مىسىر توغرۇلۇق يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ مانا، پەرۋەردىگار تېز ئۇچىدىغان بۇلۇت ئۈستىگە مىنىپ، مىسىرغا يېتىپ كېلىدۇ؛ مىسىردىكى بۇتلار ئۇنىڭ ئالدىدا تەۋرىنىپ كېتىدۇ، مىسىرنىڭ يۈرىكى بولسا ئىچىدىن ئېرىپ كېتىدۇ. |
ــ «ۋە مەن مىسىرلىقلارنى بىر-بىرىگە قارشى قۇترىتىمەن؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز قېرىنداشلىرىغا قارشى تۇرىشىدۇ، ئۆز قوشنىلىرى بىلەنمۇ سوقىشىدۇ؛ شەھەر بىلەن شەھەر، پادىشاھلىق بىلەن پادىشاھلىق بىر-بىرىگە قارشى ئۇرىشىدۇ؛ |
ۋە مىسىرنىڭ روھى ئۆز ئىچىدىن يوقاپ كېتىدۇ؛ مەن ئۇلارنى مەسلىھەتسىز قالدۇرىمەن؛ شۇڭا ئۇلار بۇتلارنى ۋە ئەرۋاھلارنى، ئەرۋاھلارنى چاقىرغۇچىلارنى ھەم پالچىلارنى ئىزدەپ مەسلىھەت سورايدۇ؛ |
مەن مىسىرلىقلارنى رەھىمسىز بىر ھۆكۈمراننىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ ئەشەددىي بىر پادىشاھ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ» ــ دەپ جاكارلايدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار؛ |
ھەم سۇلار «دېڭىز»دىن يوقايدۇ، دەرياسى قاغجىراپ پۈتۈنلەي قۇرۇپ كېتىدۇ؛ |
دەريالارنى سېسىقچىلىق قاپلايدۇ، مىسىرنىڭ ئۆستەڭ-قاناللىرى قاغجىراپ تۈگەيدۇ؛ قومۇشلار ھەم يېكەنلەر سولىشىدۇ؛ |
نىل دەرياسى بويىدىكى يەرلەر، نىل دەرياسىنىڭ قۇيۇلۇش ئاغزىدىكى يەرلەر گىياھسىز قالىدۇ، نىل دەرياسى بويىدىكى زىرائەتلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇپ، توزۇپ، يوقىلىدۇ. |
بېلىقچىلار بولسا زار قاقشايدۇ؛ نىل دەرياسىغا قارماق تاشلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى نالە كۆتۈرىدۇ؛ سۇلارنىڭ ئۈستىگە تور يايغۇچىلارنىڭ بېشى ساڭگىلاپ كېتىدۇ. |
زىغىرچىلار ھەم لىباس توقۇغۇچىلار خىجالەتچىلىكتە قالىدۇ، |
جەمئىيەتنىڭ «تۈۋرۈك»لىرى پارە-پارە بولۇپ، مەدىكارلارنىڭ كۆڭلىمۇ يېرىم بولىدۇ. |
تولىمۇ ئەخمەق زوئان شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى! پىرەۋننىڭ ئەڭ دانا مەسلىھەتچىلىرىدىن ئەخمىقانە مەسلىھەتلەر چىقىدۇ! سىلەر قانداقمۇ پىرەۋنگە: ــ «مەن بولسام دانالارنىڭ ئەۋلادى، قەدىمكى پادىشاھلارنىڭ نەسلىدۇرمەن!» ــ دەۋاتقانسىلەر تېخى؟ |
[مىسىر]، سېنىڭ دانىشمەنلىرىڭ ھازىر قېنى؟ ئۇلار دانىشمەن بولسا، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ مىسىر توغرۇلۇق نېمىلەرنى كۆڭلىگە پۈككەنلىكىنى ساڭا ئايان قىلسۇن! |
زوئان شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى نادانلاشتى، مەمفىس شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئالدىنىپ كەتتى؛ مىسىر قەبىلىلىرىنىڭ «بۇرجەك تاش»لىرى بولسا ئۇلارنى ئېزىقتۇرۇپ قويدى. |
پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر قايمۇقتۇرغۇچى روھنى ئارىلاشتۇرىۋەتتى؛ شۇڭا بىرسى مەست بولۇپ ئۆز قۇسۇقىدا تېيىلىپ ئەلەڭ-سەلەڭ بولغاندەك، ئۇلار مىسىردىكىلەرنى ھەربىر ئىشىدا ئەلەڭ-سەلەڭ قىلىۋەتتى. |
شۇنىڭ بىلەن مىسىرغا، باش، قۇيرۇق، پالما شېخى ياكى قومۇشلار قىلالىغۇدەك ھېچقانداق ئامال قالمايدۇ. |
شۇ كۈنى مىسىردىكىلەر قىز-ئاياللارغا ئوخشاپ قالىدۇ، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار قولىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تەڭلىشى بىلەن تىترەپ قورقىدۇ، |
ھەمدە يەھۇدا زېمىنى بولسا مىسىرغا ۋەھىمە بولۇپ قالىدۇ؛ چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگارنىڭ بېكىتكەن ئىرادىسى تۈپەيلىدىن، يەنى ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە قارىتىلغان ئىرادىسى تۈپەيلىدىن، كىمگە يەھۇدانىڭ گېپى قىلىنسىلا شۇ چۆچۈيدۇ. |
شۇ كۈنى قانائاننىڭ تىلى سۆزلەيدىغان، ۋە ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا بېقىنىپ سادىقلىق قەسىمى قىلىدىغان مىسىرنىڭ بەش شەھىرى بولىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى «ھالاك شەھىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. |
شۇ كۈنى مىسىرنىڭ زېمىنى ئوتتۇرىسىدا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بىر قۇربانگاھ، ھەم چېگراسىدا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بىر تۈۋرۈك بولىدۇ. |
بۇلار بولسا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا ھەم بەلگە ھەم شاھىت بولىدۇ؛ چۈنكى ئەزگۈچىلەر تۈپەيلىدىن ئۇلار پەرۋەردىگارغا نالە كۆتۈرگەن بولىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى ئەركىنلىككە چىقىرىدىغان بىر قۇتقۇزغۇچى ھەم قوغدىغۇچىنى ئەۋەتىدۇ. |
پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارغا تونۇتۇلۇپ ئايان قىلىنىدۇ؛ شۇ كۈنى مىسىر پەرۋەردىگارنى تونۇيدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭغا قۇربانلىق ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ؛ ئۇلار پەرۋەردىگارغا قەسەم ئىچىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدۇ. |
پەرۋەردىگار مىسىرنى ئۇرىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى ئۇرىدۇ ھەم ساقايتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا قايتىدۇ، ئۇ ئۇلارنىڭ دۇئا-تىلاۋىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۇلارنى ساقايتىدۇ. |
شۇ كۈنى مىسىردىن ئاسۇرىيەگە ماڭىدىغان، ئېگىز كۆتۈرۈلگەن تۈز يول ئېچىلىدۇ؛ ئاسۇرىيەلىكلەر مىسىرغا كىرىدۇ، مىسىرلىقلار ئاسۇرىيەگە كىرىدۇ؛ مىسىر ئاسۇرىيە بىلەن بىللە [خۇدانىڭ] خىزمەت-ئىبادىتىدە بولىدۇ. |
شۇ كۈنى ئىسرائىل مىسىر ۋە ئاسۇرىيە بىلەن بىر بولۇپ، ئۈچىسى، يەر يۈزىدىكىلەرگە بەخت يەتكۈزگۈچىلەر بولىدۇ. |
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىپ: ــ «خەلقىم بولغان مىسىرغا، ئۆز قولۇمنىڭ ئىجادى بولغان ئاسۇرىيەگە ۋە ئۆز مىراسىم بولغان ئىسرائىلغا بەخت يار بولسۇن!» ــ دەيدۇ. |