< Juges 10 >

1 Après Abimélech, Thola, fils de Phua, fils de Dodo, homme d'Issachar, se leva pour délivrer Israël; il demeurait à Samir, dans la montagne d'Ephraïm.
ئابىمەلەكتىن كېيىن ئىسساكار قەبىلىسىدىن بولغان دودونىڭ نەۋرىسى، پۇئاھنىڭ ئوغلى تولا دېگەن كىشى ئىسرائىلنى قۇتقۇزۇشقا تۇردى؛ ئۇ ئەفرائىمنىڭ تاغلىرىدىكى شامىر دېگەن جايدا تۇراتتى؛
2 Il fut juge en Israël pendant vingt-trois ans; puis il mourut et fut enterré à Samir.
ئۇ ئىسرائىلغا يىگىرمە ئۈچ يىل ھاكىم بولۇپ ئالەمدىن ئۆتتى ۋە شامىردا دەپنە قىلىندى.
3 Après lui se leva Jaïr, de Galaad, qui jugea Israël pendant vingt-deux ans.
ئۇنىڭدىن كېيىن گىلېئادلىق يائىر تۇردى؛ ئۇ ئىسرائىلغا يىگىرمە ئىككى يىل ھاكىم بولدى.
4 Il avait trente fils, qui montaient trente ânons, et qui possédaient trente villes appelées encore aujourd'hui Bourgs de Jaïr, et situées dans le pays de Galaad.
ئۇنىڭ ئوتتۇز ئوغلى بولۇپ، ئۇلار ئوتتۇز تەخەيگە مىنىپ يۈرەتتى. ئۇلار ئوتتۇز شەھەرگە ئىگىدارچىلىق قىلاتتى؛ بۇ شەھەرلەر گىلېئاد يۇرتىدا بولۇپ، تا بۈگۈنگىچە «يائىرنىڭ كەنتلىرى» دەپ ئاتالماقتا.
5 Et Jaïr mourut, et il fut enterré à Camon.
يائىر ۋاپات بولۇپ، كاموندا دەپنە قىلىندى.
6 Les enfants d'Israël firent encore ce qui est mal aux yeux de Yahweh; ils servirent les Baals et les Astartés, les dieux de Syrie, les dieux de Sidon, les dieux de Moab, les dieux des fils d'Ammon et les dieux des Philistins, et ils abandonnèrent Yahweh et ne le servirent plus.
لېكىن ئىسرائىللار يەنە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، بائال بىلەن ئاشىراھ بۇتلىرىغا باش ئۇرۇپ، شۇنداقلا سۇرىيەنىڭ ئىلاھلىرى، زىدوندىكىلەرنىڭ ئىلاھلىرى، موئابنىڭ ئىلاھلىرى، ئاممونىيلارنىڭ ئىلاھلىرى ۋە فىلىستىيلەرنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ئىبادىتىگە كىرىپ، پەرۋەردىگارنى تاشلاپ، ئۇنىڭغا ئىبادەتتە بولمىدى.
7 La colère de Yahweh s'enflamma contre Israël, et il les vendit entre les mains des Philistins et entre les mains des fils d'Ammon.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا قوزغىلىپ، ئۇلارنى فىلىستىيلەرنىڭ ۋە ئاممونىيلارنىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى.
8 Ces derniers opprimèrent et écrasèrent les enfants d'Israël en cette année-là; et cette oppression dura dix-huit ans pour tous les enfants d'Israël qui habitaient de l'autre côté du Jourdain, dans le pays des Amorrhéens en Galaad.
بۇلار بولسا شۇ يىلى ئىسرائىللارنى قاتتىق بېسىپ ئەزدى؛ ئاندىن ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ مەشرىق تەرىپىدە ئامورىيلارنىڭ زېمىنىدىكى گىلېئادتا ئولتۇرۇشلۇق بارلىق ئىسرائىل خەلقىگە ئون سەككىز يىلغىچە زۇلۇم قىلدى.
9 Les fils d'Ammon passèrent le Jourdain pour combattre aussi Juda, Benjamin et la maison d'Ephraïm; et Israël fut réduit à une grande détresse.
ئاممونىيلار يەنە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، يەھۇدا، بىنيامىن ۋە ئەفرائىم جەمەتىگە قارشى ھۇجۇم قىلدى: شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل قاتتىق ئازابلاندى.
10 Les enfants d'Israël crièrent vers Yahweh, en disant: " Nous avons péché contre vous, car nous avons abandonné notre Dieu et nous avons servi les Baals. "
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىپ: ــ بىز ساڭا گۇناھ قىلدۇق، ئۆز خۇدايىمىزنى تاشلاپ، بائال بۇتلىرىنىڭ قۇللۇقىغا كىرىپ كەتتۇق، دېدى.
11 Yahweh dit aux enfants d'Israël: " Est-ce que je ne vous ai pas délivrés des Egyptiens, des Amorrhéens, des fils d'Ammon, des Philistins?
پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا: ــ مەن سىلەرنى مىسىرلىقلاردىن، ئامورىيلاردىن، ئاممونىيلاردىن ۋە فىلىستىيلەردىن قۇتقۇزغان ئەمەسمىدىم؟
12 Et lorsque les Sidoniens, Amalec et Maon vous ont opprimés, et que vous avez crié vers moi, ne vous ai-je pas sauvés de leurs mains?
زىدونىيلار، ئامالەكلەر ۋە مائونلار كېلىپ سىلەرگە زۇلۇم قىلغىنىدا، ماڭا پەرياد قىلغىنىڭلاردا سىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان ئەمەسمىدىم؟
13 Mais vous, vous m'avez abandonné et vous avez servi d'autres dieux; c'est pourquoi je ne vous délivrerai plus.
شۇنداقتىمۇ، سىلەر يەنە مېنى تاشلاپ، يات ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىردىڭلار. مەن سىلەرنى ئەمدى قۇتقۇزمايمەن!
14 Allez, invoquez les dieux que vous vous êtes choisis; qu'ils vous délivrent au temps de votre détresse! "
ئەمدى بېرىپ ئۆزۈڭلار تاللىغان ئىلاھلارغا پەرياد قىلىڭلار، قىيىنچىلىققا قالغان چېغىڭلاردا شۇلار سىلەرنى قۇتقۇزسۇن، ــ دېدى.
15 Les enfants d'Israël dirent à Yahweh: " Nous avons péché, traitez-nous tous comme il vous semblera bon. Seulement daignez nous délivrer en ce jour. "
ئەمما ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا يالۋۇرۇپ: ــ بىز گۇناھ قىلدۇق! ئەمدى نەزىرىڭگە نېمە ياخشى كۆرۈنسە بىزگە شۇنداق قىلغىن، بىزنى پەقەت مۇشۇ بىر قېتىملا قۇتقۇزۇۋالغايسەن! ــ دېدى.
16 Et ils ôtèrent du milieu d'eux les dieux étrangers, et ils servirent Yahweh, et son âme ne put supporter les souffrances d'Israël.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل يات ئىلاھلارنى ئۆز ئارىسىدىن چىقىرىپ تاشلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىگە كىرىشتى؛ [پەرۋەردىگار] ئىسرائىلنىڭ تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى كۆرۈپ، كۆڭلى يېرىم بولدى.
17 Les fils d'Ammon se rassemblèrent et campèrent en Galaad, et les enfants d'Israël se réunirent et campèrent à Maspha.
شۇ ۋاقىتتا ئاممونىيلار توپلىنىپ گىلېئادتا چېدىرگاھ تىكتى؛ ئىسرائىللارمۇ يىغىلىپ كېلىپ مىزپاھغا چۈشۈپ چېدىرگاھ تىكتى.
18 Le peuple, les chefs de Galaad se dirent les uns aux autres: " Quel est l'homme qui commencera l'attaque contre les fils d'Ammon? Il deviendra chef de tous les habitants de Galaad. "
گىلېئادتىكى خەلقنىڭ چوڭلىرى ئۆزئارا: ــ كىم ئاممونىيلار بىلەن سوقۇشۇشقا باشلامچى بولسا، ئۇ بارلىق گىلېئادتتىكىلەرگە باش بولىدۇ، دېدى.

< Juges 10 >