پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ |
سەن ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتىگە سۆز قىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ «مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار مۇقەددەس بولغاچقا، سىلەرمۇ مۇقەددەس بولۇشۇڭلار كېرەك. |
سىلەر ھەربىرىڭلار ئاناڭلار بىلەن ئاتاڭلارنى ئىززەتلەڭلار؛ مېنىڭ شابات كۈنلىرىمنى بولسا، ئۇلارنى تۇتۇشۇڭلار كېرەك. مەن ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. |
سىلەر ئەرزىمەس بۇتلارغا تايانماڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قۇيما بۇتلارنى ياسىماڭلار. مەن ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. |
سىلەر پەرۋەردىگارغا ئىناقلىق قۇربانلىقىنى كەلتۈرۈشنى خالىساڭلار، قوبۇل قىلىنغۇدەك يول بىلەن ئۇنى سۇنۇڭلار. |
سىلەر ئۇنى سۇنغان كۈنى ۋە ئەتىسى ئۇ يېيىلسۇن؛ ئۈچىنچى كۈنىگە قالغىنى بولسا ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن. |
ئەگەر ئۇنىڭدىن بىر قىسمى ئۈچىنچى كۈنى يېيىلسە قۇربانلىق ھارام ھېسابلىنىپ قوبۇل قىلىنمايدۇ. |
كىمكى ئۇنىڭدىن يېسە ئۆز گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىنغان نەرسىنى ناپاك قىلدى؛ ئۇنداق كىشى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. |
سىلەر زېمىنىڭلاردىكى ھوسۇلنى يىغساڭلار، سەن ئېتىزىڭنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە تامام يىغىۋالما ۋە ھوسۇلۇڭدىن قالغان ۋاساڭنى تېرىۋالمىغىن. |
ئۈزۈم تاللىرىڭنى پاساڭدىۋاتما ۋە ئۈزۈم تاللىرىدىن چۈشكەن ئۈزۈملەرنىمۇ تېرىۋالما، بەلكى بۇلارنى كەمبەغەللەر بىلەن مۇساپىرلارغا قويغىن. مەن ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. |
سىلەر ئوغرىلىق قىلماڭلار، ئالدامچىلىق قىلماڭلار، بىر-بىرىڭلارغا يالغان سۆزلىمەڭلار. |
مېنىڭ نامىم بىلەن يالغان قەسەم ئىچمەڭلار، ئۇنداق قىلساڭ خۇدايىڭنىڭ نامىنى بۇلغايسەن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. |
ئۆز قوشناڭغا زۇلۇم قىلما، ئۇنىڭكىنى ئۆزۈڭنىڭ قىلىۋالما. مەدىكارنىڭ ھەققىنى كېچىچە يېنىڭدا قوندۇرۇپ قالما. |
گاس كىشىنى تىللىما، كور كىشىنىڭ ئالدىدا پۇتلىشاڭغۇ نەرسىنى قويما؛ بەلكى ئۆز خۇدايىڭدىن قورققىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. |
ھۆكۈم قىلغىنىڭلاردا ھېچ ناھەقلىق قىلماڭلار؛ نامراتقىمۇ يان باسماي، بايغىمۇ يۈز-خاتىرە قىلماي، بەلكى ئادىللىق بىلەن ئۆز قوشناڭ ئۈستىدىن توغرا ھۆكۈم قىلغىن. |
ئۆز خەلقىڭنىڭ ئارىسىدا گەپ توشۇغۇچى بولۇپ يۈرمە؛ قوشناڭنىڭ جېنىغا ھېچقانداق زىيان-زەخمەت يەتكۈزمە. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. |
سەن كۆڭلۈڭدە ئۆز قېرىندىشىڭدىن نەپرەتلەنمىگىن؛ قوشناڭدا [گۇناھ بولسا] سەن ئۇنىڭ سەۋەبىدىن بېشىڭغا گۇناھ كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەنبىھ-نەسىھەت بەرگىن. |
سەن ئىنتىقام ئالمىغىن ۋە ئۆز خەلقىڭنىڭ نەسلىگە ھېچ ئاداۋەتمۇ ساقلىمىغىن، بەلكى قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. |
سىلەر مېنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇڭلار. سەن ئۆز چارپايلىرىڭنى باشقا نەسىللەر بىلەن چېپىشتۇرما، ئېتىزىڭغا ئىككى خىل ئۇرۇق سالمىغىن، ئىككى خىل يىپتىن توقولغان كىيىمنى كىيمە. |
ئەگەر بىر ئەر كىشى قىز-چوكان بىلەن يېتىپ مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ۋە ئۇ باشقا بىرى بىلەن ۋەدىلەشكەن دېدەك بولسا، بۇ دېدەكنىڭ ھۆرلۈك پۇلى تاپشۇرۇلمىغان بولسا، ياكى ئۇنىڭغا ھۆرلۈك بېرىلمىگەن بولسا، مۇۋاپىق جازا بېرىلسۇن. لېكىن قىز-چوكان ھۆر قىلىنمىغاچقا، ھەر ئىككىسى ئۆلتۈرۈلمىسۇن. |
ئەر كىشى بولسا ئۆزىنىڭ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقىنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرسۇن؛ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى بىر قوچقار بولسۇن. |
كاھىن ئۇ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى ئۈچۈن كەلتۈرگەن قوچقارنى ئېلىپ ئۇنىڭ سادىر قىلغان گۇناھى ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ ئۇنىڭ قىلغان گۇناھى ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ. |
سىلەر زېمىنغا كىرىپ ھەرخىل يەيدىغان مېۋىلىك دەرەخلەرنى تىككەن بولساڭلار، مېۋىلىرىنى «خەتنىسىز» دەپ قاراڭلار؛ ئۈچ يىلغىچە بۇنى «خەتنىسىز» دەپ قاراپ ئۇنىڭدىن يېمەڭلار. |
تۆتىنچى يىلى ئۇلارنىڭ ھەممە مېۋىلىرى پەرۋەردىگارغا مەدھىيە سۈپىتىدە مۇقەددەس قىلىپ بېغىشلانسۇن. |
ئاندىن بەشىنچى يىلدىن تارتىپ سىلەر ئۇلارنىڭ مېۋىلىرىدىن يېيىشكە باشلاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار [زېمىن] مەھسۇلاتلىرىنى سىلەرگە زىيادە قىلىدۇ. مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. |
سىلەر قان چىقمىغان نەرسىنى يېمەڭلار. نە پالچىلىق نە جادۇگەرلىك قىلماڭلار. |
سىلەر بېشىڭلارنىڭ چېكە-چۆرىسىدىكى چاچنى چۈشۈرۈپ دۈگىلەك قىلىۋالماڭلار، ساقالنىڭ ئۇچ-يانلىرىنى بۇزماڭلار. |
سىلەر ئۆلگەنلەر ئۈچۈن بەدىنىڭلارنى زەخىم يەتكۈزۈپ تىلماڭلار، ئۆزۈڭلارغا ھېچقانداق گۈل-سۈرەت چەكمەڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. |
سەن قىزىڭنى بۇزۇقلۇق-پاھىشىلىككە سېلىپ ناپاك قىلمىغىن. بولمىسا، زېمىندىكىلەر بۇزۇقلۇق-پاھىشىلىككە بېرىلىپ، پۈتكۈل زېمىننى ئەيش-ئىشرەت قاپلاپ كېتىدۇ. |
سىلەر مېنىڭ شابات كۈنلىرىمنى تۇتۇڭلار، مېنىڭ مۇقەددەس جايىمنى ھۆرمەتلەڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. |
جىنكەشلەر بىلەن سېھىرگەرلەرگە تايانماڭلار، ئۇلارنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ ئۆزۈڭلارنى ناپاك قىلماڭلار. مەن ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. |
ئاق باش كىشىنىڭ ئالدىدا ئورنۇڭدىن تۇر، قېرىلارنى ھۆرمەت قىلغىن؛ خۇدايىڭدىن قورققىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. |
بىر مۇساپىر زېمىندا ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان بولسا سىلەر ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلماڭلار، |
بەلكى ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان مۇساپىر سىلەرگە يەرلىك كىشىدەك بولسۇن؛ ئۇنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن؛ چۈنكى سىلەرمۇ مىسىر زېمىنىدا مۇساپىر بولغانسىلەر. مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. |
سىلەرنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىڭلاردا، ئۇزۇنلۇق، ئېغىرلىق ۋە ھەجىم ئۆلچەشتە ھېچقانداق ناھەقلىك بولمىسۇن؛ |
سىلەردە ئادىل تارازا، ئادىل تارازا تاشلىرى، ئادىل ئەفاھ كەمچىنى بىلەن ئادىل ھىن كەمچىنى بولسۇن. مەن سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. |
سىلەر مېنىڭ بارلىق قانۇن-بەلگىلىمىلىرىم ۋە بارلىق ھۆكۈملىرىمنى تۇتۇپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار؛ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. |