< Jérémie 10 >

1 Écoutez la parole que l’Éternel vous dit, maison d’Israël!
پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە ئېيتقان سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار، ئى ئىسرائىل جەمەتى: ــ
2 Ainsi dit l’Éternel: N’apprenez pas le chemin des nations, et ne soyez pas effrayés des signes des cieux, car les nations s’en effraient.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئەللەرنىڭ يوللىرىنى ئۆگەنمەڭلار؛ گەرچە ئەللەر ئاسماندىكى ھادىسە-ئالامەتلەردىن قورقۇپ دەككە-دۈككىگە چۆمگەن بولسىمۇ، سىلەر بۇلاردىن ھېچ چۆچۈپ كەتمەڭلار.
3 Car les statuts des peuples sont vanité; car [c’est] un bois coupé de la forêt, façonné au ciseau par la main d’un artisan;
چۈنكى ئەللەرنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى بىمەنىلىكتۇر؛ ھەممىسى ئورمانلىقتىن كېسىلگەن دەرەختىن، ياغاچچىنىڭ ئىسكىنىسى بىلەن ئويۇلغان نەرسىگە ئاساسلانغاندۇر.
4 on l’embellit avec de l’argent et de l’or; on le fait tenir avec des clous et des marteaux, afin qu’il ne bouge pas.
ئۇلار بۇنى ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن ھەللەيدۇ؛ ئۇنى يىقىلمىسۇن دەپ ئۇلار بولقا، مىخلار بىلەن بېكىتىدۇ.
5 Ils sont comme une colonne faite au tour: ils ne parlent point; on les porte, car ils ne marchent pas. Ne les craignez pas, car ils ne peuvent pas faire du mal, et aussi il n’est pas en leur pouvoir de faire du bien.
بۇنداق بۇتلار تەرخەمەكلىكتە تۇرىدىغان بىر قارانچۇقتۇر، خالاس؛ ئۇلار ھېچ سۆزلىيەلمەيدۇ؛ ئۇلار باشقىلار تەرىپىدىن كۆتۈرۈلۈشى كېرەك، چۈنكى ئۇلار ماڭالمايدۇ. ئۇلاردىن قورقماڭلار؛ چۈنكى ئۇلار رەزىللىك قىلالمايدۇ، ئۇلارنىڭ قولىدىن ياخشىلىق قىلىشمۇ كەلمەيدۇ.
6 Nul n’est semblable à toi, ô Éternel! Tu es grand, et ton nom est grand en force.
ــ ساڭا ئوخشايدىغان ھېچكىم يوق، ئى پەرۋەردىگار؛ سەن ئۇلۇغ، كۈچ-قۇدرىتىڭ بىلەن نامىڭ ئۇلۇغدۇر.
7 Qui ne te craindrait, Roi des nations? Car cela t’est dû; car, parmi tous les sages des nations et dans tous leurs royaumes, nul n’est comme toi;
كىم سەندىن قورقماي تۇرالىسۇن، ئى بارلىق ئەللەر ئۈستىگە ھۆكۈمران پادىشاھ!؟ چۈنكى بۇ ساڭا تېگىشلىكتۇر؛ چۈنكى ئەللەردىكى دانىشمەنلەر ئارىسىدا ۋە بارلىق پادىشاھلىقلار ئارىسىدا ساڭا ئوخشاش ھېچكىم يوقتۇر.
8 mais jusqu’au dernier ils sont stupides et fous: l’enseignement des vanités est du bois.
[ئەللەرنىڭ] ھەممىسى ئىستىسناسىز ئەقلى يوق، نادانلاردۇر؛ بۇ ئەرزىمەسلەر ياغاچتۇر، خالاس! ئۇلار تەلىم بېرەلەمدۇ!؟
9 L’argent en plaques est apporté de Tarsis, et l’or d’Uphaz, ouvrage de l’artisan et des mains du fondeur; le bleu et la pourpre sont leur vêtement: ils sont tous l’ouvrage de gens de l’art.
سوقۇپ يالپاقلانغان كۈمۈش تارشىشتىن ئېلىپ كېلىنىدۇ؛ ئالتۇنمۇ ئۇفازدىن ئېلىپ كېلىنىدۇ؛ ئاندىن ھۈنەرۋەن ۋە زەرگەرلەرنىڭ قولى بۇ ياسىغىنىغا كۆك ۋە سۆسۈن رەخت بىلەن كىيىم كىيگۈزىدۇ ــ بۇلارنىڭ ھەممىسى شۈبھىسىزكى، دانىشمەن ئۇستىلارنىڭ ئەجرىدۇر!
10 Mais l’Éternel Dieu est vérité, lui est le Dieu vivant et le Roi d’éternité; devant son courroux la terre est ébranlée, et les nations ne peuvent [soutenir] son indignation.
لېكىن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئۆزى ھەقىقەتتۇر؛ ئۇ ھايات خۇدادۇر، مەڭگۈلۈكنىڭ پادىشاھىدۇر؛ ئۇنىڭ غەزىپى ئالدىدا يەر-زېمىن تىترەيدۇ؛ ئەللەر ئۇنىڭ قەھرىنى كۆتۈرەلمەيدۇ.
11 Vous leur direz ainsi: Les dieux qui n’ont pas fait les cieux et la terre, ceux-là périront de la terre et de dessous les cieux.
ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «ئاسمان بىلەن زېمىننى ياراتمىغان ئىلاھلار، ئۇلار زېمىن يۈزىدىن ۋە ئاسمان ئاستىدىن يوقايدۇ!».
12 C’est lui qui a fait la terre par sa puissance, qui a établi le monde par sa sagesse, et qui, par son intelligence, a étendu les cieux.
[پەرۋەردىگار بولسا] يەر-زېمىننى كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ياسىغان، ئالەمنى دانالىقى بىلەن بەرپا قىلغان، ئاسمانلارنى ئەقىل-پاراسىتى بىلەن يايغۇچىدۇر.
13 Quand il fait retentir sa voix, il y a un tumulte d’eaux dans les cieux, et il fait monter les vapeurs du bout de la terre; il fait les éclairs pour la pluie, et de ses trésors il tire le vent.
ئۇ ئاۋازىنى قويۇۋەتسە، ئاسمانلاردا سۇلار شاۋقۇنلايدۇ؛ ئۇ يەر چەتلىرىدىن بۇلۇت-تۇمانلارنى ئۆرلىتىدۇ؛ ئۇ يامغۇرلارغا چاقماقلارنى ھەمراھ قىلىپ بېكىتىدۇ، ۋە شامالنى ئۆز خەزىنىلىرىدىن چىقىرىدۇ.
14 Tout homme est devenu stupide, en sorte qu’il n’a pas de connaissance; tout fondeur a honte de l’image taillée, car son image de fonte est un mensonge; il n’y a point de respiration en elles.
مۇشۇ كىشىلەرنىڭ ھەربىرى ئەقىلسىز، بىلىمدىن مەھرۇملاردۇر؛ زەرگەرلەرنىڭ ھەربىرى ئۆزلىرى ئويغان بۇت تەرىپىدىن شەرمەندىگە قالىدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ قۇيما ھەيكىلى يالغانچىلىق، ئۇلاردا ھېچ تىنىق يوقتۇر.
15 Elles sont vanité, un ouvrage de déception: elles périront au temps de leur visitation.
ئۇلار بىمەنىلەردۇر، مازاق ئوبيېكتىدۇر؛ جازالىنىش ۋاقتى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كەلگەندە، ئۇلار يوقىتىلىدۇ.
16 La portion de Jacob n’est pas comme elles, car c’est Celui qui a tout formé, et Israël est la verge de son héritage: son nom est l’Éternel des armées.
ياقۇپنىڭ نېسىۋىسى بولغۇچى بۇلاردەك ئەمەستۇر، چۈنكى بارلىق مەۋجۇداتنى ياسىغۇچى شۇدۇر؛ ئىسرائىل بولسا ئۇنىڭ ئۆز مىراسى بولغان قەبىلىدۇر؛ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىدۇر.
17 Ramasse, [et porte hors] du pays ce qui t’appartient, toi qui habites la forteresse.
زېمىندىن چىقىشقا يۈك-تاقىڭنى يىغىشتۇرۇپ ئال، ئى مۇھاسىرىگە ئېلىنغۇچى قىز؛
18 Car ainsi dit l’Éternel: Voici, cette fois je vais lancer, comme avec une fronde, les habitants du pays; et je ferai venir sur eux la détresse, afin qu’on les trouve.
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، مەن بۇ ۋاقىتتا زېمىندىكىلەرنى ئېلىپ ئۇ يەردىن چۆرىۋېتىمەن ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلى تونۇپ يەتكۈچە ئازار بېرىمەن!».
19 Malheur à moi, à cause de ma ruine! ma plaie est douloureuse. Et moi j’ai dit: C’est ici mon mal, et je le supporterai.
جاراھىتىم ئۈچۈن ھالىمغا ۋاي! مېنىڭ يارام داۋالىغۇسىزدۇر! بىراق ئەسلىدە مەن: «بۇ پەقەت بىر كېسەللىك، خالاس، ئۇنىڭغا چىدىغۇدەكمەن» ــ دەپتىكەنمەن.
20 Ma tente est dévastée et toutes mes cordes sont rompues; mes fils sont sortis d’auprès de moi, et ils ne sont plus; personne ne tend plus ma tente et n’arrange mes courtines.
مېنىڭ چېدىرىم ھالاك بولدى، بارلىق تانىلىرىم ئۈزۈلدى؛ بالىلىرىم مەندىن جۇدا بولۇپ، ئۇلار يوق بولدى؛ چېدىرىمنى قايتىدىن سوزۇپ تىككۈدەك، چېدىر پەردىلىرىنى ئاسقۇدەك ھېچكىم قالمىدى.
21 Car les pasteurs sont stupides, et n’ont pas cherché l’Éternel. C’est pourquoi ils n’ont pas agi sagement, et tout leur troupeau est dispersé.
چۈنكى خەلق پادىچىلىرى ئەقىلسىز بولۇپ، پەرۋەردىگارنى ئىزدەپ يول سورىمايدۇ؛ شۇڭا ئۇلار دانىشمەنلەردەك ئىش كۆرەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ بارلىق پادىسى تارقىلىپ كەتتى.
22 Le bruit d’une rumeur! Voici, elle vient, et une grande commotion du pays du nord, pour réduire les villes de Juda en désolation, en repaire de chacals.
ئاڭلاڭلار! بىر گەپنىڭ شەپىسى! مانا، ئۇ كېلىدۇ، شىمالىي زېمىندىن چىققان زور بىر چۇقان-سۈرەن! يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىنى بىر ۋەيرانە، چىلبۆرىلەرنىڭ تۇرالغۇسىغا ئايلاندۇرغۇچى كېلىۋاتىدۇ!
23 Je sais, Éternel, que la voie de l’homme n’est pas à lui, qu’il n’est pas au pouvoir de l’homme qui marche de diriger ses pas.
بىلىمەنكى، ئى پەرۋەردىگار، ئىنساننىڭ ئۆز يولىنى بېكىتىشى ئۆز قولىدا ئەمەستۇر؛ مېڭىۋاتقان ئادەمنىڭ ئۆزىدە قەدەملىرىنى خالىغانچە تاشلاش قۇدرىتى بولماستۇر؛
24 Éternel! corrige-moi, mais avec mesure, non dans ta colère, de peur que tu ne me rendes chétif.
پەرۋەردىگار، مېنى تۈزىگەيسەن، لېكىن غەزىپىڭ بىلەن ئەمەس، ئادىل ھۆكۈمىڭ بىلەن تۈزىگەيسەن؛ بولمىسا سەن مېنى يوققا باراۋەر قىلىسەن.
25 Verse ta fureur sur les nations qui ne t’ont pas connu et sur les familles qui n’invoquent pas ton nom; car elles ont dévoré Jacob: ils l’ont dévoré, et ils l’ont consumé, et ils ont désolé son habitation.
قەھرىڭنى سېنى تونۇمايدىغان ئەللەر ھەمدە نامىڭغا نىدا قىلمايدىغان جەمەتلەر ئۈستىگە تۆككەيسەن؛ چۈنكى ئۇلار ياقۇپنى يەپ كەتكەن؛ بەرھەق، ئۇلار ئۇنى يۇتۇپ تۈگەشتۈرۈپ، تۇرغان جايىنى مۇتلەق ۋەيران قىلغان.

< Jérémie 10 >