< Psaumes 119 >

1 Heureux ceux qui sont irréprochables dans leur voie, qui marchent selon la loi de Yahweh!
(ئالەف) يولدا مۇكەممەل بولغانلار، پەرۋەردىگار تەۋرات-قانۇنىدا ماڭىدىغانلار بەختلىكتۇر!
2 Heureux ceux qui gardent ses enseignements, qui le cherchent de tout leur cœur,
ئۇنىڭ ئاگاھ-گۇۋاھلىرىنى تۇتقانلار، ئۇنى چىن قەلبى بىلەن ئىزدىگەنلەر،
3 qui ne commettent pas l’iniquité et qui marchent dans ses voies!
ھېچبىر ھەقسىزلىقنى قىلمىغانلار بەختلىكتۇر! ئۇلار ئۇنىڭ يوللىرىدا ماڭىدۇ.
4 Tu as prescrit tes ordonnances, pour qu’on les observe avec soin.
كۆرسەتمىلىرىڭگە ئەستايىدىل ئەمەل قىلىشىمىز ئۈچۈن، ئۆزۈڭ ئۇلارنى بېكىتكەنسەن.
5 Puissent mes voies être dirigées, pour que j’observe tes lois!
ئاھ، يوللىرىمنىڭ يۆنىلىشى بەلگىلىمىلىرىڭگە ئەمەل قىلىشقا بېكىتىلگەي!
6 Alors je n’aurai pas à rougir, à la vue de tous tes commandements.
شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئەمر-پەرمانلىرىڭنى ئەتىۋارلىسام، مەن يەرگە قاراپ قالمايمەن.
7 Je te louerai dans la droiture de mon cœur, en apprenant les préceptes de ta justice.
سېنىڭ ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭنى ئۆگىنىپ، دۇرۇس كۆڭۈلدىن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن.
8 Je veux garder tes lois: ne me délaisse pas complètement.
مەن بەلگىلىمىلىرىڭنى چوقۇم تۇتىمەن؛ مېنى پۈتۈنلەي تاشلىۋەتمىگەيسەن!
9 Comment le jeune homme rendra-t-il pur son sentier? En se gardant selon ta parole.
(بەت) ياش بىر يىگىت قانداق قىلىپ ئۆز يولىنى پاك تۇتالايدۇ؟ سېنىڭ سۆز-كالامىڭنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلىش بىلەنلا.
10 Je te cherche de tout mon cœur: ne me laisse pas errer loin de tes commandements.
پۈتۈن قەلبىم بىلەن مەن سېنى ئىزدىدىم؛ مېنى ئەمرلىرىڭدىن ئاداشتۇرمىغايسەن؛
11 Je garde ta parole cachée dans mon cœur, afin de ne pas pécher contre toi.
گۇناھ قىلىپ ساڭا قارشى چىقماسلىقىم ئۈچۈن، سۆزۈڭنى كۆڭلۈمگە مەھكەم پۈكۈۋالدىم.
12 Béni sois-tu, Yahweh! Enseigne-moi tes lois.
مۇبارەكدۇرسەن پەرۋەردىگار، ماڭا ئۆز بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن.
13 De mes lèvres j’énumère tous les préceptes de ta bouche.
لەۋلىرىم بىلەن مەن بايان قىلىمەن، ئاغزىڭدىكى بارلىق ھۆكۈملىرىڭنى.
14 J’ai de la joie à suivre tes enseignements, comme si je possédais tous les trésors.
تۈرلۈك بايلىقلاردىن شادلانغاندەك، ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا ئەگەشكەن يولدا شادلاندىم.
15 Je veux méditer tes ordonnances, avoir les yeux sur tes sentiers.
مەن كۆرسەتمىلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن؛ ئىزلىرىڭغا قاراپ ئويلىنىمەن.
16 Je fais mes délices de tes lois, je n’oublierai pas ta parole.
بەلگىلىمىلىرىڭنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىمەن؛ سۆز-كالامىڭنى ئۇنتۇمايمەن.
17 Use de bonté envers ton serviteur, afin que je vive, et j’observerai ta parole.
(گىمەل) قۇلۇڭغا مېھرىبانلىقنى كۆرسەتكەيسەن، شۇنىڭ بىلەن مەن ياشايمەن، كالامىڭغا بويسۇنىمەن.
18 Ouvre mes yeux, pour que je contemple les merveilles de ta loi.
تەۋرات-قانۇنۇڭدىن كارامەت سىرلارنى كۆرۈشۈم ئۈچۈن، كۆزلىرىمنى ئاچقايسەن!
19 Je suis un étranger sur la terre: ne me cache pas tes commandements.
مەن بۇ دۇنيادا مۇساپىرمەن؛ ئەمرلىرىڭنى مەندىن يوشۇرمىغايسەن.
20 Mon âme est brisée par le désir, qui toujours la porte vers tes préceptes.
ھۆكۈملىرىڭگە ھەرقاچان ئىنتىزار بولۇپ، يۈرىكىم ئېزىلىپ كېتەي دەپ قالدى.
21 Tu menaces les orgueilleux, ces maudits, qui s’égarent loin de tes commandements.
سەن لەنەتكە بۇيرۇلغان تەكەببۇرلارغا تەنبىھ بېرىسەن، ئۇلار ئەمرلىرىڭدىن ئادىشىپ كېتىدۇ.
22 Eloigne de moi la honte et le mépris, car j’observe tes enseignements.
مەندىن ئاھانەت ھەم مەسخىرىنى يىراققا كەتكۈزگەيسەن؛ چۈنكى ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى تۇتىمەن.
23 Que les princes siègent et parlent contre moi: ton serviteur méditera tes lois.
ئەمىرلەر ئولتۇرۇپ يامان گېپىمنى قىلىشماقتا؛ سېنىڭ قۇلۇڭ بولسا بەلگىلىمىلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلايدۇ.
24 Oui, tes enseignements font mes délices, ce sont les hommes de mon conseil.
سېنىڭ ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭ مېنىڭ خۇرسەنلىكىم، مېنىڭ مەسلىھەتچىلىرىمدۇر.
25 Mon âme est attachée à la poussière: rends-moi la vie, selon ta parole!
(دالەت) مېنىڭ جېنىم تۇپراققا يېپىشقان؛ سۆز-كالامىڭ بويىچە مېنى يېڭىلاندۇرغايسەن.
26 Je t’ai exposé mes voies, et tu m’as répondu: enseigne-moi tes lois.
ئۆز يوللىرىمنى ئالدىڭدا ئوچۇق بايان قىلدىم، سەن ماڭا جاۋاب بەردىڭ؛ ماڭا بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن.
27 Fais-moi comprendre la voie de tes ordonnances, et je méditerai sur tes merveilles.
مېنى كۆرسەتمىلىرىڭنىڭ يولىنى چۈشىنىدىغان قىلغايسەن، ئاندىن مەن كارامەتلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن.
28 Mon âme, attristée, se fond en larmes: relève-moi selon ta parole.
جېنىم قايغۇ بىلەن ئېرىپ كېتىدۇ؛ سۆز-كالامىڭ بويىچە مېنى كۈچلەندۈرگەيسەن.
29 Eloigne de moi la voie du mensonge, et accorde-moi la faveur de ta loi.
مەندىن ئالدامچى يولنى نېرى قىلغايسەن؛ شەپقەت قىلىپ ماڭا تەۋرات-قانۇنۇڭنى بېغىشلىغايسەن؛
30 J’ai choisi la voie de la fidélité, je place tes préceptes sous mes yeux.
مەن ھەقىقەت-ساداقەت يولىنى تاللىۋالدىم؛ ھۆكۈملىرىڭنى ئالدىمدا قويدۇم.
31 Je me suis attaché à tes enseignements: Yahweh, ne permets pas que je sois confondu.
ئاگاھ-گۇۋاھلىرىڭنى چىڭ تۇتىمەن؛ پەرۋەردىگار، مېنى ئۇياتقا قالدۇرمىغايسەن.
32 Je cours dans la voie de tes commandements, car tu élargis mon cœur.
سەن مېنىڭ قەلبىمنى كەڭ-ئازادە قىلىشىڭ بىلەن، ئەمرلىرىڭ يولىغا ئەگىشىپ يۈگۈرىمەن.
33 Enseigne-moi, Yahweh, la voie de tes préceptes, afin que je la garde jusqu’à la fin de ma vie.
(خې) ئى پەرۋەردىگار، بەلگىلىمىلىرىڭنىڭ يولىنى ماڭا ئايان قىلغايسەن؛ مەن ئۇنى ئاخىرغىچە تۇتىمەن.
34 Donne-moi l’intelligence pour que je garde ta loi, et que je l’observe de tout mon cœur.
مېنى يورۇتقايسەن، مەن تەۋرات-قانۇنۇڭنى تۇتىمەن، شۇنداقلا پۈتۈن قەلبىم بىلەن ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىمەن.
35 Conduis-moi dans le sentier de tes commandements, car j’y trouve le bonheur.
مېنى ئەمرلىرىڭنىڭ يولىدا ماڭىدىغان قىلغايسەن؛ چۈنكى ئۇلارنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىمەن.
36 Incline mon cœur vers tes enseignements, et non vers le gain.
مېنىڭ قەلبىمنى شەخسىي مەنپەئەتكە ئەمەس، بەلكى ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا مايىل قىلغايسەن.
37 Détourne mes yeux pour qu’ils ne voient pas la vanité, fais-moi vivre dans ta voie.
كۆزلىرىمنى ساختىنى كۆرۈشتىن ياندۇرغايسەن؛ مېنى يولۇڭدا جانلاندۇرغايسەن؛
38 Accomplis envers ton serviteur ta promesse, que tu as faite à ceux qui te craignent.
سەن قۇلۇڭغا بولغان ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن خەقلەر سەندىن ئەيمىنىدۇ.
39 Ecarte de moi l’opprobre que je redoute, car tes préceptes sont bons.
مەن قورققان شەرمەندىلىكنى نېرى كەتكۈزگەيسەن؛ چۈنكى سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭ ئەلادۇر.
40 Je désire ardemment pratiquer tes ordonnances: par ta justice, fais-moi vivre.
مانا، مەن كۆرسەتمىلىرىڭگە تەشنا بولۇپ كەلدىم؛ ئۆز ھەققانىيىتىڭدە مېنى جانلاندۇرغايسەن؛
41 Que vienne sur moi ta miséricorde, Yahweh, et ton salut, selon ta parole!
: (ۋاۋ) ۋە مېھىر-مۇھەببەتلىرىڭ يېنىمغا كەلسۇن، ئى پەرۋەردىگار؛ ۋەدەڭ بويىچە نىجاتلىقىڭ يېنىمغا كەلسۇن؛
42 Et je pourrai répondre à celui qui m’outrage, car je me confie en ta parole.
شۇندا مەندە مېنى مەسخىرە قىلغۇچىغا بەرگۈدەك جاۋاب بولىدۇ؛ چۈنكى سۆزۈڭگە تايىنىمەن.
43 N’ôte pas entièrement de ma bouche la parole de vérité, car j’espère en tes préceptes.
ۋە ئاغزىمدىن ھەقىقەتنىڭ سۆزىنى ئېلىپ تاشلىمىغايسەن؛ چۈنكى ھۆكۈملىرىڭگە ئۈمىد باغلىدىم؛
44 Je veux garder ta loi constamment, toujours et à perpétuité.
شۇندا مەن سېنىڭ تەۋرات-قانۇنۇڭنى ھەر قاچان تۇتىمەن، بەرھەق، ئەبەدىلئەبەدگىچە تۇتىمەن؛
45 Je marcherai au large, car je recherche tes ordonnances.
شۇندا مەن ئازادىلىكتە ماڭىمەن؛ چۈنكى كۆرسەتمىلىرىڭنى ئىزدىدىم.
46 Je parlerai de tes enseignements devant les rois, et je n’aurai pas de honte.
شۇندا مەن پادىشاھلار ئالدىدا ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭ توغرۇلۇق سۆزلەيمەن، بۇ ئىشلاردا مەن يەرگە قاراپ قالمايمەن.
47 Je ferai mes délices de tes commandements, car je les aime.
ۋە ئەمرلىرىڭنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىمەن، چۈنكى ئۇلارنى سۆيۈپ كەلدىم؛
48 J’élèverai mes mains vers tes commandements que j’aime, et je méditerai tes lois.
مەن سۆيۈپ كەلگەن ئەمرلىرىڭگە قوللىرىمنى سوزۇپ ئىنتىلىمەن، ۋە بەلگىلىمىلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن.
49 Souviens-toi de la parole donnée à ton serviteur, sur laquelle tu fais reposer mon espérance.
(زائىن) سەن قۇلۇڭغا بەرگەن سۆزۈڭنى، يەنى ماڭا ئۈمىد بېغىشلىغان كالامىڭنى ئەسلىگەيسەن.
50 C’est ma consolation dans la misère, que ta parole me rende la vie.
ئۇ بولسا دەردىمگە بولغان تەسەللىدۇر؛ چۈنكى سۆز-ۋەدەڭ مېنى جانلاندۇردى.
51 Des orgueilleux me prodiguent leurs railleries: je ne m’écarte pas de ta loi.
تەكەببۇرلار ئەشەددىي ھاقارەتلىگىنى بىلەن، لېكىن تەۋرات-قانۇنۇڭدىن ھېچ چەتنىمىدىم.
52 Je pense à tes préceptes des temps passés, Yahweh, et je me console.
قەدىمدە بېكىتىلگەن ھۆكۈملىرىڭنى يادىمغا كەلتۈردۈم، ئى پەرۋەردىگار، شۇنداق قىلىپ ئۆزۈمگە تەسەللى بەردىم.
53 L’indignation me saisit à cause des méchants, qui abandonnent ta loi.
تەۋرات-قانۇنۇڭنى تاشلىۋەتكەن رەزىللەر ۋەجىدىن، ئوتلۇق غەزەپ مەندە قايناپ تاشتى.
54 Tes lois sont le sujet de mes cantiques, dans le lieu de mon pèlerinage.
مۇساپىر بولۇپ تۇرغان جايىمدا، كۆرسەتمىلىرىڭ مېنىڭ ناخشىلىرىم بولدى.
55 La nuit je me rappelle ton nom, Yahweh, et j’observe ta loi.
كېچىدە، ئى پەرۋەردىگار، نامىڭنى ئەسلەپ يۈردۇم، تەۋرات-قانۇنۇڭنى تۇتۇپ كەلدىم.
56 Voici la part qui m’est donnée: je garde tes ordonnances.
مەن بۇنىڭغا نېسىپ بولدۇم، چۈنكى مەن كۆرسەتمىلىرىڭكە ئىتائەت قىلىپ كەلدىم.
57 Ma part, Yahweh, je le dis, c’est de garder tes paroles.
(خەت) ئۆزۈڭ مېنىڭ نېسىۋەمدۇرسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ «سېنىڭ سۆز-كالامىڭنى تۇتاي» ــ دېدىم.
58 Je t’implore de tout mon cœur; aie pitié de moi selon ta parole.
مەن پۈتۈن قەلبىم بىلەن دىدارىڭغا ئىنتىلىپ يېلىندىم؛ ۋەدەڭ بويىچە ماڭا شاپائەت كۆرسەتكەيسەن.
59 Je réfléchis à mes voies, et je ramène mes pas vers tes enseignements.
مەن يوللىرىڭ ئۈستىدە ئويلاندىم، ئاياغلىرىمنى ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا قارىتىپ بۇرىدىم.
60 Je me hâte, je ne diffère point d’observer tes commandements.
مەن ئالدىرىدىم، ھېچ كېچىكمىدىم، سېنىڭ ئەمرلىرىڭگە ئەمەل قىلىشقا.
61 Les pièges des méchants m’environnent, et je n’oublie pas ta loi.
رەزىللەرنىڭ ئاسارەتلىرى مېنى چىرمىۋالغىنى بىلەن، مەن تەۋرات-قانۇنۇڭنى ھېچ ئۇنتۇمىدىم.
62 Au milieu de la nuit, je me lève pour te louer, à cause des jugements de ta justice.
ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭ ئۈچۈن، تۈن كېچىدە تەشەككۈر ئېيتقىلى قوپىمەن.
63 Je suis l’ami de tous ceux qui te craignent, et de ceux qui gardent tes ordonnances.
مەن سەندىن قورقىدىغانلارنىڭ، كۆرسەتمىلىرىڭگە ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈلپىتىدۇرمەن.
64 La terre est pleine de ta bonté, Yahweh: enseigne-moi tes lois.
جاھان، ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن تولدى؛ ماڭا بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن.
65 Tu as usé de bonté envers ton serviteur, Yahweh, selon ta parole.
(تەت) سۆز-كالامىڭ بويىچە، ئى پەرۋەردىگار، ئۆز قۇلۇڭغا مېھرىبانلىقنى كۆرسىتىپ كەلگەنسەن.
66 Enseigne-moi le sens droit et l’intelligence, car j’ai foi en tes commandements.
ماڭا ئوبدان پەرق ئېتىشنى ۋە بىلىمنى ئۆگەتكەيسەن؛ چۈنكى مەن ئەمرلىرىڭگە ئىشەندىم.
67 Avant d’avoir été humilié, je m’égarais; maintenant, j’observe ta parole.
مەن ئازابقا ئۇچراشتىن بۇرۇن يولدىن ئازغان، بىراق ھازىر سۆزۈڭنى تۇتىمەن.
68 Tu es bon et bienfaisant: enseigne-moi tes lois.
سەن مېھرىباندۇرسەن، مېھرىبانلىق قىلىسەن، ماڭا بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن.
69 Des orgueilleux imaginent contre moi des mensonges; moi, je garde de tout cœur tes ordonnances.
تەكەببۇرلار ماڭا قارا چاپلاشتى؛ بىراق كۆرسەتمىلىرىڭگە پۈتۈن قەلبىم بىلەن ئىتائەت قىلىمەن.
70 Leur cœur est insensible comme la graisse; moi, je fais mes délices de ta loi.
ئۇلارنىڭ قەلبى تۇيماس بولۇپ كەتتى؛ بىراق مەن بولسام تەۋرات-قانۇنۇڭنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىمەن.
71 Il m’est bon d’avoir été humilié, afin que j’apprenne tes préceptes.
ئازابقا ئۇچرىغىنىم ياخشى بولدى، شۇنىڭ بىلەن بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەندىم.
72 Mieux vaut pour moi la loi de ta bouche; que des monceaux d’or et d’argent.
مەن ئۈچۈن ئاغزىڭدىكى قانۇن-تەلىم، مىڭلىغان ئالتۇن-كۈمۈش تەڭگىدىن ئەۋزەلدۇر.
73 Ce sont tes mains qui m’ont fait et qui m’ont façonné: donne-moi l’intelligence pour apprendre tes commandements.
(يود) سېنىڭ قوللىرىڭ مېنى ياسىغان، مېنى مۇستەھكەملىدى؛ مېنى يورۇتقايسەن، ئەمرلىرىڭنى ئۆگىنىمەن.
74 Ceux qui te craignent, en me voyant, se réjouiront, car j’ai confiance en ta parole.
سەندىن ئەيمىنىدىغانلار مېنى كۆرۈپ شادلىنىدۇ؛ چۈنكى مەن سۆز-كالامىڭغا ئۈمىد باغلاپ كەلدىم.
75 Je sais, Yahweh, que tes jugements sont justes; c’est dans ta fidélité que tu m’as humilié.
ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنى، ۋاپادارلىقىڭدىن مېنى ئازابقا سالغىنىڭنى بىلىمەن.
76 Que ta bonté soit ma consolation, selon ta parole donnée à ton serviteur!
ئاھ، قۇلۇڭغا بەرگەن ۋەدەڭ بويىچە، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ تەسەللىيىم بولسۇن.
77 Que ta compassion vienne sur moi, et que je vive, car ta loi fait mes délices!
مېنىڭ ياشىشىم ئۈچۈن، رەھىمدىللىقلىرىڭ يېنىمغا كەلسۇن؛ چۈنكى تەۋرات-قانۇنۇڭ مېنىڭ خۇرسەنلىكىمدۇر.
78 Qu’ils soient confondus les orgueilleux qui me maltraitent injustement! Moi, je médite tes ordonnances.
تەكەببۇرلار خىجالەتتە قالسۇن؛ چۈنكى ئۇلار ماڭا يالغانچىلىق بىلەن تەتۈرلۈك قىلغان؛ مەن بولسام، كۆرسەتمىلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن.
79 Qu’ils se tournent vers moi ceux qui te craignent, et ceux qui connaissent tes enseignements!
سەندىن ئەيمىنىدىغانلار مەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ كەلسۇن؛ ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى بىلگەنلەرمۇ شۇنداق بولسۇن.
80 Que mon cœur soit tout entier à tes lois, afin que je ne sois pas confondu!
كۆڭلۈم بەلگىلىمىلىرىڭدە مۇكەممەل بولسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن يەرگە قاراپ قالمايمەن.
81 Mon âme languit après ton salut, j’espère en ta parole.
(كاف) جېنىم نىجاتلىقىڭغا تەلمۈرۈپ ھالىدىن كېتەي دەۋاتىدۇ؛ مەن سۆز-كالامىڭغا ئۈمىد باغلىدىم.
82 Mes yeux languissent après ta promesse, je dis: « Quand me consoleras-tu? »
كۆزۈم سۆز-ۋەدەڭگە تەلمۈرۈپ تۈگىشەي دېدى، «سەن قاچانمۇ ماڭا تەسەللى بېرەرسەن» ــ دەپ.
83 Car je suis comme une outre exposée à la fumée, mais je n’oublie pas tes lois.
چۈنكى مەن ئىسلىنىپ قۇرۇپ كەتكەن تۇلۇمدەك بولدۇم، بىراق بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۇنتۇمايمەن.
84 Quel est le nombre des jours de ton serviteur? Quand donc feras-tu justice de ceux qui me poursuivent?
قۇلۇڭنىڭ كۈنلىرى قانچە بولىدۇ؟ ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلارنى قاچان جازالايسەن؟
85 Des orgueilleux creusent des fosses pour me perdre; ils sont les adversaires de ta loi.
تەكەببۇرلار ماڭا ئورىلارنى كولىغان؛ بۇ ئىشلار تەۋراتىڭغا مۇخالىپتۇر؛
86 Tous tes commandements sont fidélité; ils me persécutent sans cause: secours-moi.
سېنىڭ بارلىق ئەمرلىرىڭ ئىشەنچلىكتۇر؛ ئۇلار يولسىزلىق بىلەن مېنى قىستىماقتا؛ ماڭا ياردەم قىلغايسەن!
87 Ils ont failli m’anéantir dans le pays; et moi je n’abandonne pas tes ordonnances.
ئۇلار مېنى يەر يۈزىدىن يوقاتقىلى قىل قالدى؛ بىراق مەن بولسام، كۆرسەتمىلىرىڭدىن ۋاز كەچمىدىم.
88 Rends-moi la vie dans ta bonté, et j’observerai l’enseignement de ta bouche.
ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن، ۋە ئاغزىڭدىكى ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى تۇتىمەن.
89 A jamais, Yahweh, ta parole est établie dans les cieux.
(لامەد) مەڭگۈگە، ئى پەرۋەردىگار، سۆز-كالامىڭ ئەرشلەردە بېكىتىلگەندۇر.
90 D’âge en âge ta fidélité demeure; tu as fondé la terre, et elle subsiste.
سېنىڭ ساداقىتىڭ دەۋردىن-دەۋرگىچىدۇر؛ سەن يەر-زېمىننى مۇقىم بېكىتكەنسەن، ئۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
91 C’est d’après tes lois que tout subsiste jusqu’à ce jour, car tout obéit à tes ordres.
سېنىڭ ھۆكۈم-قانۇنىيەتلىرىڭ بىلەن بۇلار بۈگۈنكى كۈندىمۇ تۇرىدۇ؛ چۈنكى بارلىق مەۋجۇداتلار سېنىڭ خىزمىتىڭدىدۇر.
92 Si ta loi ne faisait mes délices, déjà j’aurais péri dans ma misère.
سېنىڭ تەۋرات-قانۇنۇڭ خۇرسەنلىكىم بولمىغان بولسا، ئازابىمدا يوقاپ كېتەر ئىدىم.
93 Je n’oublierai jamais tes ordonnances, car c’est par elles que tu m’as rendu la vie.
مەن سېنىڭ كۆرسەتمىلىرىڭنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمەن؛ چۈنكى مۇشۇلار ئارقىلىق ماڭا ھاياتلىق بەردىڭ؛
94 Je suis à toi: sauve-moi, car je recherche tes préceptes.
مەن سېنىڭكىدۇرمەن، مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ چۈنكى مەن كۆرسەتمىلىرىڭنى ئىزدەپ كەلدىم.
95 Les méchants m’attendent pour me faire périr: je suis attentif à tes enseignements.
رەزىللەر مېنى ھالاك قىلىشنى كۈتمەكتە؛ بىراق مەن ئاگاھ-گۇۋاھلىرىڭنى كۆڭلۈمدە تۇتۇپ ئويلايمەن.
96 J’ai vu des bornes à tout ce qui est parfait; ton commandement n’a pas de limites.
مەن ھەممە مۇكەممەللىكنىڭ چېكى بار دەپ بىلىپ يەتتىم؛ بىراق سېنىڭ ئەمر-كالامىڭ چەكسىز كەڭدۇر!
97 Combien j’aime ta loi! Elle est tout le jour l’objet de ma méditation.
(مەم) ئاھ، مېنىڭ تەۋرات-قانۇنۇڭغا بولغان مۇھەببىتىم نەقەدەر چوڭقۇردۇر! كۈن بويى ئۇ مېنىڭ سېغىنىپ ئويلايدىغىنىمدۇر.
98 Par tes commandements, tu me rends plus sage que mes ennemis, car je les ai toujours avec moi.
ئەمرلىرىڭ ھەردائىم مەن بىلەن بىللە تۇرغاچقا، مېنى دۈشمەنلىرىمدىن دانا قىلىدۇ؛
99 Je suis plus sage que tous mes maîtres, car tes enseignements sont l’objet de ma méditation.
بارلىق ئۇستازلىرىمدىن كۆپ يورۇتۇلغانمەن، چۈنكى ئاگاھ-گۇۋاھلىرىڭ سېغىنىشىمدۇر.
100 J’ai plus d’intelligence que les vieillards, car j’observe tes ordonnances.
مەن قېرىلاردىن كۆپرەك چۈشىنىمەن، چۈنكى كۆرسەتمىلىرىڭگە ئىتائەت قىلىپ كەلدىم.
101 Je retiens mon pied loin de tout sentier mauvais, afin de garder ta parole.
سۆز-كالامىڭغا ئەمەل قىلىشىم ئۈچۈن، ئاياغلىرىمنى ھەممە يامان يولدىن تارتتىم.
102 Je ne m’écarte pas de tes préceptes, car c’est toi qui m’as instruit.
ھۆكۈملىرىڭدىن ھېچ چىقمىدىم؛ چۈنكى ماڭا ئۆگەتكەن سەن ئۆزۈڭدۇرسەن.
103 Que ta parole est douce à mon palais, plus que le miel à ma bouche!
سۆزلىرىڭ تىلىمغا شۇنچە شېرىن تېتىيدۇ! ئاغزىمدا ھەسەلدىن تاتلىقتۇر!
104 Par tes ordonnances je deviens intelligent, aussi je hais tous les sentiers du mensonge.
كۆرسەتمىلىرىڭدىن مەن يورۇتۇلدۇم؛ شۇڭا بارلىق ساختا يولنى ئۆچ كۆرىمەن.
105 Ta parole est un flambeau devant mes pas, une lumière sur mon sentier.
(نۇن) سۆز-كالامىڭ ئايىغىم ئالدىدىكى چىراغ، يولۇمغا نۇردۇر.
106 J’ai juré, et j’y serai fidèle, — d’observer les préceptes de ta justice.
قەسەم ئىچتىم، ئەمەل قىلىمەنكى، مەن ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭنى تۇتىمەن.
107 Je suis réduit à une extrême affliction: Yahweh, rends-moi la vie, selon ta parole.
زور ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چەكتىم، ئى پەرۋەردىگار؛ سۆز-كالامىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن.
108 Agrée, Yahweh, l’offrande de mes lèvres, et enseigne-moi tes préceptes.
قوبۇل قىلغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، ئاغزىمدىكى خالىس قۇربانلىقلارنى، ماڭا ھۆكۈملىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن.
109 Ma vie est continuellement dans mes mains, et je n’oublie pas ta loi.
جېنىمنى ئالىقىنىمدا دائىم ئېلىپ يۈرىمەن، بىراق تەۋرات-قانۇنۇڭنى پەقەت ئۇنتۇمايمەن.
110 Les méchants me tendent des pièges, et je ne m’égare pas loin de tes ordonnances.
رەزىللەر مەن ئۈچۈن قىلتاق قۇردى؛ بىراق كۆرسەتمىلىرىڭدىن ئاداشمىدىم.
111 J’ai tes enseignements pour toujours en héritage, car ils sont la joie de mon cœur.
ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى مىراس قىلىپ مەڭگۈگە قوبۇل قىلدىم؛ چۈنكى ئۇلار كۆڭلۈمنىڭ شادلىقىدۇر.
112 J’ai incliné mon cœur à observer tes lois, toujours, jusqu’à la fin.
مەن كۆڭلۈمنى بەلگىلىمىلىرىڭگە مەڭگۈگە [ئەمەل قىلىشقا]، يەنى ئاخىرغىچە ئەمەل قىلىشقا مايىل قىلدىم.
113 Je hais les hommes au cœur double, et j’aime ta loi.
(سامەق) ئالا كۆڭۈللەرنى ئۆچ كۆرۈپ كەلدىم؛ سۆيگىنىم بولسا، تەۋرات-قانۇنۇڭدۇر.
114 Tu es mon refuge et mon bouclier; j’ai confiance en ta parole.
سەن مېنىڭ دالدا جايىم، مېنىڭ قالقانىمدۇرسەن؛ سۆز-كالامىڭغا ئۈمىد باغلىدىم.
115 Retirez-vous de moi, méchants, et j’observerai les commandements de mon Dieu.
مەن خۇدايىمنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىم ئۈچۈن، مەندىن نېرى بولۇڭلار، ئى رەزىللىك قىلغۇچىلار!
116 Soutiens-moi selon ta promesse, afin que je vive, et ne permets pas que je sois confondu dans mon espérance.
ياشىشىم ئۈچۈن، ۋەدەڭ بويىچە مېنى يۆلىگەيسەن؛ ئۈمىدىمنىڭ ئالدىدا مېنى يەرگە قاراتمىغايسەن.
117 Sois mon appui, et je serai sauvé, et j’aurai toujours tes lois sous les yeux.
مېنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەيسەن، شۇندا مەن ئامان-ئېسەن يۈرىمەن؛ ۋە بەلگىلىمىلىرىڭنى ھەردائىم قەدىرلەيمەن.
118 Tu méprises tous ceux qui s’écartent de tes lois, car leur ruse n’est que mensonge.
بەلگىلىمىلىرىڭدىن ئازغانلارنىڭ ھەممىسىنى نەزىرىڭدىن ساقىت قىلدىڭ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقى قۇرۇقتۇر.
119 Tu rejettes comme des scories tous les méchants de la terre; c’est pourquoi j’aime tes enseignements.
سەن يەر يۈزىدىكى بارلىق رەزىللەرنى داشقالدەك شاللاپ تازىلايسەن؛ شۇڭا مەن ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى سۆيىمەن.
120 Ma chair frissonne de frayeur devant toi, et je redoute tes jugements.
ئەتلىرىم سېنىڭدىن بولغان ئەيمىنىشتىن تىترەيدۇ؛ ھۆكۈملىرىڭدىن قورقۇپ يۈرىمەن.
121 J’observe le droit et la justice: ne m’abandonne pas à mes oppresseurs.
(ئايىن) مەن دۇرۇس ھۆكۈملەرنى ۋە ئادالەتنى يۈرگۈزدۇم؛ مېنى ئەزگۈچىلەرگە تاشلاپ قويمىغايسەن؛
122 Prends sous ta garantie le bien de ton serviteur; et que les orgueilleux ne m’oppriment pas!
ئۆز قۇلۇڭ ئۈچۈن ياخشىلىققا كاپالەت بولغايسەن؛ تەكەببۇرلارغا مېنى ئەزگۈزمىگەيسەن.
123 Mes yeux languissent après ton salut, et après la promesse de ta justice.
كۆزۈم نىجاتلىقىڭغا تەشنا بولۇپ، ھەم ھەققانىيىتىڭ توغرۇلۇق ۋەدەڭگە تەلمۈرۈپ تۈگىشەي دەپ قالدى؛
124 Agis envers ton serviteur selon ta bonté, et enseigne-moi tes lois.
ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن قۇلۇڭغا مۇئامىلە قىلغايسەن؛ بەلگىلىمىلىرىڭنى ماڭا ئۆگەتكەيسەن.
125 Je suis ton serviteur: donne-moi l’intelligence, pour que je connaisse tes enseignements.
مەن سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن؛ ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى بىلىپ يېتىشىم ئۈچۈن مېنى يورۇتقايسەن.
126 Il est temps pour Yahweh d’intervenir: ils violent ta loi.
پەرۋەردىگار ھەرىكەتكە كېلىش ۋاقتى كەلدى! چۈنكى ئۇلار تەۋرات-قانۇنۇڭنى بىكار قىلىۋېتىدۇ.
127 C’est pourquoi j’aime tes commandements, plus que l’or et que l’or fin.
شۇ سەۋەبتىن ئەمرلىرىڭنى ئالتۇندىن ئارتۇق سۆيىمەن، ساپ ئالتۇندىن ئارتۇق سۆيىمەن؛
128 C’est pourquoi je trouve justes toutes tes ordonnances, je hais tout sentier de mensonge.
شۇڭا ھەممە ئىشلارنى باشقۇرىدىغان بارلىق كۆرسەتمىلىرىڭنى توغرا دەپ بىلىمەن؛ بارلىق ساختا يولنى ئۆچ كۆرىمەن.
129 Tes enseignements sont merveilleux, aussi mon âme les observe.
(پې) ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭ كارامەتتۇر؛ شۇڭا جېنىم ئۇلارغا ئەگىشىدۇ.
130 La révélation de tes paroles illumine, elle donne l’intelligence aux simples.
سۆزلىرىڭنىڭ يېشىمى نۇر ئېلىپ كېلىدۇ؛ نادانلارنىمۇ يورۇتىدۇ.
131 J’ouvre la bouche et j’aspire, car je suis avide de tes commandements.
ئاغزىمنى ئېچىپ ھاسىراپ كەتتىم، چۈنكى ئەمرلىرىڭگە تەشنا بولۇپ كەلدىم.
132 Tourne vers moi ta face et aie pitié de moi; c’est justice envers ceux qui aiment ton nom.
نامىڭنى سۆيگەنلەرگە بولغان ئادىتىڭ بويىچە، جامالىڭنى مەن تەرەپكە قارىتىپ شەپقەت كۆرسەتكەيسەن.
133 Affermis mes pas dans ta parole, et ne laisse aucune iniquité dominer sur moi.
قەدەملىرىمنى سۆزۈڭ بىلەن توغرىلىغايسەن؛ ئۈستۈمگە ھېچ قەبىھلىكنى ھۆكۈم سۈرگۈزمىگەيسەن.
134 Délivre-moi de l’oppression des hommes, et je garderai tes ordonnances.
مېنى ئىنساننىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلدۇرغايسەن، شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ كۆرسەتمىلىرىڭگە ئىتائەت قىلىمەن.
135 Fais luire ta face sur ton serviteur, et enseigne-moi tes lois.
جامالىڭنىڭ نۇرىنى قۇلۇڭنىڭ ئۈستىگە چاچتۇرغايسەن؛ ماڭا بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن.
136 Mes yeux répandent des torrents de larmes, parce qu’on n’observe pas ta loi.
كۆزلىرىمدىن ياش ئېرىقلىرى ئاقىدۇ، چۈنكى ئىنسانلار تەۋرات-قانۇنۇڭغا بويسۇنمايدۇ.
137 Tu es juste, Yahweh, et tes jugements sont équitables.
(تسادە) ھەققانىيدۇرسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ ھۆكۈملىرىڭ توغرىدۇر.
138 Tu as donné tes enseignements, selon la justice et une parfaite fidélité.
سەن ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى ھەققانىيلىقتا بۇيرۇغان؛ ئۇلار تولىمۇ ئىشەنچلىكتۇر!
139 Mon zèle me consume, parce que mes adversaires oublient tes paroles.
ئوتلۇق مۇھەببىتىم ئۆزۈمنى يوقىتىدۇ، چۈنكى مېنى خار قىلغۇچىلار سۆزلىرىڭگە پىسەنت قىلمايدۇ.
140 Ta parole est entièrement éprouvée, et ton serviteur l’aime.
سۆزۈڭ تولۇق سىناپ ئىسپاتلانغاندۇر؛ شۇڭا قۇلۇڭ ئۇنى سۆيىدۇ.
141 Je suis petit et méprisé; mais je n’oublie pas tes ordonnances.
مەن تېرىقتەكتۇرمەن، كەمسىتىلگەنمەن، بىراق كۆرسەتمىلىرىڭنى ئۇنتۇمايمەن.
142 Ta justice est une justice éternelle, et ta loi est vérité.
سېنىڭ ھەققانىيىتىڭ ئەبەدىي بىر ھەققانىيەتتۇر، تەۋرات-قانۇنۇڭ ھەقىقەتتۇر.
143 La détresse et l’angoisse m’ont atteint; tes commandements font mes délices.
پېشكەللىك ۋە ئازاب ماڭا چىرمىشىۋالدى؛ بىراق ئەمرلىرىڭ مېنىڭ خۇرسەنلىكلىرىمدۇر.
144 Tes enseignements sont éternellement justes; donne-moi l’intelligence, pour que je vive.
سېنىڭ ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنىڭ ھەققانىيلىقى ئەبەدىيدۇر؛ ياشىغىن دەپ، مېنى يورۇتقايسەن.
145 Je t’invoque de tout mon cœur; exauce-moi, Yahweh, afin que je garde tes lois.
(كوف) مەن پۈتۈن قەلبىم بىلەن ساڭا نىدا قىلدىم، ئى پەرۋەردىگار؛ ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن؛ مەن بەلگىلىمىلىرىڭنى تۇتىمەن.
146 Je t’invoque, sauve-moi, afin que j’observe tes enseignements.
مەن ساڭا نىدا قىلىمەن؛ مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا ئەگىشىمەن.
147 Je devance l’aurore, et je crie vers toi; j’espère en ta parole.
مەن تاڭ ئاتماي ئورنۇمدىن تۇرۇپ پەرياد كۆتۈرىمەن؛ سۆز-كالامىڭغا ئۈمىد باغلىدىم.
148 Mes yeux devancent les veilles de la nuit, pour méditer ta parole.
ۋەدىلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىش ئۈچۈن، تۈندىكى جېسەكلەر ئالماشماي تۇرۇپ كۆزۈم ئېچىلىدۇ.
149 Ecoute ma voix selon ta bonté; Yahweh, rends-moi la vie selon ton jugement.
ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بويىچە ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن؛ ئى پەرۋەردىگار، ھۆكۈملىرىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن.
150 Ils s’approchent, ceux qui poursuivent le crime, qui se sont éloignés de ta loi.
قەبىھ نىيەتكە ئەگەشكەنلەر ماڭا يېقىنلاشتى، ئۇلار تەۋرات-قانۇنۇڭدىن يىراقتۇر.
151 Tu es proche, Yahweh, et tous tes commandements sont la vérité.
ئى پەرۋەردىگار، سەن ماڭا يېقىن تۇرىسەن؛ بارلىق ئەمرلىرىڭ ھەقىقەتتۇر.
152 Dès longtemps je sais, au sujet de tes enseignements, que tu les as établis pour toujours.
ئۇزۇندىن بېرى ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭدىن ئۆگەندىمكى، ئۇلارنى مەڭگۈگە ئىناۋەتلىك قىلغانسەن.
153 Vois ma misère, et délivre-moi, car je n’oublie pas ta loi.
(رەش) مېنىڭ خار بولغىنىمنى كۆرگەيسەن، مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن؛ چۈنكى تەۋرات-قانۇنۇڭنى ئۇنتۇمىدىم.
154 Défends ma cause et sois mon vengeur, rends-moi la vie selon ta parole.
مېنىڭ دەۋايىمنى سورىغايسەن، ھەمجەمەت بولۇپ مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ ۋەدەڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن.
155 Le salut est loin des méchants, car ils ne s’inquiètent pas de tes lois.
نىجاتلىق رەزىللەردىن يىراقتۇر؛ چۈنكى ئۇلار بەلگىلىمىلىرىڭنى ئىزدىمەيدۇ.
156 Tes miséricordes sont nombreuses, Yahweh; rends-moi la vie selon tes jugements.
رەھىمدىللىقلىرىڭ كۆپتۇر، ئى پەرۋەردىگار؛ ھۆكۈملىرىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن.
157 Nombreux sont mes persécuteurs et mes ennemis; je ne m’écarte pas de tes enseignements.
ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلار ھەم مېنى خار قىلغۇچىلار كۆپتۇر؛ بىراق ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭدىن ھېچ چەتنىمىدىم.
158 A la vue des infidèles, j’ai ressenti de l’horreur, parce qu’ils n’observent pas ta parole.
مەن ئاسىيلىق قىلغۇچىلارغا قاراپ يىرگەندىم، چۈنكى ئۇلار سۆزۈڭنى تۇتمايدۇ.
159 Considère que j’aime tes ordonnances; Yahweh, rends-moi la vie selon ta bonté.
سېنىڭ كۆرسەتمىلىرىڭنى شۇنچە سۆيگەنلىكىمنى كۆرگەيسەن؛ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار.
160 Le résumé de ta parole est la vérité, et toutes les lois de ta justice sont éternelles.
سۆز-كالامىڭنى مۇجەسسەملىگەندە ئاندىن ھەقىقەت بولۇر؛ سېنىڭ ھەربىر ئادىل ھۆكۈمۈڭ ئەبەدىيدۇر.
161 Des princes me persécutent sans cause: c’est de tes paroles que mon cœur a de la crainte.
(شىين) ئەمىرلەر بىكاردىن-بىكار ماڭا زىيانكەشلىك قىلىدۇ؛ بىراق يۈرىكىم كالامىڭ ئالدىدىلا تىترەيدۇ.
162 Je me réjouis de ta parole, comme si j’avais trouvé de riches dépouilles.
بىرسى زور ئولجا تاپقاندەك، ۋەدەڭدىن خۇشاللىنىمەن.
163 Je hais le mensonge, je l’ai en horreur; j’aime ta loi.
ساختىلىقتىن نەپرەتلىنىپ يىرگىنىمەن؛ سۆيگىنىم تەۋرات-قانۇنۇڭدۇر.
164 Sept fois le jour je te loue, à cause des lois de ta justice.
ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭ تۈپەيلىدىن، كۈندە يەتتە قېتىم سېنى مەدھىيىلەيمەن.
165 Il y a une grande paix pour ceux qui aiment ta loi, et rien ne leur est une cause de chute.
تەۋراتىڭنى سۆيگەنلەرنىڭ زور خاتىرجەملىكى بار؛ ھېچ نەرسە ئۇلارنى پۇتلىيالماس.
166 J’espère en ton salut, Yahweh, et je pratique tes commandements.
مەن نىجاتلىقىڭغا ئۈمىد باغلاپ كۈتتۈم، ئى پەرۋەردىگار، ئەمرلىرىڭگە ئەمەل قىلىپ.
167 Mon âme observe tes enseignements, et elle en est éprise.
جېنىم ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا ئەگىشىدۇ، ئۇلارنى ئىنتايىن سۆيىمەن.
168 Je garde tes ordonnances et tes enseignements, car toutes mes voies sont devant toi.
بارلىق يوللىرىم ئالدىڭدا بولغاچ، كۆرسەتمىلىرىڭ ھەم ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا ئەگىشىمەن.
169 Que mon cri arrive jusqu’à toi, Yahweh! Selon ta parole, donne-moi l’intelligence.
(تاۋ) مېنىڭ پەريادىم ئالدىڭغا يېقىن كەلسۇن، ئى پەرۋەردىگار؛ كالامىڭ بويىچە مېنى يورۇتقايسەن.
170 Que ma supplication parvienne jusqu’à toi! Selon ta parole, délivre-moi.
يېلىنىشىم ئالدىڭغا كەلسۇن؛ ۋەدەڭ بويىچە مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن.
171 Que mes lèvres profèrent ta louange, car tu m’as enseigné tes lois!
ماڭا بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگىتىشىڭ ئۈچۈن، لەۋلىرىمدىن مەدھىيىلەر ئۇرغۇپ چىقىدۇ.
172 Que ma langue publie ta parole, car tous tes commandements sont justes!
تىلىم سۆزۈڭنى كۈيلەپ ناخشا ئېيتىدۇ، چۈنكى ئەمرلىرىڭنىڭ ھەممىسى ھەققانىيدۇر.
173 Que ta main s’étende pour me secourir, car j’ai choisi tes ordonnances!
قولۇڭ ماڭا ياردەمگە تەييار بولسۇن؛ چۈنكى مەن كۆرسەتمىلىرىڭنى تاللىۋالدىم.
174 Je soupire après ton salut, Yahweh, et ta loi fait mes délices.
مەن نىجاتلىقىڭغا تەلمۈرۈپ تەشنا بولۇپ كەلدىم، ئى پەرۋەردىگار؛ سېنىڭ تەۋراتىڭ مېنىڭ خۇرسەنلىكىمدۇر.
175 Que mon âme vive pour te louer, et que tes jugements me viennent en aide!
جېنىم ياشىسۇن، ئۇ سېنى مەدھىيىلەيدۇ، سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭ ماڭا ياردەم قىلسۇن.
176 Je suis errant comme une brebis égarée: cherche ton serviteur; car je n’oublie pas tes commandements.
مەن يولدىن ئاداشقان قويدەك تەمتىرەپ قالدىم؛ قۇلۇڭنى ئىزدىگەيسەن؛ چۈنكى ئەمرلىرىڭنى ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق.

< Psaumes 119 >