< Proverbs 25 >

1 Also these are Proverbs of Solomon, that men of Hezekiah king of Judah transcribed: —
تۆۋەندە بايان قىلىنىدىغانلىرىمۇ سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى؛ بۇلارنى يەھۇدانىڭ پادىشاھى ھەزەكىيانىڭ ئوردىسىدىكىلەر كۆچۈرۈپ خاتىرىلىگەن: ــ
2 The honour of God [is] to hide a thing, And the honour of kings to search out a matter.
پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ــ ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىنى ئاشكارىلىمىغىنىدا؛ پادىشاھلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ــ بىر ئىشنىڭ سىرىنى يېشەلىگىنىدە.
3 The heavens for height, and the earth for depth, And the heart of kings — [are] unsearchable.
ئەرشنىڭ ئېگىزلىكىنى، زېمىننىڭ چوڭقۇرلۇقىنى، ۋە پادىشاھلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى مۆلچەرلەپ بىلگىلى بولماس.
4 Take away dross from silver, And a vessel for the refiner goeth forth,
ئاۋۋال كۈمۈشنىڭ پوقى ئايرىلىپ تاۋلانسا، ئاندىن زەرگەر نەپىس بىر قاچا ياساپ چىقار.
5 Take away the wicked before a king, And established in righteousness is his throne.
ئاۋۋال پادىشاھنىڭ ئالدىدىكى رەزىل خىزمەتكارلىرى قوغلىۋېتىلسە، ئاندىن ئۇنىڭ تەختى ئادالەت ئۈستىگە قۇرۇلار.
6 Honour not thyself before a king, And in the place of the great stand not.
پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنى ھەممىنىڭ ئالدى قىلىپ كۆرسەتمە، [ئۇنىڭ ئالدىدىكى] ئەربابلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇۋالما؛
7 For better [that] he hath said to thee, 'Come thou up hither,' Than [that] he humble thee before a noble, Whom thine eyes have seen.
ئورنۇڭنى ئۆزۈڭدىن يۇقىرى جانابقا بېرىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا پەگاھقا چۈشۈرۈلگىنىڭدىن كۆرە، ئۆزگىلەرنىڭ سېنى تۆرگە تەكلىپ قىلغىنى ياخشىدۇر.
8 Go not forth to strive, haste, turn, What dost thou in its latter end, When thy neighbour causeth thee to blush?
ئالدىراپ دەۋاغا بارمىغىن، مۇبادا بېرىپ، يېقىنىڭ [ئۈستۈن چىقىپ] سېنى لەت قىلسا، قانداق قىلىسەن؟
9 Thy cause plead with thy neighbour, And the secret counsel of another reveal not,
يېقىنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشسەڭ، باشقىلارنىڭ سىرىنى ئاچما.
10 Lest the hearer put thee to shame, And thine evil report turn not back.
بولمىسا، بۇنى بىلگۈچىلەر سېنى ئەيىبلەيدۇ، سېسىق نامدىن قۇتۇلالمايسەن.
11 Apples of gold in imagery of silver, [Is] the word spoken at its fit times.
ۋاقتى-جايىدا قىلىنغان سۆز، كۈمۈش رامكىلارغا تىزىلغان ئالتۇن ئالمىلاردۇر.
12 A ring of gold, and an ornament of pure gold, [Is] the wise reprover to an attentive ear.
[قۇلاققا] ئالتۇن ھالقا، نەپىس ئالتۇندىن ياسالغان زىننەت بۇيۇمى ياراشقاندەك، ئاقىلانىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى كۆڭۈل قويغاننىڭ قۇلىقىغا يارىشار.
13 As a vessel of snow in a day of harvest, [So is] a faithful ambassador to those sending him, And the soul of his masters he refresheth.
خۇددى ئورما ۋاقتىدىكى تومۇزدا [ئىچكەن] قار سۈيىدەك، ئىشەنچلىك ئەلچى ئۆزىنى ئەۋەتكۈچىلەرگە شۇنداق بولار؛ ئۇ خوجايىنلىرىنىڭ كۆكسى-قارنىنى ياشارتار.
14 Clouds and wind, and rain there is none, [Is] a man boasting himself in a false gift.
يامغۇرى يوق بۇلۇت-شامال، يالغان سوۋغاتنى ۋەدە قىلىپ ماختانغۇچىغا ئوخشاشتۇر.
15 By long-suffering is a ruler persuaded, And a soft tongue breaketh a bone.
ئۇزۇنغىچە سەۋر-تاقەت قىلىنسا، ھۆكۈمدارمۇ قايىل قىلىنار، يۇمشاق تىل سۆڭەكلەردىنمۇ ئۆتەر.
16 Honey thou hast found — eat thy sufficiency, Lest thou be satiated [with] it, and hast vomited it.
سەن ھەسەل تېپىۋالدىڭمۇ؟ ئۇنى پەقەت تويغۇچىلا يە، كۆپ يېسەڭ ياندۇرۇۋېتىسەن.
17 Withdraw thy foot from thy neighbour's house, Lest he be satiated [with] thee, and have hated thee.
قوشناڭنىڭ بوسۇغىسىغا ئاز دەسسە، ئۇلار سەندىن تويۇپ، ئۆچ بولۇپ قالمىسۇن.
18 A maul, and a sword, and a sharp arrow, [Is] the man testifying against his neighbour a false testimony.
يالغان گۇۋاھلىق بىلەن يېقىنىغا قارا چاپلىغۇچى، خۇددى گۈرزە، قىلىچ ۋە ئۆتكۈر ئوققا ئوخشاشتۇر.
19 A bad tooth, and a tottering foot, [Is] the confidence of the treacherous in a day of adversity.
سۇنۇق چىش بىلەن چايناش، توكۇر پۇت [بىلەن مېڭىش]، كۈلپەت كۈنىدە ۋاپاسىز كىشىگە ئۈمىد باغلىغاندەكتۇر.
20 Whoso is taking away a garment in a cold day, [Is as] vinegar on nitre, And a singer of songs on a sad heart.
قىش كۈنىدە كىشىلەرنىڭ كىيىمىنى سالدۇرۇۋېتىش، ياكى سۇدا ئۈستىگە ئاچچىق سۇ قۇيۇش، قايغۇلۇق كىشىنىڭ ئالدىدا ناخشا ئېيتقاندەكتۇر.
21 If he who is hating thee doth hunger, cause him to eat bread, And if he thirst, cause him to drink water.
دۈشمىنىڭنىڭ قورسىقى ئاچ بولسا، نان بەر؛ ئۇسسىغان بولسا سۇ بەر؛
22 For coals thou art putting on his head, And Jehovah giveth recompense to thee.
شۇنداق قىلساڭ، بېشىغا كۆمۈر چوغىنى توپلاپ سالغان بولىسەن، ۋە پەرۋەردىگار بۇ ئىشنى ساڭا ياندۇرىدۇ.
23 A north wind bringeth forth rain, And a secret tongue — indignant faces.
شىمال تەرەپتىن چىققان شامال قاتتىق يامغۇر ئېلىپ كەلگەندەك، چېقىمچى شۇم چىراينى كەلتۈرەر.
24 Better to sit on a corner of a roof, Than [with] a woman of contentions, and a house of company.
سوقۇشقاق خوتۇن بىلەن [ئازادە] ئۆيدە بىللە تۇرغاندىن كۆرە، ئۆگزىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا [يالغۇز] يېتىپ-قوپقان ياخشى.
25 [As] cold waters for a weary soul, So [is] a good report from a far country.
ئۇسساپ كەتكەن كىشىگە مۇزدەك سۇ بېرىلگەندەك، يىراق يۇرتتىن كەلگەن خۇش خەۋەرمۇ ئەنە شۇنداق بولار.
26 A spring troubled, and a fountain corrupt, [Is] the righteous falling before the wicked.
پېتىقدىلىپ سۈيى لېيىپ كەتكەن بۇلاق، سۈيى بۇلغىۋېتىلگەن قۇدۇق، رەزىللەرگە يول قويغان ھەققانىي ئادەمگە ئوخشاشتۇر.
27 The eating of much honey is not good, Nor a searching out of one's own honour — honour.
ھەسەلنى ھەددىدىن زىيادە يېيىش ياخشى بولماس؛ بىراق ئۇلۇغلۇقنى ئىزدەشنىڭ ئۆزى ئۇلۇغ ئىشتۇر.
28 A city broken down without walls, [Is] a man without restraint over his spirit!
ئۆزىنى تۇتالمايدىغان كىشى، ۋەيران بولغان، سېپىلسىز قالغان شەھەرگە ئوخشايدۇ.

< Proverbs 25 >