< Romanoj 1 >

1 Paŭlo, servisto de Jesuo Kristo, apostolo vokita, apartigita al la evangelio de Dio,
روسۇللۇققا تاللاپ چاقىرىلغان، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلاشقا ئايرىپ تەيىنلەنگەن، مەسىھ ئەيسانىڭ قۇلى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن سالام!
2 kiun Li promesis antaŭe per Siaj profetoj en la sanktaj skriboj,
خۇدا بۇ خۇش خەۋەرنىڭ كېلىشىنى خېلى بۇرۇنلا پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق مۇقەددەس يازمىلاردا ۋەدە قىلغانىدى.
3 pri Sia Filo, kiu naskiĝis el la idaro de David laŭ la karno,
بۇ خۇش خەۋەر ئۆز ئوغلى، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىدۇر؛ جىسمانىي جەھەتتىن ئۇ داۋۇتنىڭ نەسلىدىن تۇغۇلغان؛ بىردىنبىر پاك-مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلۈش ئارقىلىق «كۈچ-قۇدرەت ئىگىسى خۇدانىڭ ئوغلى» دەپ كۆرسىتىلىپ بېكىتىلگەن؛
4 la difinita Filo de Dio en potenco laŭ la Spirito de sankteco per la releviĝo de la mortintoj — Jesuo Kristo, nia Sinjoro,
5 per kiu ni ricevis gracon kaj apostolecon por obeemo de fido ĉe ĉiuj nacioj pro lia nomo,
ئۇ ئارقىلىق، شۇنداقلا ئۇنىڭ نامى ئۈچۈن بارلىق ئەللەر ئارىسىدا خۇداغا ئېتىقادتىن بولغان ئىتائەتمەنلىك ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلۈشكە بىز مېھىر-شەپقەتكە ۋە روسۇللۇققا مۇيەسسەر بولدۇق؛
6 inter kiuj estas ankaŭ vi, vokitaj de Jesuo Kristo;
سىلەر ئۇلار ئارىسىدا، ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن چاقىرىلغانسىلەر.
7 al ĉiuj, kiuj estas en Romo, amataj de Dio, vokitaj sanktuloj: Graco al vi kaj paco de Dio, nia Patro, kaj de la Sinjoro Jesuo Kristo.
شۇڭا، خۇدا سۆيگەن ۋە ئۇ «مۇقەددەس بەندىلىرىم» دەپ چاقىرغان رىم شەھىرىدىكى ھەممىڭلارغا، ئاتىمىز خۇدادىن ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھتىن مېھىر-شەپقەت ۋە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي!
8 Unue mi dankas al mia Dio per Jesuo Kristo por vi ĉiuj, ke via fido estas proklamata tra la tuta mondo.
ئالدى بىلەن مەن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھەممىڭلار ئۈچۈن خۇدايىمغا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ چۈنكى سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار پۈتكۈل ئالەمگە پۇر كەتتى.
9 Ĉar mia atestanto estas Dio, kiun mi servas en mia spirito en la evangelio de Lia Filo, ke mi senĉese memorigas pri vi en miaj preĝoj,
ئۆز ئوغلى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەردە چىن روھ-قەلبىم بىلەن مەن خىزمىتىنى قىلىۋاتقان خۇدا ئۆزى مېنىڭ دۇئالىرىمدا سىلەرنى شۇنچە ئۈزلۈكسىز ئەسلەپ تۇرغانلىقىمغا گۇۋاھتۇر.
10 ĉiam petante, ke iel al mi jam fine prosperos veni al vi per la volo de Dio.
مەن دۇئالىرىمدا، مۇمكىن قەدەر خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىشقا ئاخىر مۇيەسسەر بولۇشقا ھەمىشە ئۆتۈنىمەن.
11 Ĉar mi sopiras vin vidi, por ke mi transdonu al vi ian spiritan donacon, por ke vi estu firmigitaj;
چۈنكى مەن سىلەرنى بىرەر روھىي ئىلتىپاتقا ئىگە قىلىش ئارقىلىق مۇستەھكەملەش ئۈچۈن سىلەر بىلەن كۆرۈشۈشكە ئىنتايىن تەقەززامەن؛
12 tio estas, por ke estu inter ni reciproka kuraĝigo, per la komuna fido, egale via kaj mia.
يەنى، مەن ئاراڭلاردا بولسام، بىر-بىرىمىزنىڭ ئېتىقادىدىن ئۆزئارا تەسەللى ۋە ئىلھام ئالالايمىز دېمەكچىمەن.
13 Kaj mi ne volas, ke vi nesciu, fratoj, ke ofte mi celis veni al vi (sed mi estas malhelpita ĝis nun), por ke mi havu iom da frukto ĉe vi, kiel ankaŭ ĉe la aliaj nacioj.
قېرىنداشلار، مەن سىلەرنىڭ شۇنى بىلىشىڭلارنى خالايمەنكى، باشقا يەردىكى ئەللىكلەرنىڭ ئارىسىدا خىزمىتىم مېۋە بەرگەندەك، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ خىزمىتىمنىڭ مېۋە بېرىشى ئۈچۈن يېنىڭلارغا بېرىشنى كۆپ قېتىم نىيەت قىلدىم، لېكىن بۈگۈنگىچە توسالغۇغا ئۇچراپ كېلىۋاتىمەن.
14 Mi estas ŝuldanto al Grekoj kaj al Barbaroj, al saĝuloj kaj al senprudentuloj.
مەن ھەرقانداق ئادەملەرگە، مەيلى يۇنانلىقلار ۋە يات تائىپىلەرگە، دانىشمەن ۋە نادانلارغا بولسۇن، ھەممىسىگە قەرزدارمەن.
15 Tial laŭ mia eblo mi estas fervora prediki la evangelion ankaŭ al vi, kiuj estas en Romo.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمكانىيەت ماڭا يار بەرسىلا مەن رىمدىكى سىلەرگىمۇ خۇش خەرۋەرنى يەتكۈزۈپ بايان قىلىشقا قىزغىنمەن.
16 Ĉar mi ne hontas pri la evangelio; ĉar ĝi estas la potenco de Dio al savo por ĉiu, kiu kredas, al la Judoj unue, kaj ankaŭ al la Grekoj.
چۈنكى مەن مەسىھ توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەردىن ھەرگىز خىجىل بولمايمەن! چۈنكى ئۇ ئۇنىڭغا ئىشەنگۈچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى، ئالدى بىلەن يەھۇدىيلارنى، ئاندىن كېيىن گرېكلەرنى نىجاتقا ئېرىشتۈرىدىغان خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىدۇر!
17 Ĉar la justeco de Dio malkaŝiĝas en ĝi de fido al fido, kiel estas skribite: La virtulo vivos per sia fideleco.
چۈنكى [خۇش خەۋەردە] ئېتىقادقا ئاساسلانغان، خۇدانىڭ بىرخىل ھەققانىيلىقى ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا ۋەھىي قىلىنغاندۇر. [مۇقەددەس يازمىلاردا] يېزىلغىنىدەك: ــ «ھەققانىي ئادەم ئىشەنچ-ئېتىقادى بىلەن ھايات بولىدۇ».
18 Ĉar la kolero de Dio malkaŝiĝas el la ĉielo kontraŭ ĉia malpieco kaj maljusteco de homoj, kiuj tenas la veron en maljusteco;
چۈنكى ھەققانىيەتسىزلىك بىلەن ھەقىقەتنى باسىدىغان ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئىپلاسلىقىغا ۋە ھەققانىيەتسىزلىكىگە نىسبەتەن خۇدانىڭ قاراتقان غەزىپى ئەرشتىن ئوچۇق ۋەھىي قىلىنماقتا.
19 ĉar la scio pri Dio estas elmontrita ĉe ili, ĉar Dio elmontris ĝin al ili.
چۈنكى ئىنسانلار خۇدا توغرىسىدا بىلەلەيدىغان ئىشلار ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرىدۇ؛ چۈنكى خۇدا ھەممىنى ئۇلارغا ئوچۇق كۆرسىتىپ بەرگەن
20 Ĉar Liaj nevideblaj ecoj de post la kreado de la mondo fariĝas videblaj, sentate per Liaj faritaĵoj, nome, Lia eterna potenco kaj dieco; tial al ili mankas defenda pledo; (aïdios g126)
(چۈنكى دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى خۇدانىڭ كۆزگە كۆرۈنمەس ئۆزگىچىلىكلىرى، يەنى مەڭگۈلۈك قۇدرىتى ۋە بىردىنبىر خۇدا ئىكەنلىكى ئۆزى ياراتقان مەۋجۇداتلار ئارقىلىق ئوچۇق كۆرۈلمەكتە، شۇنداقلا بۇنى چۈشىنىپ يەتكىلى بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئىنسانلار ھېچ باھانە كۆرسىتەلمەيدۇ) (aïdios g126)
21 ĉar konante Dion, ili ne gloris Lin kiel Dion, nek estis dankemaj, sed vaniĝis per diskutadoj, kaj ilia sensaĝa koro mallumiĝis.
ــ چۈنكى ئىنسانلار خۇدانى بىلسىمۇ، ئۇنى خۇدا دەپ ئۇلۇغلىمىدى، ئۇنىڭغا تەشەككۈر ئېيتمىدى؛ ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرى بىمەنە بولۇپ، نادان قەلبى قاراڭغۇلىشىپ كەتتى.
22 Pretendante esti saĝaj, ili malsaĝiĝis,
ئۆزلىرىنى دانىشمەن قىلىپ كۆرسەتسىمۇ، لېكىن ئەقىلسىز بولۇپ چىقتى؛
23 kaj ŝanĝis la gloron de la senmorta Dio en bildon de morta homo kaj de birdoj kaj kvarpiedaj bestoj kaj rampaĵoj.
چىرىماس خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنىڭ ئورنىغا چىرىپ ئۆلىدىغان ئادەمزاتقا، ئۇچار-قاناتلارغا، تۆت ئاياغلىق ھايۋانلارغا ۋە يەر بېغىرلىغۇچىلارغا ئوخشايدىغان بۇتلارنى ئالماشتۇرۇپ قويغانىدى.
24 Tial Dio fordonis ilin al la voluptoj de iliaj koroj, al malpureco, por ke iliaj korpoj malhonoriĝu inter ili mem;
شۇڭا خۇدا ئۇلارنى قەلبىدىكى شەھۋانىي ھەۋەسلىرى بىلەن ئىپلاسلىق قىلىشقا، شۇنداقلا بىر-بىرىنىڭ تەنلىرىنى نومۇسقا قالدۇرۇشقا قويۇپ بەردى.
25 kiuj ŝanĝis la veron de Dio en mensogon, kaj adoris kaj servis la kreitaĵojn prefere ol la Kreinton, kiu estas eterne benata. Amen. (aiōn g165)
ئۇلار خۇدا توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى يالغانغا ئايلاندۇردى، ياراتقۇچىنىڭ ئورنىغا يارىتىلغان نەرسىلەرگە چوقۇنۇپ، تاۋاپ-تائەت قىلغانىدى. ھالبۇكى، ياراتقۇچىغا تەشەككۈر-مەدھىيە مەڭگۈگە ئوقۇلماقتا! ئامىن! (aiōn g165)
26 Tial Dio fordonis ilin al malhonoraj pasioj; ĉar iliaj virinoj ŝanĝis la naturan uzadon en kontraŭnaturan;
مانا شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى پەسكەش شەھۋانىي ھەۋەسلەرگە قويۇپ بەردى. ھەتتا ئاياللارمۇ تەبىئىي جىنسىي مۇناسىۋەتنى غەيرىي مۇناسىۋەتكە ئايلاندۇردى؛
27 kaj tiel same ankaŭ la viroj, forlasante la naturan uzadon de la virino, brulis en sia volupto unu al alia, kaj viroj kun viroj faris hontindaĵon kaj ricevis en si mem la taŭgan rekompencon de sia malvirto.
شۇنىڭدەك، ئەرلەرمۇ ئاياللار بىلەن بولىدىغان تەبىئىي جىنسىي مۇناسىۋەتلەرنى تاشلاپ، باشقا ئەرلەرگە شەھۋانىي ھەۋەسلەر بىلەن كۆيۈپ پىشىدىغان بولدى. ئەرلەر ئەرلەر بىلەن شەرمەندىلىككە كىرىشتى ۋە نەتىجىدە ئۇلارنىڭ مۇخالىپ قىلمىشلىرى ئۆز بېشىغا چىقتى.
28 Kaj ĉar ili malŝatis teni Dion en sia konado, Dio fordonis ilin al malaprobinda menso, por ke ili faru nedecaĵojn;
ئۇلار خۇدانى بىلىشتىن ۋاز كېچىشنى لايىق كۆرگەنلىكى تاللىغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى بۇزۇق نىيەتلەرگە ۋە نالايىق ئىشلارنى قىلىشقا قويۇپ بەردى.
29 plenigite de ĉia maljusteco, malvirteco, avideco, malboneco; plenaj de envio, mortigo, malpaco, ruzo, malico; flustrantaj,
ئۇلار ھەرخىل ھەققانىيەتسىزلىك، رەزىللىك، نەپسانىيەتچىلىك، ئۆچمەنلىككە چۆمۈپ، ھەسەتخورلۇق، قاتىللىق، جېدەلخورلۇق، مەككارلىق ۋە ھەرخىل بەتنىيەتلەر بىلەن تولدى. ئۇلار ئىغۋاگەر،
30 kalumniantaj, Dimalamantaj, insultantaj, arogantaj, fanfaronemaj, elpensantaj malbonaĵojn, malobeemaj al gepatroj,
تۆھمەتخور، خۇداغا نەپرەتلىنىدىغان، كىبىرلىك، ماختانچاق، چوڭچى، ھەرخىل رەزىللىكلەرنى ئويلاپ چىقىرىدىغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغان،
31 senprudentaj, nefidindaj, neparencamaj, senkompataj;
يورۇتۇلمىغان، ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان، كۆيۈمسىز ۋە رەھىمسىز ئىنسانلاردۇر.
32 kiuj, sciante pri la juĝo de Dio, ke la farantoj de tiaj agoj meritas morton, ne nur mem faras ilin, sed ankaŭ konsentas al la farantoj de ili.
ئۇلار خۇدانىڭ شۇلارغا بولغان ئادىل ھۆكۈمىنى، يەنى شۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچىلارنىڭ ئۆلۈمگە لايىق ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلسىمۇ، بۇ ئىشلارنى ئۆزلىرى قىلىپلا قالماي، بەلكى شۇنداق قىلىدىغان باشقىلاردىن سۆيۈنۈپ ئۇلارنى ئالقىشلايدۇ.

< Romanoj 1 >