< Malachi 4 >

1 For, lo, the day hath come, burning as a furnace, And all the proud, and every wicked doer, have been stubble, And burnt them hath the day that came, Said Jehovah of Hosts, That there is not left to them root or branch,
ــ چۈنكى مانا شۇ كۈن، خۇمداندەك كۆيدۈرگۈچى كۈن كېلىدۇ؛ ھەربىر تەكەببۇرلۇق قىلغۇچى ھەم ھەربىر رەزىللىك قىلغۇچى پاخالدەك بولىدۇ؛ شۇ كېلىدىغان كۈن ئۇلارنى كۆيدۈرىۋېتىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ ئۇلارغا نە يىلتىز نە شاخ قالدۇرۇلمايدۇ.
2 And risen to you, ye who fear My name, Hath the sun of righteousness — and healing in its wings, And ye have gone forth, and have increased as calves of a stall.
لېكىن نامىمدىن ئەيمىنىدىغان سىلەر ئۈچۈن، قاناتلىرىدا شىپا-دەرمان ئېلىپ كېلىدىغان، ھەققانىيلىقنى پارلىتىدىغان قۇياش ئورنىدىن تۇرىدۇ؛ سىلەر تالاغا چىقىپ بورداق موزايلاردەك قىيغىتىپ ئوينايسىلەر؛
3 And ye have trodden down the wicked, For they are ashes under the soles of your feet, In the day that I am appointing, Said Jehovah of Hosts.
سىلەر رەزىللەرنى چەيلەپ دەسسىۋېتىسىلەر؛ ئۇلار مەن تەييارلىغان كۈنىدە تاپىنىڭلار ئاستىدا كۈل بولىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.
4 Remember ye the law of Moses My servant, That I did command him in Horeb, For all Israel — statutes and judgments.
ــ مەن ھورەب تېغىدا پۈتكۈل ئىسرائىل ئۈچۈن قۇلۇم مۇساغا بۇيرۇغان قانۇننى، يەنى بەلگىلىمىلەر ھەم ھۆكۈملەرنى يادىڭلاردا تۇتۇڭلار.
5 Lo, I am sending to you Elijah the prophet, Before the coming of the day of Jehovah, The great and the fearful.
ــ مانا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ ھەم دەھشەتلىك كۈنى كېلىشتىن ئاۋۋال مەن سىلەرگە ئىلياس پەيغەمبەرنى ئەۋەتىمەن.
6 And he hath turned back the heart of fathers to sons, And the heart of sons to their fathers, Before I come and have utterly smitten the land!
ئۇ ئاتىلارنىڭ كۆڭلىنى بالىلارغا مايىل، بالىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاتىلارغا مايىل قىلىدۇ؛ ئۇنداق بولمىغاندا مەن كېلىپ يەر يۈزىنى قارغاش بىلەن ئۇرۇۋېتىمەن.

< Malachi 4 >