داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ ھۆكۈمرانلىقى مۇستەھكەملەندى؛ چۈنكى ئۇنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇنى بەك بۈيۈك قىلدى. |
سۇلايمان پۈتكۈل ئىسرائىللارنى، مىڭبېشى، يۈزبېشى، سوراقچى ۋە پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ قەبىلە-جەمەت باشلىقلىرى بولغان ئەمەلدارلارنى چاقىرتىپ ئۇلارغا سۆز قىلدى. |
سۇلايمان بارلىق جامائەت بىلەن بىرلىكتە گىبېئوننىڭ ئېگىزلىكىگە باردى؛ چۈنكى ئۇ يەردە خۇدانىڭ «جامائەت چېدىرى»، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسا باياۋاندا ياساتقان چېدىر بار ئىدى. |
خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بولسا داۋۇت كىرىئات-يېئارىمدىن ئېلىپ چىقىپ، ئۆزى ئۇنىڭغا تەييارلىغان يەرگە ئەكەلگەنىدى؛ چۈنكى ئۇ يېرۇسالېمدا ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن بىر چېدىر تىكتۈرگەنىدى. |
خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بەزالەل ياسىغان مىس قۇربانگاھ بولسا [گىبېئوندا]، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ جامائەت چېدىرى ئالدىدا ئىدى؛ سۇلايمان جامائەت بىلەن بىرلىكتە بېرىپ، شۇ يەردە [پەرۋەردىگاردىن] تىلەك تىلىدى. |
سۇلايمان جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىدىكى مىس قۇربانگاھنىڭ يېنىغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كېلىپ، قۇربانگاھتا مىڭ مالنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. |
شۇ كېچىسى خۇدا سۇلايمانغا ئايان بولۇپ، ئۇنىڭغا: ــ سەن نېمىنى تىلىسەڭ، شۇنى بېرىمەن، دېدى. |
سۇلايمان خۇداغا: ــ سەن ئاتام داۋۇتقا زور مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلغان، مېنى ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلدىڭ. |
ئى پەرۋەردىگار خۇدا، ئەمدى سەن ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەڭنى پۇختا ئورۇنلىغايسەن؛ چۈنكى سەن مېنى يەردىكى توپىدەك نۇرغۇن خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پادىشاھ قىلدىڭ. |
ئەمدى سەن ماڭا بۇ خەلققە يېتەكچىلىك قىلغۇدەك دانالىق ۋە بىلىم بەرگەيسەن؛ ئۇنداق بولمىسا سېنىڭ مۇنچىۋالا چوڭ بۇ خەلقىڭگە كىم ھۆكۈم سۈرەلىسۇن؟ ــ دېدى. |
خۇدا سۇلايمانغا: ــ مەن سېنى خەلقىمگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدىم. ئەمدى سەن مۇشۇنداق نىيەتكە كېلىپ، نە بايلىق، مال-مۈلۈك، نە ئىززەت-ھۆرمەت ۋە دۈشمەنلىرىڭنىڭ جانلىرىنى تىلىمەي، نە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى تىلىمەي، بەلكى بۇ خەلقىمگە ھۆكۈم سۈرۈشكە دانالىق ۋە بىلىم تىلىگەن ئىكەنسەن، |
دانالىق ۋە بىلىم ساڭا تەقدىم قىلىندى؛ ۋە مەن ساڭا بايلىق، مال-مۈلۈك ۋە ئىززەت-ھۆرمەتمۇ بېرەي؛ شۇنداق بولىدۇكى، سېنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن پادىشاھلارنىڭ ھېچبىرىدە ئۇنداق بولمىغان، سېنىڭدىن كېيىن بولغۇسى پادىشاھلاردىمۇ ئۇنداق بولمايدۇ، دېدى. |
بۇ ئىشتىن كېيىن سۇلايمان گىبېئون ئېگىزلىكىدىكى «جامائەت چېدىرى»دىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىپ، ئىسرائىل ئۈستىدە سەلتەنەت قىلدى. |
سۇلايمان جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئاتلىق لەشكەرلەرنى توپلىدى: ــ ئۇنىڭ بىر مىڭ تۆت يۈز جەڭ ھارۋىسى، ئون ئىككى مىڭ ئاتلىق لەشكىرى بار ئىدى؛ ئۇ بۇلارنى «جەڭ ھارۋىسى شەھەرلىرى»گە ھەم پادىشاھنىڭ يېنىدا تۇرۇش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا ئورۇنلاشتۇردى. |
پادىشاھ يېرۇسالېمدا ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى تاشلاردەك كۆپ، كېدىر دەرەخلىرىنى تۈزلەڭلىكتىكى ئۈجمە دەرەخلىرىدەك كۆپ قىلدى. |
سۇلايماننىڭ ئاتلىرى مىسىردىن ھەم كۇۋەدىن كەلتۈرۈلەتتى؛ پادىشاھنىڭ سودىگەرلىرى كۇۋەدىن توختىتىلغان باھاسى بويىچە سېتىۋالاتتى. |
ئۇلار مىسىردىن سېتىۋالغان ھەربىر ھارۋىنىڭ باھاسى ئالتە يۈز كۈمۈش تەڭگە، ھەربىر ئاتنىڭ باھاسى بىر يۈز ئەللىك كۈمۈش تەڭگە ئىدى؛ ئات-ھارۋىلار يەنە ھىتتىيلارنىڭ پادىشاھلىرى ۋە سۇرىيە پادىشاھلىرىغىمۇ ئەنە شۇ [سودىگەرلەرنىڭ ۋاستىسى] بىلەن سېتىۋېلىناتتى. |