< 2 Chroniques 25 >

1 Amasias devint roi à l'âge de vingt cinq ans, et il régna neuf ans à Jérusalem. Sa mère s'appelait Joadan, de Jérusalem.
ئامازىيا تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە بەش ياشتا ئىدى، ئۇ يېرۇسالېمدا يىگىرمە توققۇز يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى يەھوئاددان بولۇپ، يېرۇسالېملىق ئىدى.
2 Il fit ce qui est droit aux yeux de Yahweh, mais non d'un cœur parfait.
ئامازىيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە توغرا بولغان ئىشلارنى قىلدى، لېكىن پۈتۈن كۆڭلى بىلەن قىلمىدى.
3 Lorsque la royauté fut affermie sur lui, il mit à mort ses serviteurs qui avaient tué le roi, son père;
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەملىۋالغاندىن كېيىن پادىشاھ ئاتىسىنى ئۆلتۈرگەن خىزمەتكارلىرىنى تۇتۇپ ئۆلتۈردى.
4 mais il ne fit pas mourir leurs fils, selon ce qui est écrit dans la Loi, dans le livre de Moïse, où Yahweh donne ce commandement: " Les pères ne mourront pas pour les enfants, et les enfants ne mourront pas pour les pères; mais chacun mourra pour ses péchés. "
لېكىن مۇساغا چۈشۈرۈلگەن قانۇن كىتابىدا پەرۋەردىگارنىڭ: «نە ئاتىلارنى ئوغۇللىرى ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشقا بولمايدۇ نە ئوغۇللىرىنى ئاتىلىرى ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشقا بولمايدۇ، بەلكى ھەربىرى ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن» دەپ پۈتۈلگەن ئەمرى بويىچە، ئۇ ئۆلتۈرگىچىلەرنىڭ بالىلىرىنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمىدى.
5 Amasias rassembla les hommes de Juda et les organisa d'après les maisons patriarcales, les chefs de milliers et les chefs de centaines, pour tout Juda et Benjamin; il en fit le recensement depuis l'âge de vingt ans et au-dessus, et il trouva trois cent mille hommes d'élite, en état d'aller à la guerre, et de manier la lance et le bouclier.
ئامازىيا يەھۇدالارنى يىغىپ، جەمەتلىرىگە قاراپ پۈتۈن يەھۇدالارنى ۋە بىنيامىنلارنى مىڭبېشى ۋە يۈزبېشىلار ئاستىغا بېكىتتى؛ ئۇ ئۇلاردىن يىگىرمە ياشتىن ئاشقانلارنىڭ سانىنى ئېلىۋىدى، جەڭگە چىقالايدىغان، قولىغا نەيزە ۋە قالقان ئالالايدىغان خىل لەشكەردىن ئۈچ يۈز مىڭ ئادەم چىقتى.
6 Il prit encore à sa solde, parmi ceux d'Israël, cent mille vaillants hommes pour cent talents d'argent.
ئۇ يەنە بىر يۈز تالانت كۈمۈش سەرپ قىلىپ ئىسرائىلدىن يۈز مىڭ باتۇر جەڭچى ياللىۋالدى.
7 Un homme de Dieu vint auprès de lui, en disant: " O roi, qu'une armée d'Israël ne marche point avec toi, car Yahweh n'est pas avec Israël, avec tous les fils d'Ephraïm.
لېكىن خۇدانىڭ بىر ئادىمى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ ئى پادىشاھىم، ئىسرائىل قوشۇنىنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە بارغۇزمىغايلا؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىللار ياكى ئەفرائىمىيلارنىڭ ھېچقايسىسى بىلەن بىللە ئەمەس.
8 Mais pars seul, agis, sois vaillant dans le combat, et Dieu ne te laissera pas tomber devant l'ennemi, car Dieu a le pouvoir de secourir et de faire tomber. "
ھەتتا سىلى چوقۇم شۇنداق قىلىمەن، باتۇرانە كۈرەش قىلىمەن دېسىلىمۇ، خۇدا ئۆزلىرىنى دۈشمەن ئالدىدا يىقىتىدۇ، چۈنكى خۇدا ئىنسانغا ياردەم بېرىشكىمۇ قادىردۇر، ئىنساننى يىقىتىشقىمۇ قادىردۇر، دېدى.
9 Amasias dit à l'homme de Dieu: " Mais que faire à l'égard des cent talents que j'ai donnés à la troupe d'Israël? " L'homme de Dieu répondit: " Yahweh peut te donner beaucoup plus que cela. "
ئامازىيا خۇدانىڭ ئادىمىگە: ــ ئەمىسە مەن ئىسرائىلنىڭ ياللانما قوشۇنىغا بەرگەن يۈز تالانت كۈمۈشنى قانداق قىلسام بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىۋىدى، خۇدانىڭ ئادىمى ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار ئۆزلىرىگە بۇنىڭدىنمۇ زىيادە كۆپ بېرىشكە قادىردۇر، دەپ جاۋاب بەردى.
10 Amasias sépara la troupe qui lui était venue d'Ephraïm, pour qu'elle allât dans son pays. Mais la colère de ces gens s'alluma contre Juda, et ils s'en allèrent dans leur pays enflammés de colère.
شۇنىڭ بىلەن ئامازىيا ئەفرائىمدىن ئۆزىگە كەلتۈرۈلگەن ياللانما قوشۇننى ئايرىپ چىقىپ، ئۆيلىرىگە قايتۇرۇۋەتتى؛ شۇ سەۋەبتىن ئۇلار يەھۇدالارغا بەك غەزەپلىنىپ، قاتتىق قەھر ئىچىدە ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىشتى.
11 Amasias, rempli de courage, conduisit son peuple; il s'en alla dans la vallée du Sel, et battit dix mille hommes des fils de Séir.
ئامازىيا جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۆزىنىڭ خەلقىنى باشلاپ «شور ۋادىسى»غا بېرىپ سېئىرلاردىن ئون مىڭ ئادەمنى يوقاتتى.
12 Les fils de Juda en firent captifs dix mille vivants, et les menèrent au sommet d'un rocher; ils les précipitèrent du sommet du rocher, et tous furent broyés.
يەھۇدالار يەنە ئون مىڭ ئادەمنى تىرىك تۇتۇۋېلىپ، تىك يارنىڭ لېۋىغا ئاپىرىپ، ياردىن ئىتتىرىۋىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پارە-پارە قىلىنىپ تاشلاندى.
13 Cependant, les gens de la troupe qu'Amasias avait renvoyés pour qu'ils n'allassent pas à la guerre avec lui, se jetèrent sur les villages de Juda; depuis Samarie jusqu'à Béthoron, y tuèrent trois mille hommes et enlevèrent de nombreuses dépouilles.
ھالبۇكى، ئامازىيا ئۆزى بىلەن بىللە جەڭ قىلىشقا رۇخسەت قىلماي قايتۇرۇۋەتكەن ياللانما ئەسكەرلەر سامارىيەدىن بەيت-ھورۇنغىچە بولغان يەھۇدانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ ئۈچ مىڭ ئادەمنى قىرىپ تاشلىدى ھەم نۇرغۇن مال-مۈلۈكنى بۇلاپ كەتتى.
14 Après qu'Amasias fut revenu de battre les Edomites, il apporta les dieux des fils de Séir et, les ayant établis pour ses dieux, il se prosterna devant eux et leur offrit des parfums.
لېكىن شۇنداق بولدىكى، ئامازىيا ئېدومىيلارنى مەغلۇپ قىلىپ قايتىپ كەلگەن چاغدا ئۇ سېئىرلارنىڭ بۇتلىرىنىمۇ ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى ئۆزى ئۈچۈن مەبۇد قىلىپ، ئۇلارغا باش ئۇردى ۋە ئۇلارغا خۇشبۇي ياقتى.
15 La colère de Yahweh s'enflamma contre Amasias, et il envoya vers lui un prophète, qui lui dit: " Pourquoi as-tu honoré les dieux de ce peuple, qui n'ont pu délivrer leur peuple de ta main? "
شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئامازىياغا قوزغالدى، ئۇ ئۇنىڭ ئالدىغا بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتتى. پەيغەمبەر ئۇنىڭغا: ــ ئۆز خەلقىنى سېنىڭ قولۇڭدىن قۇتقۇزالمىغان بۇ خەلقنىڭ ئىلاھلىرىنى زادى نېمە دەپ ئىزدەيسەن؟ ــ دېدى.
16 Comme il lui parlait, Amasias lui dit: " Est-ce que nous t'avons fait conseiller du roi? Retire-toi! Pourquoi te frapperait-on? " Le prophète se retira et dit: " Je sais que Dieu a résolu de te détruire, parce que tu as fait cela et que tu n'as pas écouté mon conseil. "
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ پادىشاھقا تېخى سۆز قىلىۋاتقاندا، پادىشاھ ئۇنىڭغا: ــ بىز سېنى پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى قىلىپ تىكلىگەنمۇ؟ قوي، بۇ گېپىڭنى! ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ نېمە؟ ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر گەپتىن توختىدى-دە، يەنە: ــ بۇ ئىشنى قىلغىنىڭ ھەم نەسىھىتىمگە قۇلاق سالمىغىنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار سېنى يوقىتىشنى قارار قىلدى، دەپ بىلىمەن، ــ دېدى.
17 Après avoir pris avis, Amasias, roi de Juda, envoya dire à Joas, fils de Joachaz, fils de Jéhu, roi d'Israël: " Viens, et voyons-nous en face! " Et Joas, roi d'Israël, envoya répondre à Amasias, roi de Juda:
شۇنىڭدىن كېيىن ئامازىيا مەسلىھەتلىشىپ، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھۇنىڭ نەۋرىسى، يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يوئاشنىڭ ئالدىغا ئەلچىلەرنى ماڭدۇرۇپ: «قېنى، [جەڭ مەيدانىدا] يۈز تۇرانە كۆرۈشەيلى» دېدى.
18 " L'épine qui est au Liban envoya dire au cèdre qui est au Liban: Donne ta fille pour femme à mon fils. Et les bêtes sauvages qui sont au Liban passèrent et foulèrent l'épine.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يوئاش يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىياغا ئەلچى ئەۋەتىپ مۇنداق سۆزلەرنى يەتكۈزدى: «لىۋاندىكى تىكەن لىۋاندىكى كېدىر دەرىخىگە سۆز ئەۋەتىپ: «ئۆز قىزىڭنى ئوغلۇمغا خوتۇنلۇققا بەرگىن!» ــ دېدى. لېكىن لىۋاندىكى بىر ياۋايى ھايۋان ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، تىكەننى دەسسىۋەتتى.
19 Tu te dis: Voici que tu as battu les Edomites, et ton cœur te porte à te glorifier. Maintenant, reste chez toi! Pourquoi t'engager dans le malheur, pour tomber, toi et Juda avec toi? "
سەن دەرۋەقە ئېدومنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىڭ؛ كۆڭلۈڭدە ئۆز-ئۆزۈڭدىن مەغرۇرلىنىپ يايراپ كەتتىڭ. ئەمدى ئۆيۈڭدە قالغىنىڭ ياخشى؛ نېمىشقا بېشىڭغا كۈلپەت كەلتۈرۈپ، ئۆزۈڭنى ۋە ئۆزۈڭ بىلەن يەھۇدانى بالاغا يىقىتىسەن؟».
20 Mais Amasias ne l'écouta pas car ce fut d'après la volonté de Dieu qu'il fit cette guerre, afin de livrer les hommes de Juda entre les mains de l'ennemi, parce qu'ils avaient honoré les dieux d'Edom.
ئەمما ئامازىيا قۇلاق سالمىدى. بۇ ئىش خۇدادىن كەلدى؛ چۈنكى ئۇلار ئېدومنىڭ ئىلاھلىرىنى ئىزدىگەنىدى، خۇدا ئۇلارنى [يوئاشنىڭ] قولىغا چۈشسۇن دەپ ئەنە شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغانىدى.
21 Et Joas, roi d'Israël, monta, et ils se virent en face, lui et Amasias, roi de Juda, à Bethsamès, qui est à Juda.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل پادىشاھى يوئاش جەڭگە ئاتلىنىپ چىقتى؛ ئىككى تەرەپ، يەنى ئۇ يەھۇدا پادىشاھى ئامازىيا بىلەن بەيت-شەمەشتە، جەڭ مەيدانىدا يۈز تۇرانە ئۇچراشتى.
22 Juda fut battu devant Israël, et chacun s'enfuit dans sa tente.
يەھۇدانىڭ ئادەملىرى ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن تىرىپىرەن قىلىنىپ، ھەربىرى ئۆز ئۆيىگە قېچىپ كەتتى.
23 Et Joas, roi d'Israël, prit à Bethsamès Amasias, roi de Juda, fils de Joas, fils de Joachaz. Il l'emmena à Jérusalem, et il fit une brèche de quatre cents coudées dans la muraille de Jérusalem, depuis la porte d'Ephraïm jusqu'à la porte de l'angle.
ئىسرائىل پادىشاھى يوئاش بەيت-شەمەشتە يەھوئاھازنىڭ نەۋرىسى، يوئاشنىڭ ئوغلى يەھۇدا پادىشاھى ئامازىيانى ئەسىر قىلىپ يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى؛ ۋە ئۇ يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىنىڭ ئەفرائىم دەرۋازىسىدىن تارتىپ بۇرجەك دەرۋازىسىغىچە بولغان تۆت يۈز گەزلىك بىر بۆلىكىنى ئۆرۈۋەتتى.
24 Il prit tout l'or et l'argent et tous les ustensiles qui se trouvaient dans la maison de Dieu, chez Obédédom, et les trésors de la maison du roi; il prit aussi des otages, et retourna à Samarie.
ئۇ خۇدانىڭ ئۆيىدە، ئوبەد-ئېدوم مەسئۇل بولۇپ ساقلاۋاتقان ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنىدىن تېپىلغان بارلىق ئالتۇن-كۈمۈش، قاچا-قۇچىلارنى بۇلىۋالدى ۋە كېپىللىك سۈپىتىدە بىرنەچچە تۇتقۇننى ئېلىپ سامارىيەگە يېنىپ كەتتى.
25 Amasias, fils de Joas, roi de Juda, vécut quinze ans après la mort de Joas, fils de Joachaz, roi d'Israël.
ئىسرائىل پادىشاھى يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يوئاش ئۆلگەندىن كېيىن، يوئاشنىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىيا ئون بەش يىل ئۆمۈر كۆردى.
26 Le reste des actes, d'Amasias, les premiers et les derniers, cela n'est-il pas écrit dans le livre des rois de Juda et d'Israël?
ئامازىيانىڭ قالغان ئەمەللىرى بولسا، مانا ئۇلارنىڭ ھەممىسى باشتىن ئاخىرىغىچە «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخنامىسى»دا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
27 Après qu'Amasias se fut détourné de Yahweh, on ourdit contre lui une conspiration à Jérusalem, et il s'enfuit à Lachis; mais on envoya après lui des hommes à Lachis, et on l'y mit à mort.
ئامازىيا پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچكەندىن باشلاپلا يېرۇسالېمدا بەزىلەر ئۇنى قەستلەشكە كىرىشكەنىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ لاقىش شەھىرىگە قېچىپ كەتتى؛ لېكىن قەستلىگۈچىلەر كەينىدىن لاقىشقا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇ يەردە ئۇنى ئۆلتۈردى.
28 On le transporta sur des chevaux, et on l'enterra avec ses pères dans la ville de Juda.
ئاندىن ئۇلار ئۇنى ئاتلارغا ئارتىپ يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا «يەھۇدانىڭ شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى.

< 2 Chroniques 25 >