< Daniel 5 >

1 Le roi Belshatsar fit un grand festin à 1 000 de ses grands, et but du vin devant les 1 000.
بىر كۈنى پادىشاھ بەلشازار ئەمىر-ئېسىلزادىلەردىن مىڭ كىشىنى تەكلىپ قىلىپ كاتتا زىياپەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا شاراب ئىچىپ، ئەيش-ئىشرەت كەيپىنى سۈردى.
2 Belshatsar, comme il buvait le vin, commanda d’apporter les vases d’or et d’argent que son père Nebucadnetsar avait tirés du temple qui était à Jérusalem, afin que le roi et ses grands, ses femmes et ses concubines, y boivent.
پادىشاھ بەلشازار شارابنى تېتىپ كۆرۈپ، ئۆزى، ئەمىر-ئېسىلزادىلىرى، ئۆز خوتۇن-كېنىزەكلىرىنىڭ شارابنى ئاتىسى نېبوقادنەسار يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىن ئولجىغا ئالغان ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان جام-قاچىلاردا ئىچىشىگە، شۇ جام-قاچىلارنى ئېلىپ چىقىشنى بۇيرۇدى.
3 Alors on apporta les vases d’or qu’on avait tirés du temple de la maison de Dieu, qui était à Jérusalem; et le roi et ses grands, ses femmes et ses concubines, y burent.
[نەۋكەرلەر] دەرھال بېرىپ خۇدانىڭ يېروسالېمدىكى مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىن ئېلىپ كېلىنگەن ئالتۇن جام-قاچىلارنى ئېلىپ چىقتى؛ پادىشاھنىڭ ئۆزى، ئەمىر-ئېسىلزادىلىرى، ئۇنىڭ خوتۇنلىرى ۋە كېنىزەكلىرى ئۇلاردا شاراب ئىچتى.
4 Ils burent du vin, et ils louèrent les dieux d’or et d’argent, d’airain, de fer, de bois, et de pierre.
ئۇلار شاراب ئىچكەچ، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارنى مەدھىيىلەشتى.
5 En ce même moment, les doigts d’une main d’homme sortirent, et écrivirent, vis-à-vis du chandelier, sur le plâtre de la muraille du palais du roi; et le roi vit l’extrémité de la main qui écrivait.
دەل شۇ پەيتتە ئادەم قولىنىڭ بەش بارمىقى پەيدا بولۇپ، چىراغداننىڭ ئۇدۇلىدىكى ئوردىنىڭ تام سۇۋىقىغا خەت يېزىشقا باشلىدى. پادىشاھ خەت يازغان قولنىڭ كۆرۈنگەن قىسمىنى كۆرۈپ،
6 Alors le roi changea de couleur, et ses pensées le troublèrent; et les liens de ses reins se délièrent, et ses genoux se heurtèrent l’un contre l’autre.
چىرايى تاتىرىپ، كۆڭلىدە ئىنتايىن ئالاقزادە بولۇپ كەتتى. پۇت-قوللىرى بوشىشىپ، پۇتلىرى تىترەپ كەتتى.
7 Le roi cria avec force d’amener les enchanteurs, les Chaldéens et les augures. Le roi prit la parole et dit aux sages de Babylone: Quiconque lira cette écriture et m’en indiquera l’interprétation sera revêtu de pourpre, et [aura] une chaîne d’or autour de son cou, et sera le troisième gouverneur dans le royaume.
پادىشاھ قاتتىق ۋارقىراپ، پىر-ئۇستازلار، كالدىيلەر ۋە مۇنەججىملارنى چاقىرىشنى بۇيرۇدى. بابىلدىكى دانىشمەنلەر كەلگەن ھامان پادىشاھ ئۇلارغا: ــ كىمكى تامدىكى بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ مەنىسىنى ماڭا دەپ بېرەلىسە، ئۇنىڭغا سۆسۈن رەڭلىك بىر تون كىيگۈزۈلۈپ، بوينىغا ئالتۇن زەنجىر ئېسىلىپ، پادىشاھلىقتا ئۈچىنچى مەرتىۋە بېرىلىدۇ، ــ دېدى.
8 Alors arrivèrent tous les sages du roi, mais ils ne purent lire l’écriture ni faire connaître au roi l’interprétation.
پادىشاھنىڭ دانىشمەنلىرىنىڭ ھەممىسى ئوردىغا ھازىر بولدى؛ لېكىن ئۇلار نە خەتلەرنى ئوقۇيالمايتتى نە پادىشاھقا مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيتتى.
9 Alors le roi Belshatsar fut extrêmement troublé, et il changea de couleur; et ses grands furent bouleversés.
بەلشازار تېخىمۇ ئالاقزادە بولۇپ، چىرايى تېخىمۇ تاتىرىپ كەتتى. ئەمىر-ئېسىلزادىلەرمۇ قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قالدى.
10 La reine, à cause des paroles du roi et de ses grands, entra dans la maison du festin. La reine prit la parole et dit: Ô roi, vis à jamais! Que tes pensées ne te troublent pas, et ne change pas de couleur:
پادىشاھ ۋە ئەمىر-ئېسىلزادىلەرنىڭ ۋارقىراشقان ئاۋازىنى ئاڭلىغان خانىش زىياپەت زالىغا كىرىپ، پادىشاھقا مۇنداق دېدى: ــ ئى ئالىيلىرى، مەڭگۈ ياشىغايلا! ئالاقزادە بولۇپ كەتمىگەيلا، چىرايلىرى تاتىراپ كەتمىگەي.
11 il y a un homme dans ton royaume, en qui est l’esprit des dieux saints; et, aux jours de ton père, de la lumière, et de l’intelligence, et une sagesse comme la sagesse des dieux, ont été trouvées en lui; et le roi Nebucadnetsar, ton père, – ton père, ô roi, l’a établi chef des devins, des enchanteurs, des Chaldéens, des augures,
پادىشاھلىقلىرىدا بىر كىشى بار، ئۇنىڭدا مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بار، ئاتىلىرى تەختتىكى ۋاقتىدا، بۇ كىشىدە يورۇقلۇق، دانالىق ۋە ئەقىل-پاراسەت، يەنى ئىلاھلارغا خاس ئەقىل-پاراسەت نامايان قىلىنغانىدى. ئاتىلىرى نېبوقادنەسار، يەنى پادىشاھ ئاتىلىرى ئۇنى پۈتۈن رەمچى-پالچىلار، پىر-ئۇستازلار، كالدىيلەر ۋە مۇنەججىملارنىڭ بېشى قىلىپ تەيىنلىگەن.
12 parce qu’un esprit extraordinaire, et la connaissance et l’intelligence pour interpréter les songes et pour expliquer les énigmes et pour résoudre les problèmes difficiles, ont été trouvés en lui, en Daniel, à qui le roi a donné le nom de Belteshatsar. Que Daniel soit donc appelé, et il indiquera l’interprétation.
بۇ كىشىدە ئالاھىدە بىر روھىي خۇسۇسىيەت، بىلىم، ھېكمەت، چۈشلەرگە تەبىر بېرەلەيدىغان، تېپىشماقلارنى يېشەلەيدىغان ۋە تۈگۈن-سىرلارنى ئاچالايدىغان قابىلىيەت بار ئىدى. شۇ كىشىنىڭ ئىسمى دانىيال بولۇپ، پادىشاھ ئۇنىڭغا بەلتەشاسار دەپمۇ ئىسىم قويغان. شۇڭا بۇ دانىيال چاقىرتىلسۇن، ئۇ چوقۇم بۇ خەتلەرنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرىدۇ.
13 Alors Daniel fut introduit devant le roi. Le roi prit la parole et dit à Daniel: Es-tu ce Daniel, l’un des fils de la captivité de Juda, que le roi, mon père, a amenés de Juda?
شۇنىڭ بىلەن دانىيال پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى، پادىشاھ دانىيالدىن ــ: ــ پادىشاھ ئاتام يەھۇدا ئۆلكىسىدىن سۈرگۈن قىلىپ كەلگەن يەھۇدىيلار ئىچىدىكى ھېلىقى دانىيال سەنمۇ؟ ــ دەپ سورىۋىدى،
14 Et j’ai entendu dire de toi que l’esprit des dieux est en toi, et que de la lumière, et de l’intelligence, et une sagesse extraordinaire se trouvent en toi.
ــ سەن توغرۇلۇق خەۋىرىم بار، سەندە مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى، شۇنداقلا يورۇقلۇق، دانالىق ۋە ئالاھىدە ئەقىل-پاراسەت بار ئىكەن دەپ ئاڭلىدىم.
15 Et maintenant, les sages, les enchanteurs, ont été amenés devant moi, afin qu’ils lisent cette écriture et m’en fassent connaître l’interprétation, et ils n’ont pu indiquer l’interprétation de la chose.
ئەمدى دانىشمەنلەر ۋە پىر-ئۇستازلارنى تامدىكى خەتنى ئوقۇپ، مەنىسىنى ماڭا چۈشەندۈرۈپ بەرسۇن دەپ ئالدىمغا چاقىرتىپ كېلىندى؛ لېكىن بۇ ئىشنىڭ سىرىنى ھېچقايسىسى يېشىپ بېرەلمىدى.
16 Et j’ai entendu dire de toi que tu peux donner des interprétations et résoudre les problèmes difficiles. Maintenant, si tu peux lire l’écriture et m’en faire connaître l’interprétation, tu seras vêtu de pourpre, et tu auras une chaîne d’or autour de ton cou, et tu seras le troisième gouverneur dans le royaume.
بىراق سەن توغرۇلۇق ئاڭلىغانمەنكى، سەن سىرلارنى چۈشەندۈرەلەيدىكەنسەن ۋە تۈگۈنلەرنى يېشەلەيدىكەنسەن. ئەگەر بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلىسەڭ، ساڭا سۆسۈن رەڭلىك تون كىيگۈزۈلىدۇ، بوينۇڭغا ئالتۇن زەنجىر ئېسىلىدۇ، پادىشاھلىقتا ئۈچىنچى دەرىجىلىك مەرتىۋىگە ئېرىشىسەن، ــ دېدى.
17 Alors Daniel répondit et dit devant le roi: Que tes présents te demeurent, et donne tes récompenses à un autre. Toutefois je lirai l’écriture au roi, et je lui en ferai connaître l’interprétation.
دانىيال پادىشاھقا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ ئالىيلىرىنىڭ ئىنئاملىرى ئۆزلىرىدە قالسۇن، مۇكاپاتلىرىنى باشقا كىشىگە بەرگەيلا. ئەمدىلىكتە مەن ئالىيلىرىغا بۇ خەتنى ئوقۇپ، مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەي.
18 Ô roi, le Dieu Très-haut donna à Nebucadnetsar, ton père, le royaume, et la grandeur, et l’honneur, et la majesté;
ــ ئى ئالىيلىرى، ھەممىدىن ئالىي خۇدا ئاتىلىرى نېبوقادنەسارغا پادىشاھلىق، ئۇلۇغلۇق، شان-شەرەپ ۋە ھەيۋەت بەردى.
19 et, à cause de la grandeur qu’il lui donna, tous les peuples, les peuplades et les langues, tremblaient devant lui, et le craignaient; il tuait qui il voulait, et il conservait en vie qui il voulait; il exaltait qui il voulait, et il abaissait qui il voulait.
ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئۇلۇغلۇقتىن ھەرقايسى ئەل-يۇرت، ھەرقايسى تائىپىلەر ۋە ھەرخىل تىلدا سۆزلىشىدىغان قوۋملارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئالدىدا تىترەپ قورقۇپ تۇراتتى؛ ئۇ كىمنى خالىسا شۇنى ئۆلتۈرەتتى، كىمنى خالىسا شۇنى تىرىك قوياتتى؛ كىمنى خالىسا شۇنى مەرتىۋىلىك قىلاتتى، كىمنى خالىسا شۇنى پەس قىلاتتى.
20 Mais quand son cœur s’éleva et que son esprit s’endurcit jusqu’à l’orgueil, il fut précipité du trône de son royaume, et sa dignité lui fut ôtée;
لېكىن ئۇ كۆڭلىدە تەكەببۇرلىشىپ، روھ-قەلبىدە مەغرۇرلىنىپ مىجەزى تەرسالىشىپ، پادىشاھلىق تەختىدىن چۈشۈرۈلۈپ، ئىززىتىدىن مەھرۇم قىلىندى.
21 et il fut chassé du milieu des fils des hommes, et son cœur fut rendu semblable à celui des bêtes, et sa demeure fut avec les ânes sauvages; on le nourrit d’herbe comme les bœufs, et son corps fut baigné de la rosée des cieux, jusqu’à ce qu’il connut que le Dieu Très-haut domine sur le royaume des hommes, et qu’il y établit qui il veut.
ئۇ كىشىلەر ئارىسىدىن ھەيدىۋېتىلىپ، ئۇنىڭغا ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئەقلى بېرىلدى. ئۇ ياۋا ئېشەكلەر بىلەن بىللە ماكانلىشىپ، كالىلاردەك ئوت-چۆپ يېگۈزۈلدى، تېنى شەبنەمدىن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كەتتى، تاكى ئۇ ھەممىدىن ئالىي خۇدانىڭ ئىنسان پادىشاھلىقىنى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇ پادىشاھلىقنىڭ ھوقۇقىنى ئۆزى تاللىغان ھەرقانداق كىشىگە بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكۈچە شۇ ھالەتتە بولدى.
22 Et toi, son fils Belshatsar, tu n’as pas humilié ton cœur, bien que tu aies su tout cela.
ئەي بەلشازار، نېبوقادنەسارنىڭ ئوغلى تۇرۇپ ئۆزلىرى بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن خەۋەرلىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۆزلىرىنى تۆۋەن قىلمىدىلا.
23 Mais tu t’es élevé contre le Seigneur des cieux; et on a apporté devant toi les vases de sa maison, et toi et tes grands, tes femmes et tes concubines, vous y avez bu du vin; et tu as loué les dieux d’argent et d’or, d’airain, de fer, de bois et de pierre, qui ne voient, et n’entendent, et ne comprennent point; et le Dieu en la main duquel est ton souffle, et à qui appartiennent toutes tes voies, tu ne l’as pas glorifié.
ئەكسىچە تەكەببۇرلىشىپ ئەرشتىكى رەبگە قارشى تۇردىلا. سىلى ئۇنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىن ئولجا ئالغان جام-قاچىلارنى ئېلىپ كېلىپ، ئۆزلىرى، ئەمىر-ئېسىلزادىلىرى، ئۆز خوتۇنلىرى ۋە كېنىزەكلىرىمۇ ئۇلاردا شاراب ئىچتىڭلار ئاندىن كۆرمەيدىغان، ئاڭلىمايدىغان ۋە ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدىغان ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارنى مەدھىيىلىدىلە. ھالبۇكى، سىلىنىڭ نەپەسلىرىنى ئۆز قولىدا تۇتقان ۋە سىلىنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىنى ئۆز ئىلكىدە تۇتقان خۇدانى ئۇلۇغلىمىدىلا.
24 Alors a été envoyée de sa part l’extrémité de la main, et cette écriture a été tracée.
شۇڭا، خۇدا بۇ قولنىڭ كۆرۈنگەن قىسمىنى ئەۋەتىپ بۇ خەتلەرنى يازدۇردى.
25 Et voici l’écriture qui a été tracée: Mené, Mené, Thekel, Upharsin!
بۇ خەتلەر: «مېنې، مېنې، تەكەل، ئۇپھارسىن» دېگەندىن ئىبارەت.
26 Voici l’interprétation des paroles. Mené: Dieu a compté ton royaume, et y a mis fin.
بۇنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى: ــ «مېنې» ــ خۇدا سىلىنىڭ پادىشاھلىقلىرىنىڭ ھېسابىنى قىلىپ، ئۇنى ئاياغلاشتۇردى.
27 Thekel: Tu as été pesé à la balance, et tu as été trouvé manquant de poids.
«تەكەل» ــ سىلى تارازىدا تارتىلىۋىدىلا، كەم چىقتىلا.
28 Pérès: Ton royaume est divisé, et donné aux Mèdes et aux Perses.
«پەرەس» ــ پادىشاھلىقلىرى پارچىلىنىپ، مېدىئالىقلار بىلەن پارسلارغا تەۋە قىلىندى.
29 Alors Belshatsar donna des ordres, et on vêtit Daniel de pourpre, et [on mit] une chaîne d’or à son cou, et on proclama qu’il serait le troisième gouverneur dans le royaume.
شۇنىڭ بىلەن بەلشازار دەرھال نەۋكەرلىرىگە ئەمر قىلىۋىدى، ئۇلار دانىيالغا سۆسۈن رەڭلىك توننى كىيدۈرۈپ، بوينىغا ئالتۇن زەنجىرنى ئېسىپ قويدى؛ ئۇ ئۇ توغرۇلۇق: «پادىشاھلىق ئىچىدە ئۈچىنچى دەرىجىلىك مەرتىۋىگە ئىگە بولسۇن» دەپ جاكارلىدى.
30 En cette nuit-là, Belshatsar, roi des Chaldéens, fut tué.
شۇ كېچە كالدىيلەرنىڭ پادىشاھى بەلشازار ئۆلتۈرۈلدى.
31 Et Darius, le Mède, reçut le royaume, étant âgé d’environ 62 ans.
پادىشاھلىق بولسا مېدىئالىق دارىئۇسنىڭ قولىغا ئۆتتى. ئۇ تەخمىنەن ئاتمىش ئىككى ياشتا ئىدى.

< Daniel 5 >