ئاندىن نائاماتلىق زوفار جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ |
«مېنى بىئارام قىلغان خىياللار جاۋاب بېرىشكە ئۈندەۋاتىدۇ، چۈنكى قەلبىم بىئاراملىقتا ئۆرتەنمەكتە. |
مەن ماڭا ھاقارەت كەلتۈرۈپ، مېنى ئەيىبلەيدىغان سۆزلەرنى ئاڭلىدىم، شۇڭا مېنىڭ روھ-زېھنىم مېنى جاۋاب بېرىشكە قىستىدى. |
سەن شۇنى بىلمەمسەنكى، يەر يۈزىدە ئادەمئاتىمىز ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى، |
رەزىللەرنىڭ غالىبە تەنتەنىسى قىسقىدۇر، ئىپلاسلارنىڭ خۇشاللىقى بىردەملىكتۇر. |
ئۇنداق كىشىنىڭ شان-شەرىپى ئاسمانغا يەتكەن بولسىمۇ، بېشى بۇلۇتلارغا تاقاشسىمۇ، |
يەنىلا ئۆزىنىڭ پوقىدەك يوقاپ كېتىدۇ؛ ئۇنى كۆرگەنلەر: «ئۇ نەدىدۇر؟» دەيدۇ. |
ئۇ چۈشتەك ئۇچۇپ كېتىدۇ، قايتا تاپقىلى بولمايدۇ؛ كېچىدىكى غايىبانە ئالامەتتەك ئۇ ھەيدىۋېتىلىدۇ. |
ئۇنى كۆرگەن كۆز ئىككىنچى ئۇنى كۆرمەيدۇ، ئۇنىڭ تۇرغان جايى ئۇنى قايتا ئۇچراتمايدۇ. |
ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مىسكىنلەرگە شەپقەت قىلىشقا مەجبۇرلىنىدۇ؛ شۇنىڭدەك ئۇ ھەتتا ئۆز قولى بىلەن بايلىقلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ. |
ئۇنىڭ ئۇستىخانلىرى ياشلىق ماغدۇرىغا تولغان بولسىمۇ، بىراق [ئۇنىڭ ماغدۇرى] ئۇنىڭ بىلەن بىللە توپا-چاڭدا يېتىپ قالىدۇ. |
گەرچە رەزىللىك ئۇنىڭ ئاغزىدا تاتلىق تېتىغان بولسىمۇ، ئۇ ئۇنى تىل ئاستىغا يوشۇرغان بولسىمۇ، |
ئۇ ئۇنى يۇتقۇسى كەلمەي مېھرىنى ئۈزەلمىسىمۇ، ئۇ ئۇنى ئاغزىدا قالدۇرسىمۇ، |
بىراق ئۇنىڭ قارنىدىكى تامىقى ئۆزگىرىپ، كوبرا يىلاننىڭ زەھەرىگە ئايلىنىدۇ. |
ئۇ بايلىقلارنى يۇتۇۋېتىدۇ، بىراق ئۇلارنى ياندۇرىدۇ؛ خۇدا ئۇلارنى ئاشقازىنىدىن چىقىرىۋېتىدۇ. |
ئۇ كوبرا يىلاننىڭ زەھەرىنى شورايدۇ، چار يىلاننىڭ نەشتىرى ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. |
ئۇ قايتىدىن ئېرىق-ئۆستەڭلەرگە ھەۋەس بىلەن قارىيالمايدۇ، بال ۋە سېرىق ماي بىلەن ئاقىدىغان دەريالاردىن ھۇزۇرلىنالمايدۇ. |
ئۇ ئېرىشكەننى يۇتالماي قايتۇرىدۇ، تىجارەت قىلغان پايدىسىدىن ئۇ ھېچ ھۇزۇرلىنالمايدۇ. |
چۈنكى ئۇ مىسكىنلەرنى ئېزىپ، ئۇلارنى تاشلىۋەتكەن؛ ئۇ ئۆزى سالمىغان ئۆينى ئىگىلىۋالغان. |
ئۇ ئاچكۆزلۈكتىن ئەسلا زېرىكمەيدۇ، ئۇ ئارزۇلىغان نەرسىلىرىدىن ھېچقايسىسىنى ساقلاپ قالالمايدۇ. |
ئۇنىڭغا يۇتۇۋالغۇدەك ھېچنەرسە قالمايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ باياشاتلىقى مەڭگۈلۈك بولمايدۇ. |
ئۇنىڭ توققۇزى تەل بولغاندا، تۇيۇقسىز قىسىلچىلىققا ئۇچرايدۇ؛ ھەربىر ئېزىلگۈچىنىڭ قولى ئۇنىڭغا قارشى چىقىدۇ. |
ئۇ قورسىقىنى تويغۇزىۋاتقىنىدا، خۇدا دەھشەتلىك غەزىپىنى ئۇنىڭغا چۈشۈرىدۇ؛ ئۇ غىزالىنىۋاتقاندا [غەزىپىنى] ئۇنىڭ ئۈستىگە ياغدۇرىدۇ. |
ئۇ تۆمۈر قورالدىن قېچىپ قۇتۇلسىمۇ، بىراق مىس ئوقيا ئۇنى سانجىيدۇ. |
تەگكەن ئوق كەينىدىن تارتىپ چىقىرىۋېلگىنىدە، يالتىراق ئوق ئۇچى ئۆتتىن چىقىرىۋېلگىنىدە، ۋەھىمىلەر ئۇنى باسىدۇ. |
زۇلمەت قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ بايلىقلىرىنى يۇتۇۋېتىشكە تەييار تۇرىدۇ، ئىنسان پۈۋلىمىگەن ئوت ئۇنى يۇتۇۋالىدۇ، ئۇنىڭ چېدىرىدا قېلىپ قالغانلىرىنىمۇ يۇتۇۋېتىدۇ. |
ئاسمانلار ئۇنىڭ قەبىھلىكىنى ئاشكارىلايدۇ؛ يەر-زېمىنمۇ ئۇنىڭغا قارشى قوزغىلىدۇ. |
ئۇنىڭ مال-دۇنياسى ئېلىپ كېتىلىدۇ، [خۇدانىڭ] غەزەپلىك كۈنىدە كەلكۈن ئۇلغىيىپ ئۆي-بىساتىنى غۇلىتىدۇ. |
خۇدانىڭ رەزىل ئادەمگە بەلگىلىگەن نېسىۋىسى مانا شۇنداقتۇر، بۇ خۇدا ئۇنىڭغا بېكىتكەن مىراستۇر». |