< Nehemiah 2 >

1 And it cometh to pass, in the month of Nisan, the twentieth year of Artaxerxes the king, wine [is] before him, and I lift up the wine, and give to the king, and I had not been sad before him;
ۋە شۇنداق بولدىكى، پادىشاھ ئارتاخشاشتانىڭ يىگىرمىنچى يىلى نىسان ئېيى، پادىشاھنىڭ ئالدىغا شاراب كەلتۈرۈلگەنىدى؛ مەن شارابنى ئېلىپ پادىشاھقا سۇندۇم. بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەن پادىشاھنىڭ ئالدىدا ھېچقاچان غەمكىن كۆرۈنگەن ئەمەس ئىدىم.
2 and the king saith to me, 'Wherefore [is] thy face sad, and thou not sick? this is nothing except sadness of heart;' and I fear very much,
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ مېنىڭدىن: ــ بىرەر كېسىلىڭ بولمىسا، چىرايىڭ نېمىشقا شۇنچە غەمكىن كۆرۈنىدۇ؟ كۆڭلۈڭدە چوقۇم بىر دەرد بار، دېۋىدى، مەن ئىنتايىن قورقۇپ كەتتىم.
3 and say to the king, 'Let the king to the age live! wherefore should not my face be sad, when the city, the place of the graves of my fathers, [is] a waste, and its gates have been consumed with fire?'
مەن پادىشاھقا: ــ پادىشاھىم مەڭگۈ ياشىغايلا! ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ قەبرىلىرى جايلاشقان شەھەر خارابىلىككە ئايلانغان، دەرۋازا-قوۋۇقلىرى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن تۇرسا، مەن قانداقمۇ غەمكىن كۆرۈنمەي؟ ــ دېدىم.
4 And the king saith to me, 'For what art thou seeking?' and I pray unto the God of the heavens,
پادىشاھ مېنىڭدىن: ــ سېنىڭ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ــ دەپ سورىۋىدى، مەن ئاسماندىكى خۇداغا دۇئا قىلىپ،
5 and say to the king, 'If to the king [it be] good, and if thy servant be pleasing before thee, that thou send me unto Judah, unto the city of the graves of my fathers, and I built it.'
ئاندىن پادىشاھقا: ــ ئەگەر پادىشاھىمنىڭ كۆڭلىگە مۇۋاپىق كۆرۈنسە، قۇللىرى ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدا ئىلتىپاتقا ئېرىشكەن بولسا، مېنى يەھۇدىيەگە ئەۋەتكەن بولسىلا، ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ قەبرىلىرى جايلاشقان شەھەرگە بېرىپ، ئۇنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىقسام، دېدىم.
6 And the king saith to me (and the queen is sitting near him), 'How long is thy journey? and when dost thou return?' and it is good before the king, and he sendeth me away, and I set to him a time.
پادىشاھ (شۇ چاغدا خانىش پادىشاھنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتى) مەندىن: ــ سەپىرىڭگە قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟ قاچان قايتىپ كېلىسەن؟ ــ دەپ سورىدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ مېنى ئەۋەتىشنى مۇۋاپىق كۆردى؛ مەنمۇ ئۇنىڭغا قايتىپ كېلىدىغان بىر ۋاقىتنى بېكىتتىم.
7 And I say to the king, 'If to the king [it be] good, letters let be given to me for the governors beyond the River, that they let me pass over till that I come in unto Judah:
مەن يەنە پادىشاھتىن: ــ ئالىيلىرىغا مۇۋاپىق كۆرۈنسە، ماڭا [ئەفرات] دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىكى ۋالىيلارغا مېنى تاكى يەھۇدىيەگە بارغۇچە ئۆتكىلى قويۇش توغرۇلۇق يارلىق خەتلىرىنى پۈتۈپ بەرگەن بولسىلا؛
8 and a letter unto Asaph, keeper of the paradise that the king hath, that he give to me trees for beams [for] the gates of the palace that the house hath, and for the wall of the city, and for the house into which I enter;' and the king giveth to me, according to the good hand of my God upon me.
ۋە يەنە پادىشاھلىق ئورمانلىقىغا قارايدىغان ئاسافقا مۇقەددەس ئۆيگە تەۋە بولغان قەلئەنىڭ دەرۋازىلىرى، شۇنىڭدەك شەھەرنىڭ سېپىلى ۋە ئۆزۈم تۇرىدىغان ئۆيگە كېتىدىغان لىملارنى ياساشقا كېرەكلىك ياغاچلارنى ماڭا بېرىش توغرۇلۇقمۇ بىر يارلىقنى پۈتۈپ بەرگەن بولسىلا، دېدىم. خۇدايىمنىڭ شەپقەتلىك قولى ئۈستۈمدە بولغاچقا، پادىشاھ ئىلتىپات قىلىپ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ماڭا بەردى.
9 And I come in unto the governors beyond the River, and give to them the letters of the king; and the king sendeth with me heads of a force, and horsemen;
شۇنىڭ بىلەن مەن دەريانىڭ ئۇ قېتىدىكى ۋالىيلارنىڭ يېنىغا بېرىپ پادىشاھنىڭ يارلىقلىرىنى تاپشۇردۇم. پادىشاھ يەنە بىرنەچچە قوشۇن سەردارلىرى بىلەن ئاتلىق لەشكەرلەرنىمۇ ماڭا ھەمراھ بولۇشقا ئورۇنلاشتۇرغانىدى.
10 and Sanballat the Horonite heareth, and Tobiah the servant, the Ammonite, and it is evil to them — a great evil — that a man hath come in to seek good for the sons of Israel.
ھورونلۇق سانباللات بىلەن ئاممونىي توبىيا دېگەن ئەمەلدار ئىسرائىللارنىڭ مەنپەئەتىنى ئىزدەپ ئادەم كەپتۇ، دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ ئىنتايىن نارازى بولدى.
11 And I come in unto Jerusalem, and I am there three days,
مەن يېرۇسالېمغا كېلىپ ئۈچ كۈن تۇردۇم.
12 and I rise by night, I and a few men with me, and have not declared to a man what my God is giving unto my heart to do for Jerusalem, and there is no beast with me except the beast on which I am riding.
ئاندىن كېچىسى مەن ۋە ماڭا ھەمراھ بولغان بىرنەچچە ئادەم ئورنىمىزدىن تۇردۇق (مەن خۇدايىمنىڭ كۆڭلۈمگە يېرۇسالېم ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلىشنى سالغانلىقى توغرىسىدا ھېچكىمگە بىرەر نېمە دېمىگەنىدىم). ئۆزۈم مىنگەن ئۇلاغدىن باشقا ھېچقانداق ئۇلاغمۇ ئالماي،
13 And I go out through the gate of the valley by night, and unto the front of the fountain of the dragon, and unto the gate of the dunghill, and I am measuring about the walls of Jerusalem, that are broken down, and its gates consumed with fire.
كېچىسى «جىلغا قوۋۇقى»دىن چىقىپ «ئەجدىھا بۇلىقى»غا قاراپ مېڭىپ، «تېزەك قوۋۇقى»غا كېلىپ، يېرۇسالېمنىڭ بۇزۇۋېتىلگەن سېپىللىرىنى ۋە كۆيدۈرۈۋېتىلگەن قوۋۇق-دەرۋازىلىرىنى كۆزدىن كەچۈردۇم.
14 And I pass over unto the gate of the fountain, and unto the pool of the king, and there is no place for the beast under me to pass over,
يەنە ئالدىغا مېڭىپ «بۇلاق قوۋۇقى» بىلەن «شاھانە كۆل»گە كەلدىم؛ لېكىن شۇ يەردە مەن مىنگەن ئۇلاغنىڭ ئۆتۈشىكە يول بەك تار كەلگەچكە،
15 and I am going up through the brook by night, and am measuring about the wall, and turn back, and come in through the gate of the valley, and turn back.
كېچىدە مەن جىلغا بىلەن چىقىپ سېپىلنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقتىم. ئاندىن يېنىپ «جىلغا قوۋۇقى»دىن شەھەرگە كىرىپ، ئۆيگە قايتتىم.
16 And the prefects have not known whither I have gone, and what I am doing; and to the Jews, and to the priests, and to the freemen, and to the prefects, and to the rest of those doing the work, hitherto I have not declared [it];
ئەمەلدارلارنىڭ ھېچقايسىسى مېنىڭ نەگە بارغانلىقىمنى ۋە نېمە قىلغانلىقىمنى بىلمەي قېلىشتى، چۈنكى مەن يا يەھۇدىيلارغا، كاھىنلارغا، يا ئەمىر-ھاكىملارغا ۋە ياكى باشقا خىزمەت قىلىدىغانلارغا ھېچنېمە ئېيتمىغانىدىم.
17 and I say unto them, 'Ye are seeing the evil that we are in, in that Jerusalem [is] waste, and its gates have been burnt with fire; come and we build the wall of Jerusalem, and we are not any more a reproach.'
كېيىن مەن ئۇلارغا: ــ سىلەر بېشىمىزغا كەلگەن بالايىئاپەتنى، يېرۇسالېمنىڭ خارابىگە ئايلانغانلىقىنى، سېپىل قوۋۇقلىرىنىڭ كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى كۆردۈڭلار؛ كېلىڭلار، ھەممىمىز ھاقارەتكە قېلىۋەرمەسلىكىمىز ئۈچۈن يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىنى قايتىدىن ياساپ چىقايلى، ــ دېدىم.
18 And I declare to them the hand of my God that is good upon me, and also the words of the king that he said to me, and they say, 'Let us rise, and we have built;' and they strengthen their hands for good.
مەن يەنە ئۇلارغا خۇدايىمنىڭ شەپقەتلىك قولىنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدە بولغانلىقىنى ۋە پادىشاھنىڭ ماڭا قىلغان گەپلىرىنى ئېيتىۋىدىم، ئۇلار: ــ ئورنۇمىزدىن تۇرۇپ ئۇنى ياسايلى! ــ دېيىشىپ، بۇ ياخشى ئىشنى قىلىشقا ئۆز قوللىرىنى قۇۋۋەتلەندۈردى.
19 And Sanballat the Horonite heareth, and Tobiah the servant, the Ammonite, and Geshem the Arabian, and they mock at us, and despise us, and say, 'What [is] this thing that ye are doing? against the king are ye rebelling?'
لېكىن ھورونلۇق سانباللات، خىزمەتكار ئاممونىي توبىيا ھەم ئەرەب بولغان گەشەم بۇ ئىشنى ئاڭلاپ بىزنى زاڭلىق قىلىپ مەنسىتمەي: ــ سىلەرنىڭ بۇ قىلغىنىڭلار نېمە ئىش؟ سىلەر پادىشاھقا ئاسىيلىق قىلماقچىمۇسىلەر؟ ــ دېيىشتى.
20 And I return them word, and say to them, 'The God of the heavens — He doth give prosperity to us, and we His servants rise and have built; and to you there is no portion, and right, and memorial in Jerusalem.'
مەن ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئاسمانلاردىكى خۇدا بولسا بىزنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭ قۇللىرى بولغان بىزلەر قوپۇپ قۇرىمىز. لېكىن سىلەرنىڭ يېرۇسالېمدا ھېچقانداق نېسىۋەڭلار، ھوقۇقۇڭلار ياكى يادنامەڭلار يوق، ــ دېدىم.

< Nehemiah 2 >