داۋۇتنىڭ «شىگگائون»ى: ــ كۇش ئىسىملىك بىر بىنيامىنلىقنىڭ سۆزلىرى توغرۇلۇق ئېيتقان كۈيى: ــ ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ خۇدايىم، مەن ساڭا تاياندىم؛ ئۇلاردىن بىرى شىردەك مېنى تىتما-تىتما قىلىۋەتمىسۇن، قۇتقۇزغۇچى يوقلۇقىدىن پايدىلىنىپ مېنى ئېزىۋەتمىسۇن، مېنى بارلىق قوغلىغۇچىلاردىن قۇتقۇزغىن، ئۇلاردىن خالاس قىلغىن؛ |
ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، ئەگەر قولۇمدا قەبىھلىك قىلغان بولسام، ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسام: ــ |
ئەگەر مەن بىلەن ئىناق ئۆتكۈچىگە يامانلىق قايتۇرغان بولسام، ــ (ئەكسىچە مەن بىلەن بىكاردىن-بىكار دۈشمەنلەشكەننىمۇ قۇتقۇزدۇم) ــ |
ــ ئۇنداقتا، دۈشمەن مېنى قوغلاپ تۇتۇۋالسۇن، ئۇ جېنىمنى چەيلەپ يەر بىلەن يەكسان قىلسۇن، شۆھرىتىمنى تۇپراققا كۆمسۇن! |
ئى پەرۋەردىگار، غەزىپىڭ بىلەن ئورنۇڭدىن تۇرغىن، مېنى ئەزگەنلەرنىڭ قەھرىگە تاقابىل تۇرۇشقا قەددىڭنى رۇسلىغىن، ۋە مېنىڭ ئۈچۈن ئويغانغىن؛ سەن سوت ۋە ھۆكۈمنى بېكىتكەنىدىڭغۇ! |
خەلقلەردىن بولغان جامائەت ئەتىراپىڭغا ئولىشىدۇ؛ سەن ئۇلار ئۈچۈن پەلەكتىكى ئورنۇڭغا قايتىپ بارغايسەن. |
پەرۋەردىگار خەلقلەرنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ ئى پەرۋەردىگار، ئۆز ھەققانىيلىقىم بويىچە، ۋە ئۆزۈمدە بولغان دۇرۇسلىقىم بويىچە، ماڭا ھۆكۈم چىقارغايسەن. |
ئاھ، رەزىللەرنىڭ يامانلىقى ئاخىرلاشسۇن! ھەققانىي ئادەمنى چىڭ تۇرغۇزغايسەن؛ ئى، ئادەم قەلبلىرىنى ھەم ئىچلىرىنى سىنىغۇچى ھەققانىي خۇدا! |
مېنىڭ قالقىنىم بولسا، دۇرۇس نىيەتلىكلەرنى قۇتقۇزغۇچى خۇدادىدۇر؛ |
خۇدا ئادىل سوتچىدۇر، ئۇ كۈن بويى گۇناھتىن رەنجىيدىغان ئىلاھتۇر؛ |
بىرسى [يامان] يولىدىن يانمىسا، ئۇ قىلىچىنى بىلەيدۇ، يا ئوقىنى تارتىپ بەتلەپ قويىدۇ. |
شۇنداق ئادەملەر ئۈچۈن ئۇ ئۆلۈم قوراللىرىنى تەييارلىدى؛ ئۇ ئوقلىرىنى كۆيدۈرگۈچى ئوق قىلدى. |
مانا، مۇشۇنداق كىشىلەر تولغاقتا قەبىھلىك تۇغماقچى، ئۇنىڭ بويىدا قالغىنى يامانلىقتۇر؛ ئۇنىڭ تۇغقىنى بولسا ساختىلىقتۇر. |
ئۇ بىر ئورىنى كولاپ، ئۇنى چوڭقۇر قىلدى؛ ئۇ ئۆزى كولىغان ئورىغا يىقىلىپ چۈشتى. |
ئۆزىنىڭ يامانلىقى بېشىغا قايتىپ كېلىدۇ، ئۆز زوراۋانلىقى بولسا ئۆز ئۈستىگە قايتىپ چۈشىدۇ. |
مەن پەرۋەردىگارنى ھەققانىيلىقى بىلەن مەدھىيەلەيمەن، ھەممىدىن يۇقىرى تۇرغۇچى پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ياڭرىتىپ، كۈي قىلىپ ئېيتىمەن. |