< Lévitique 9 >

1 Le huitième jour, Moïse appela Aaron, ses fils et les anciens d'Israël.
سەككىزىنچى كۈنى مۇسا ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىنى چاقىرىپ،
2 Il dit à Aaron: « Prends un veau du troupeau pour le sacrifice pour le péché, et un bélier pour l'holocauste, sans défaut, et offre-les devant Yahvé.
ھارۇنغا مۇنداق دېدى: ــ «سەن گۇناھ قۇربانلىقىغا بېجىرىم بىر موزاينى، كۆيدۈرمە قۇربانلىققا بېجىرىم بىر قوچقارنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرگىن،
3 Tu parleras aux enfants d'Israël et tu diras: « Prenez un bouc pour le sacrifice pour le péché, un veau et un agneau d'un an sans défaut pour l'holocauste,
ئاندىن ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ: ــ سىلەر گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە ئېلىپ كېلىڭلار، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر موزاي ۋە بىر قوزا ئېلىپ كېلىڭلار، ھەر ئىككىسى بېجىرىم، بىر ياشقا كىرگەن بولسۇن؛
4 un taureau et un bélier pour le sacrifice d'actions de grâces, que vous offrirez devant Yahvé, et une offrande de farine mélangée d'huile, car aujourd'hui Yahvé vous apparaît ».
پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سۇنۇشقا ئىناقلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تورپاق بىلەن بىر قوچقارنى ئېلىپ، زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئاشلىق ھەدىيە بىلەن بىللە كەلتۈرۈڭلار؛ چۈنكى بۈگۈن پەرۋەردىگار ئۆزىنى سىلەرگە ئايان قىلىدۇ، دېگىن».
5 Ils apportèrent devant la tente de la Rencontre ce que Moïse avait ordonné. Toute l'assemblée s'approcha et se tint debout devant l'Éternel.
ئۇلار مۇسا بۇيرۇغان نەرسىلەرنى جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى؛ پۈتكۈل جامائەت يېقىن كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇپ تۇردى.
6 Moïse dit: « Voici ce que l'Éternel vous a ordonné de faire, et la gloire de l'Éternel vous apparaîtra. »
مۇسا: ــ مانا، بۇ پەرۋەردىگار بۇيرۇغان ئىشتۇر؛ بۇنى قىلساڭلار پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى سىلەرگە ئايان بولىدۇ، دېدى.
7 Moïse dit à Aaron: « Approche-toi de l'autel, offre ton sacrifice pour le péché et ton holocauste, et fais l'expiation pour toi et pour le peuple; offre l'offrande du peuple et fais l'expiation pour lui, comme Yahvé l'a ordonné. »
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ھارۇنغا: ــ سەن قۇربانگاھقا يېقىن بېرىپ گۇناھ قۇربانلىقىڭ بىلەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭنى سۇنۇپ ئۆزۈڭ ۋە خەلق ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرگىن؛ ئاندىن خەلقنىڭ قۇربانلىقىنىمۇ سۇنۇپ، پەرۋەردىگار ئەمر قىلغاندەك ئۇلار ھەققىدە كافارەت كەلتۈرگىن» ــ دېدى.
8 Aaron s'approcha de l'autel et tua le veau du sacrifice pour le péché, qui était pour lui.
شۇنى دېۋىدى، ھارۇن قۇربانگاھقا يېقىن بېرىپ ئۆزى ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقى بولىدىغان موزاينى بوغۇزلىدى.
9 Les fils d'Aaron lui présentèrent le sang; il trempa son doigt dans le sang, le mit sur les cornes de l'autel et versa le sang au pied de l'autel.
ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قاننى ئۇنىڭغا سۇنۇپ بەردى؛ ئۇ بارمىقىنى قانغا تەگكۈزۈپ، قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈردى، قالغان قاننى قۇربانگاھنىڭ تۈۋىگە قۇيدى.
10 Mais il brûla sur l'autel la graisse, les rognons et la couverture du foie du sacrifice pour le péché, comme Yahvé l'avait ordonné à Moïse.
گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ مېيى بىلەن ئىككى بۆرەك ۋە جىگەرنىڭ ئۈستىدىكى چاۋا ماينى ئېلىپ، پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك ئۇلارنى قۇربانگاھ ئۈستىدە كۆيدۈردى.
11 Il brûla au feu la viande et la peau en dehors du camp.
گۆش بىلەن تېرىسىنى بولسا چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ ئوتتا كۆيدۈردى.
12 Il égorgea l'holocauste; les fils d'Aaron lui remirent le sang, et il l'aspergea tout autour de l'autel.
ئاندىن ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىدىغان [قوچقارنى] بوغوزلىدى؛ ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ئۇنىڭغا قاننى سۇنۇپ بەردى؛ ئۇ بۇنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپتى.
13 Ils lui remirent l'holocauste, morceau par morceau, et la tête. Il les brûla sur l'autel.
ئاندىن ئۇلار پارچە-پارچە قىلىنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى بېشى بىلەن بىللە ئۇنىڭغا سۇنۇپ بەردى؛ ئۇ بۇلارنى قۇربانگاھتا كۆيدۈردى.
14 Il lava les entrailles et les jambes, et les brûla sur l'autel, avec l'holocauste.
ئۇ ئىچ قارنى بىلەن پاچاقلىرىنى يۇيۇپ، بۇلارنىمۇ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە، كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ كۆيدۈردى.
15 Il présenta l'offrande du peuple; il prit le bouc du sacrifice pour le péché qui était pour le peuple, il l'égorgea et l'offrit pour le péché, comme le premier.
ئاندىن ئۇ خەلقنىڭ قۇربانلىقىنى كەلتۈردى؛ خەلقنىڭ گۇناھ قۇربانلىقى بولغان تېكىنى بوغۇزلاپ، ئىلگىرى ھايۋاننى سۇنغاندەك ئۇنىمۇ گۇناھ قۇربانلىقى قىلىپ سۇندى.
16 Il présenta l'holocauste et l'offrit selon l'ordonnance.
ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىدىغان مالنى كەلتۈرۈپ بۇنىمۇ بەلگىلىمە بويىچە سۇندى.
17 Il présenta l'offrande de gâteau, dont il remplit sa main, et il la brûla sur l'autel, en plus de l'holocauste du matin.
ئاندىن ئۇ ئاشلىق ھەدىيەنى كەلتۈرۈپ ئۇنىڭدىن بىر چاڭگال ئېلىپ ئەتىگەنلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىققا قوشۇپ قۇربانگاھ ئۈستىدە كۆيدۈردى.
18 Il égorgea aussi le taureau et le bélier, le sacrifice d'actions de grâces, qui était pour le peuple. Les fils d'Aaron lui remirent le sang, qu'il répandit tout autour de l'autel;
ئاندىن خەلققە بولىدىغان ئىناقلىق قۇربانلىقى بولىدىغان تورپاق بىلەن قوچقارنى بوغۇزلىدى. ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قېنىنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ بەردى؛ ئۇ بۇنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپتى.
19 et la graisse du taureau et du bélier, la queue grasse, ce qui recouvre les entrailles, les rognons et ce qui recouvre le foie;
ئۇلار تورپاق بىلەن قوچقارنىڭ ماي قىسمىنى، يەنى مايلىق قۇيرۇقى، ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان مايلىرىنى، ئىككى بۆرەك ۋە جىگەرنىڭ چاۋا مېيىنى ئېلىپ،
20 ils mirent la graisse sur les poitrines, et il brûla la graisse sur l'autel.
بۇ ماي پارچىلىرىنى ئىككى تۆشنىڭ ئۈستىدە قويدى، [ھارۇن] بۇلارنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈردى.
21 Aaron agita les poitrines et la cuisse droite en offrande par élévation devant Yahvé, comme Moïse l'avait ordonné.
ئاخىرىدا ھارۇن ئىككى تۆش بىلەن ئوڭ ئارقا پۇتىنى پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە مۇسانىڭ بۇيرۇغىنىدەك پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتتى.
22 Aaron leva les mains vers le peuple et le bénit; puis il descendit de l'offrande pour le péché, de l'holocauste et du sacrifice d'actions de grâces.
ئاندىن ھارۇن قوللىرىنى خەلققە قارىتىپ كۆتۈرۈپ، ئۇلارغا بەخت تىلىدى؛ ئۇ گۇناھ قۇربانلىقى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقىنى سۇنۇپ، [قۇربانگاھتىن] چۈشتى.
23 Moïse et Aaron entrèrent dans la tente de la Rencontre, en sortirent et bénirent le peuple; et la gloire de l'Éternel apparut à tout le peuple.
مۇسا بىلەن ھارۇن جامائەت چېدىرىغا كىرىپ، يەنە يېنىپ چىقىپ خەلققە بەخت تىلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى پۈتكۈل خەلققە ئايان بولدى؛
24 Le feu sortit de devant Yahvé et consuma l'holocauste et la graisse sur l'autel. Quand tout le peuple vit cela, il poussa des cris et tomba sur sa face.
پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن ئوت چىقىپ، قۇربانگاھ ئۈستىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن مايلارنى يۇتۇپ كەتتى. پۈتكۈل خەلق بۇنى كۆرۈپ، توۋلىشىپ، دۈم يىقىلىشتى.

< Lévitique 9 >