىمۇ؟ ــ ياق، ئۇلار ھېچ خىجىل بولمىدى، ھەتتا قىزىرىشنىمۇ ئۇلار ھېچ بىلمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار يىقىلىپ ئۆلگەنلەر ئىچىدە يىقىلىپ ئۆلىدۇ؛ ئۇلارنى جازالاشقا كەلگىنىمدە ئۇلار پۇتلىشىپ كېتىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
13 En les ramassant je les consumerai entièrement dit l'Eternel; il n'y a pas une grappe dans les vignes; et il n'y a pas une figue au figuier, la feuille est flétrie, et ce que je leur ai donné sera transporté avec eux.
مەن ئۇلارنىڭ ھوسۇلىنى ئېلىپ تاشلايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ئۈزۈم تېلىدا ئۈزۈملەر، ئەنجۈر دەرىخىدە ئەنجۈرلەر ھېچ قالمىدى؛ يوپۇرماقلىرى سولىشىپ كەتتى؛ مەن ئۇلارغا نېمە بېغىشلىغان بولسام، ئەمدى شۇلار ئۇلاردىن ئۆتكۈزۈۋېلىنىدۇ.
14 Pour quelle raison nous arrêtons-nous? Assemblez-vous, et entrons dans les villes fortes, et nous serons là en repos, car l'Eternel notre Dieu nous a fait taire, et nous a donné à boire de l'eau de fiel, parce que nous avons péché contre l'Eternel.
«بىز نېمىشقا مۇشۇ يەردە بىكار ئولتۇرۇۋېرىمىز؟ يىغىلايلى، مۇستەھكەم شەھەرلەرگە كىرىپ شۇ يەرلەردە [كۈرەش قىلىپ] تۈگىشەيلى! چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزنى تۈگەشتۈرۈپ، بىزگە ئۆت سۈيىنى بەردى؛ چۈنكى بىز پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلدۇق.
15 On attend la paix, et il n'y a rien de bon; [on attend] le temps de la guérison, et voici le trouble.
ئامان-تىنچلىقنى ئۈمىد قىلىپ كۈتۈپ كەلدۇق، لېكىن ھېچ ياخشىلىق بولمىدى؛ شىپا ۋاقتىنى كۈتتۇق، لېكىن مانا، ۋەھىمە باستى!
16 Le ronflement de ses chevaux a été ouï de Dan, et tout le pays a été ému du bruit des hennissements de ses puissants chevaux; ils sont venus et ont dévoré le pays et tout ce qui y était, la ville et ceux qui habitaient en elle.
دۈشمەن ئاتلىرىنىڭ خارتىلداشلىرى دان زېمىنىدىن تارتىپ ئاڭلانماقتا؛ ئايغىرلىرىنىڭ كىشنەشلىرى پۈتكۈل زېمىننى قورقىتىپ تەۋرەتمەكتە. ئۇلار زېمىن ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان ھەممىنى، شەھەرنى ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىشقا كېلىدۇ!».
17 Qui plus est, voici, je m'en vais envoyer contre vous des serpents, des basilics, contre lesquels il n'y a point d'enchantement, et ils vous mordront, dit l'Eternel.
ــ مانا، مەن ئاراڭلارغا يىلانلارنى، يەنى ھېچكىم سېھىرلىيەلمەيدىغان زەھەرلىك يىلانلارنى ئەۋەتىمەن، ئۇلار سىلەرنى چاقىدۇ» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
18 J'ai voulu prendre des forces pour soutenir la douleur, mais mon cœur est languissant au dedans de moi.
[مەن]: «مېنىڭ دەرد-ئەلىمىم داۋالىغۇسىز! يۈرىكىم زەيىپلىشىپ كەتتى!» ــ [دېدىم].
19 Voici la voix du cri de la fille de mon peuple [qui crie] d'un pays éloigné; l'Eternel n'est-il point en Sion? son Roi n'est-il point au milieu d'elle? Mais pourquoi m'ont-ils irrité par leurs images taillées, par les vanités de l'étranger?
«مانا، خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ ئىنتايىن يىراق يۇرتتىن كۆتۈرۈلگەن پەريادىنىڭ ساداسى! [ئۇلار] ــ «پەرۋەردىگار زىئوندا ئەمەسمۇ؟ زىئوننىڭ پادىشاھى ئۇ يەردە تۇرمامدۇ؟!» ــ [دەيدۇ]. نېمىشقا ئەمدى ئۇلار مېنى ئويما مەبۇدلىرى بىلەن، ئەرزىمەس يات نەرسىلەر بىلەن غەزەپلەندۈرىدۇ؟!»
20 La moisson est passée; l'Eté est fini, et nous n'avons point été délivrés.
ــ «ئورما ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى، ياز تۈگىدى، لېكىن بىز بولساق يەنىلا قۇتقۇزۇلمىدۇق!»
21 Je suis amèrement affligé à cause de la calamité de la fille de mon peuple, j'en suis en deuil, j'en suis tout désolé.
«خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ سۇنۇق يارىسى تۈپەيلىدىن ئۆزۈم سۇنۇقمەن؛ ماتەم تۇتىمەن؛ دەككە-دۈككە مېنى بېسىۋالدى، ــ
22 N'y a-t-il point de baume en Galaad? n'y a-t-il point là de médecin? pourquoi donc la plaie de la fille de mon peuple n'est-elle pas consolidée?
گىلېئادتا تۇتىيا تېپىلمامدىكەن؟ ئۇ يەردە تېۋىپ يوقمىكەن؟ نېمىشقا ئەمدى مېنىڭ خەلقىمنىڭ قىزىغا داۋا تېپىلمايدۇ؟!».

< Jérémie 8 >