ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى رۇبەن، شىمېئون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار، زەبۇلۇن، |
دان، يۈسۈپ، بىنيامىن، نافتالى، گاد ۋە ئاشىردىن ئىبارەت. |
يەھۇدانىڭ ئوغلى ئېر، ئونان ۋە شىلاھ ئىدى. بۇ ئۈچەيلەن قانائانلىق شۇيانىڭ قىزىدىن بولغان. يەھۇدانىڭ تۇنجى ئوغلى ئېر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغانلىقىدىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ جېنىنى ئالغان. |
يەھۇداغا كېلىنى تاماردىن پەرەز بىلەن زەراھ تۆرەلگەن. يەھۇدانىڭ جەمئىي بەش ئوغلى بولغان. |
پەرەزنىڭ ئوغۇللىرى ھەزرون بىلەن ھامۇل ئىدى. |
زەراھنىڭ ئوغۇللىرى زىمرى، ئېتان، ھېمان، كالكول بىلەن دارا قاتارلىق بەش ئىدى. |
كارمىنىڭ ئوغلى ئاكار ئىدى. ئاكار بولسا خۇدا لەنەت قىلغان نەرسىنى ئېلىپ، «ئىسرائىلغا بالا-قازا كەلتۈرگۈچى» بولۇپ چىقتى. |
ئېتاننىڭ ئوغلى ئازارىيا ئىدى. |
ھەزروندىن تۆرەلگەن ئوغۇللار يەراھمىيەل، رام ۋە كالەب ئىدى. |
ئاممىناداب رامدىن تۆرەلگەن؛ ناھشون ئاممىنادابتىن تۆرەلگەن؛ ناھشون يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى بولغان. |
سالمون ناھشوندىن تۆرەلگەن؛ بوئاز سالموندىن تۆرەلگەن. |
ئوبەد بوئازدىن تۆرەلگەن؛ يەسسە ئوبەددىن تۆرەلگەن. |
يەسسەنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ تۇنجىسى ئېلىئاب، ئىككىنچىسى ئابىناداب، ئۈچىنچىسى شىمىيا، |
تۆتىنچىسى نەتانەل، بەشىنچىسى رادداي، |
ئالتىنچىسى ئوزەم، يەتتىنچىسى داۋۇت ئىدى. |
زەرۇئىيا بىلەن ئابىگائىل ئۇلارنىڭ سىڭلىسى ئىدى. زەرۇئىيانىڭ ئابىشاي، يوئاب ۋە ئاساھەل دېگەن ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. |
ئاماسا ئابىگائىلدىن تۆرەلدى؛ ئاماسانىڭ ئاتىسى ئىسمائىللاردىن بولغان يەتەر ئىدى. |
كالەب ئازۇباھ (يېرىئوت دەپمۇ ئاتىلىدۇ)تىن ئوغۇل كۆردى؛ [ئازۇباھتىن] بولغان ئوغۇللىرى يەشەر، شوباب ۋە ئاردون ئىدى. |
ئازۇباھ ئۆلگەندىن كېيىن كالەب يەنە ئەفراتنى ئالدى؛ ئەفرات ئۇنىڭغا خۇرنى تۇغۇپ بەردى. |
خۇردىن ئۇرى تۆرەلدى؛ ئۇرىدىن بەزالەل تۆرەلدى. |
كېيىن ھەزرون گىلېئادنىڭ ئاتىسى ماكىرنىڭ قىزىنى ئېلىپ بىر ياستۇققا باش قويۇۋىدى (ئۇ ئاتمىش ياشقا كىرگەندە ئۇنى ئالغان)، ئۇنىڭدىن سەگۇب تۆرەلدى. |
سەگۇبتىن يائىر تۆرەلدى؛ يائىرنىڭ گىلېئاد زېمىنىدا يىگىرمە ئۈچ شەھىرى بار ئىدى. |
گەشۇر بىلەن ئارام شۇ يۇرتتىكىلەردىن «يائىرنىڭ يېزا-قىشلاقلىرى»نى، كىناتنى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزىلار بولۇپ جەمئىي ئاتمىش يېزا-شەھەرنى تارتىۋالدى. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى گىلېئادنىڭ ئاتىسى ماكىرنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. |
ھەزرون كالەب-ئەفراتاھدا ئۆلگەندىن كېيىن، ئايالى ئابىياھ ئۇنىڭغا ئاشخورنى تۇغدى؛ ئاشخور تەكوئانىڭ ئاتىسى ئىدى. |
ھەزروننىڭ تۇنجى ئوغلى يەراھمىيەلنىڭ ئوغۇللىرى رام، بۇناھ، ئورەن، ئوزەم ۋە ئاخىياھ ئىدى. |
يەراھمىيەلنىڭ ئاتاراھ دېگەن يەنە بىر ئايالى بار ئىدى، ئۇ ئونامنىڭ ئانىسى ئىدى. |
يەراھمىيەلنىڭ تۇنجى ئوغلى رامنىڭ ئوغۇللىرى مائاز، يامىن ۋە ئېكەر ئىدى. |
ئونامنىڭ ئوغۇللىرى شامماي بىلەن يادا ئىدى؛ شامماينىڭ ئوغۇللىرى ناداب بىلەن ئابىشۇر ئىدى. |
ئابىشۇرنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى ئابىھايىل بولۇپ، ئابىھايىلدىن ئۇنىڭغا ئاھبان بىلەن مولىد تۆرەلدى. |
نادابنىڭ ئوغۇللرى سەلەد بىلەن ئاپپايىم ئىدى؛ سەلەد تا ئۆلگۈچە ئوغۇل پەرزەنت كۆرمىگەن. |
يىشى ئاپپايىمنىڭ ئوغلى؛ شېشان يىشىنىڭ ئوغلى؛ ئاخلاي شېشاننىڭ ئوغلى ئىدى. |
شامماينىڭ ئىنىسى يادانىڭ ئوغۇللىرى يەتەر بىلەن يوناتان ئىدى؛ يەتەر تاكى ئۆلگۈچە ئوغۇل پەرزەنت كۆرمىگەن. |
پەلەت بىلەن زازا يوناتاننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى يەراھمىيەلنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. |
شېشان قىز پەرزەنت كۆرۈپ، ئوغۇل پەرزەنت كۆرمىگەنىدى؛ شېشاننىڭ مىسىرلىق يارخا دەيدىغان بىر مالىيى بار ئىدى. |
شېشان قىزىنى مالىيى يارخاغا خوتۇنلۇققا بەرگەن، ئۇنىڭدىن يارخاغا ئاتتاي تۆرەلگەن. |
ئاتتايدىن ناتان؛ ناتاندىن زاباد تۆرەلگەن. |
زابادتىن ئىفلال؛ ئىفلالدىن ئوبەد تۆرەلگەن. |
ئوبەدتىن يەھۇ؛ يەھۇدىن ئازارىيا تۆرەلگەن. |
ئازارىيادىن ھەلەز؛ ھەلەزدىن ئەلئاساھ تۆرەلگەن. |
ئەلئاساھتىن سىسماي؛ سىسمايدىن شاللۇم تۆرەلگەن. |
شاللۇمدىن يەكامىيا؛ يەكامىيادىن ئەلىشاما تۆرەلگەن. |
يەراھمىيەلنىڭ ئىنىسى كالەبنىڭ ئوغۇللىرى تۆۋەندىكىلەر: مىشا ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى بولۇپ، زىفنىڭ ئاتىسى ئىدى؛ مارىشاھمۇ ئۇنىڭ ئوغلى بولۇپ، ھېبروننىڭ ئاتىسى ئىدى. |
ھېبروننىڭ ئوغۇللىرى كوراھ، تاپپۇئاھ، رەكەم ۋە شېما ئىدى. |
شېمادىن راھام تۆرەلگەن؛ ئۇ يوركېئامنىڭ ئاتىسى ئىدى؛ شامماي رەكەمدىن تۆرەلگەن. |
مائون شامماينىڭ ئوغلى؛ مائون بەيت-زۇرنىڭ ئاتىسى ئىدى. |
كالەبنىڭ توقىلى ئەفاھدىن ھاران، موزا ۋە گازەز تۆرەلگەن. ھاراندىن گازەز تۆرەلگەن. |
ياخداينىڭ ئوغۇللىرى رەگەم، يوتام، گەشان، پەلەت، ئەفاھ ۋە شائافلار ئىدى. |
كالەبنىڭ توقىلى مائاكاھدىن شېبەر بىلەن تىرخاناھ تۆرەلگەن؛ |
ئۇنىڭدىن يەنە مادمانناھنىڭ ئاتىسى شائاف، ماكبىنانىڭ ئاتىسى ۋە گىبېئاھنىڭ ئاتىسى شىۋا تۆرەلگەن. ئاكساھ كالەبنىڭ قىزى ئىدى. |
يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى كالەبنىڭ ئەۋلادلىرى. ئەفراتاھنىڭ تۇنجى ئوغلى خۇرنىڭ ئوغۇللىرى: كىرىئات-يېئارىمنىڭ ئاتىسى شوبال، |
بەيت-لەھەمنىڭ ئاتىسى سالما، بەيت-گادەرنىڭ ئاتىسى خارەف ئىدى. |
كىرىئات-يېئارىمنىڭ ئاتىسى شوبالنىڭ ئەۋلادلىرى: خاروئەھ ھەمدە ماناخاتلارنىڭ يېرىمى ئىدى. |
كىرىئات-يېئارىم جەمەتلىرىدىكىلەر ئىترىيلەر، پۇتىيلار، شۇماتىيلار، مىشرائىيلار بولۇپ، بۇ جەمەتلەردىن يەنە زوراتىيلار بىلەن ئەشتايولىيلار ئايرىلىپ چىققان. |
سالمانىڭ ئەۋلادلىرى بەيت-لەھەم بىلەن نىتوفاتلار، ئاتروت-بەيت-يوئابلار، ماناھاتلارنىڭ يېرىم قىسمى، زورىيلار، |
يابەزدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان تەۋرات خەتتاتلىرى، يەنى تىراتىيلار، شىمياتىيلەر بىلەن سۇكاتىيلار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كېنىيلەر بولۇپ، رەكاب جەمەتىنىڭ بوۋىسى خاماتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى. |