< Sananlaskujen 13 >

1 Viisas poika kuulee isän kuritusta, mutta pilkkaaja ei ota nuhdetta kuullaksensa.
دانا ئوغۇل ئاتىسىنىڭ تەربىيىسىگە كۆڭۈل قويار؛ مەسخىرە قىلغۇچى تەنبىھكە قۇلاق سالماس.
2 Suunsa hedelmästä saa nauttia hyvää, mutta uskottomilla on halu väkivaltaan.
ئادەم دۇرۇس ئېغىزىنىڭ مېۋىسىدىن ھۇزۇرلىنار؛ تۇزكورلار زوراۋانلىققا ھەۋەس قىلىپ زوراۋانلىققا ئۇچرار.
3 Joka suistaa suunsa, se säilyttää henkensä, mutta avosuinen joutuu turmioon.
سۆزدە ئېھتىياتچان كىشى جېنىنى ساقلاپ قالار؛ ئاغزى ئىتتىك ھالاكەتكە ئۇچرار.
4 Laiskan sielu haluaa, saamatta mitään, mutta ahkerain sielu tulee ravituksi.
ھۇرۇننىڭ ئارزۇ-تىلىكى بار، لېكىن ئېرىشەلمەس؛ لېكىن تىرىشچان ئەتلىنەر.
5 Vanhurskas vihaa valhepuhetta, mutta jumalattoman meno on iljettävä ja häpeällinen.
ھەققانىي ئادەم يالغانچىلىقتىن يىرگىنەر؛ قەبىھ بولسا سېسىپ، شەرمەندە بولار.
6 Vanhurskaus varjelee nuhteettomasti vaeltavan, mutta jumalattomuus syöksee syntisen kumoon.
يولى دۇرۇسنى ھەققانىيەت قوغدار؛ لېكىن گۇناھكارنى رەزىللىك يىقىتار.
7 Toinen on olevinaan rikas, omistamatta mitään, toinen olevinaan köyhä, vaikka on tavaraa paljon.
بەزىلەر ئۆزىنى باي كۆرسەتكىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە قۇرۇق سۆلەتتۇر؛ بەزىلەر ئۆزىنى يوقسۇل كۆرسەتكىنى بىلەن زور بايلىقلىرى باردۇر.
8 Rikkautensa saa mies antaa henkensä lunnaiksi, mutta köyhän ei tarvitse uhkauksia kuunnella.
ئۆز بايلىقى گۆرۈگە تۇتۇلغان باينىڭ جېنىغا ئارا تۇرار؛ بىراق يوقسۇللار ھېچ ۋەھىمىنى ئاڭلىماس.
9 Vanhurskasten valo loistaa iloisesti, mutta jumalattomien lamppu sammuu.
ھەققانىي ئادەمنىڭ نۇرى شادلىنىپ پارلار؛ بىراق يامان ئادەمنىڭ چىرىغى ئۆچۈرۈلەر.
10 Ylpeys tuottaa pelkkää toraa, mutta jotka ottavat neuvon varteen, niillä on viisaus.
كىبىرلىكتىن پەقەت جېدەل-ماجىرالا چىقار؛ دانالىق بولسا نەسىھەتنى ئاڭلىغانلار بىلەن بىللىدۇر.
11 Tyhjällä saatu tavara vähenee, mutta joka vähin erin kokoaa, se saa karttumaan.
ئىشلىمەي تاپقان ھارام بايلىق بەرىكەتسىزدۇر؛ تەر تۆكۈپ ھالال تاپقان گۈللىنەر.
12 Pitkä odotus tekee sydämen sairaaksi, mutta täyttynyt halu on elämän puu.
تەلمۈرگىنىگە كۈتۈپ ئېرىشەلمەسلىك كۆڭۈلنى سۇنۇق قىلار، لېكىن تەشنالىقتا ئېرىشكىنى «ھاياتلىق دەرىخى»دۇر.
13 Joka sanaa halveksii, joutuu sanan pantiksi; mutta joka käskyä pelkää, saa palkan.
[خۇدانىڭ] كالام-سۆزىگە پىسەنت قىلمىغان ئادەم گۇناھنىڭ تۆلىمىگە قەرزدار بولار؛ لېكىن پەرماننى قەدىرلىگەن ئادەم ياخشىلىق كۆرەر.
14 Viisaan opetus on elämän lähde kuoleman paulain välttämiseksi.
ئاقىلانىنىڭ تەلىمى ھاياتلىق بەرگۈچى بۇلاقتۇر، ئۇ سېنى ئۆلۈم تۇزاقلىرىدىن قۇتۇلدۇرار.
15 Hyvä ymmärrys tuottaa suosiota, mutta uskottomien tie on koleikkoa.
ئاقىلانىلىك ئادەمنى ئىلتىپاتقا ئېرىشتۈرەر؛ بىراق تۇزكورلارنىڭ يولى ئەگرى-بۈگرى، جاپالىق بولار.
16 Jokainen mielevä toimii taitavasti, mutta tyhmä levittää hulluutta.
پەم-پاراسەتلىك ئادەم بىلىمى بىلەن ئىش كۆرەر؛ ھاماقەت ئۆز نادانلىقىنى ئاشكارىلار.
17 Jumalaton sanansaattaja suistuu turmioon, mutta uskollinen lähetti on kuin lääke.
رەزىل ئالاقىچى بالا-قازاغا ئۇچرار؛ سادىق ئەلچى بولسا دەردكە دەرماندۇر.
18 Köyhyys ja häpeä kuritusta vierovalle, kunnia nuhdetta noudattavalle!
تەربىيەنى رەت قىلغان ئادەم نامراتلىشىپ ئۇياتقا قالار؛ ئەمما تەنبىھنى قوبۇل قىلغان ھۆرمەتكە ئېرىشەر.
19 Tyydytetty halu on sielulle suloinen, pahan karttaminen tyhmille kauhistus.
ئەمەلگە ئاشقان ئارزۇ كىشىگە شېرىن تۇيۇلار؛ لېكىن ئەخمەقلەر يامانلىقنى تاشلاشنى يامان كۆرەر.
20 Vaella viisasten kanssa, niin viisastut; tyhmäin seuratoverin käy pahoin.
ئاقىلانىلەر بىلەن بىللە يۈرگەن دانا بولار؛ بىراق ئەخمەقلەرگە ھەمراھ بولغان نالە-پەريادتا قالار.
21 Syntisiä vainoaa onnettomuus, mutta vanhurskaat saavat onnen palkakseen.
بالايىقازا گۇناھكارلارنىڭ كەينىدىن بېسىپ ماڭار؛ لېكىن ھەققانىيلار ياخشىلىقنىڭ ئەجرىنى تاپار.
22 Hyvä jättää perinnön lastensa lapsillekin, mutta syntisen tavara talletetaan vanhurskaalle.
ياخشى ئادەم پەرزەنتلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىگە مىراس قالدۇرار؛ گۇناھكارلارنىڭ يىغقان مال-دۇنيالىرى ھەققانىيلار ئۈچۈن توپلىنار.
23 Köyhien uudiskyntö antaa runsaan ruuan; mutta moni tuhoutuu, joka ei oikeudessa pysy.
يوقسۇلنىڭ تاشلاندۇق يېرى مول ھوسۇل بېرەر، لېكىن ئادالەتسىزلىكتىن ئۇ ۋەيران بولار.
24 Joka vitsaa säästää, se vihaa lastaan; mutta joka häntä rakastaa, se häntä ajoissa kurittaa.
تاياقنى ئايىغان كىشى ئوغلىنى ياخشى كۆرمەس؛ بالىنى سۆيگەن كىشى ئۇنى ئەستايىدىل تەربىيىلەپ جازالار.
25 Vanhurskas saa syödä kylläksensä, mutta jumalattomain vatsa jää vajaaksi.
ھەققانىي ئادەم كۆڭلى قانائەت تاپقۇچە ئوزۇق يەر؛ ياماننىڭ قورسىقى ئاچ قالار.

< Sananlaskujen 13 >